Search This Blog

Friday, November 6, 2020

دۇنيا ۋاقتى توغرىسىدا نىمىلەرنى بىلىسىز؟

 


دۇنيا ۋاقتى توغرىسىدا نىمىلەرنى بىلىسىز؟ 

گرېنۋىچ ۋاقتى نېمىشقا دۇنيا ۋاقتى قىلىپ بېكىتىلگەن ؟



تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى: سىز ئەتىگەن سائەت 8 دە يولغا چىققان پويىزغا ئولتۇرۇپ يەنە بىر شەھەرگە بارىسىز، پۈتۈن مۇساپە جەمئىي تۆت سائەت، سىز چوقۇم چۈش سائەت 12 دە مەنزىلگە يېتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىسىز، شۇنداقمۇ؟


لېكىن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، بۇ ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن ئاخىرلىشىش نۇقتىسى ئىككى جاينىڭ سائەت 12 ئوخشاش ئەمەس. ئۇ چاغدا، ھەر بىر جاينىڭ دېگۈدەك ئۆز ئالدىغا ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ئارىلىقى نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان ئىككى شەھەر بولسىمۇ، سائەت 12 دە قوڭغۇراق ئاۋازى تەڭ چېلىنمايتتى.


بۇ خىل ئەھۋال 136 يىل بۇرۇنقى تۈنۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشقان، شۇ كۈنى گرېنۋىچ ۋاقتى دۇنيا بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۆلچەملىك ۋاقىتقا ئايلاندى.


ئورۇننى بىلگىڭىز بارمۇ؟ ئاۋۋال ۋاقىتنى بىلىۋېلىڭ!


ئەڭ دەسلەپتە گرېنۋىچ ۋاقتىنى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئىشلەتكەن.


بىزگە مەلۇم، يەر شارىدىكى ھەرقانداق بىر ئورۇننى ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك گرادۇسى ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، دېڭىز قاتنىشى دەۋرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، تەجرىبىلىك ماتروسلار قۇياش ياكى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ ئېگىزلىكىنى كۆزىتىش ئارقىلىق كەڭلىكنى ئاسانلا بەلگىلىيەلەيدۇ، لېكىن ھېچقانداق ئاسمان جىسمى ئۇزۇنلۇقنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ، يەنى بىز ئۇزۇنلۇقنى ئۆلچەپ چىقالمايمىز.


شۇڭا، بۇرۇنقى دېڭىزچىلار پەقەت چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ دېڭىز قىرغىقىنىلا بويلاپ ماڭغان، مەسىلەن، كولومبو، ئەگەر ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى توسۇۋالمىغان بولسا، ئۇ ھەقىقەتەن ھىندىستانغا بارغان بولاتتى.





ئۇزۇنلۇق بولمىسا، كىشىلەر دېڭىز قاتناش خەرىتىسىنى سىزالمايدۇ، كېمىلەرمۇ يوشۇرۇن خادا تاش ۋە كىچىك ئارالنىڭ ئورنىغا ھۆكۈم قىلالمايدۇ. 1707-يىلى، ئەنگلىيەنىڭ بىر فلوتى قويۇق تۇمانغا ئۇچراپ، نىشاندىن ئادىشىپ قالىدۇ، تۆت ئۇرۇش پاراخوتى ئارالغا سوقۇلۇپ چۆكۈپ كېتىپ، 1500 دىن ئارتۇق ماتروس ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇزۇنلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ فوندستېرلىڭغا يەتكەن.





ئۇزۇنلۇقنى ھېسابلاش ئەمەلىيەتتە ۋاقىت پەرقىنى ئۆلچەشتىن ئىبارەت: يەر شارى ھەر 24 سائەتتە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ، يەنى 360 ئۇزۇنلۇق بولىدۇ، دېمەك، ھەر 15 ئۇزۇنلۇق ئارىلىقىدا بىر سائەت ۋاقىت پەرقى بولىدۇ، ئەگەر بىز بىرلا ۋاقىتتا يولغا چىققان جاينىڭ ۋاقتى بىلەن ھازىرقى ئورۇننىڭ ۋاقتىنى بىلسەك، ئىككى جاينىڭ پەرقلىق ئۇزۇنلۇقنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقالايمىز (ئەمەلىيەتتە ۋاقىت رايونىنىڭ لوگىكىسىنى تەتۈر ھېسابلايمىز).


مىسال ئېلىپ ئېيتساق، بىر كېمە بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ لوندوندىن نىيۇيوركقا يېتىپ كەلدى، پاراخوت خادىملىرى نىيۇيوركنىڭ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 ئىكەنلىكىنى بايقىدى، لوندوننىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ۋاقتى سائەت 17 بولۇپ، ئۇنداقتا نىيۇيوركنىڭ ئۇزۇنلۇق غەربىي ئۇزۇنلۇق (17-12)×15=75 ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ، ئۇنداقتا مەسىلە كېلىپ چىقتى: نىيۇيورك بىلەن لوندوننىڭ ۋاقتىنى ئۇ قانداق بىلگەن؟





نىيۇيوركنىڭ ۋاقتىنى ئۆلچەش ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، سېكستانت ئارقىلىق يېرىم سائەت ئىچىدىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما، رادىيو ئالاقىسى بولمىغان 18-ئەسىردە لوندوننىڭ ۋاقتىغا ئېرىشىش ناھايىتى قىيىن ئىدى. ئۇ چاغدا كىشىلەر ئىشلەتكەن سائەت دېڭىز سەپىرىدىكى سىلكىنىشكە بەرداشلىق بېرەلمەي، ۋاقىتنى پۈتۈنلەي توغرا ھېسابلىيالمايتتى. شۇڭا، ئۇزۇنلۇقنى ئۆلچەش مەسىلىسى يەنە دېڭىز سەپىرى سائىتىنى كەشىپ قىلىشقا ئۆتتى.





1759-يىلى ئەنگلىيەلىك خاررىسون H4 ناملىق دېڭىز سەپىرى سائىتىنى ياساپ چىققان بولۇپ، 81 كۈنلۈك دېڭىز سەپىرى سىنىقىدا H4 نىڭ سۈرئىتى بەش سېكۇنت ئاستىلىغان. خاررىسون تەخمىنەن 20 مىڭ فوند ستېرلىڭ تولۇق سوممىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، غەلىبە قىلغۇچى بولۇپ قالدى.





شۇنىڭدىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇش كېمىلىرى ۋە سودا كېمىلىرىگە بىر دانە H4 سەپلەنگەن، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگىنى لوندون شەھەر سىرتىدىكى گرېنۋىچ ئاسترونومىيە سۇپىسىدىكى ۋاقىت بولۇپ، بۇ بىز بۈگۈن بىلىدىغان گرېنۋىچ ۋاقتى ئىدى.


گرېنۋىچ ۋاقتى دۇنياغا يۈزلەندى


19-ئەسىرگە كەلگەندە، پويىزنىڭ پەيدا بولۇشى، كەڭ كۆلەملىك ئەشيا ئوبوروتى ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەتتا پۈتۈن يەر شارىدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان توغرا ۋاقىتنى زۆرۈر ۋاقىتقا ئايلاندۇردى، پويىز ئىستانسىسىنى ئويلاپ باقايلى، يىراقتىن كەلگەن ئىككى پويىز، ئەگەر شوپۇرنىڭ يانچۇق سائىتىدىكى خاتالىق پەرقى 1-2 مىنۇت بولۇپ قالسا، ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن.





ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆلچەپ چىققان ۋاقتى بىر-ئىككى مىنۇت پەرقلىنىدۇ، مەسىلەن، 1858- يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۈنى، دوسېت رايۇنىنىڭ بىر سودىيەسى 10 دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە، بىر دەۋاگەر سوتقا قاتناشمىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ سوتتا ئۇتتۇرغان ھېسابلايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ سوت نەق مەيدانىغا دەل ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىغان، ئەمما ئىككى مىنۇتتىن كېيىن، دەۋاگەر پەيدا بولغان، ئۇ سوتچىغا چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ يۇرتى كېنپالان رايۇنى كالەيجېن ۋوگزالىنىڭ سائىتىگە قارىغاندا، ئۇ  كېچىكمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.





ھەممە ئادەم ئوخشاش بىر ئۆلچەش نەتىجىسىنى ئىشلەتكەندىلا، بۇ خىل خاتالىق چىقمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنداقتا، ئەينى چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولغان قۇياش پاتماس ئىمپېرىيەسىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ئىشلىتىدىغان« گرېنۋىچ ۋاقتى » يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەر شارى ۋاقتىنىڭ ئۆلچىمى بولالامدۇ-يوق؟


1880- يىلى 8-ئاينىڭ2-كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتى تۇنجى قېتىم گرېنۋىچ ۋاقتىنى پۈتۈن ئەنگلىيەنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى قىلىپ بېكىتكەن، بۇنىڭ كەينىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يۇقىرىدىكى سوت ۋەقەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەنگلىيىنىڭ قارارى ناھايىتى تېزلا ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىدىكى ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسەتتى، بۇ ئىقتىسادىي كۈچى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان دۆلەتمۇ ئۈچ يىلدىن كېيىن گرېنۋىچ ۋاقتىنى تاللىدى.





ئامېرىكىنىڭ گرېنۋىچ ۋاقتىنى تاللىشى ئىنتايىن زۆرۈر، بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدە 300 دىن ئارتۇق شۇ يەر ۋاقتى بار ئىدى، ئامېرىكىنىڭ تۆمۈر يول سىستېمىسىدا 50 دىن ئارتۇق ۋاقىت رايونى بار ئىدى، ھەربىر ۋاقىت رايونىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى بار بولۇپ، ۋاقىت رايونىدىن ھالقىپ ئۆتكەن ۋاقىتتا ئۇياق-بۇياققا ئالمىشىدۇ، مۇرەككەپلىك دەرىجىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.





1884-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، گرېنۋىچ ۋاقتى ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنىڭ خەلقئارا ئۇزۇنلۇق يىغىنىدا يىغىنغا قاتناشقۇچىلار تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان. ئۇزۇنلۇق سىزىقى دېگىنىمىز مېرىدىيان سىزىقىدۇر.





يىغىندا گرېنۋىچ رەسەتخانىسىنى كېسىپ ئۆتكەن ئۇزۇنلۇق سىزىقى، 0 گرادۇسلۇق مېرىدىيان سىزىقى قىلىپ بېكىتىلگەن، ئۇ باش مېرىدىيان سىزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ يەردىن غەربكە قاراپ غەربىي ئۇزۇنلۇق، شەرققە قاراپ شەرقىي ئۇزۇنلۇق، ھەر قايسىسىغا 180 گىرادۇس بولۇپ، جەمئىي 24 ۋاقىت رايونىغا بۆلۈنگەن، ھەر بىر ۋاقىت رايونى ئوتتۇرىسىدا بىر سائەت پەرق بار. 12 كۈندىن كېيىن، يەنى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، خەلقئارا ئاسترونوملار ۋەكىللىرى يىغىنى ۋاشىنگتون يىغىنىنىڭ قارارىنى بېكىتتى، گرېنۋىچ ۋاقتى رەسمىي خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت قىلىپ قوللىنىلدى.





گەرچە نۆل گرادۇسلۇق مېرىدىيان سىزىقى باش مېرىدىيان سىزىقى دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن بۇ سىزىق ياۋروپا ۋە ئافرىقىنىڭ كەڭ زېمىنىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شۇڭا ئۇ شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شارنىڭ ئايرىش سىزىقى ئەمەس، شۇنداقلا بىر كۈننىڭ باشلىنىشىدىكى خەلقئارا چېسلا ئۆزگەرتىش سىزىقىمۇ ئەمەس. شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شارنىڭ پاسىلى غەربىي ئۇزۇنلۇق 20 گىرادۇس ۋە شەرقىي ئۇزۇنلۇق 160 گىرادۇس بولۇپ، خەلقئارا چېسلا ئۆزگەرتىش سىزىقى تىنچ ئوكياندىكى ئۇياقتىن-بۇياققا ئايلىنىدىغان سىزىق بولۇپ، مەلۇم بىر دۆلەت بىلەن كېسىشىشتىن ساقلىنىدۇ.


بىزنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىمىز گرېنۋىچ ۋاقتىمۇ؟


ئوقۇپ ھازىرغىچە، سىز دەرھال يانفون ئېكرانىنىڭ سول تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىدىكى ۋاقىتنى كۆرۈپ، بۇ يۈز يىللىق شۆھرەتكە ئىگە، ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان گرېنۋىچ ۋاقتىنى ھېس قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟


ناھايىتى ئەپسۇس، سىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىت ئۇ ئەمەس، چۈنكى 1978- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى دۇنيا ۋاقتىنى ماسلاشتۇرۇش (UTC) نى گرېنۋىچ ۋاقتى (GMT) نىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى قارار قىلدى.





گرېنۋىچ ۋاقتىنى بىر بەلەن ئىشلەۋاتقان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئالماشتۇرۋېتىدۇ ؟ چۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايقىدى.


گرېنۋىچ ۋاقتى بىر ئاسترونومىيىلىك ۋاقىت بولۇپ، قۇياش ئارقىلىق گرېنۋىچ رەسەتخانىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا ئورنىدىن ئۆتكەن ۋاقىت چىڭقى چۈش سائەت 12 بولىدۇ، لېكىن يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ئەمەلىيەتتە يىلمۇيىل ئاستىلايدۇ، ھەر بىر يىلدا 0 دە نەچچە سېكۇنت پەرق قىلىدۇ.


خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىدا، ۋاقىت يەتتە ئاساسىي مىقدارنىڭ بىرى، ئاسترونومىيەنى ئۆلچەش ئاساس قىلغان گرېنۋىچ ۋاقتى ئىلمىي ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئېھتىياجىنى جەزمەن قاندۇرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئاتوم سائىتىنى كەشىپ قىلدى، يەنى ئاتومنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېلېكتىرونلار ئىككى ئېنېرگىيە دەرىجىسى ئارىسىدا سەكرىگەندە تارقالغان ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ چاستوتىسىنى ئۆلچەم قىلىپ، بىر سېكۇنتنىڭ ئۇزۇنلىقىنى بەلگىلىدى.





ئاتوم سائىتىنىڭ ھېسابلاپ چىققان ۋاقتى ناھايىتى توغرا بولۇپ، ئەڭ ياخشى سېزىي ئاتوم سائىتىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ھەر 20 مىليون يىلدا بىر سېكۇنتقا يېتىدۇ، ئەمما ئەڭ ئىلغار بولغان سترونتسىي كىرىستال پەنجىرە ئاتوم سائىتى 5 مىليارد يىل ئىچىدە بىر سېكۇنتمۇ تېز ماڭمايدۇ ياكى بىر سېكۇنتمۇ ئاستا ماڭمايدۇ، بۇ يىل سانى ھەتتا يەر شارىنىڭ يېشىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.





يانفونىمىزدىكى، سائەتلەردىكى ھەر بىر سېكۇنتتىكى ۋاقىتنىڭ ئېقىش تېزلىكى دەل ئاتوم سائىتى ئارقىلىق ئۆلچەپ چېقىلغان دۇنيا ئاتوم ۋاقتى (IAT) بولۇپ، ئۇ يەر شارىدىكى 50 نەچچە دۆلەتنىڭ تەجرىبىخانىلىرىدىكى 400 دىن ئارتۇق ئاتوم سائىتى ساقلىغان ۋاقىتنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە قىممىتىدىن كەلگەن. دۇنيا ۋاقتىنى ماسلاشتۇرۇش دەل مۇشۇ ئەڭ توغرا ۋاقىتنى ئاساس قىلىدۇ، ئەمما ئۇ IAT ئاساسىدا« ماسلاشتۇرۇش» ئېلىپ بارىدۇ.





ھەقىقىي IAT بىلەن بىز ھېس قىلغان ئاسترونومىيەلىك ۋاقىت  يەنى گرېنۋىچ ۋاقتىنىڭ پەرقى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھەر بىر نەچچە يىلدا IAT ئاساسىدا بىر سېكۇنت (كەبىسە سېكۇنتى) نى تەڭشەپ، ئىككىسىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، كەبىسە سېكۇنتىنى ماسلاشتۇرىدىغان IAT قا كىرگۈزىدۇ، بۇ دەل دۇنيا ۋاقتىنى ماسلاشتۇرغانلىق بولىدۇ.





ئېنىقلىق دەرىجىسى سېكۇنتقا يەتمىگەندە، ماسلاشتۇرۇش دۇنيا ۋاقتى بىلەن گرېنۋىچ ۋاقتى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، چۈنكى« ماسلاشتۇرۇش» نىڭ شەرتى 0.9 سېكۇنت بولىدۇ، يەنى ماسلاشتۇرۇش دۇنيا ۋاقتى بىلەن گرېنۋىچ ۋاقتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق 0.9 سېكۇنتتىن چوڭ بولمايدۇ.





گەرچە گرېنۋىچ ۋاقتى ھازىر ئىشلىتىلمىسىمۇ، لېكىن ھەر يىللىق دۇنيا ۋاقتى توغرىلىقنى ماسلاشتۇرۇش يەنىلا گرېنۋىچ رەسەتخانىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىدۇ، بۇ بەلكىم ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە بولغان بىر خىل ئېھتىرامى بولۇشى مۇمكىن.


#بىلىمزار   #بىلىمدان