Search This Blog

Friday, January 31, 2020

مىكروسوفت Win10 نىڭ ئاخىرقى سىستېما بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى


مىكروسوفت ئەمدى يېڭى نەشردىكى سىستېما ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى، Win10 نىڭ ئاخىرقى سىستېما بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى




مىكروسوفت شىركىتى رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋىندوۋىس 10 دىن ئىبارەت بۇ مەشغۇلات سىستېما "نەشردىن توختىغان ئاخىرقى سىستېما"بولۇپ قالىدۇ، ئەمدى يېڭى نەشرى ئېلان قىلىنمايدۇ، دېدى. بۇ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

 ئادەتتە ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى كومپيۇتېرلارنى تاللاپ سېتىۋالىدۇ، ئەمما شۇنچە كۆپ ئوخشاش بولمىغان كومپيۇتېرلار بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ بولسىمۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدۇ.


شۇنچە كۆپ يىللاردىن كېيىن، Windows دۇنيادىكى ئورنى ئەڭ يۇقىرى، ئابونت سانى ئەڭ كۆپ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئايلاندى، شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ھېچقانداق بىر كارخانا مىكروسوفت شىركىتىگە ئازراقمۇ تەۋرىنىش ئېلىپ كېلەلمىدى، چۈنكى بۇ ساھەدە مىكروسوفت ھەقىقەتەن بەك چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، ھېچقانداق بىر كارخانىنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. (گەرچە ئالما شىركىتى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان، ئالما Mac كومپيۇتېرى بىلەن بىردەك ماڭىدىغان MacOS مەشغۇلات سىستېمىسى دۇنياغا داڭلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دۇنيا مەشغۇلات سىستېمىسى بازىرىدا ئاران %6.19 ئۈلۈشنى ئىگىلەيدۇ)

ئەينى ۋاقىتتىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، ئەڭ دەسلەپكى Windows 1.0 مەشغۇلات سىستېمىسى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى Windows 98، Windows XP، Windows 7، Windows 8 ۋە Windows 10 قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىغىچە بۇ سىستېمىلارنىڭ ھەممىسى ئابونتلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ كلاسسىك ۋە داڭلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن دەۋر سۈرگىنى ھەم داڭلىق بولغىنى  Windows XP، Windows 7 ۋە Windows 10 سىستېمىسى بولۇپ، ئوخشاشلا بۇ ئۈچ سىستېمىمۇ نۆۋەتتە ئابونتلار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما مىكروسوفتنىڭ بۇنداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا چوقۇم بىر سەۋەب بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر سەۋەب شۇكى، مىكروسوفت سىستېمىغا نىسبەتەن تولىمۇ ئەستايىدىل بولۇپ، دائىملىق ھالدا سىستېمىغا قارىتا ئىتېراتسىيەلىك يېڭىلاش ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭا ئۈزلۈكسىز ھالدا "دەۋر ئېقىمى" نى قوغلىشىدۇ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئىلگىرلەش چاقى ئىچىدە شاللىنىپ كەتمەيدۇ، بۇمۇ مىكروسوفتنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى بىر چوڭ سەۋەب. بىراق بۇ ئەھۋال Windows10 مەشغۇلات سىستېمىسىدىن كېيىن ئۆزگەرگەندەك قىلىدۇ، ئەمدى چوڭ نۇسخىدىكى سىستېما يېڭىلاش بولماستىن، بەلكى بۇ نۇسخىدا كۆپ قېتىم كىچىك تىپتىكى ئىتېراتسىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ياكى ئېلىپ بېرىلماقچى.

ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ ئەمەلىيەتتە مىكروسوفتنىڭ ئورگان تەرەپ ئىنكاسىدا، بىز ئېنىق خەۋەرگە ئېرىشتۇق. مىكروسوفت شىركىتى ئورگان تەرەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ Windows10 مەشغۇلات سىستېمىسى Windows سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسى بولىدۇ، كەلگۈسىدە يېڭى نۇسخىدىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئېلان قىلىنمايدۇ، دېدى. بۇمۇ Windows10 سىستېمىسىنىڭ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چوڭ نۇسخىدا يېڭىلانغان سىستېمىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، كېيىن چوڭ جەھەتتىن قايتا يېڭىلانمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. دېمەك بۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەشردىن توختىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ئەگىشىپ مېڭىش ئۈچۈن چىقارغان قارارى ھېسابلىنىدۇ.

ھازىر 5G تورى دەۋرى، نەرسە تورى دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۈچلۈك باش كۆتۈرۈشى شۈبھىسىزكى، "كۆچمە ئالاقە تورى" ۋە بۇلۇت ھېسابلاشنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاساسلىق تەرەققىيات يۈزلىنىشىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى داۋاملىق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. مىكروسوفت تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە PC ساھەسىدە يەنىلا زور بۆسۈش بولمىدى، ئەكسىچە بۇلۇت ھېسابلاش دەۋرىنىڭ ھەقىقىي ھالدا يېتىپ كېلىشى بىلەن يەككە كومپيۇتېردىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئورنى بارغانسېرى "يېنىك" بولۇپ قالدى. شۇڭا مىكروسوفت بۇلۇت ھېسابلاشنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى 5G تور دەۋرى، نەرسە تورى دەۋرىنى ئاساس قىلىپ يېڭى "چوڭ بىرلىككە كەلگەن" مەشغۇلات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، PC مەشغۇلات سىستېمىسى ساھەسىگە نىسبەتەن ھازىرقى Windows10 ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك قاندۇرۇپ بولدى ھەمدە مىكروسوفت تەرەپمۇ ئاللىقاچان ئۇنىڭ PC مەشغۇلات سىستېمىسى ساھەسىدە ئاساسەن دېگۈدەك مونوپول ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ھېچكىممۇ يەنە مىكروسوفتنى مەغلۇپ قىلالمايدىغانلىقىنى رەسمىي مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شۇڭا مىكروسوفت تەرەپمۇ تەبىئىيلا چوڭ نۇسخىدىكى سىستېما يېڭىلاشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئېلان قىلمىغان.

 مىكروسوفت ھازىر كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سۈنئىي ئىدراك، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلارغا بەكرەك زېھنىنى بېرىۋاتىدۇ.

#بىلىمدان    #بىلىمزار 




Thursday, January 23, 2020

تاجىسمان ۋىرۇسى ( ۋۇخەن ۋىروسى) زادى قانداق نەرسە؟

تاجىسمان ۋىرۇسى ( ۋۇخەن ۋىروسى) توغرىسىدا

ۋۇخەندە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى 12ـ ئاينىڭ 30ـ كۈنى تۇنجى قېتىم خەۋەر قىلىنىپ ھازىرغىچە گەرچە 20 نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، بىراق ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەللەر بارغانسېرى كۆپىيىشىگە باشلىدى.  

ئۇنداقتا تاجىسىمان ۋىرۇس دىگەن نىمە؟

    نۇر ئاستىدا بۇ خىل ۋىرۇسنى كۆرگىلى 
بولمايدۇ

بىزگە مەلۇمكى، كۆرگىلى بولىدىغان نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 400 نانومېتىردىن 760 نانومېتىرغىچە بولىدۇ، لېكىن تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى تەخمىنەن 125 نانومېتىر بولۇپ، كۆرگىلى بولىدىغان نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىن خېلىلا كىچىك بولىدۇ، شۇڭا ئوپتىكىلىق مىكروسكوپ ئاستىدا ئۇلارنى كۆرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.


كۋانت مېخانىكىسى بىزگە ماددىلارنىڭ دولقۇن ۋە زەررىچىدىن ئىبارەت ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئېلېكتىروننىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەسلىكىنى، شۇڭا دولقۇن ئۇزۇنلۇقى تېخىمۇ قىسقا ئېلېكتىرون دەستىسىدىن پايدىلىنىپ كۆرگىلى بولىدىغان نۇر دولقۇنى ئاستىدىكى كۆرەلمەيۋاتقان مىكرو دۇنيانى كۆزەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، مانا بۇ «ئېلېكتىرونلۇق مىكروسكوپ» نىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، ئېلېكتىرونلۇق مىكروسكوپنىڭ كەشىپ قىلىنىشىمۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بۇ دەل تاجىسىمان ۋىرۇسنى كۆرەلەيدىغان ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ بولۇپ ،ئېلېكتىرونلۇق مىكروسكوپ بولسىلا، بۇ خىل ئىنتايىن كىچىك بولغان«ۋابا ۋىرۇسى» ئالىملارنىڭ كۆزىتىش دائىرىسىدە ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.

ئۈستىدىكى رەسىم دەل ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بولۇپ ،تاجىسىمان ۋىرۇس ئىسمىدا دىيىلگەندەك ئۇنىڭ شەكلى تاجغا ئوخشايدۇ، ۋىرۇسنىڭ ئۈستىدە ئورالما پەردىسى بار، ئۇنىڭ گىرۋىكىدە چوڭ شارسىمان سىرتقى يۈز پىرويېكسىيەسى بار بولۇپ، تارتىلغان سۈرەتلەر كىشىگە خان تاجىنى ئەسلىتىدۇ.بۇ خىل ھالەت ۋىرۇسنىڭ سىرتقى يۈزىگە تولدۇرۇلغان ھەمدە ئاساسىي يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاقسىلدىن شەكىللەنگەن.
تاجىسىمان ۋىرۇس ئورالما پەردە ۋىرۇسى بولۇپ، ئوڭ يۆنىلىشلىك يەككە زەنجىرلىك رىبو يادرو كىسلاتا گېن گۇرۇپپىسى ۋە بۇرمىسىمان سىممېتىرىك يادرو قېپىغا ئىگە.تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى تەخمىنەن 26000 ـ 32000 گىچە ئىشقار رادىكالىچىلىك بولۇپ، رىبو يادرو كىسلاتا ۋىرۇسلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ.ھازىرغا قەدەر پەقەت ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارغىلا يۇقىدىغان بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ نەپەس يولى، ھەزىم قىلىش يولى ۋە نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىرسىيەت ماددىسى
DNA
 ئەمەس

تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ يەككە زەنجىرلىك رىبو يادرو كىسلاتاسى 
( RNA )
 ئالىملارنى ئەڭ بىئارام قىلىدۇ، كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغىنىدەك، تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم جانلىقلارنىڭ ئىرسىيەت ماددىسى قوش زەنجىرلىك 
DNA
ھالىتىدە بولۇپ، قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇقىم بولغاچقا پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ نىشانلىق دورا ۋە ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىشىغا قولايلىق بولۇپ، يەككە زەنجىرلىك  
RNA
 بولسا ناھايىتى ئاسان ئۆزگىرىدۇ.


بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس گەرچە SARS
 بولمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا 
CDC
 مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئاز دېگەندە ئىرسىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا 
SARS
 بىلەن يېقىن بولۇپ، گەرچە ئوخشاش بولمىغان ئىككىلەمچى توپ تارمىقى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گېن تەرتىپىدىكى پەرق بىر قەدەر چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىسىنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق پەيدا بولغان تۈر ئىكەنلىكىدىن قاتتىق گۇمان قىلىنغان.

تاجىسىمان ۋىرۇس ھۈجەيرىگە كىرگەندىن كېيىن كۆپىيىشكە باشلايدۇ، ھۈجەيرىگە كىرگەندىن كېيىن، ۋىرۇس دانچىلىرى ئورىۋېلىنماي، ھۈجەيرە ماددىسىغا چۆكۈۋالىدۇ. 
تاجىسىمان ۋىرۇس ئاساسلىقى قۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ تېنىدە مەۋجۇت بولۇپ ،نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، يېقىنقى 100 يىلدا تۈرلۈك تاجىسىمان ۋىرۇسلار ئارقا ـ ئارقىدىن ئايرىپ چىقىلدى.
شەپەرەڭ بىلەن قۇشلار بۇ ۋىرۇسنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماكانى

تاجىسىمان ۋىرۇس تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ

بىرىنچى  گۇرۇپپىدىكىلەر ئىتلارنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسى، مۈشۈكلەرنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسى، مۈشۈكلەرنىڭ يۇقۇملۇق قورساق پەردە ياللۇغى ۋىرۇسى، ئادەملەرنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسى قاتارلىقلار؛
ئىككىنچى گۇرۇپپىدا كالىلارنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسى، ئادەملەرنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسى
OC43
 چاشقانلارنىڭ جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى قاتارلىقلاربار؛
ئۈچىنچى گۇرۇپپا قۇشلارنىڭ يۇقۇملۇق كانايچە ياللۇغى ۋىرۇسى، كۈركە توخۇ تاجىسىمان ۋىرۇسى ۋە چوڭ چاشقان تاجىسىمان ۋىرۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
تۆتىنچى گۇرۇپپا دەل
SARS
ۋىرۇسىدۇر.

تاجىسىمان ۋىروس ئاساسلىقى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ۋە قۇشلارنىڭ يۇقىرى نەپەس يولى ۋە ئاشقازان ـ ئۈچەي يولى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.
يېزا ئىگىلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان تاجىسىمان ۋىرۇس چوشقا تاجىسىمان ۋىرۇسى ۋە كالا تاجىسىمان ۋىرۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئىككى خىل ۋىرۇس كىچىك ھايۋانلارنىڭ ئىچى سۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىنسانلارنى يۇقۇملاندۇرالايدىغان تاجىسىمان ۋىرۇس ئەڭ بۇرۇن 20ـ ئەسىرنىڭ 60ـ يىللىرىدا ئادەتتىكى زۇكام بىمارلىرىنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىدىن بايقالغان.

بۇ قېتىم بايقالغان يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇستىن باشقا، مەلۇم بولغان ئىنسانلارنى يۇقۇملاندۇرىدىغان تاجىسىمان ۋىرۇستىن يەنە ئالتە خىلى بار.
بۇنىڭ ئىچىدە تۆت خىلى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، كېسەل پەيدا قىلىش خاراكتېرى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتە ئادەتتىكى زۇكامغا ئوخشاش نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى خىلى بىزگە تونۇشلۇق  بولغان 
SARS ۋە MERS
دىن ئىبارەت

ئۇ ئىسسىققا سەزگۈر بولۇپ، 56 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تىمپۇراتۇرىدا 30 مىنۇتتا، 75% لىك ئىسپىرتتا ۋە خلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىلىرى بۇ ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك يوقىتالايدۇ.

#bilimdan   #bilimzar   

Tuesday, January 21, 2020

يۆتەلنى ساقايتىدىغان يەرلىك رىتسىپلار

يۆتەلنى ساقايتىدىغان يەرلىك رىتسىپلار


1. تۇرۇپ ، غولپىياز ، زەنجىۋىلدا يۆتەل داۋالاش
ماتېرىيال : - تۇرۇپ بىر دانە ، سۇڭپىياز ئېقى 6 تال، زەنجىۋىل 15 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى : - 3 چىنە سۇ قۇيۇپ تۇرۇپنى قاينىتىپ ئاندىن ئۈستىگە  سۇڭپىياز ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ سۈيى تاكى بىر چىنە قالغانغا قەدەر داۋاملىق قاينىتىپ تەييارلايمىز . ئاندىن بۇنى كۆكتلىرى بىلەن قوشۇپ بىر قېتىمدا ئىستېمال قىلىمىز .



2. قارا شېكەر ، زەنجىۋىل ۋە چىلاندا يۆتەل داۋالاش
ماتېرىيال : - قارا شېكەر 30 گرام ، زەنجىۋىل 15 گرام ، چىلان 30 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى : - يۇقارقى خۇرۇچلارنى 3 چىنە سۇغا سېلىپ سۇنىڭ يېرىمى قالغىچە قايناتقاندىن كېتيىن بىر قېتىمدىلا ئىستېمال قىلىش كېرەك ، ئىچكەندىن كېيىن تەرلىسە كېسەل ياخشى بولۇپ كېتىدۇ .


3. نەشپۈت بىلەن سوغىگۈلدىن پايدىلىنىپ يۆتەل توختىتىش
ماتېرىيال : - يېڭى نەشپۈت 500 گرام ، سوغىگۈل تالقىنى 6 گرام ، ئاق شېكەر 30 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى : - نەشپۈتنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ئويۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىگە سوغىگۈل تالقىنى ۋە ئاق شېكەرنى سېلىپ كېسىپ ئالغان قىسمىنى ياپقاندىن كېيىن قاچىغا سېلىپ ھوردا دۈملەپ پىشۇرىمىز ، ئاندىن ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلىمىز.


4. تۇرۇپ ۋە قارىمۇچ يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىدۇ .
ماتېرىيال : - تۇرۇپ بىر دانە ، ئاقمۇچ 5 تال ، زەنجىۋىل 3 يالپاق ، ئاپېلسىن پوستى 1 دانە .
تەييارلاش ئۇسۇلى : - يۇقارقى خۇرۇچلارنى سۇغا سېلىپ يېرىم سائەت قايناتقاندىن كېيىن  سۈيىنى كۈندە 2 قېتىم ئىچىپ بېرىمىز .


6. كۈنجۈت ۋە ناۋات سۈيى كېچىدە يۆتىلىشنى داۋالايدۇ .
ماتېرىيال : - خام كۈنجۈت 15 گرام ، ناۋات 10 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى : - كۈنجۈت بىلەن ناۋاتنى قاچىغا سېلىپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ .


7. نەشپۈت بىلەن ھەسەل ئۇزۇن يۆتىلىشنى داۋالايدۇ .
ماتېرىيال : - چوڭ ئاق نەشپۈتتىن بىر دانە، ھەسەل 50 گرام .
تەييارلاش ئۇسۇلى : - نەشپۈتنى ئوتتۇرىدىن ئويۇپ ئۇنىڭ ئىچىگە ھەسەل قۇيۇپ دۈملەپ پىشۇرىمىز ، ئاندىن بۇنى ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە بىر تالدىن ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئىستېمال قىلىمىز .


8. نەشپۈت بىلەن گۈلسامساق شورپىسى ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ .
ماتېرىيال : - گۈلسامساق 25 گرام ، نەشپۈت بىر دانە ، ھەسەل 20 گرام .
تەييارلاش ئۇسۇلى : - گۈلسامساقنى بىر كېچە سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن ، ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ سۈيىنى گۈلسامساق بىلەن قوشۇپ يەل قازانغا سېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم چىنە سۇ قۇيغاندىن كېيىن بىر بيېرىم سائەت قاينىتىمىز ، گۈلسامساق پىشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يالپاغداپ توغرالغان نەشپۈت بىلەن ناۋاتنى سېلىپ يەنە يېرىم سائەت قاينىتىپ ئىستېمال قىلىمىز.

#bilimdan   #bilimzar 

Monday, January 20, 2020

پىسخىكا ساغلاملىقنىڭ ئون چوڭ ئۆلچىمى

پىسخىكا ساغلاملىقنىڭ ئون چوڭ ئۆلچىمى


پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى تۆۋەندىكى يەتتە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇشى، كەيپىياتىنىڭ ساغلام بولۇشى، ئىرادىسىنىڭ مۇكەممەل بولۇشى، ھەرىكىتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى، ئىنكاسنىڭ نورمال بولۇشى، پىسخىكا ئالاھىدىلىكىنىڭ يېشىغا ئۇيغۇن كېلىشى قاتارلىقلار. 

نېمىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىق سەۋىيەسىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشىلەر ئادەمنىڭ ساغلاملىق ئۆلچىمىنى ئىگىلەپ، بۇنى ئاساس قىلىپ، ئۆزىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئۆزى دىئاگنوز قويالايدۇ. 

پىسخىكا ساغلاملىقىنىڭ ئون خىل ئۆلچىمى:

1.مۇكەممەل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى.

بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئادەمنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرى. خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھەتتا جىسمانىي كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش.

ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا توغرا ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۆز ئىقتىدارىدىن ھالقىغان خىزمەتنى زورمۇزور ئىشلىسە، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ. نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغاچقا، ھەتتا سالامەتلىكىمۇ ناچارلاپ كېتىدۇ. 

3.تۇرمۇش نىشانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىشى.

ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى بىلەن ماددىي تۇرمۇش شارائىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، ئەگەر تۇرمۇش نىشانىنى بەك يۇقىرى بېكىتىۋالسا، مۇقەررەر ھالدا ئوڭۇشسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق زىيانغا ئۇچرايدۇ. 

4.تاشقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش.

ئادەمنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى كۆپ قاتلاملىق بولغاچقا، تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغاندا، بىر تەرەپتىن مەنىۋى تۇرمۇشنى بېيىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. 

5.خاراكتېرىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ساقلاش.

خاراكتېردىكى ئىقتىدار، قىزىقىش، خۇلقى ۋە خىسلىتى قاتارلىق ھەرخىل پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم بىردەك ماسلىشىچانلىققا ئىگە بولغاندىلا، خاراكتېرىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

6.بەلگىلىك ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش.

7.ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىنىشى ئىنتايىن تېز بولماقتا، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن توختىماستىن يېڭى بىلىم ئىگەللەشكە توغرا كېلىدۇ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ئۈچۈن، ئەگرى يولنى ئاز بېسىپ، مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

8.ساغلام بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاش.

كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئوڭ يۆنىلىشلىك ئىجابىي مۇناسىۋەتمۇ، تەتۈر يۆنىلىشلىك سەلبىي مۇناسىۋەتمۇ بولىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ماسلىشىش-ماسلاشماسلىقى كىشىلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

9.ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى مۇۋاپىق ئىپادىلەش ۋە كونترول قىلىشنى بىلىش. 

ئادەمدە خۇشاللىق ۋە قايغۇ قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كەيپىيات كەچۈرمىشى بولىدۇ. كۆڭۈلسىز كەيپىياتنى قويۇپ بېرىپ، پىسخىكا جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. لېكىن ئاچچىقنى ھەددىدىن زىيادە چىقىرىۋېلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يېتىپلا قالماي، يەنە كىشىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ. 

10.ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە قىزىقىشىنى مۇۋاپىق جارى قىلدۇرۇش.

قابىلىيەت ۋە قىزىقىشنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، لېكىن باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ماجرا پەيدا بولۇپ، بىھۇدە باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە. جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ.

ئەڭ ئەقەللىي بولغان شەخسىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش.


ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولمىغان ئۆلچەم ئاستىدا، شەخسنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرۇلۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، چوقۇم قانۇنلۇق بولۇش كېرەك، بولمىسا ۋىجداننىڭ ئەيىبلىشى، جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى، ھەتتا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. 

ئۆزىنىڭ پىسخىكا ئەھۋالىدىكى مەلۇم بىر قانچە تەرەپنىڭ پىسخىكا ساغلاملىق ئۆلچىمىدە مەلۇم ئارىلىق پەرق بارلىقىنى بايقىغاندا، پىسخىكىلىق چېنىقىشنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ، پىسخىك ساغلاملىق سەۋىيىسىگە يېتىش كېرەك. 

#bilimdan   #bilimzar