Search This Blog

Monday, April 27, 2020

بىلىم ئەزەلدىن مېڭىدە مەۋجۇت، ئۆگىنىش پەقەتلا بىلىمنى قوزغاشتۇر

بىلىم ئەزەلدىن مېڭىدە مەۋجۇت، ئۆگىنىش پەقەتلا بىلىمنى قوزغاشتۇر


ھەر بىر ئادەمنىڭ تەبىئىي پەن بىلىملىرىنى ئۆگەنگەندە، كۆڭلىدە بىر تۈرلۈك گۇمان پەيدا بولۇپ باققان ۋاقتى بولىدۇ.ئۇ بولسىمۇ: يەر شارى، تەبىئەت دۇنياسى، ئالەم بوشلۇقىدىكى بۇ بارلىق مۇرەككەپ رەڭگارەڭ شەيئىلەر نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ؟ ئۇلار مۇشۇنداق گۈزەل ھەم ئەپچىل ئىچكى مۇناسىۋەتنى قانداق شەكىللەندۈرگەن، نېمە ئۈچۈن چەكسىز كەڭ بوشلۇقتا ۋە ئىنتايىن ئىنچىكە قۇرۇلمىدا يەنىلا چەكلەش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك تەڭپۇڭ ھالەت مەۋجۇت بولىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى زادى كىم ياكى قانداق كۈچ لايىھەلىگەن؟

بىلىمنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئادەمنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويىدىغان بىر مەسىلە پەيدا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: نېمە ئۈچۈن بىز ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئالەمدىكى بۇ مۇرەككەپ شەيئىلەرنى چۈشىنەلەيدۇ؟ ئىنسانلاردىن يىراق نۇقتىدا تۇرۇپ قارىغاندا، چوڭ مېڭىمىز خۇددى مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئالەمنىڭ ئۆزىدىن قېلىشمايدىغان ماشىنىغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئالەمدىكى چەكسىز كەڭ ۋە چەكسىز ئىنچىكە ھەممە نەرسىنى توغرا چۈشىنەلەيدۇ.قانداق كۈچ ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە مۇشۇنداق  ئىقتىدارنى بارلىققا كەلتۈرگەن؟

گەرچە سىز يۇقىرىقىدەك گاڭگىراشلارغا يولۇقۇپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇنداق بىر كەچۈرمىشنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىڭ: تۇنجى قېتىم مەلۇم ناتونۇش جايغا كەلگەندە، بىر خىل دېگىلى بولمايدىغان تونۇشلۇق تۇيغۇسى بولىدۇ، چوڭى قۇرۇلۇشلارنىڭ لايىھەلىنىشىدىن تارتىپ مەنزىرىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغىچە، كىچىكى ھەر بىر تال گىياھنىمۇ خۇددى ئىلگىرى كۆرۈپ باققاندەك ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا، ئۆزى بىر فورمۇلا ياكى بىر خىل ئېنىقلىمىنى ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزلەشتۈرۈۋالغان چاغدا بۇلارنى بۇرۇنلا چۈشىنىپ بولغاندەك تۇيغۇدا بولىسىز، پەقەت سىز ھازىر ئەسلىمىلىرىڭىزنى قايتىدىن تېپىۋالدىڭىز خالاس.بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ھادىسىلەر يەنى "يۈز مايمۇن ئېففېكتى" كىشىلەرگە شۇنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىدۇكى، بۇ خىل تونۇشتەك ئىش ئەمەلىيەتتە ئىنسانلاردىلا بولىدىغان ئىمتىياز ئەمەس،بۇ خىل ئىمتىياز ھەتتا ھايۋانلاردىمۇ شۇنداق بولۇپ، داڭلىق ئالىملار، ئەدەبىياتچىلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ خىل ئۈنۈم تېخىمۇ روشەن بولىدۇ:
رامانۇكىن

مېندېلېف چۈشىدە بىر چوڭ يىلاننىڭ ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى يۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، پۈتۈن يىلاننىڭ بەدىنى شۇ سەۋەبتىن باش ـ ئايىغى تۇتاشقان يۇمىلاق ھالقىغا ئايلاندى، ئويغانغاندىن كېيىن ئۇ بۇنىڭدىن ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنى چۈشەندى، بۇنى بىر چۈش ئارقىلىق دۇنيانىڭ سىرىنى يېشىش دېيىشكە بولىدۇ.

ھىندىستان ئوغلى، داڭلىق ماتېماتىكا ئالىمى رامانۇكىن 30 ياشتىن ھالقىغان چېغىدىلا 3900 دىن ئارتۇق ماتېماتىكىلىق فورمۇلا ۋە تېئورىمىنى مۇستەقىل بايقىغان.تېخىمۇ سىرلىق بولغىنى شۇكى، بۇ تېئورىمىلارنىڭ ھېچقانداق ماتېماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش جەريانى يوق بولۇپ، ھەممىسى رامانۇكىن مېڭىسىدىكى بىۋاسىتە سېزىمغا تايىنىپ ئېرىشكەن.بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ھەتتا ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغانغان ھامان دەرھال قەغەز ۋە قەلەم تېپىپ كېلىپ، ئۆزى بايا چۈشىدە ھېس قىلغان ھەقىقەتنى خاتىرىلىۋالاتتى.رامانۇكىنمۇ شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى چۈشىمدە ناماكار ئايال ئىلاھنى ئۇچراتتىم، ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا چۈشۈمدە كۆرگەن شۇ فورمۇلا ۋە تېئورىمىلارنى خالىغانچە يازالايدىغان بولدۇم،دەيتتى، پەيلاسوپ ئەپلاتون بولسا بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ داڭلىق بولۇپ،ئۇ غايىۋى دۆلەت دېگەن كىتابىدا كۆپ قېتىم تۆۋەندىكى ئۇقۇمنى قايتا ـ قايتا تەكىتلىگەن:بىلىم ۋە ھەقىقەت ھەر بىر ئادەمنىڭ روھىدا بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى، بىز پەقەت تىرىشىپ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدۇق خالاس.

يېقىنقى زاماندىكى ئېينىشتىيىن، تېسلا قاتارلىق ئىلىم ـ پەن پېشۋالىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئىلىم ـ پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ياكى كەشپىيات ـ ئىجادىيەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە ئاللىقاچان مەۋجۇت بولۇپ ، ئۇلار ئۆزى پەقەت بۇلارنى بايقاشقا تىرىشقانلىقىنى دەپ ئۆتكەن.
مېندېلېف ۋە ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ مەسىلىدە، مەيلى بىز ئادەتتىكى كىشىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان تونۇشتەكلا تەسىرات بولسۇن ياكى ئىلىم ـ پەن ئۇستازلىرى ئاشكارا بىلدۈرگەن قاراشلار بولسۇن، ئادەم مېڭىسى بىلەن ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل نازۇك مۇناسىۋەتتىن بېشارەت بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ: بىز چوڭ مېڭىمىزگە تايىنىپ ئالەم بىلەن ھەقىقەتنى چۈشىنەلەيمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇچۇرلارنى چۈشەنگىنىمىز ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇچۇرلار ئەزەلدىن مەۋجۇت، بىز پەقەت ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاتىرىمىزدە قېلىپ قالغان بىر قىسىمىنى قوزغاتتۇق.بۇ خۇددى ئالەمنىڭ ئۆزىگە ئوخشايدۇ، سىز دۇربۇن بىلەن يىراق ئارىلىقتىكى مەلۇم يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى كۆزىتەلمىسىڭىز، ئەجىبا ئۇلار مەۋجۇت بولمامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىزچىل مەۋجۇت، پەقەت سىز ئۇلارنى تېپىۋالدىڭىز خالاس.بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىز ئالەمنىڭ ئۆزىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئىچكى پەلسەپىسىمۇ ئەمەلىيەتتە خۇددى ئالەمنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئوخشاش مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتنى ھازىرلىغان.

لېكىن قانداق بولۇشىدىن قەتىينەزەر، بۇ قاراشلار ئىلگىرى مۇنداقلا دەپ قويۇلغان بولسا، بەلكىم پەيلاسوپلار ۋە ئىلىم ـ پەن ئۇستازلىرىنىڭ خالىغانچە بىلجىرلىشىلا بولۇپ قالاتتى.كۋانت مېخانىكىسى بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جاۋاب تاپقاندەك قىلاتتى.دەسلەپتە، كۋانت مېخانىكىسىنىڭ داڭلىق تەجرىبىسى بولغان "شرۇدىنگېرنىڭ مۈشۈكى" دېگەن تەجرىبە بۇ ھەقتە مۇنداق بىر يەكۈنگە ئېرىشكەن: كۆزەتكۈچىنىڭ ئېڭىنىڭ ئۆزى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالايدۇ، بۇ خىل رول ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسدا بەلكىم كەسكىن ھۆكۈم چىقىرالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن كۆزەتكۈچى نۇقتىسىدىكى ھەقىقەت ئۆز ـ ئۆزىدىن بىر گەۋدە بولۇپ شەكىللىنەلەيدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۋانت چىرمىشىشى ئېففېكتى ئالىملارغا ماقالىنىڭ بېشىدىكى سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ يۆنىلىشىنى ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: نېمە ئۈچۈن بىز ئالەمدىكى قائىدىلەرنى چۈشىنىمىز، خۇددى ئادەم مېڭىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر ئالەم مەۋجۇت بولغانغا ئوخشاش.
ئۇچۇر ئىلمىنىڭ تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئالىملار ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىنسانلارنىڭ ئېڭىنىڭ ”كۋانت دەرىجىسى” دىكى بىر خىل جەريان ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىلگىرىكى ئېلېكتر دولقۇنىنى بىلىش بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىگىلىدى.
ھالبۇكى، ئالەمدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ماددا ـ ئاڭ سىستېمىسىدا كۆزەتكۈچىنىڭ يەككە ئېڭى ئالەمنىڭ ئۆزىدىكى ماددىلاردىن ئايرىلالمايدىغان كۋانت چىرمىشىشى مۇناسىۋىتىنى پەيدا قىلىپ، ئۆزارا تۇتاشقان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.گەرچە ئەڭ تۈپ نۇقتىدىن ئالىملار ھەتتا ئاڭغا مۇكەممەل ئېنىقلىما بېرەلمىسىمۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا: بۇ خىل ماددا ـ ئاڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۋانت چىرمىشىشى مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنسانلار ھەتتا ئالەمدىكى باشقا جانلىقلارنىڭ تېنىدىكى ئاڭنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، "يۈز مايمۇن ئېففېكتى"، شۇنداقلا ئىلىم ـ پەن ئۇستازلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان ھەقىقەت ئەلۋەتتە كاللىدا مەۋجۇت دېگەن قاراش ئاخىرى پەلسەپە ساھەسىدىكى ئىلمىي ئاساسى يوق ھالەتتىن ئايرىلىپ، ھەقىقىي فىزىكا تىرىكىگە ئېرىشتى.ئالەمنىڭ ئۆزىدىن ئېيتقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھاياتلىق ئېڭى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ماسلىشىدۇ.بۇنداق ئەپچىل ھەم چوڭقۇر ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىدا زادى قانداق تېخىمۇ چوڭ مەخپىيەتلىك بار، بۇنىڭغا ھازىرچە ھېچكىم جاۋاب بېرەلمەيدۇ.ئەمما، ھېچ بولمىغاندا شۇنى بىلەلەيمىزكى، ھەربىر ئادەمنىڭ كاللىسىدا دەرۋەقە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى بار

خۇددى سىز ئىككى پاراللېل سىزىق مەڭگۈ كېسىشمەيدۇ ياكى 1+1= 2 نى بىلگەن ۋاقتىڭىزدىكىدەك، بۇنى ھېچقانداق ئىسپاتلاش ھاجەتسىز، كۆڭلىڭىزدە ئۇلارنىڭ مۇتلەق توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىسىز.
بۇ نۇقتا باشقا پىلانېتلارنىڭ ھاياتلىق مېڭىسىدىمۇ ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا بىر ئالەم نۇسخىسىدىكى "يۈز مايمۇن ئېففېكتى" دۇر.
#bilimdan   #biimzar 

Tuesday, April 7, 2020

ئەڭ غەلىتە تۆت خىل پىسخولوگىيە ھادىسىسى

ئەڭ غەلىتە تۆت خىل پىسخولوگىيە ھادىسىسى


ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى مۇرەككەپ بولىدۇ، نۇرغۇن پىسخىكىلىق ھادىسىلەر (Mental Phenomena) پىسخولوگلارنى ئىنتايىن مەپتۇن قىلىدۇ، ئۇلار ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەمدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. تۆۋەندە بىز ئىنسانلاردا كۆرۈلىدىغان ئەڭ غەلىتە تۆت خىل پىسخىكىلىق ھادىسىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.

1. چېقىق دېرىزە ئېففېكتى (Broken windows theory)
ئەگەر بىر ئۆيدە رېمونت قىلىنمىغان كونا دېرىزە پەيدا بولسا، ئۇنداقتا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، باشقا مۇكەممەل دېرىزىلەرمۇ كەينى-كەينىدىن چېقىلىپ، «چېقىق دېرىزە ئېففېكتى» پەيدا بولىدۇ. بۇنى James Q. Wilson ۋە George L. Kelling ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان. جىنايەت پىسخولوگىيەسىنىڭ تەتقىقات تېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېقىق دېرىزە ئېففېكتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى شۇكى، كىشىلەر جەمئىيەتتىكى ناچار ھادىسىلەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسە، بۇ خىل ھادىسە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دورىشىغا ئېرىشىدۇ، ھەتتا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ۋە ھەرىكىتى مۇئەييەن مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇ ناچار قىلمىشلار مۇھىتنىڭ قالايمىقان، تەرتىپسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەم بۇ خىل تەرتىپسىز تۇيغۇغا ماسلىشىپ، ئۇيۇشۇش كەيپىياتىغا پېتىپ قالىدۇ ۋە بۇ خىل ناچار قىلمىشنى ھەقلىق دەپ قارايدۇ.
بىز خەقنىڭ پاكىز، رەتلىك تازىلانغان ئۆيلىرىگە ئەخلەت تاشلىساق، ئۆزىمىزنى بىر خىل گۇناھكاردەك ھېس قىلىمىز. شۇڭا بەزى مەھەللىلەردىكى يېنىك دەرىجىدىكى تەرتىپسىز ھالەتنى بىر مەزگىل ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەندىن كېيىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت سادىر قىلىدىغان ئېغىر ئاپەت رايونىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

2. قۇرۇق قەپەس ئېففېكتى (Empty bird cage effect)
ئۇ يەنە «قەپەس لوگىكىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەڭ دەسلەپتە خارۋارد ئۇنۋىرسىتىنىڭ پىسخولوگى جامېس ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە مۇنداق دەپ قارايدۇ: بىر ئادەم بىر قۇرۇق قۇش قەپىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇنىڭدا قۇش باقمىسا، ئادەمگە كۈچلۈك قارشىلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ بۇ خىل قىلمىشتىن گۇمانلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ئادەم ئەڭ ئاخىرىدا بىر قۇش سېتىۋېلىپ، قەپەسكە سولاپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
بۇ ئىنسانلارنىڭ بىر خىل چەكلىمىلىك تەپەككۇرى، يەنى تەپەككۇر ۋەزىيىتى (Thinking Set) بولۇپ، ئۇ ئىلگىرىكى تەجرىبە ۋە بىلىشنىڭ باشتىن-ئاخىر «تەييارلىق ھالىتى»دا تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە دەرھال ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلدۇرىدۇ. بۇ خىل تەپەككۇر بىر تەرەپتىن ئادەمنى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەتكە ئېرىشتۈرىدۇ؛ لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. قەپەس ئېففېكتىغا قايتىپ كەلگەندە، قەپەس قۇش بېقىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر قەپەس دېگەن بۇ جىسىم پەقەت قۇش قاچىلاشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، زىننەت بۇيۇمى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ ھەمدە «قەپەس يەنە باشقا نۇرغۇن ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ» دېگەندەك خىياللاردىن گۇمانلىنىدۇ. بۇ خىل پسىخىكا بىزنىڭ قەلبىمىزنى نۇرغۇن ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنى كۆڭۈلگە پۈكۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قائىدىنىڭ توغرىلىقىنى ئويلاشمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ قاتماللىشىشىدىكى پىسخىكىلىق سەۋەبمۇ ئەنە شۇنىڭدا.

3. خاۋسورن ئېففېكتى (Hawthorne Effect)
خاۋسورن ئېففېكتى يەنە «دەردىنى چىقىرىش ئېففېكتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بىر ئادەمنىڭ ئۆز دەردىنى چىقىرىدىغان ياكى ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشمەكچى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى بىلەن تەپەككۇرىدا مۇناسىپ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خارۋارد ئۇنۋىسىتىنىڭ پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدا، پىسخولوگلار مۇنداق بىر تەجرىبىنى ئېلىپ بارىدۇ: ئۇلار زاۋۇت، سېخلاردىكى ئىشچىلاردىن ئالتە نەپەر ئايال ئىشچىنى ئىختىيارىي تاللاپ كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇھىتىنى ئۆزگەرتىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە شۇ بولىدۇكى، بۇ ئايال ئىشچىلار ئۆزلىرىنى ئالاھىدە غەمخورلۇققا ئېرىشتى دەپ قاراپ، مۇقەررەر ھالدا باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىمۇ تەبىئىي ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
شۇڭا خاۋسورن ئېففېكتى باشقۇرۇش ئىلمىدە كەڭ قوللىنىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن، خاۋسورن ئېففېكتىنىڭ رولى چەكلىك بولۇپ، گەرچە نۇرغۇن ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغىيالىغان بولسىمۇ، لېكىن «مارگىنال ئۈنۈمنىڭ تەدرىجىي كېمىيىشى»نىڭ تەسىرىدە، خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ئەڭ ئاخىرىدا مۇقىملىشىپ، قايتا ئۆرلىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

4. پاركىنسون قانۇنىيىتى (Parkinson's Law)
پاركىنسون قانۇنىيىتى بىيۇروكىراتلىقنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى دەپ قارىلىپ، «ئەمەلدارلار كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنى ئەنگلىيەلىك تارىخشۇناس ۋە ئاممىۋى باشقۇرغۇچى Cyril Northcote Parkinson ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، شىركەت كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرى پىرامىداسىمان تارقىلىدۇ ھەمدە تەدرىجىي ئۆرلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كېلەڭسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ چاغدا ھەممە ئادەم ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت ئۈنۈمى خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ.
ئۇ بۇنىڭغا قارىتا «ياللانما خادىملارنىڭ سانى بىلەن ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر باغلىنىش مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن نەزەرىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نەزەرىيە مۇئەييەن مەنىگە ئىگە بولۇپ، جەمئىيەتتىكى بيۇروكراتلىق ئىستىلىنى تەنقىد قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىلىي شەكىل قۇرۇشى توغرىسىدا ئۈنۈملۈك تەكلىپ بېرىدۇ. پاركىنسون قانۇنىيىتى 20-ئەسىردىكى غەربنىڭ ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت كەشپىياتىنىڭ بىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنى ئادەملەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە قۇتۇلۇش قىيىن بولغان تۆت خىل پىسخىكىلىق ھادىسە بولۇپ، ئۇلارنى تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولغانلىقتىن، ئاللىقاچان ھەيران قالارلىق دەپ سانالمايدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن پىسخولوگىيە بىزنىڭ قارىماققا قانۇنىيەتسىز كۆرۈنىدىغان بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدىن ئۇلارنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرىنى تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ قانداق قىلىپ توغرا تەدبىر بەلگىلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

#بىلىمدان   #بىلىمزار

Monday, April 6, 2020

ھورمۇن دېگەن نېمە ؟


 ھورمۇن دېگەن نېمە ؟



    ھورمۇن ئىككى خىل بولىدۇ .،
  ئىچكى ھورمۇن ۋە تاشقى ھورمۇن ،



  ئىچكى ھورمۇن دېگىنىمىز ئادەم  مېتابولىزىملىرىنى تەڭشەيدىغان . روھىي كەيپىيات  ۋە  ئادەم فىزىئولوگىيىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان
     ئادەم بەدىنىدە كەم بولۇشقا بولمايدىغان ،نېرۋا ھېپوپىز بىزى ۋە بۆرەك ئۇستى پوستىلاق  بېزى ئادىرلانىنن قويۇپ بېرىدىغان بېر خىل خىمىيۋىيلىك ماددىنى كۆرسىتىدۇ ،  


  ئىچكى ھورمۇن ئەڭ ئاۋال جانلىقلار تېنىدە بايقالغان .  كېيىن ئادەملەر بەدىنىدىمۇ بارلىقى بايقالغان 
  1853ـ يىلى فىرانسىيەلىك باناد ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، جىگىرىنىڭ كۆپ خىل ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
بېرنا تەركىبىدە بىر خىل ماددا بار دەپ قاراپ بۇ خىل ئىقتىدارنى تاماملايدۇ.
لېكىن ئۇ بۇ خىل ماددىنى تەتقىق قىلىپ چىقالمىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ دەل  ھورمۇن ئىدى.
1880ـ يىلى گېرمانىيىدىكى ئوستۋالد قالقانسىمان بەزدىن يود تەركىبى كۆپ مىقداردا ماددىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بۇنىڭ قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەيدىغان ماددا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
كېيىن بۇنىڭمۇ بىر خىل ھورمۇن ئىكەنلىكىنى بىلدى
1889ـ يىلى بانادنىڭ ئوقۇغۇچىسى سىكۇئېد يەنە بىر خىل ھورمۇننىڭ ئىقتىدارىنى بايقىغان.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقدان تەركىبىدە چوقۇم بەدەن ئىقتىدارىنى جانلاندۇرىدىغان ماددا بار بولۇپ،
لېكىن ئىزچىل تاپالمىدى.
1901ـ يىلى ئامېرىكىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ياپونىيەلىك گاۋفىڭ رانگى كالىنىڭ قوشۇمچە بۆرىكىدىن قان بېسىمىنى تەڭشەيدىغان ماددىنى ئايرىپ ئالغان ھەمدە ئۇنىڭدىن كرىستال ياساپ، ئۇنىڭغا ئادرېنالىن دەپ ئىسىم قويغان، بۇ دۇنيا بويىچە ئايرىپ ئېلىنغان بىرىنچى ھورمۇن كرىستالى ھېسابلىنىدۇ.
1902ـ يىلى ئەنگلىيەلىك فىزىئولوگىيە ئالىمى سىتالىن بىلەن بېلىس ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يېمەكلىكلەر كىچىك ئۈچەيگە كىرگەندە، يېمەكلىكلەر ئۈچەي دىۋارىدا سۈركەلگەنلىكتىن، كىچىك ئۈچەي شىللىق پەردىسىدە مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولغان بىر خىل ماددىنىڭ قانغا ئۆتۈپ، ئاشقازان ئاستى بېزىگە ئېقىپ كىرىدىغانلىقىنى، ئاشقازان ئاستى بېزى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن دەرھال ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئۇلار بۇ خىل ماددىنى ئايرىپ ئېلىپ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ قېنىغا كىرگۈزىدىكەن
ھايۋانلار بىر نەرسە يېمىگەن تەقدىردىمۇ، دەرھال ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ خىل ماددىغا ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى دەپ ئىسىم قويغان.
كېيىن ستالىن بىلەن بېلىس يۇقىرىقىدەك بۇ تۈردىكىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز، ئەمما فىزىئولوگىيەلىك رولى بار بولۇپ، جانلىقلار تېنىدىكى ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغايدىغان ماددىلارغا  ( ھورمۇن ) دەپ ئىسىم قويغان.
ھورمۇن دېگەن سۆز پەيدا بولغاندىن كېيىن، يېڭى ھورمۇن يەنە ئۈزلۈكسىز بايقىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھورمۇنغا بولغان تونۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، كېڭەيدى.

 ئۇنداقتا تاشقى ھورمۇن ،دىگىنمىز
  ئۆسۈملۈك ، ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ھورمۇننى كورسىتىدۇ ،
ھىدروگېنلاشقان كورتىزون بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، 40 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى، كۈچلۈك ئۈنۈملۈك تاشقى پوستلاق ھورمونى  تەتقىق قىلىپ چىقتى.
1960ـ يىلىVickersۋەTigheدا پروپىئوننىڭ تارىيىپ ياللۇغنى يوقاتقانلىقى بايقالدى، بۇ بىرىنچى بولۇپ قىسمەن ئاكتىپچانلىققا ئىگە گالوگېنلىق بىرىكمە بولۇپ، جاھىل تەمرەتكە كېسىلىنى داۋالاشتا ئالاھىدە بولغان ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فىتور ھىدرتىزون ( فىتور ھىدرتىزون ) ۋە فىتور پروپىئوزاۋر ( فىتور پروپىئون ) لارمۇ دۇنياغا كەلدى، بۇلار ئىككىنچى ئەۋلاد پوستىلاق ماددىسى ھورمۇنى دەپ ئاتىلىپ، ھىدروگېنلاشقان قارىغاينىڭ ئاكتىپلىقىدىن 4 ـ 6 ھەسسە.
ئۇنىڭدىن كېيىن، 17ـ پېنتامىك كىسلاتا بىتاتىن بىلەن تېرە گىدرو قارىغاي دۇنياغا كېلىپ، 3ـ ئەۋلاد دەپ ئاتالغان، شۇنداقلا تەركىبىدە فىتور بولغان كورتىكوستېروئىد ھورمۇنى بولغان.
60ـ يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، گىدرو كاربوناتتىن 17ـ پېنتالىك گىدرو كاربوناتتىن ئىبارەت قارىغايلار بارلىققا كەلگەن، بۇ ئېستېرلار 2ـ ئەۋلاد فىتور تەركىبلىك ھورمۇن بىلەن ئوخشاش ئوتتۇرا ھال ئۈنۈمگە ئىگە، لېكىن گالوگېنلار ۋە قىسمەن ئەكس تەسىرى كىچىك بولغانلىرى كۆپ،Polano فىتور قوشۇلمىغان ئوتتۇرا ھال ئۈنۈمگە ئىگە بۇ پوستلاق ھورمۇنلىرىنى 4ـ ئەۋلادقا تەۋە قىلغان.
70ـ يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 80ـ يىللارنىڭ باشلىرىدا، تېخىمۇ كۈچلۈك ئۈنۈم بېرىدىغان پروپىئونىك كىسلاتاسى تامىسون ۋە پروپىئونىك كىسلاتاسى خلورنىڭ ھەسسىسى تازونى تونۇشتۇرۇپ، 5ـ ئەۋلادقا تەۋە قىلىنغان، بۇ كۈچلۈك ئۈنۈم بېرىدىغان بىرىكمە ماددىلار كېسەللىكنى تېز كونترول قىلىشتا ناھايىتى زور قىممەتكە ئىگە، لېكىن ئەكس تەسىرىمۇ ناھايىتى روشەن.
80ـ يىللارنىڭ ئاخىرى، 90ـ يىللارنىڭ باشلىرىدا budesunide دۇنياغا
 كەلدى، ئۇ فىتور تەركىبى بولمىغان كۈچلۈك ئۈنۈملۈك ھورمۇن ئىدى
كۈچلۈك قارىغاي ئەجدىھاسىنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتە C16 ۋە C17 بۇتىل كىسلاتاسى قوشۇمچە زەنجىرى بار، ئۇنىڭ قىسمەن ئاكتىپلىقى 17 پىروۋىت كىسلاتاسى خلور ھەسسىلىك تامىزون بىلەن 17.21 پىروۋىت كىسلاتاسىنىڭ ھەسسىلىك تامىزون ئارىسىدا؛


دۆڭچە مېڭە ـ ھىپوفىز بۆرەك ئۈستى بېزى ئوقىغا بولغان رولى 17ـ بۇتىل گىدرو كاربوناتقا ئوخشاش بولۇپ، 6ـ ئەۋلاد دەپ ئاتالغان
  شۇنىڭدىن كېيىن سىرتقى ھورمۇن ئاستا ئاستا  داۋالاش ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى ،  ئادەم بەدىنىدىكى بەزى بىر خىل كەمتۈك ھورمۇنلارنى تاشقى ھورمۇن ئارقىلىق .  داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ   لېكىن ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ تەسىرى بارغانچە .  يامانلاشقا باشلىدى .  كېيىن ئالىملار تەتقىق قىلىپ .   ئەڭ مۇھىم داۋالاش نۇقتىسىغا ئىشلىتىپ ،  ئىشلىتىش زۆرۈر بولمىغاندا ، ھورمۇنى ئادەم   بەدەنگە ئىشلىتىشنى ئازايتتى . ،  ھازىرقى دەۋردە بارا بارا   ئادەم بەدىنىگە ئىشلىتىدىغان ھورمۇنلار .  كونترول قىلىندى .
  ئۆسۈملۈك ھورمۇنى 
 ئۆسۈملۈك ھورمۇنىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ.

ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش ھورمۇنى يەنى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ( GA )، گىببېرىللىن (auxin )، سىتوكىنىن ( CTK )، تۈرىك كىسلاتاسى ( abscisic acid,ABA )، ئېتىلېن ( ethyne,ETH  ) ۋە قىچا ھورمۇنى ( brassinosteroid,BR ).
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاددىي كىچىك مولېكۇلىلىق ئورگانىك بىرىكمىلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئۈنۈمى ئىنتايىن مۇرەككەپ، كۆپ خىل بولىدۇ.
مەسىلەن، ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭ بۆلۈنۈشى، ئۇزىرىشى، بۆلۈنۈشىدىن تارتىپ، ئۆسۈملۈكنىڭ بىخلىنىشى، يىلتىز تارتىشى، چېچەكلىشى، مېۋە بېرىشى، جىنسىنىڭ بەلگىلىنىشى، ئۈچەككە كىرىشى ۋە تۆكۈلۈشى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شۇڭا، ئۆسۈملۈك ھورمۇنى ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم تەڭشەش، كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

ئۆسۈملۈك ھورمونىنىڭ خىمىيەلىك تۈزۈلۈشى كىشىلەرگە مەلۇم، سۈنىي بىرىكتۈرۈلگەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماددىلار ئۆسۈشنى تەڭشىگۈچى دورىلار دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، ئاممونىي ئاتسېتات كىسلاتاسى؛
بەزىلىرىنى تېخى سۈنىي بىرىكتۈرگىلى بولمايدۇ، مەسىلەن، گىببېرېللىن دېگەندەك.
نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان گىببېرېللىن رېئاكتىپى قىزىل زەمبۇرۇغ يېتىشتۈرۈش سۈزگۈچىدىن ئېلىنغان.
بۇلاردىن باشقا ئۆسۈملۈكلەرگە قوشۇلغان ئوكسالىك ئاتسېتىك كىسلاتاسى ۋە گىببېرېللىن قاتارلىقلار
ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ ئۆزىدە ھاسىل بولغان ئوكسالىك ئاتسېتىك كىسلاتاسى ۋە گىببېرېللىن مەنبەسىدە ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئۆسۈملۈك ئۆسۈشنى تەڭشىگۈچى دورا سۈپىتىدە تاشقى مەنبەلىك ئۆسۈملۈك ھورمۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
   مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھورمۇن ھەر خىل بولىدۇ .  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز پۈتۈنلەي ھورمۇن بىلەن باغلىنىپ كەتكەن .شۇڭا   پايدىلىق ھورمۇنغا توغرا قاراش ۋە   سىرتقى ھورمۇننى    كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن   ساقلىنىش كېرەك .  سىرتقى ھورۇنلار ئادەم بەدىنىگە  پۈتۈنلەي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ .    تۈرلۈك كېسەللىكلەنىڭ    پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ .

#bilimdan   #bilimzar 

Sunday, April 5, 2020

Friday, April 3, 2020

ئاياللاردىكى بەل تېڭىش توغرىسىدا رىتسىپ

نۇرغۇن ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن بەل تاڭغۇزۇۋاتقان بولسىمۇ بەل تاڭغۇزسا نىمىگە شىپا بۇلىدىغىننى بىلمەيدۇ ،قېنى ئەمىسە بىرلىكتە كۆرۇپ باقايلى . 

بەل تىڭىشنىڭ شىپالىق رولى بولسا : - قورساقتىكى يەللەرنى ھەيدەيدۇ ، مۇسكۇللارنى چىڭىتىپ ، تۇغۇتتىن كىيىنكى بەل ئاغرىقى ئاق خۇن كۆپ كىلىش جىنسى يولدىن يەل كىلىش ، جىنسى يول بوشاپ كىتىش ، قورساق دىۋارى بوشاپ ساڭگىلىۋىلىش ، قورساق قىسمى سەمىرۋىلىش ، قاتارلىق ئالامەتلەرگە شىپا بۇلىدۇ . 
دىققەت قىلدىغان ئىشلار : - ئۆزى تۇغقان بولسا 22 كۈندىن كىيىن ، ئوپراتسىيە قىلىنغان بولسا 30 كۈندىن كىيىن تىڭىش كىرەك .

( تۇغۇتتىن كىيىنكى بەل تېڭىشقا رىستىپ ) بالياتقۇ جىنسىي يول ياللۇغىغا رىستىپ : - 
بابۇنە 40 گرام 
سوزاپ 40 گرام
بەرەنجاسىپ (سىرىق چىچەك) 40 گرام
زىرە 40 گرام
مەرزەنجۇش 40 گرام
كەرەپشە ئۇرغى 40 گرام
مامرانچىنى 40 گرام
ئانار گۈلى 50 گرام
قىزىل گۈل 35 گرام
موزا 40 گرام
قار لەيلىسى 50 گرام
ئاقىل قەرھا 40 گرام
سۇمبۇل 40 گرام
رەيھان 40 گرام
شومشا40 گرام
كاۋاۋىچىن 40 گرام
دارچىن 50 گرام
لەيلى ئۇرغى 40 گرام
ئىكىلمىلىك 40 گرام
ئاق مۇچ 40 گرام
قارمۇچ 40 گرام
شاقاقۇل 40 گرام
زەنجىۋىل 30 گرام
زەپەر خەمىكى 40 گرام
ئۇد ھىندى 40 گرام
نارجىل 40 گرام 
بۇلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ تالقان قىلىپ يەرلىك ئۇرۇننى زەيتۇن يېغىدا مايلاپ شۇ ئۇرۇنغا بەللىك بىلەن تېڭىلىدۇ .

تەسىرى : - بالياتقۇدىكى ھۆللۈكنى قۇرتۇش ، بالياتقۇ قۇۋەتلەش ، بالياتقۇ سۇغۇپ كىتىش ، بالياتقۇ مۇسكۇلى بوشاش، ئاق خۇن كۆپ كىلىش ، بالياتقۇ سۇلۇق ئىششۇقى ، پۇت قوللار ئىسسىماسلىق ، بالياتقۇ كۈپۈپ ئاغرىش ، تۇغۇتتىن كىيىنكى جىنسى ئەزانىڭ ئەسلىگە كىلەلمەسلىكى قاتارلىقلاغا بىرلىدۇمەنپەئەت قىلىدۇ . 
#bilimzar   #bilimdan