1. يېڭى لوگو، يېڭى سىنبەلگە
ۋىندوۋس 11 نىڭ لوگوسى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، سىنبەلگىلىرىمۇ قايتىدىن لايھىلەنگەن.

2. ۋەزىپە ئىستونىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ. باشلاش تىزىملىكى ئوتتۇرىغا توغىرلىنىپ ئالما macOS قا ئوخشاش قىلىنغان.

باشلاش تىزىملىكىدىكى ماگنىتلىق چاپلىما ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يۇمشاق دېتال ئامبىرى ئىشلىتىلگەن.

ئىزدەش، ۋەزىپە كۆرۈنۈشى قاتارلىقلاردا كارتوچكا شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، ۋەزىپە ئىستونىنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدۇ.

3. يۇمىلاق بۇلۇڭ، خىرە ئەينەك ئۈنۈمى ئىشلىتىلگەن.
Windows 11 نىڭ چوڭ-كىچىك كۆزنەكلىرى ۋە كۇنۇپكىلىرىغا يۇمىلاق بۇلۇڭلۇق رامكا ئىشلىتىلگەن.

خىرە ئەينەكنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆپەيتىلگەن بولۇپ، قاراڭغۇ ھالەتتە سىستېمىنىڭ نەپىسلىك تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

3. Snap Groups
ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دېتالنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ بىرلەشتۈرسە بولىدۇ. بۇ دېتال كۆزنەكلىرى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىرلا ۋاقىتتا كىچىكلەشتۈرۈپ ۋەزىپە ستونىغا يىغىشقا ياكى بىر كۇنۇپكا بىلەن ئەسلىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

4. مەۋھۇم ئۈستەل يۈزى
ئىشلەتكۈچىلەر بىر قانچە ئۈستەل يۈزى ياساپ، تام قەغىزى، ئۇسلۇب رەڭگى قاتارلىق لايىھەلەرنى ئۆزى بېكىتىپ، ئۆگىنىش، خىزمەت، ئويۇننى ئايرىۋەتسە بولىدۇ. بىر كۇنۇپكا بىلەن مەۋھۇم ئۈستەل يۈزى ئارا يۆتكەلگىلى بولىدۇ.

5. سىرتقى ئېكرانغا ئۇلاش تېخىمۇ دوستانە
Windows11 كومپيۇتېر بىلەن ئېكراننى ئۈزۈۋەتكەندە، ئېكراندىكى پروگراممىلار ئاپتوماتىك ھالدا ۋەزىپە ئىستونىغا كىچىكلىتىلىدۇ. ئىككىسى يەنە بىر قېتىم ئۇلانغاندا، ئەسلىدىكى قىياپىتى ئاپتوماتىك ئەسلىگە كېلىدۇ.

6. ۋىندوۋس نۇسخىسىدىكى FaceTime
مىكروسوفت Microsoft Teams نى Windows 11 نىڭ ۋەزىپە سىتونىغا توپلاشتۇرۋەتتى.
بۇ دېتالنىڭ سىنبەلگىنى چەكسەك، دائىم ئىشلىتىدىغان ئالاقىلاشقۇچىلار كۆرۈنىدۇ، بىر كۇنۇپكا بىلەن ۋىدېئولۇق پاراڭلاشقىلى ياكى ئايرىم پاراڭلىشىش ئۆيى قۇرغىلى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئۇچۇر ۋە ھەر خىل ھۆججەتلەرنى يوللىسىمۇ بولىدۇ. قارشى تەرەپ مەيلى قانداق ئۈسكىنە ئىشلەتسۇن، پەقەت Microsoft Teams دېتالىنى چۈشۈرسىلا ئۆز ۋاقتىدا ئالاقە قىلغىلى بولىدۇ.
7. ئەپچە (Widgets)
Windows11 نىڭ ۋەزىپە ئىستونىدا، ئەپچە يېڭىدىن قوشۇلدى. چېكىپ ئاچقاندىن كېيىن، ئېكراننىڭ سول تەرىپىدىن يېرىم ئېكراننى دېگۈدەك ئىگىلىگەن بىر خىرە ئەينەك ئۈنۈمىدىكى كۆزنەك چىقىپ، ھەر خىل ئەپچىلەر كۆرۈنىدۇ.
ئىشلەتكۈچىلەر ئەپچىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزى بېكىتىسە، رەتكە تىزسا بولىدۇ، مىكروسوفت ھېساباتىغا كىرىپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
8. ئېكراننى بۆلۈش مەشغۇلاتى ئەلالاشتۇرۇلدى
Windows 11 كۆزنەكنى كۆپ خىل تىزىلىش شەكلى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، مەشغۇلاتى ناھايىتى قولايلىق، كۆزنەكنى ئەڭ چوڭ قىلىش ئايكونىدا مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چەكسە ياكى نۇر بەلگىسىنى ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە يۆتكەپ ئازراق توختىتىپ قويسىلا، ئېكران بۆلۈش مېخانىزمىنى قوزغىتىشقا بولىدۇ.

ئېكران ئايرىش ئۇسۇلى ئېكران ئېنىقلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئېكراندىن تېخىمۇ كۆپ خىل ئېكران ئايرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ.
بۇ قېتىم سىزىمچان ئېكرانلىق ئۈسكۈنە، تاختا كومپىيۇتېرغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى؛ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ مەخسۇس تونۇشتۇردى.
9. چەكمە كونترول نۇقتىسى چوڭايتىلدى
مەيلى Snap Group بولسۇن ياكى قايتىدىن لايىھەلەنگەن سىنبەلگە ياكى كونترول قىلىش دېتالى بولسۇن، چەكمە كونترول رايونىنىڭ كۆلىمىنى چوڭايتىپ، چېكىش مەشغۇلاتىنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرغان.

10. قول ئىشارىتى تېخىمۇ مول
Windows 11 غا Surface سېزىمچان تاختا كومپىيۇتېرنىڭ قول ئىشارىسى كىرگۈزۈلدى. كۆزنەكنى سۆرەش، چوڭايتىش ياكى كىچىكلىتىش، ئېكران بۆلۈش قاتارلىقلار تېخىمۇ ئاددىيلاشتى.

قەلەمدە يېزىش، سىزىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشىلاندى، تىتىرەش، ئاۋاز ئۈنۈمى بار.

مەۋھۇم كۇنۇپكا قايتا لايھىلىنىپ، كۆپ خىل ئۇسلۇبقا ئىگە قىلىندى. سىيرىپ كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاۋازلىق كىرگۈزۈشنى ئەلالاشتۇردى. ئاۋازلىق كىرگۈزۈشتە يەنە ئاپتوماتىك ھالدا تىنىش بەلگىلىرىنى قويالايدۇ، نۆۋەتتە قايسى تىللارنى قوللايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

11. Android ئەپلىرىنى ئىجرا قىلدۇرۇشقا بولىدۇ
Windows 11 دە Intel Bridge تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، Android ئەپلىرىنى X86 ئۈسكۈنىلىرىدە بىۋاستە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. (بۇرۇنقىدەك تەقلىدلىگۈچ ئەمەس؛ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىكروسوفت ئەپ دۇكىنىدىن دوۋيىننىڭ ئاندرويد نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىپ كۆرسەتتى)
Windows 11 دا ئاندرويد ئەپلىرىنى قوللايدىغان قىلىش، ئېنىقكى مىكروسوفتنىڭ ئالمىنىڭ M1 ئۆزىكى سەپلەنگەن macOS تا iOS ئەپنى ئىجرا قىلىشنى قوللايدىغان بولغانلىقىغا بولغان ئىنكاسىدۇر.
12. مىكروسوفت ئەپ دۇكىنىدىكى ئۆزگىرىش
Windows 11 دىكى مىكروسوفت ئەپ دۇكىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئەپ تۈرى ئىنتايىن مول. Android ئەپلىرى دەپ بىر تۈر يېڭىدىن قوشۇلدى.
ھەر خىل يۇمشاق دېتال، ئەپلەردىن باشقا يەنە ئويۇن، كىنو-فىلىملەرمۇ بار.
يۇمشاق دېتالدىن باشقا مىكروسوفت ئەپ دۇكىنىغا Microsoft Teams、Visual Studio、Disney+、Adobe Creative Cloud、Zoom ،Canva لارنىڭ مۇلازىمىتىمۇ كىرىۋاتىدۇ.
مىكروسوفت ئەپ دۇكىنىدا يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم ئۆزگەرتىش بولۇپ، ئاچقۇچىلارغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى بىر قەدەر چوڭ.
ئىجادىيەتچى ۋە ئاچقۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، مىكروسوفت كىرىمدىن پىرسەنت ئايرىش سىياسىتىنى تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاچقۇچىلار بۇ سودا ئەندىزىسىدە يۇمشاق دېتاللىرىنى مىكروسوفت دۇكىنىغا كىرگۈزۈپ، %100 پايدىسىنى ساقلاپ قالىدۇ، مىكروسوفت ھېچقانداق ھەق ئالمايدۇ. ئەلۋەتتە 85/15 پايدا بويىچە پىرسەنت ئايرىش ئەندىزىسىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ، يەنى مىكروسوفت %15 كە ئېرىشىدۇ.
13. ئويۇن جەھەتتىكى يېڭىلىق
ئويۇن ئىزچىل Windows نىڭ ئۇل تېشى. Windows 11 بىر قاتار ئۆتكۈر ئويۇن تېخنىكىسىنى ئېلىپ كېلىپ، PC نىڭ قاتتىق دېتال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بەردى.

DirectX12 Ultimate تېخنىكىسى ئويۇن ئوينىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى فرام نىسبىتى ھالىتىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ.
Xbox Series S/X دە قوللىنلغان DirectStorage (بىۋاسىتە ئۇلاپ ساقلاش) تېخنىكىسى ئىشلىتىلدى، ئويۇن CPU دىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، GPU غا بىۋاسىتە كىرگۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈكلىنىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلىدۇ.
Auto HDR نى يادروسىدىن قوللايدىغان قىلىنىپ، SDR دىنمۇ كەڭ رەڭ دائىرىسى ۋە تېخىمۇ جانلىق رەڭ بىلەن تەمىنلىدى.
Xbox Games Pass ئويۇن مۇشتەرى بولۇش مۇلازىمىتى بىۋاسىتە Windows 11 غا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئابۇنتلار ھەق تۆلەپ ئېچىپ، بىۋاسىتە PC تېرمىنالىدا Xbox ئويۇن ئامبىرىنى زىيارەت قىلسا بولىدۇ.
Windows 11 نى يېڭىلاش
ۋىندوۋس 10 غا ئوخشاش، Windows 11 مۇ Windows 7، Windows 8 ، Windows 10 لەرنى ھەقسىز ۋىندوۋس 11 گە كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.
يېڭىلاشقا بولىدىغان رەسمىي نۇسخىسى بۇ يىل ئاخىرىدا تارقىتىلىدۇ.
قاچىلاشتىكى تەلەپلەر:
بۇ قېتىم 32 بىتلىق ئۈسكۈنىلەردىن تولۇق ۋاز كەچتى.
Windows 11 نىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتتىق دېتال تەلىپى:
64 بىتلىق 1Gz لىق CPU
4G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ
64G لىق قاتتىق دېسكا، UEFI بىخەتەر قوزغىتىشنى قوللىشى كېرەك.
ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 9 دىيۇملۇق، 720p دىن يۇقىرى ئېكران.
#بىلىمدان
#بىلىمزار