Search This Blog

Tuesday, September 29, 2020

شام (ھىكمەتلىك مەسەل)

 

(شام ( ھىكمەتلىك مەسەل



   ﺗﯚﺕ ﺗﺎﻝ ﺷﺎﻡ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻛﯚﻳﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ؛ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻨﯩﯔ تىنىچلىقىدﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى


: ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﺷﺎﻡ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ

 ﻣﻪﻥ « تىنچلىق » بولىمەن، ھىچكىم ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩپ

ﺗﯘﺭﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﭼﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪي ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﺷﺎﻡ

. ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺋﯚﭼﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ


ئىككىنچى ﺷﺎﻡ ئېغىز ئاچتى: - ﻣﻪﻥ « ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ» ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮ مىنى ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ مېنىڭمۇ ﻳﯧﻨﯩﭗ تۇرىشىمنىڭ ﮪﺎﺟﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ، - ﺩﯦﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻰ ﺋﺎﺯﻻﭖ ﺋﯚﭼﯜﭖ

. ﻗﺎﻟﺪﻯ


ﺋﯜﭼﯩﻨچى ﺷﺎﻡ ﺋﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﺎﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯩﺮ ئۇھسىنىۋېتىپ  ﺗﯚﺗﯩﻨﺠﻰ ﺷﺎﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ: - ﻣﻪﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ. مىنىڭمۇ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﺩﻩﻙ ﻣﺎﺟﺎﻟﯩﻢ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﯕﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ قويغاچقا مەنمۇ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﻳﻮقاتتىم. ﺋﯘﻻﺭ ھەتتا ﺋﻪﯓ سۆيۈملۈك كىشىلىرىنىمۇ ﺳﯚﻳﯜﺷﻨﻰ ﺋﯘنتۇشتى،- دىدى ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ

. ﺋﯚﺗﻤﻪي ﺋﯚﭼﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ



ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ سىرىتتىن ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﻳﯜﮔﯜﺭەﭖ ﻛﯩﺮدى ﯞﻩ ﺋﯚﭼﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺷﺎﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ: - سېلەر ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﭼﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭ؟  سىلەر ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺸﯩﯖﻼﺭ كېرەكتىغۇ؟ سېلەرنى ﻛﯩﻢ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ؟ - ﺩىگىنىچە

. ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ

ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ تۆتىنچى ﺷﺎﻡ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ: - ﺑﺎﻻﻡ، ﻗﻮﺭﻗﻤﺎ !  ﻣﻪﻥ ﺋﯚﭼﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ئۇ ﺋﯜﭺ ﺷﺎﻣﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻻﻳﻤﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ

. ﺩىدى، 

ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﻣﯩﺪﻧﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﭼﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺗﺎﻝ ﺷﺎﻣﻨﻰ

. ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎندۇردى


 ! ! ! ئۈمىدلىك ياشاڭ 


. ئۈمىد چىرىغىڭىز باشقا يوقاتقانلىرىڭىزغا ئوت ياقالايدۇ 




—— ئەڭ ئېغىر يۈك

 ھىس قىلمايدىغان قەلىب بىلەن تەپەككۇر قىلمايدىغان

. مېڭىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتۇر




#بىلىمزار


Sunday, September 27, 2020

مارسقا چىقماقچى بولغان ئېلون ماسكنىڭ ھالقىما تىجارەت ئىدىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئىمپېرىيەسى

 مارسقا چىقماقچى بولغان ئېلون ماسكنىڭ ھالقىما تىجارەت ئىدىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئىمپېرىيەسى




تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، قىممىتى 2000 ياۋرو كېلىدىغان بىر ئاپتوموبىل، 100 ياۋرولۇق خاتىرە كومپيۇتېر ياكى 70 ياۋرولۇق iPhone ۋە ياكى نورمال باھادىن ئون ھەسسە ئەرزان ھەرقانداق مەھسۇلات بازارغا ئېقىپ كىرسە، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىدۇ. كىشىلەرنىڭ 2000 ياۋرولۇق ئاپتوموبىل ياكى 100 ياۋرولۇق خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ياكى 70 ياۋرولۇق iPhone غا بولغان ئېھتىياجىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. مانا بۇ ئېلون ماسكنىڭ 15 يىل ئىلگىرى 165 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قەدىر-قىممەت تەختىدە ئولتۇرغان چاغدىكى تەسەۋۋۇرى. نېمە دېمىكچى دېگەندە، كىشىلەر ئاپتۇموبىل، خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ئايفونغا ئوخشاشلا قاتتىق ھەۋەس قىلىدۇ، ئەمما باھاسى بۇنداق ئەرزان بولۇپ كەتسە، ئۇ چاغدا قانداق بولىدۇ؟


ئېلون ماسكنىڭ ھەممە كەسپى ئەڭ ئاددىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىقتىسادىي پرىنسىپ. ئۇنىڭ كارخانا قۇرۇشتىكى مەقسىتى يېڭى ئىش قىلماقچى ئەمەس، ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلماقچىمۇ ئەمەس، بەك جىق پۇل تېپىپ ئۆمۈرىنى راھەت-پاراغەتتە ئۆتكۈزۈشمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆز ئارزۇسىغا بويسۇنۇپ توغرا ئىشنى قىلماقچى.

ماسك ئەينى ۋاقىتتا PayPal غا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇنجى بايلىقىنى بەرپا قىلغان. 1999-يىلى ئۇ "X.com" نامىدىكى بىر شىركەتنى قۇرغان، بىراق ئۇ ناھايىتى تېزلا PayPal نىڭ قۇرغۇچىسى Confinity تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. شۇڭا پايپال 2002-يىلى eBay تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندا، ئېلون ماسكنىڭ قولىدىكى %11.7 پاي 165 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئايلانغان. 



ئېلون ماسك ئىزچىل ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان (ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە ئىنتېرنېتقىمۇ ئالاھىدە مۇھەببىتى بار). لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپوللو پىلانى باشلانغاندىن كېيىن، ئاممىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا بولغان قىزىقىشى ئىزچىل تۆۋەنلىدى. شۇڭا ماسك ئۆزىنىڭ يېڭى بايلىقى بىلەن راكېتا قويۇپ بېرىش پىلانىغا مەبلەغ سالغاندا، تەننەرخى زور، باھاسىمۇ بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەن ئىدى. بىراق، ماسك رۇسىيەنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىۋېلىپ بۇ تۈرنى تاماملىماقچى بولغاندا، ئەنئەنىۋى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش تۈرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىپ تاشلايدىغان پۇرسەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى بايقىدى.

ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، ئالەم بوشلۇقى بىلەن راكېتا قويۇپ بېرىش كارخانىلىرى بىر پولىمېر (توپلىغۇچى، يىغقۇچى، بىرىكتۈرگۈچى) بولۇپ، ئۇلار باشقا شىركەتلەردىن ماتور ۋە يول باشلاش سىستېمىسى ھەمدە باشقا خىلمۇ خىل زاپچاسلارنى سېتىۋېلىپ بىر مۇكەممەل راكېتا قۇراشتۇرىدۇ. لېكىن ئوخشاش بولمىغان بارلىق بىرىكمە دېتال تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭمۇ ئۆزىنىڭ بىرىكمە دېتال تەمىنلىگۈچىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ چىقىدۇ.



تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ تەمىنلىگۈچىسى ئۆزلىرىنىڭ ئېچىش ۋە ياساش تەننەرخىگە بەرداشلىق بېرىپلا قالماي، يەنە ئۆزلىرىنىڭ زاپچاسلىرىنى سېتىش ئارقىلىق پايدا ئېلىشى كېرەك، ئاندىن كېيىنكى زاپچاس ياساش سودىگىرىمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەك. بۇ، زاپچاسلارنىڭ راكېتا قۇراشتۇرۇش شىركىتىگە يېتىپ بارغاندا، باھاسىنىڭ تېخىمۇ قىممەتلەپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مانا بۇ راكېتا قويۇپ بېرىش چىقىمىنىڭ نېمىشقا شۇنچە قىممەت ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى.

راكېتا قۇراشتۇرۇش قىممەت بولۇپلا قالماي، قۇراشتۇرۇش شىركىتىمۇ غايەت زور تەننەرخ سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار ئەمەلىي خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ھەق بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنى بىرلىكتە SpaceX ئۈچۈن بازار باھاسىدىن %85 تۆۋەن بولغان زاپچاس ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.



ئەمدى تېسلاغا قايتىپ كەلسەك، تېسلانىڭ ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسى SpaceX نىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، تېسلا ئاپتوموبىل ياساش جەريانىدىكى 5300 زاپچاسنىڭ %80 نى ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەمما نۆۋەتتە، ئاپتوموبىلنىڭ باتارېيەسىدە باھا جەھەتتە رىقابەتلىشىش ناھايىتى تەس، چۈنكى باتارېيەنى تېسلادىن باشقا، پۈتۈن دۇنيادا پەقەت ئەڭ چوڭ ئۈچلا شىركەت ئىشلەپچىقىرالايدۇ: ئۇلار پاناسونىك، بىيادى ۋە LG، تېسلا بولسا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ %63 لىك بازار نىسبىتىنى ئىگىلىگەن. بۇرۇن تېسلا پاناسونىكتىن باتارېيە سېتىۋالغاندا ھەر كىلوۋات توكنىڭ تەننەرخى تەخمىنەن 200 ئامېرىكا دوللىرى بولغان، بۇ، تېسلانىڭ ئەڭ كىچىك باتارېيەلەر گۇرۇپپىسى 50 كىلوۋات بولۇپ، ماشىنا سېتىلغاندا زاپچاس تەننەرخىنىڭ 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قوشۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا ئۇنى 35 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاپتوموبىلغا ئورناتقاندا، تاپقىلى بولىدىغان پايدا ناھايىتى ئازلاپ كېتىدۇ. شۇڭا تېسلا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باتارېيە تەننەرخىنى %30 تۆۋەنلىتىشنى سىناق قىلىۋاتىدۇ: ئۇزاق مۇددەت پاناسونىك بىلەن شېرىكلىشىپ زاۋۇت قۇرۇش. ئەمما تېسلانىڭ نىشانى باتارېيە باھاسىنى ھەر كىلوۋاتىنى 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، يەنى 50 كىلوۋاتلىق باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ باھاسىنى 5000 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈرۈش.

ئەمما تېسلا بىلەن SpaceX نىڭ ۋېرتىكال توپلاشتۇرۇشى ئوخشىمايدۇ، تېسلا شىركىتى ئاساسەن بارلىق پايدىلىق تېخنىكىلار بىلەن ياساش جەريانىدىكى ھەر بىر باسقۇچنى ئىگىلىشى كېرەك. ئەگەر بىرەر خىزمەت ھالقىسى كەمچىل بولسا، تېسلا ئاپتوموبىل ياساشقا ئامالسىز قالىدۇ، مەسىلەن: تېسلانىڭ Model3 ئاپتۇموبىلى دەل مۇشۇ جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن.



SpaceX بىلەن تېسلانىڭ يەنە باشقا ئالاھىدىلىكى بار، يەنى ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئامېرىكىدا. شۇڭا نېمە ئۈچۈن ئىككى شىركەت بازاردىكى ئەمگەك كۈچى ئەڭ قىممەت مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىشكە تىرىشىدۇ؟ دۇنيادىكى بارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاسىيا ۋە ئافرىقا قاتارلىق ئەمگەك كۈچى تېخىمۇ ئەرزان بازارلارغا كۆچكەن، بولۇپمۇ  خىتاي، ۋېيتنام، ھىندىستانغا. بۇلارنى ئېلون ماسك ئۇيۇن قاتارىدا كۆرمىدى ياكى شۇنداق پۇزىتسىيەدە بولۇپ باقمىدى.



تېسلا ۋە SpaceX كە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانى شىركەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە ئەگىشىپ ياخشىلىنىۋاتىدۇ. تېسلانىڭ باش شىتابى پالوئالتو (كالىفورنېيە ئىشتاتى سان-فىرانسىسكو قولتۇقىدىكى بىر كىچىك شەھەر، كرېمنېي جىلغىسىدا) دا بولۇپ، ئۇلارنىڭ زاۋۇتى ئىشخانىسىنىڭ بىر نەچچە ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتا، بۇ يەردە تېخىمۇ ئەرزان بولغان ئادەم كۈچى تەننەرخىگە سېلىشتۇرغاندا، تەتقىقاتچىلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەھسۇلاتلارنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتەلەيدۇ. SpaceX ھەتتا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئىشخانىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئوخشاش بىر لەمپە ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، تېسلانىڭ زاۋۇتى يۈكسەك دەرىجىدە ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ھەمدە ئامېرىكا ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىك خادىملىرىغا تايىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش جەھەتتە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان.



ئامېرىكا بىرلەشمە قويۇپ بېرىش ئىتتىپاقى (ULA) ئەزەلدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سودا توختىمى تۈزۈپ، بىر راكېتا قويۇپ بېرىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن 400 مىليون دوللاردىن ئارتۇق قويۇپ بېرىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر مىليۇن دوللار ھەربىي سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. SpaceX نىڭ خىراجىتى 80 مىليۇن دوللار بولۇپ، ULA باھاسىنىڭ بەشتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.



ئەمما مۇھىمى، ئېلون ماسك بۇ چىقىمنى ياكى خىراجەتنى ULA نىڭ ئوندىن بىرىگە چۈشۈرمەكچى.

قارچىغا 9-ناملىق راكېتا (SpaceX لايىھەلەپ ۋە ياساپ قويۇپ بەرگەن) نى ھەر قېتىم قويۇپ بېرىشكە پەقەت 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كېتىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر غەيرىي ئامىلسىز قويۇپ بېرىش چىقىمى، ھەقىقىي باھا ياكى چىقىم راكېتانىڭ ئۆزىدە، بۇمۇ نېمە ئۈچۈن SpaceX نىڭ راكېتانى تەكرار ئىشلىتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.



بىرىنچى باسقۇچىدىكى راكېتا لايىھەسى بولسا ئۇنى يەرگە قوندۇرۇپ يىغىۋالغىلى بولىدىغان ھەمدە نەچچە ئون قېتىم قويۇپ بەرگىلى بولىدىغان قىلىش. ناۋادا بۇ سىستېما ئىشەنچىلىك بولسا، راكېتانىڭ تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، قويۇپ بېرىش چىقىمى 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، ULA قويۇپ بەرگەن ھەربىي راكېتانىڭ چىقىمىدىن 10 ھەسسە ئەرزان. SpaceX نىڭ تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانى ھەر بىر راكېتانىڭ قويۇپ بېرىش چىقىمىنى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىغا چۈشۈرۈش.

گەرچە بۇ شىركەت ئالەم قاتنىشى سانائىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق ئەرزان قويۇپ بېرىش چىقىمى ئالەم بوشلۇقىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى كۆپىيىدۇ، سودا سۈنئىي ھەمراھلىرى ئالەم بوشلۇقىغا كۆپلەپ قويۇپ بېرىلىدۇ، ئالەم بوشلۇقى بىلەن يەر شارىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن زىچ بولىدۇ.



ئەمما SpaceX تە ھەقىقەتەن بىر مەسىلە بار، قويۇپ بېرىش چىقىمى تۆۋەنلىگەن تەقدىردىمۇ، پۇقرالار راكېتانى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ قويۇپ بەرمەيدۇ-دە، بۇ دەل ئاتالمىش باھا ئېلاستىكىلىقى يوق بازار.

بۇ تېسلا ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، تېسلادا باھانىڭ تۆۋەنلىشى سېتىش سوممىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالەمگە قويۇپ بېرىش بازىرىدىكى مەسىلە شۇكى، ئۇ ئىستېمال بازىرى ئەمەس، ئادەتتىكى كىشىلەر راكېتا سېتىۋالالمايدۇ، راكېتا سېتىۋالىدىغان ھۆكۈمەت باھانىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ تەدبىر بەلگىلىگۈچىنىڭ پۇلى ئەمەس. ئېلون ماسكنىڭ ھاياتلىق نىشانى بولسا ئىنسانلارنى مارسقا ئېلىپ كىرىش، مانا بۇ SpaceX مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۆپ پۇل بولغاندىلا ئاندىن قىلغىلى بولىدىغان ئىش. شۇڭا ئېلون ماسك پۇل تېپىشى كېرەك، تاپقاندىمۇ غايەت زور پۇل تېپىشى كېرەك.


شۇنىڭ ئۈچۈن SpaceX ئالاقە تورى كەسپىگە قەدەم قويماقتا، بۇ شىركەت يۇقىرى سۈرئەتلىك سىمسىز سىگنال بىلەن تەمىنلەيدىغان سۈنئىي ھەمراھنى پائال ئېچىپ، ئالاقە تورىنىڭ يەرشارىنىڭ ھەرقانداق يېرىگە ئۇلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا. ئەگەر SpaceX ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت رايونىدىكى 7 مىليارد نوپۇس ئىچىدىن 50 مىليون SpaceX ئابۇنتىغا ئېرىشەلسە ، بۇ كەسىپ ھەر يىلى ئېلون ماسكقا 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىرىم ئېلىپ كېلەلىشى مۇمكىن. SpaceX سۈنئىي ھەمراھنى ئۆزى ياسايدىغان ۋە ئۆزى قويۇپ بېرىدىغان بولغاچقا، تەننەرخى رىقابەتچىسىنىڭكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەن.


ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، SpaceX نىڭ بۇ سودا تۈرى ماسكنىڭ كەلگۈسى ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى چوڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان تۈر ھېسابلىنىدۇ. SpaceX تېسلاغا ئوخشاش پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت ئەمەس، ئېلون ماسنىڭ SpaceX دىن پايدىلىنىپ پۇل تاپقۇسى يوق، ئۇنىڭ مارسقا بارغۇسى بار، ئۇنىڭ ئالەمگە ساياھەت قىلغۇسى ۋە تېخىمۇ يېراق ئالەم توغرىسىدا ئىزدەنگۈسى بار. ئۇ پايچىكلار ۋە پايدا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇشنى خالىمايدۇ، شۇڭا ماسك ئاشكارا ھالدا: كارخانىچىلار ئىقتىسادنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ياردەم بەرمىگۈچە، ھەمدە ھەر قايسى شىركەتلەر مارسقا قەرەللىك بېرىپ ـ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى قانات يايدۇرمىغۇچە بۇ ئىشلارنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ، شۇندىلا SpaceX ئاندىن ئاممىغا يۈزلىنىدۇ.

مانا بۇ رېئالىقتىكى رىۋايەتلىك "پولات پالۋان" ئېلون ماسكنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ھالقىما تىجارەت ئىدىيەسى ۋە ئۇ قۇرۇپ چىققان ھەم قۇرۇۋاتقان ئىقتىسادى ئىمپېرىيەسى.


#بىلىمزار


كەلگۈسى ئالىي مەدەنىيەتكە يېتىشتىكى ئۈچ خىل ئېنېرگىيە مەنبەسى

 

كەلگۈسى ئالىي مەدەنىيەتكە يېتىشتىكى ئۈچ خىل ئېنېرگىيە مەنبەسى



ئېنېرگىيەنىڭ بىر مەدەنىيەتتىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىنسانلار 1-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، دەسلەپتە پار ئېنېرگىيەسى، كېيىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە يەنە بىر قېتىم ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئېينىشتىيىن ماسسا-ئېنېرگىيە فورمۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشقا ئاساس سالدى. فانتازىيەلىك ھېكايىلەردە ئېيتىلىشىچە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ھازىر تېخى 1-دەرىجىلىك مەدەنىيەتمۇ ھېسابلانمايدىكەن، شۇڭا تۆۋەن دەرىجىلىك مەدەنىيەتلەر ئانا يۇلتۇز ئېنېرگىيەسىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى نىشان قىلىشى كېرەككەن.


بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئېنېرگىيەسىدىن تولۇق پايدىلىنىش يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت بەلگىلىرىنىڭ بىرى، مەدەنىيەت دەرىجىسىدىن قارىغاندا ئەلئېھرامنى بەرپا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك مەدەنىيەتنىڭ قۇدرەتلىك ئەمەلىي كۈچىنى بىز ئويلاپ يېتەلمەيمىز. ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك ئەمەستەك كۆرىنىدۇ. بەزى ئالىملار ئىنسانلار مۇنداق ئۈچ خىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن مەدەنىيەت دەرىجىسىنى تېز ئۆستۈرەلەيدۇ، ئالىي دەرىجىلىك مەدەنىيەتكە يېتىشتىنمۇ ئۈمىد تۇغۇلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۈچ خىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسى مۇنۇلار:


 



كونترول قىلغىلى بولىدىغان يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسى

كۆمۈر، نېفىت، تەبئىي گاز قاتارلىق تاشقاتما ئېنېرگىيەنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېچىلىپ بولدى، قايتا ھاسىل بولمايدىغان بۇ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بەك ئۇزۇنغا بارماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ئەمدى ئىنسانلار بۆسۈش ھاسىل قىلالايدىغان يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى تېپىشى كېرەك، يادرو يىغىلىش رېئاكسىيىسىنى كونترول قىلىش نۇرغۇن ئالىم ھەم دۆلەتلەرنىڭ نىشانى. يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: يادرو پارچىلىنىش ۋە يادرو يىغىلىش، ئالدىنقىسىنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى بىز كۆرۈپ يەتتۇق. ئاتوم بومبىسى قاتارلىق قىرغىن قىلىش كۈچى زور يادرو قوراللىرىدىن پايدىلانغىنى يادرو پارچىلىنىشى، ئۇنىڭ سەلبىي رولى يادرو رادىياتسىيەسى ئېلىپ كېلىدۇ. يادرو رادىياتسىيەسىنى يوقىتىش تەس، ياپونىيەنىڭ خىروشىما بىلەن ناگاساكىدا ھازىرغىچە يادرو رادىياتسىيەسى قالدۇقلىرى بار.


يادرونىڭ پارچىلىنىشىغا قارىغاندا يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسى كۆپ ياخشى بولىدۇ، قۇياشنىڭ ئېنېرگىيەسى دەل يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسىدىن كېلىدۇ. ھىدروگېن ئېلېمېنتى يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى بولۇپ، يەر شارىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئالەمدە تېخىمۇ شۇنداق. يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسىنىڭ "ئۈچ ئېغىر ھەجىم" پىرىنسىپى بىزدىن كۆپ مىقداردا ھىدروگېن تەييارلاش ئىقتىدارىنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنە دەسلەپكى ئېنېرگىيە بىلەن كەڭ كۆلەمدە تەمىنلەش ئىقتىدارىمۇ بار، ئەڭ مۇھىمى چەكلەش ئۈسكۈنىسى، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىچى-سىرتىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە خېلى ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، ئالىملار نۆۋەتتە "ئېلېكتر ماگنىت چەكلىمىسى" دىن ئىبارەت قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتمەكتە. ئېلېكتىر ماگنىت چەكلىمىسى ھىدروگېن ئىزوتوپىنىڭ ئاتوم يادروسىنى بەلگىلىك بوشلۇقتا چەكلەپ، ئۇنىڭ ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. قىسقىسى، ئەگەر يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسىنى ھەقىقىي كونترول قىلغىلى بولسا، بىزنىڭ سانائەت سەۋىيەرىمىز يەنە بىر قانچە مەدەنىيەت دەرىجىسىدىن ھالقىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ دەرىجىسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئېلىمىز يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى تەتقىقاتى ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى، سۈنئىي قۇياشنىڭ بارلىققا كېلىشى بۇنىڭ ئىسپاتى.

 



ئانتى ماددىي ئېنېرگىيە مەنبەسى

ماددا ئاساسىي زەرىچىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئاساسىي زەرىچىلەر مۇسبەت، مەنپىي دەپ ئايرىلىدۇ، ماددىمۇ مۇسبەت ۋە مەنپىي دەپ ئايرىلىدۇ. ئېلېكترون مەنپىي زەرەتلىك، ئانتى (تەتۈر، قارشى) ئېلېكترون بولسا مۇسبەت زەرەتلىك. پروتون مۇسبەت زەرەتلىك، ئانتى پروتون مەنپىي زەرەتلىك بولىدۇ، ئانتى ئېلېكتىرون ۋە ئانتى پروتون ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئانتى ماددىغا تەۋە. ئالىملار زەررىچە تېزلەتكۈچ ئارقىلىق زەررىچە بىلەن ئانتى ماددا زەررىچىسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ، بۇ ئىككىسى سوقۇلغاندىن كېيىن، يوقىلىش (گۆمۈرۈلۈش) رېئاكسىيىسى يۈزبېرىپ، گامما نۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ.


پەقەت بىر گىرام ئانتى ماددا بولسىلا، ئۇنىڭ يوقىلىش رېئاكسىيەسىدە پارتىلاپ چىققان ئېنېرگىيەسى يادرو قورالىغا قارىغاندا، كىچىكراق بىر شەھەرنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە يېتىدۇ. ھازىرقى قىيىن نۇقتا تەبىئەت دۇنياسىدىن ئانتى ماددىلارنى قانداق ئىزدەشتە، نۆۋەتتە ئالىملار ئىگە بولغان ئانتى ماددىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار تەجرىبىخانىدا ئىنتايىن ئاز مىقداردا سۈنئىي ياساپ چىققان.


ئالىملارمۇ ئانتى ماددىلارنى ئۇزاق ساقلاشقا ئامالسىز، تەجرىبىخانىدىكى ئانتى ماددىلار ياساپ چىقىلغاندىن كېيىن، ھاۋادا بىر سېكۇنتمۇ "ياشىيالمايدۇ". ھازىرغىچە ئۇنى ساقلايدىغان مۇۋاپىق "قاچا" تېپىلمىدى، ئانتى ماددىي ئېنېرگىيە تەتقىقاتى ئۇزاق مۇددەت دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇشى مۇمكىن. كونترول قىلغىلى بولىدىغان يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسىنىڭ ئېنېرگىيەسى ھەقىقەتەن چوڭ، ئەمما يەنىلا ئانتى ماددا ئېنېرگىيەسىگە يەتمەيدۇ.

 



قاراڭغۇ (غۇۋا، تۇتۇق) ماددا ئېنېرگىيە مەنبەسى

ئالەمنىڭ ھەممە يېرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان غەلىتە شەيئى بولغان قاراڭغۇ ماددىنى ئالەمنىڭ "كۆرۈنمەس خوجايىنى" دېيىشكە بولىدۇ. تارتىش كۈچى لىنزا ئېففېكتى ۋە مىكرو دولقۇن ئارقا كۆرۈنۈش رادىياتسىيەسى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، قاراڭغۇ ماددا بەزى ئاجىز ئۆزارا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماسسىسىغا ئىگە زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، نېيترال زەررىچە بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار مەيلى مۇسبەت زەرەت بولسۇن ياكى مەنپىي زەرەت بولسۇن ئېلېكتىر خۇسۇسىيىتى ئىپادىلىمەيدۇ. ئەپسۇسكى، بۇنداق تۈزۈلۈش قاراڭغۇ ماددىنى ئىگىلەشنىڭ تەسلىكىنى بەلگىلىگەن، ھەرقانچە ئالىي مەدەنىيەتنىڭمۇ بۇنداق قىلالىشى ناتايىن.



ئۇنىڭدىن باشقا، قاراڭغۇ ماددا يەنە ئوق زەررىچىسى تىن تۈزۈلۈشى مۇمكىن، بۇ خىل زەررىچە ئالەم تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە، ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. نەزەرىيەنىڭ دەلىللەنمەسلىكى بىزنىڭ قاراڭغۇ ماددىغا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، قاراڭغۇ ماددىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى ھازىرچە يەتكىلى بولمايدىغان چۈش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.


#بىلىمزار