Search This Blog

Sunday, March 22, 2020

ئېينىشتىيىننىڭ پەرىزى ئىسپاتلاندى

ئېينىشتىيىننىڭ پەرىزى ئىسپاتلاندى



سۈرەتتىكىسى قوش يۇلتۇز سىستېمىسى
 PSR J1141- 6545
 ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز ئايلىنىۋاتقان ئاق 
پەتەك يۇلتۇز پەيدا قىلغان پايدىلىنىش سىستېمىسى سۆرەش ھادىسىسىنىڭ ئۇقۇم رەسىمى

بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ۋاقىت ـ بوشلۇقنىڭ بىر ئۆلۈك تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىش ئۇسۇلى ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك مۆلچەرىنى دەلىللىگەن.
  
ئېينشتېين ئىلگىرى "پايدىلىنىش سىستېمىسىنىڭ سۆرىشى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھادىسىنى ئالدىن ھۆكۈم قىلغان، يەنى ۋاقىت بوشلۇق بولسا ئۈزلۈكسىز ئايلىنىۋاتقان چوڭ ماسسىلىق جىسىمنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، دەپ قارىغان.خۇددى يەر شارىنى ھەسەلگە چىلىغاندا يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەتراپتىكى ھەسەللەرمۇ يەرشارىغا ئەگىشىپ ئايلانغاندەك.


سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئىشلەنگەن تەجرىبىدە يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان تارتىش كۈچى مەيدانىدا "پايدىلىنىش سىستېمىسىنىڭ سۆرىشى" ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ چىقتى، لېكىن بۇ خىل ئېففېكت ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئۆلچەش ناھايىتى تەس.ئاق پەتەك يۇلتۇز ۋە نېيترون يۇلتۇز قاتارلىق ماسسىسى تېخىمۇ چوڭ، تارتىش كۈچى مەيدانى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەتراپىدا، بۇ خىل ھادىسىنى كۆزىتىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولۇشى كېرەك.
  
ئالىملار نىشاننى 
PSR J1141-  6545، 
غا قارىتىپ، ماسسىسى تەخمىنەن قۇياشنىڭكى1.27 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان ياش ئىمپۇلس يۇلتۇزىغا قاراتتى.
ئۇ چىۋىن يۇلتۇز تۈركۈمىگە جايلاشقان بولۇپ، داڭلىق جەنۇبىي كرېست يۇلتۇز تۈركۈمىگە يېقىن، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 10 مىڭدىن 25 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ.
  
 ئىمپۇلس يۇلتۇزى بىر خىل تېز ئايلىنىدىغان نېيترون يۇلتۇز بولۇپ، ماگنىت قۇتۇپى يۆنىلىشىنى بويلاپ سىرتقا ئېلېكتىر دولقۇنى تارقىتىدۇ.( نېيتىرون يۇلتۇزى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشى قاتارلىق كۈچلۈك تەسىرى ئىچىدە ئۆلگەندىن كېيىن قېپقالغان قالدۇق سۆڭىكى بولۇپ، ئۇنىڭ تارتىش كۈچى ئىنتايىن زور،يىتەرلىك دەرىجىدىكى پروتون بىلەن ئېلېكتىروننى بىر يەرگە قىستاپ، نېيتىرون ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. )

ئىمپۇلس يۇلتۇز 
PSR J1141- 6545
 ماسسىسى قۇياش بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ئاق پەتەك يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ.ئاق پەتەك يۇلتۇز ئوتتۇرا ھەجىمدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ ئۆلگەندىن كېيىن قالدۇرغان ئىچكى يادرو قىسمى بولۇپ، زىچلىقى ئىنتايىن چوڭ، ھەجىمى يەر شارى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ.
بىزنىڭ قۇياشىمىزمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ، سامانيولى سىستېمىسىدىكى 90% تىن ئارتۇق تۇرغۇن يۇلتۇزمۇ شۇنداق بولىدۇ.  

بۇ ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭ ئاق پەتەك يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان ئوربىتىسى ئىنتايىن قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايلىنىش سۈرئىتى سائىتىگە 1 مىليون كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بەش سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا بىر قېتىم ئايلىنىپ بولىدۇ.ئوربىتىنىڭ ئاق پەتەك يۇلتۇز بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، ئارىلىقى ئەڭ چوڭ يېرى قۇياش دىيامېتىرىدىن سەل چوڭراق. 

ئۆتكەن 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، تەتقىقاتچىلار ئىزچىل ئاۋسترالىيەنىڭ پاكىس رەسەتخانىسى ۋە 
UTMOST 
رادىئو تېلېسكوپىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئىمپۇلس يۇلتۇزى چىقارغان ئىمپۇلسنىڭ يەر شارىغا يېتىپ بېرىش ۋاقتىنى ئۆلچەپ چىققان بولۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسى 100 مىكرو سېكۇنت ئىچىدە ئىكەن.ئۇلار بۇ ئارقىلىق بۇ ئىمپۇلس يۇلتۇزى بىلەن ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ بىر ـ بىرىنى چۆرىدەپ ئايلىنىش ئۇسۇلىدا ئۇزۇن مۇددەت ئېغىش يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىدى.  

باشقا مۇمكىنچىلىك سەۋەبلىرىنى چىقىرىپ 
تاشلىغاندىن كېيىن، ئالىملار خۇلاسىلەپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ھادىسىنى پايدىلىنىش سىستېمىسىنىڭ سۆرەش ئېففېكتى كەلتۈرۈپ چىقارغان: تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان ئاق پەتەك يۇلتۇز ۋاقىت ـ بوشلۇقتا سۆرەش رولىنى پەيدا قىلىپ، پۇلسار ئوربىتىسىنىڭ يۆنىلىشىدە ئاستا ـ ئاستا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان.پايدىلىنىش سىستېمىسىنىڭ سۆرەش دەرىجىسىگە ئاساسەن، تەتقىقاتچىلار بۇ ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ سائىتىگە ئوق سىزىقىنى چۆرىدەپ 30 قېتىم ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ شەكىللىنىش ۋاقتى ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭكىدىن بالدۇر ئىكەن.بۇ نەزەرىيە مودېلىنىڭ مۆلچەرىچە، ئىمپۇلس يۇلتۇزىنى شەكىللەندۈرگەن شۇ قېتىمقى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلاشتىن بۇرۇن، بۇ ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭ ئالدىنقى گەۋدىسى تەخمىنەن 160 مىليون يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئاق پەتەك يۇلتۇزغا يەر شارىغا ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى 20 مىڭ ماددىنى تۆكۈپ، ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن.  

PSR J1141- 6545
 سىستېمىسى ئىچىدە، ئىمپۇلس يۇلتۇزى ئاق پەتەك يۇلتۇزدىن ياش بولۇپ، بۇنداق سىستېما خېلى ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ قېتىمقى يېڭى تەتقىقات تەخمىنەن 20 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ خىلدىكى قوش يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدىكى قىياسنى ئىسپاتلاندى.  
تەتقىقاتچىلار پايدىلىنىش سىستېمىسىنىڭ سۆرەش ھادىسىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشۇ ئۈزلۈكسىز ئايلىنىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەنگەن.
كەلگۈسىدە ئۇلار يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ قوش نېيترون يۇلتۇز سىستېمىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنەلەيدۇ. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بىز قوش نېيترون يۇلتۇزى سىستېمىسىنى كۆزەتكىلى 50 نەچچە يىل بولدى، لېكىن تەكشۈرۈشنىڭ يەنىلا باش ـ ئايىغى يوق، نېيترون يۇلتۇزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماددىلارنىڭ زىچلىقى تەجرىبىخانىدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان زىچلىقتىن خېلىلا يۇقىرى، شۇڭا ئەگەر بۇ تېخنىكىنى قوش نېيترون يۇلتۇزى سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلەتسەك، بىز چوقۇم نۇرغۇن يېپيېڭى فىزىكىلىق بىلىملەرنى ئۆگىنەلەيمىز.
#bilimdan   #bilimzar 

Thursday, March 19, 2020

«ئالما» دىن يېڭىلىق كەلدى





ئالما شىركىتى تۆنۈگۈن كەچتە يېڭى ئەۋلاد iPad Pro ئېلان قىلدى.
بۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئىلغار، شۇنداقلا كومپىيۇتېرغا ئەڭ ئوخشايدىغان ئايپەد


ئالدىنقى ئەۋلاد iPad Pro ئېلان قىلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىنكى مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل يېڭى iPad نىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن باشقا، يەنە iPhone 11 نىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېراسىنى سەپلىگەن. يېڭىدىن قوشۇلغان سېزىمچان تاختا iPad نى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان كومپيۇتېرغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. 
تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ئالدىنقى ئەۋلاد بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئالدىدىن قارىغاندا ئىككىسىنى پەرقلەندۈرۈش تەس.
يېڭى iPad Pro  داۋاملىق 11 دىيۇم ۋە 12.9 دىيۇملۇق چوڭلۇقنى ساقلاپ قالغان. رەڭگى ئاق ۋە قارا ئىككى خىل.

ئېكرانغا  Liquid كۆرۈش تور پەردىسى ئېكرانى سەپلىگەن بولۇپ، PPI قىممىتى 264 كە يىتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى يورۇقلۇق دەرىجىسى 600 نېت، ئېكران يېڭىلاش چاستوتىسى 120Hz ، سىستېمىسىدا ProMotion تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مۇھىتقا ئاساسەن ئاپتوماتىك تەڭشەپ، توكىنىڭ 10 سائەت يىتىشگە كاپالەتلىك قىلغان. 

بۇ ئايپەدكە 64 بىتلىق A12Z بىئونىك ئۆزەك ۋە M12 بىر تەرەپ قىلغۇچنى يەرلىك SoC بىرىكمىسى قىلىپ ئىشلەتكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، 8 يادرولۇق گرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچ قوشۇلغان بولۇپ، يېڭى iPad Pro نى 4K لىق سىن تەھرىرلەش ، 3D گرافىك لايىھىلەش ، AR ئىقتىدارى ۋە كەلگۈسىدىكى كەسپىي سەۋىيىلىك پروگرامما مەشغۇلاتىدا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.

تور جەھەتتە ، يېڭى iPad Pro نىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى  %60 كە يېقىن ئاشقان ، گەرچە Sim كارتا سېلىندىغان كۆچمە نۇسخىسى پەقەت 4G تورىنىلا قوللىسىمۇ، ئەمما ئۇ تېخىمۇ كۆپ چاستوتا بۆلىكىنى قوللايدۇ. ئىسسىقلىق تارقىتىش مىقدارى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان رامكا ئىشلەتكەن.
بۇ سەپلىمە بىلەن يېڭى iPad Pro خېلى كۆپ خاتىرە كومپىيۇتېرنى كەينىگە تاشلىۋېتىدۇ.
بۇ تەپسىلاتلار يېڭى iPad Pro نى كومپىيۇتېرغا تېخىمۇ ئوخشىتىدۇ.
يېڭى iPad Pro كەسپىي ئېھتىياجىغا ماسلاشقاندىن باشقا، بىز بىۋاستە كۆرەلمەيدىغان كىچىك ھالقىلار ئۇنى تېخىمۇ كەسپىي قىلىۋەتتى. مەسىلەن: مىكروفون


يېڭى iPad Pro دا 5 مىكرافون سەپلەنگەن.  ئىلگىرى بۇ 5 مىكرافوننىڭ ئانچە چوڭ رولى يوقتەك بىلىنەتتى، يانفۇندا ئۈنگە ئالىدىغان ئېھتىياج ئەسلىدىلا ئاز، iPad ئارقىلىق ئۈنگە ئېلىشنى دېمەيلا قويايلى. 

ھالبۇكى، ئۆيدە ئىش بېجىرگەندىن كېيىن، بارغانسېرى مىكروفوننىڭ ئاۋاز ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىملىقى بىلىنىدۇ، مەسىلەن، تور يىغىنى، توردا دەرس ئۆتۈشكە تېخىمۇ ئېنىق ئاۋاز لازىم بولىدۇ. ۋىدېئوغا ئاۋاز بەرگەندە تېخىمۇ ستېرېئولۇق، تىنچ ئاۋاز ئېلىش ئۈنۈمى بولۇشى كېرەك، بەش مىكروفون بۇ ئېھتىياج ئۈچۈن تەييارلانغان. 
ئالما شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بىر بۆلەك سىن ئېلىش ئۈچۈن فوتو ئاپپارات ۋە ئۈن ئېلىش قورالى تەييارلاشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بىر دانە iPad Pro بولسىلا، سۈرەتكە ئېلىش ۋە ئۈن ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئېھتىياجنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ.

دائىم iPad تا خەت باسىدىغانلارغا نىسبەتەن، بۇ قېتىم يېڭىلانغان كۇنۇپكا تاختىسى يارقىن نۇقتا.  ئالمىنىڭ بۇ يېڭى iPad كە «كومپىيۇتېر» دەپ ئېنىقلىما بېرىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇ.
ئالما ئاخىرى Mac كونترول كۇنۇپكا تاختىسىنى iPad قا ئىشلەتتى، بۇنىڭ بىلەن خەت بېسىش، تېزلەتمە كۇنۇپكا جەھەتتىكى ئاۋارىچىلىقلار ھەل بولدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يېڭىدىن سىزىمچان كونترول تاختىسى قوشۇلدى

گەرچە بۇ سېزىمچان تاختا ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، iPad Pro ئىشلەتكۈچىلەرنى بارمىقى بىلەن Excel جەدۋىلىنى بېسىش ئاۋارىچىلىقىدىن خالاس قىلىدۇ. ئالما شىركىتى يەنە iOS13.4 نىڭ iPad OS سىستېمىسىدا سېزىمچان تاختىلىق نۇر بەلگە، قول ئىشارىتى ئارقىلىق كونترول قىلىشنى كۆپەيتىپ، MacBook نىڭ مەشغۇلاتىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان.  

كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئايلىنىش ئوقىغا بىرUSB-C ئۇلاش ئېغىزى قوشۇلغان، بۇ ئۇلاش ئېغىزىنىڭ رولى بولسا، iPad Pro باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئۇلىغاندا، توك بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن، جىددىي ۋاقىتتا iPhone غا توك قاچىلايدۇ.

كامېرا جەھەتتە 12 مىليون پىكسېللىق ئاساسىي كامېرادىن باشقا يەنە بىر 10 مىليون پىكسېللىق كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا قوشۇلغان. 
ئىككى كامېرانىڭ يېنىدا بىر يوشۇرۇن سېنزور بار. بۇ سېنزور لازېر نۇرلۇق رادار (LiDAR) سىكانېرى؛ بۇ لازىر نۇرلۇق رادار سىكانىر iPad Pro نىڭ AR ئۆلچەش-سىزىش ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى. 

بۇ لازىر نۇرلۇق رادار سكاننېرنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى dToF نىڭ ئۇچۇش ۋاقتى پىرىنسىپى ئارقىلىق ئۆلچەپ سىزىدۇ، قايتىپ كەلگەن نۇرنى ھىساپلاش ئارقىلىق، سكاننېر ئالدىدىكى جىسىمنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشىپ، جىسىمنىڭ 3D مودېلىنى ھاسىللاپ، AR كۆرۈنۈشنى ئابونتلارنىڭ ئالدىدا نامايەن قىلىدۇ. 
بۇمۇ ئالما شىركىتىنىڭ كەلگۈسى 1-2 يىلدىكى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قىلغان تەييارلىقى.


ئالما شىركىتى ئالدىنقى قېتىم ئايپەدنىڭ سىستىمىسنىڭ نامىنى iPad OS قا ئۆزگەرتكەندىن باشلاپ تورغا چىقىش، كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلغان iPad مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش قورالىغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇ نۇقتا بۇ يېڭى ئايپەدتە تېىخىمۇ ئىپادىلەندى. قوش كامېرا، بەش مىكروفون ئۈن-سىن ئېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ A12Z نىڭ كۈچەيتىلگەن گىرافىك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى  4K فىلىم ئىشلەش، لايىھەلەش ئىشلىرىنى تېخىمۇ قولايلىق قىلىدۇ. لازىر نۇرلۇق رادار سكاننېر AR ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن، 3D لايىھەنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. چەكمە كونترول كۇنۇپكا تاختىسى ئىشخانا ئىشلىرىدا باشقا كومپىيۇتېرغا ھاجەت قىلمايدۇ.

بۇ يېڭى ئايپەدنىڭ 64GB سىغىمدىكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان؛ ئەڭ چوڭ سىغىمدىكىسى 1TB

 
11 دىيۇملۇق  iPad Pro نىڭ باھاسى:
128GB سىغىملىق WiFi نۇسخىسى 880 دوللار، WiFi+ 4G نۇسخىسى 1050 
دوللار
256GB سىغىملىق WiFi نۇسخىسى 990 
دوللار، WiFi+ 4G نۇسخىسى 1160 دوللار
512GB سىغىملىق WiFi نۇسخىسى 1200 
دوللار، WiFi+ 4G نۇسخىسى 1380 دوللار
1TB سىغىملىق WiFi نۇسخىسى 1400 
دوللار، WiFi+ 4G نۇسخىسى 1600دوللار

12.9 دىيۇملۇق  iPad Pro نىڭ باھاسى:
128GB سىغىملىق WiFi نۇسخىسى 1111 
دوللار، WiFi+ 4G نۇسخىسى 1280 دوللار
256GB سىغىملىق WiFi نۇسخىسى 1220 
دوللار، WiFi+ 4G نۇسخىسى 1399 دوللار
512GB سىغىملىق WiFi نۇسخىسى 1449 
دوللار، WiFi+ 4G نۇسخىسى 1600 دوللار
1TB سىغىملىق WiFi نۇسخىسى 1680 
دوللار، WiFi+ 4G نۇسخىسى 1849 دوللار

چەكمە كونترول كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ 11 دىيۇملۇقى 339 
دوللار، 12.9 دىيۇملۇقى 380 دوللار.

#بىلىمدان   #بىلىمزار


Wednesday, March 18, 2020

كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئەپچىل قوللىنىشلار

كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئەپچىل قوللىنىشلار




1. Ctrl + A ھەممىنى تاللاش
2.  Ctrl + B  ساقلىغۇچنى رەتلەش
3. Ctrl + C كۆچۈرۈش
4.Ctrl + O  كۆزنەكنى ئىچىش
5. Ctrl + F  ئىزدەش
6. Ctrl+ D   ھۆججەت يۇيۇش بۇيرۇقى
7. Ctrl + H   بۇرۇنقى ھۆججەتنى ئىچىش(ۋورد)
8. Ctrl + I  ساقلىغۇچنى ئىچىش
9. Ctrl + K ۋوردقا تور  ئادىرىسى قوشۇش
10. Ctrl + M  توربەتتە  شۇ بەتنى ساقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ ، ۋوردتا تەڭشەك رولىنى ئۆتەيدۇ
11. Ctrl + N  يىڭى كۆزنەكنى ئىچىش
12. Ctrl + S  ساقلاش
13. Ctrl+U  ۋوردتا  تاللىغان مەزمۇننىڭ ئاستىغا سىزىقچە قوشۇش
14. Ctrl + V   چاپلاش
15. Ctrl + W   ئىشلىتىۋاتقان كۆزنەكنى تاقاش
16. Ctrl + X  كېسىش
17. Ctrl + Y  ئالدىنقى ھالەتكە قايتۇرۇش
18.Ctrl + Z  ئالدىنقى بۇيرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش
19. F1   ياردەم
20. F2  قايتا ناملاش
21. F3   ئىزدەش بۇيرۇقى
22. F4  كۆرگۈچ ئادىرسىنى چىقىرىش (توربەت ، مېنىڭ كومپىيۇتۇرۇم قاتارلىقلاردا ئىشلەيدۇ)
23. F5  يىڭىلاش
24. Windows   مۇندەرىجىنى ئىچىش
25. Windows+D  ئىكرانغا قايتىش
26. WIN+ U  باشقۇرۇش كۆزنىكىنى ئىچىش
27. Windows+F   بارلىق ھۆججەتنى ئىزدەش
28. Windows+L   ئابونت يۆتكەش  
29.  Windows+M   كۆزنەكنى كىچىك ھالەتكە ئايلاندۇرۇش
30.Alt + Enter   ئىكراننى چوڭ ھالەتكە ئايلاندۇرۇش   
31. Alt + F4    ئىشلىتىۋاتقان كۆزنەكنى تاقاش ياكى كومپىيۇتۇرنى ئۆچۈرۈش
32. Alt + بوشلۇق    ئىشلىتىۋاتقان كۆزنەكنىڭ باشقۇرۇش سەھىپىسىنى ئىچىش     
33. Ctrl + Esc    ئىكران تىزىملىكىنى ئىچىش
34. Esc    كۆزنەكتىن چىكىنىش
35. WIN+ E     مېنىڭ كومپىيۇتۇرۇمنى ئىچىش
36.Ctrl+بوشلۇق       يىزىق ئالماشتۇرۇش
#bilimdan   #bilimzar 

ھەزرىتى لوقمان ھەكىم ھەققىدە ئاجايىپ رىۋايەتلەر

ھەزرىتى لوقمان ھەكىم ھەققىدە
 ئاجايىپ رىۋايەتلەر   




  لوقمان ئەسلى بىر يىتىم بالا بولۇپ ، كىيمە تاز ئىكەن .ئۇ بىر ناۋايغا ياللىنىپ ئىشلەيدىكەن ،ئىشلىگەندىمۇ ،خىمىر يۇغۇرۇش ،نان ئېچىش ، نان يىقىش ئىشلىرىنى ئەمەس ،پەقەت تۈگمەنگە بېرىپ ئۇن تارتىپ كېلىش ، ئۇن تاسقاش ئىشلىرىنى قىلىدىكەن .ئۇ بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن  ،تونۇردا ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرالماي چۈشۈپ كېتىپ ،كۆمەچ بولۇپ قالغان نانلارنى يەپ جان ساقلايدىكەن ،كېچىلىرى تۇنۇر بىشىدا ئۇخلايدىكەن .
لوقماننىڭ كۈنلىرى ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ تۇرسۇن ،ئەمدى گەپنى جاھاننى چاڭگىلىدا ئوينىتىپ تۇرۇۋاتقان پادىشاھ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن ئاڭلايلى :
ئىسكەندەر پادىشاھ مەغرىپتىن مەشرىققىچە بولغان بىپايان زىمىننى ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كىيىن ،جىبرىئىل ئەلەيھىسالامنىڭ يول باشلىشى بىلەن زۇلمەتكە كىرىپتۇ .بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يورۇقلۇققا كۆز ئاچقاندا بېھىش ھوزۇرىنى سېزىپتۇ . قارىسا ،ئابىھايات بىر بۇلاقتىن ئۆرلەپ چىقىپ ئېقىۋاتقۇدەك .ئۇ ئابىھايات سۈيىدىن قانغۇچە ئىچىپ مەڭگۈ ياشىماقچى بولۇپ ئابىھاياتقا ئېڭىشىپتۇ .
‹‹ئەي ئىسكەندەر، ئابىھاياتنى ئىچمەڭ !››دىگەن بىر سادا ئۇنى توخـتىتىپتۇ .ئىسكەندەر قارىغۇدەك بولسا ،سۇ بويىدىكى يوغىناپ يىقىلىپ قالغان دەرەخلەردىن كەلگەن زۇۋان ئىكەن ،ئۇ يەنە ئابىھاياتنى ئىچمەكچى بوپتىكەن ،پەيلىرى توزۇپ قالمىغان ،قىپقىزىل گۆش بولۇپ قالغان قاغا ،سېغىزخان ،قۇشقاچلار زۇۋانغا كىلىپ :
-ئەي ئىسكەندەر ،ئابىھاياتنى ئىچمەڭ !-دەپ چۇرقىرىشىپ كېتىپتۇ .ئىسكەندەر پادىشاھ ھەيران بولۇپ ئەتراپقا قاراپ :
-نىمىشقا ؟،-دەپتىكەن ،دەرەخلەر دەپتۇكى :
-ئەي ئىسكەندەر بۇ ئابىھاياتنى ئىچسىڭىز ،مەڭگۈ ئۆلمەيسىز .بىزمۇ ئىچكەن ،مانا ھالىمىزغا قاراڭ ،مىڭ يىل ئۆرە تۇردۇق ،مىڭ يىل يىقىلىپ ياتتۇق ،مانا مىڭ يىل بولدى ،بىقىنلىرىمىزدىن يىلتىز چىقىپ ،قوساقلىرىمىزدىن دەرەخلەپ كۆكلەپ چىقتى ،بۇ بەك ئازابكەن .
ھېلىقى يالىڭاچلانغان قۇشلار دەپتۇكى :
-ئەي ئىسكەندەر ،بۇ ئابىھاياتنى بىزمۇ ئىچكەن ،مىڭ يىل ئۇچۇپ پەرۋاز قىلدۇق ،مىڭ يىل ئۇچالماي پەيلىرىمىز شالاڭلاپ دەرەخ سايىلىرىدە يۈردۇق ،مىڭ يىل بولدى پۈتۈن پەيلىرىمىزدىن ئايرىلىپ ،مۇشۇ ھالەتتە يۈرىمىز .دەرەخ تۈۋىگە چۈشكەننى يەيمىز ،يا جىنىمىز چىقمايدۇ ،يا ئۇچالمايمىز ،بۇ بەك ئازابكەن .
ئىسكەندەر بۇ ئۈچ مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرگەن دەرەخ ۋە قۇشلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ ،ئاخىر خارلىنىپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ، ئىككىنىلىپ بىر ھازا تۇرۇپ قاپتۇ ،لىكىن بۇنداق كەلگەن ئامەتنى قولدىن بېرىپ قۇيۇشقا كۆڭلى ئۇنىماپتۇ .ئۇ ئابىھاياتنى ئىچىشتىن يالتايغان بولسىمۇ ،بىر قاپاققا لىق قاچىلاپ ئېلىۋاپتۇ .
ئۇ زۇلمەتتىن قايتىپ چىققاندىن كىيىن قول ئاستىدىكى دانىشمەنلەرنى يىغىپ ،‹‹ئابىھايات سۈيىنى ئىچەيمۇ-ئىچمەيمۇ ››دەپ مەسلىھەت سوراپتۇ .دانىشمەنلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاقساقىلى :
-ئەي ئۇلۇغ شاھىم ،ئابىھايات ساپ پېتى ئىچىلسە ،مەڭگۈ ياشايدىلا ،ئەمما ئاقىۋىتىنى ئاللاتائاللاھ ئۆزى بىلىدۇ ،ئەگەر ئابىھاياتنىڭ كۈچىنى سەل سۇندۇرۇپ ئىچسىلە ،ئۆمۈرلىرى ئۇزۇن ،دۆلەتلىرى چەكسىز زىيادە بولغاي ،-دەپتۇ .بۇ مەسلىھەت پادىشاھقا يېقىپتۇ  .
-ئەي زامانىمىزنىڭ دانىشمەنلىرى ،سىلەرچە ئابىھاياتنىڭ كۈچىنى قانداق قىلىپ سۇندۇرغىلى بولىدۇ ؟
-دەپ سوراپتۇ ئىسكەندەر پادىشاھ .
دانىشمەنلەرنىڭ دانىشمىنى دەپتۇكى :
-پادىشاھى ئالەم ،ئابىھاياتنىڭ كۈچىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن ساپ پېتى بويىچە ئەمەس ،باشقا ئېسىل يىمەكلىكلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ ،ئوتتا تاۋلاپ ،ئاندىن تەنلىرىگە دەرمان قىلسىلا ،كۈچى ئاجىزلىشىدۇ .
ئىسكەندەر پادىشاھ دانىشمەنلىرىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئويلاپ دۇنياىكى ئەڭ ئېسىل يىمەكلىك بۇغداينىڭ ئۇنى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرۇپ ،ئابىھاياتنى ئارىلاشتۇرۇپ ،خېمىر قىلىپ ،تونۇردىكى ئوتتا تاۋلاپ پىشۇرۇپ يىمەكچى بوپتۇ .خىزمەتكارلار شەھەر بويىچە ئەڭ ئۇستا ناۋايغا بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپتۇ .ئۇلار قاپاقتىكى ئابىھايات سۈيىنى ناۋايغا تۇتقۇزۇپ :
-ناننىڭ خېمىرىغا مۇشۇ سۇدىن باشقا سۇ ئىشلەتمەيسەن ،نان پىشقاندا پادىشاھ ئۆزى يەيدۇ .نان تۆت بولسۇن ،-دەپ قاتتىق جىكىلەپتۇ .
ناۋاي بارلىق ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سىلىپ ،پادىشاھنىڭ بۇيرۇتمىسى بويىچە نانلارنى ھازىرلاپ تۇنۇرغا يىقىپتۇ .لىكىن نانلارنىڭ بىرىمۇ تۇنۇردا تۇرماي ئېقىپ ئوتقا چۈشۈپ كۆمەچ بولۇپ قاپتۇ .ئىسكەندەر پادىشاھ ئۈچۈن ئالاھىتەن يىقىلغان ناننىڭ بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىدىن قاتتىق قورققان  ناۋاي غال-غال تىترەپ كېتىپتۇ ۋە كۆمەچلەرنى چاققانلىق بىلەن كىپەكنىڭ ئىچىگە تاشلىۋىتىپ ،باشقا خىمىردا چىرايلىق تۆت ناننى پىشۇرۇپ خىزمەتكارلاردىن ئوردىغا كىرگۈزۈپتۇ .
ئىسكەندەر پادىشاھ ئاشۇ نانلارنى يەپ تۇرسۇن ،ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كىلەيلى :
لوقمان ئۇن تاسقاپ ھېرىپتۇ،قورسىقى تازا ئىچىپتۇ ،ئۇ ئادىتى بويىچە كىپەك ئارىسىدىن كۆمەچ ئىزدەپ ھېلىقى ئىسكەندەر پادىشاھ ئۈچۈن ئابىھايات سۈيىدە ھازىرلانغان نانلارنىڭ كۆمىچىنى تىپىۋىلىپ ،ھوزۇرلىنىپ يىيىشكە باشلاپتۇ ،يەپتۇ،يەپتۇ ،ئۇنىڭ تېنىدە غەيرى بىر سىېزىم ھاسىل بوپتۇ ،تاز بىشى قىمىلداپ قىچىشقىلى تۇرۇپتۇ ،تاتىلىغانچە خۇشيىقىپ  قەقەچلىرى تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ ،ئۇ بىشىنى سىلاپ باقسا ،يىرىك چاچلار چىققىلى تۇرۇپتۇ .ئۇ ئۆز -ئۆزىگە ھەيران بولۇپ تۇرغىنىدا ،ناۋايخانىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كەلگەن :‹‹ئەي ئادىمزاتنىڭ بالىلىرى ،باللىرىمىزنى ئالماڭلار ››دەپ نالە قىلغان چىرقىراق ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ .ئۇ ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي ناۋايخانىنىڭ كەينىگە ئۆتسە قۇشقاچ :‹‹ۋاي بالىلىرىم ! ۋاي بالىلىرىم ! ››دەپ پىرقىراپ ئۇچۇپ يۈرگىدەك .بىر بالىنىڭ مۈرىسىگە يەنە بىر بالا چىقىپ تام كامىرىغا قولىنى تىقىۋاتقۇدەك ،لوقمان ئۇلارنى قوغلىۋىتىپ ،قۇشقاچ باللىرىنى ساقلاپ قاپتۇ ھەم قۇشقاچلارنىڭ زۇۋانىنى بىلىپ قالغىنىغا ھەيران بوپتۇ .
لوقمان ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئېرىق بويىغا چىقسا ،دەل-دەرەخلەر ،ئوت چۆپلەر سۆزلىشىۋاتقۇدەك ،لوقمان ئۇلارنىڭمۇ زۇۋانىنى بىلىپتۇ .بىر ئوت :‹‹مەن يەتمىش ئىككى خىل كىسەلگە داۋامەن ،ئۇرۇقۇم پالانى كىسلگە ،يىلتىزىم پۇستانى كىسەلگە دورا ››دەۋاتقۇدەك .بىر سېغىزخان كېلىپ دەرەخكە قۇنۇپ :‹‹ئادەم دىگەن ئەخمەق ،ھازىر پالانى يەردىكى پۇستانى باي ،سەكراتتا ياتىدۇ ،ئۇنىڭغا ماۋۇ ،ماۋۇ ئوتلارنى قاينىتىپ ئىچۈرسە ساقىيىدۇ ››دەۋاتقۇدەك .لوقمان سېغىزخان خەۋەرچىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ھېلىقى گىياھلاردىن دورا ياساپ بايغا ئىچكۈزگەن ئىكەن ،بىمار ساقىيىپتۇ .
شۇ كۈندىن باشلاپ لوقمان جان-جانۋار ،گۈل-گىياھلارنىڭ تىلىنى بىلىدىغان كامالەتكە يىتىپتۇ  .شۇ ئابىھاياتنىڭ خاسىيىتىدىن  ھەر قانداق بىمارلارنى داۋالىيالايدىغان ھېكىمگە ئايلىنىپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن لوقماننىڭ داڭقى -شەھەر-شەھەرلەردىن ،سەھرا -تاغلارغىچە ،مەملىكەتتىن مەملىكەتلەرگىچە تاراپ ،پۈتۈن جاھان بىلىدىغان تىۋىپلارنىڭ پىر-ئۇستازى لوقمان ھەكىم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن .

بۇرۇنقى زاماندا ئاللاھتائاللاھ ھەر قانداق ئادىمزات ياكى جان-جانۋرلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا دەرھاللا تىگىشلىك جازا بېرىدىكەن .
ئۇلۇغ تىۋىپ  لوقمان ھەكىم پالانى يەردە بىمار بار دەپ ئىشىتسە ،ئارىنى يىراق كۆرمەي بارىدىكەن ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە لوقمان ھەكىم شەھەر سىرتىدا بىر ئېغىر بىمارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ قاپتۇ-دە ،شۇ ياققا قاراپ يول ئاپتۇ .لوقمان ھەكىمنىڭ بىر ئون ياش ،بىرى ئون ئىككى ياشلىق ئىككى ئوغلى بار ئىكەن .بۇ بالىلار دادىسىغا ئەگىشىپتۇ .
ئۇلار كېتىۋاتقىنىدا ،چوڭ ئوغلى بىر ھۆپۈپنىڭ ئوردا سىپىلىنىڭ بىر كامىرىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۇكىسىغا كۆرسىتىپتۇ .لېكىن دەرھال تۇتىۋىلىش مۇمكىن ئەمەسكەن ،لىكىن لوقمان ھەكىم ھېچقانداق جانغا زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويمايدىكەن .دوقمۇشتىن ئەگىلگىنىدە بۇ ئىككى بالا ھاجەت قىلىۋالىمىز دەپ كەينىدە قېلىپ كامارغا تۇمىقىنى كەپلەپ قۇيۇپ ،يانغۇچە ئېلىۋالماقچى بوپتۇ .
لوقمان ھەكىم بىمارنىڭ تىنىگە دەرمان ،جېنىغا جان ئۇلىۋىتىپ قايتىپتۇ ،بۇ چاغدا گۇگۇم ۋاقتى بوپتۇ .ھېلىقى ئىككى بالا  كامارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قولىنى تىققانىكەن  .ھۆپۈپنىڭ ئىككى بالىسى ئاللبۇرۇن تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ئىكەن ،ھۆپۈپ ئۆزى بىھۇش بولۇپ ياتقانىكەن .
بۇ چاغدا ئوردا خەزىنىسىگە ئوغرى كىرگەن  بولۇپ ،قاراۋۇل -ياساۋۇللار قوغلاپ كېتىۋاتسا ،بۇ ئىككى بالا سىپىلنىڭ تۈۋىدە بىرىنى -بىرى كۆتۈرۈپ سىپىلغا يامىشىۋاتقۇدەك .لوقمان ھەكىم سەل نېرىراقتا كېتىۋاتقۇدەك .ئۇلار شۇ جايدىلا تۇتۇلۇپ قوللىرى باغلىنىپتۇ .‹‹بىز ئوغرى ئەمەس ››دىگەنگە قارىماي ،پۇت -قولىنى يەرگە تەككۈزمەي ئەكىرىپ زىندانغا تاشلاپتۇ .ئۇلار ھېلىقى ھۆپۈپلەرنىڭ قىساسى ئۈچۈن زەي زىنداندا يېتىپ قاپتۇ .
يىللار يىللارنى قوغلىشىپ ئۆتىۋېرىپتۇ .شاھلارمۇ ئالمىشىۋېرىپتۇ .يەرلەر قۇرغاقلىشىپ ئاچارچىلىق باشلىنىپتۇ .شەھەر خەلقى قاچ- قاچ بولۇپ شەھەر ۋەيران بولۇپ زىندانمۇ ئۇنتۇلۇپتۇ ،قۇم-بوراننىڭ دەستىدىن زىنداننىڭ ئۈستى تۈپتۈز بولۇپ كېتىپتۇ  . لوقمان ھەكىمنىڭ ئىككى ئوغلى تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپتۇ .ئابىھاياتنىڭ كۈچىدىن لوقمان ھەكىم قورسىقى ئاچسا يېنىدا بار يەتتە تال قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ھەر بىرىنى ئەللىك يىل شۈمۈرۈپتۇ .شۇنداق قىلىپ ،ئارىدىن تۆتيۈز يىل ئۆتۈپتۇ ،لوقمان ھەكىمنىڭ چاچ -ساقاللىرى پاختىدەك ئاقىرىپتۇ ،پەقەت پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ھاياتلىقى بىلىنىدىكەن .تەنلىرى توزغاقتەك بولۇپ كېتىپتۇ .ئەگەر زىنداندا بولمىسا شامال چىقسىلا تۇزۇپ كېتىدىكەن ...
ئۇ زىنداندا يىتىپ تۇرسۇن ،ئەمدى گەپنى يىڭىدىن بىنا قىلغان شەھەرنىڭ پادىشاھىدىن ئاڭلايلى :
شەھەرنڭ پادىشاھى ئىنتايىن گۆشخور بولۇپ ،لوقما ئالدىغا كەلسە ،چاينىماي دىگۈدەك يۇتار ئىكەن ،بىر سۆڭەك ئۇنىڭ كانىيىدا توغرا تۇرۇپ قاپتۇ -دە ،يا ئىچكىرى كىرىپ كەتمەي ،يا چىقىپ كەتمەي ئۇنى قاتتىق ئازاپلاپتۇ ،ئۇ كېچەيۇ-كۈندۈز خارقىراپ ،زار -زار يىغلاپ يىتىپتۇ ،گېلى تېخىمۇ ئىششىپتۇ ،پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۇستا تىۋىپلارمۇ ھېچ ئامال قىلالماپتۇ .پادىشاھ ئۆلۈمنى كۈتۈپ خارقىراۋاتقان دەقىقىلەردە ئوردا دانىشمەنلىرىدىن بىرى :
-لوقمان ھەكىم بولغان بولسا سىلىنى چوقۇم ساقايتار ئىدى ،- دەپتۇ . پادىشاھ ئۇلارغا ئالىيىپ قۇيۇپتۇ ھەم سۆزلىيەلمىگەچ مۇنۇلارنى يېزىپتۇ :‹‹بۇنىڭدىن تۆت يۈز يىل ئىلگىرى ئۆلگەن لوقماننىڭ ماڭا نىمە كېرىكى ؟ ››
-بىز قۇرئە كۆرسەك لوقمان ھەكىم تېخى ھاياتكەن ،-دەپتۇ دانىشمەنلەر .پادىشاھنىڭ قاراڭغۇ دىللىرىغا ئۈمىد شاملىرى يىقىلىپتۇ .ئەزرائىلنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ياتقان پادىشاھ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ،‹‹لوقمان ھەكىمنى دەرھال تېپىپ كېلىڭلار ››دەپ پەرمان يېزىپتۇ .پۈتۈن يۇرت سەپەرۋەرلىككە كەپتۇ ،خفراب بولغان شەھەرنىڭ تۆت يۈز يىل بۇرۇنقى خەرىتىسىگە ئاساسەن زىندان ئورنىنى تېپىپتۇ .ئەمما ئۈستى تۈزلىنىپ كەتكەچ ،كىرىش ئېغىزنى زادىلا تاپالماپتۇ ،دانىشمەنلەر ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سىلىپ  بۇ يەرگە سۇ باشلاپتۇ ،سۇ سىڭىپ بىر تۈشۈك ئېچىلىپتۇ .ئۇلار سۇنى دەرھال توختىتىپ ،تۈشۈكنى چوڭلىىتپتۇ . بۇ ھەقىقەتەن زىنداننىڭ ئېغىزى ئىكەن .بۇ يەردىن ئىككىيلەن ئارغامچا بىلەن چۈشسە . لوقمان ھەكىم ھايات ئولتۇرغىدەك .ئەمما ئۇ دەپتۇكى :
-ئەي بالىلىرىم مېنىڭ قىشىمغا  يىقىن كەلمەڭلار  ،مېنى تۇتماڭلار ،تېنىم توزۇپ كېتىدۇ .
-ئۇنداقتا سىلىنى قانداق ئەپچىقىپ كېتىمىز ،-دەپتۇ چۈشكەنلەر .
لوقمان ھەكىم دەپتۇكى :
-ئالدى بىلەن ساپ ھاۋا كىرىپ سېسىق بۇسنىڭ ئورنىنى ئالسۇن .ئۇنىڭدىن كىيىن مېنىڭ قېرىق-كېچە كۈندۈز ھورلاندۇرۇڭلار .شۇ چاغدا بەدىنىم بىر ئاز قاتىدۇ ،ئاندى  ئاچىقساڭلار بولىدۇ .
ئۇلار لوقمان ھەكىمنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قىرىق كۈن ھورداپتۇ .قىرىق بىرىنچى كۈنى لوقمان ھەكىمنىڭ بۇيرۇتمىسى بويىچە  ،چوڭ بىر سېۋەتكە لىق يۇمشاق پاختا تولدۇرۇپ چۈشۈرۈپتۇ .ئۇنى تۇتۇشقا بولمىغاچقا ،سېۋەتنى يىقىن ئەكىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشۇپتۇ .لوقمان ھەكىم ئۆزىنى پاختا ئىچىگە تاشلاپتۇ .ئاندىن ئارغامچىنى تارتىپ يەر يۈزىگە چىقىرىپتۇ .لوقمان ھەكىم يورۇق دۇنيا بىلەن قايتا دىدارلىشىپتۇ .
پادىشاھ شۇ چاغقىچە يەنە شۇ ئازابتا ئىكەن ئۇ لوقمان ھەكىمنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىدىن ئۈمىدلىنىپ ياشىماقتىكەن .لوقمان ھەكىم يەر يۈزىگە چىققاندىن كىيىن ئۆزىگە ئۆزى دورا قىلىپ خېلى ئەسلىگە كەپتۇ .ئۇ پادىشاھنىڭ قانداق كىسەل ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلگەن بولسىمۇ ،تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپتۇ ،ئاندىن پەرزەنتىنىڭ بار -يوقلۇقىنى سوراپتۇ .يەتتە ياشلىق ئوغلۇم بار دىگەننى ئىشارە قىپتۇ پادىشاھ .
-ئۇنداقتا بەك ياخشى بولدى ،ئوغلىڭىزنىڭ قېنىنى بىشىڭىزغا ئېقىتساق  ،دەرھال ساقىيىىز ،-دەپتۇ لوقمان ھەكىم .پادىشاھ بىر ئاز ئويلىنىپ قاپتۇ ھەم بىردىنبىر يالغۇز ئەزىز ئوغلى -كەلگۈسى تەخت-ۋارىسىنى قۇربانلىق قىلىشقا چىدىماپتۇ .ئۇ باشقا چارە يوقمۇ  دەپ لوقمان ھەكىمگە ئىلتىجا قىپتۇ .لوقمان ھەكىم ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئامان ۋە داۋا يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ .پادىشاھ يەنە ھەسرەتكە چۈمۈپتۇ .بۇ چاغدا لوقمان ھەكىم :
-ئەي پادىشاھى ئالەم ئەگەر ئاشۇ شەرتنى ئادا قىلمىساق ،ھايات شامىڭىز ئۇزۇنغا بارماي ئۆچكۈسى ،-دەپتۇ .
پادىشاھنى ئاغرىق ئازابى تېخىمۇ قىيناپ ،ئۇنىڭغا ئەزرائىل كۈرۈنۈشكە باشلاپتۇ .ئۇ ئاخىرى مۇنداق قارارغا كەپتۇ :‹‹ئاتا بولسا بالا بولىدۇ ،مەن بۇ ئازابتىن قۇتۇلىدىغانلا بولسام بالا دىگەننى تېپىۋالمايمەنمۇ ›› دەپ شۇنىڭ بىلەن ماقۇل بوپتۇ .پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھازىر بوپتۇ .لوقمان ھەكىم ۋالىلداپ تۇرغان ئۆتكۈر پىچاقنى  بىر قولىدا تۇتۇپ ،يەنە بىر قولىدا بالىنى يېتىلەپ ماڭغاچ :
-پادىشاھى ئالەم تۈڭلۈكنىڭ ئۇدۇلىدا قىبلىگە قاراپ ئولتۇرسىلا ،ھەرگىزمۇ يۇقىرىغا قارىمىسىلا ،-دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇپ ئۆگزىگە چىقپ كېتىپتۇ .پادىشاھ ئولتۇرۇپتۇ .بۇ چاغدالوقمان ھەكىمنىڭ‹‹ئاللاھۇ -ئەكبەر ››دىگەن تەكبىرى بىلەن تەڭ ئوغلىنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ ،بىشىغا شارقىراپ قان تۆكۈلۈپتۇ .پادىشاھ  چىدىيالماي ئىختىيارسىز :‹‹ۋاي بالام ،›› دەپ شۇنداق قاتتىق ۋارقىراپتۇكى ،كانىيىدا تۇرۇپ قالغان سۆڭەك نەچچە غۇلاچ يەرگە ئېتىلىپ چىقىپ كېتىپتۇ ،ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلۇپتۇ .ئەمما ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان پاىدشاھ يەرگە ئۆزىنى ئۇرۇپ بوزلاپ قاتتىق يىغلاپ كېتىپتۇ.

-قوپسىلا ،دەپ لوقمان ھەكىم پادىشاھنى يۆلەپتۇ ،لېكىن پادىشاھ:
-ئەي لوقمان ھەكىم ،مېنىغۇ ساقايتتىڭ ،ئەمما مۇشۇ سائەتتە كۆزۈمنىڭ گۆھىرى ،يۈرىكىمنىڭ سەكپارىسى ،تەختى -بەختىمنىڭ ۋارىسى  ئوغلۇم بولسا بولماسمىدى ؟-دەپ تېخىمۇ ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ .
-ھازىر ئوغۇللىرى جەننەتتە ئويناۋاتىدۇ ،سىلى ئۇنى چاقىرسىلا ،- دەپتۇ لوقمان ھەكىم  .پادىشاھ بىھۇشلۇق ئىچىدە :‹‹ ئوغلۇم ! ››  دەپ ۋارقىرىغانىكەن ،ئوغلى باغ ئىچىدىن بىر دەستە ئەتىرگۈلنى كۆتۈرۈپ يۈگرۈپ كىرىپتۇ .پادىشاھ ھاڭ -تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ ،ئوغلى گۈلنى سۇنغىنىدا مئۇنى باغرىغا بىسىپ خۇشاللىق ياشلىىرنى باھار يامغۇرىدەك تۆكۈپتۇ  ،ئاندىن كۆزلىرىگە ئىشەنمەي ئوغلىنى قايتا-قايتا سۆيۈپ كېتىپتۇ . ئەسلىدە لوقمان ھەكىم بىر ئوغلاقنى بوغۇزلىغانىكەن .
پۈتۈن يۇرت تۆت يۈز يىل يوقىلىپ كەتكەن لوقمان ھەكىمگە قايتا ئېرىشپتۇ .
بۇ ھىكايەت تاھازىرغىچە ئېغىزدىن قۇلاققا كۆچۈپ ،يەنە ئېغىر ئارقىلىق تارقىلىپ كېتىپتۇ .

                                                                 ئۇ دۇنيادىن كەلگەن سوۋغاتلىق نان
زامان زورنىڭ ،تاماشا كورنىڭ ئىكەن .بۇنىڭدىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر نەرسىگە قىزىقىپ تىگى -تەكتىگە يەتمىگۈچە توختىمايدىغان بىر ئەركە پادىشاھ بولغانىكەن .
بۇ پادىشاھ ئاسمانننىڭ يەتتە قاتلىقى ،ئوخشاشلا  يەرنىڭمۇ يەتتە قاتلىقىغا ئىشىنىشتىن تاشقىرى  ،زىمىننىڭ تەكتىدە يەنە بىر جا ھان بار دەپ قارايدىكەن  . شۇ سەۋەبتىن  بۇ پادىشاھ كىچە -كۈندۈز ئۇ جاھاننى  كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن  . شۇڭلاشقا ،ئۇ ئۆز ئىلكىدىكى مال بايلىقىنى زىمىننى كولاپ ،ئۇ جاھاننى كۆرسەتكۈچىلەرگە ئاتىغانىكەن .ئۇ پادىشاھنىڭ دەۋرىدە ياشىغان كىشىلەر پادىشاھقا ئۇ جاھاننى كۆرسىتىش ئىنتىزارلىقى بىلەن زىمىننى بىردەممۇ تىنىم تاپماستىن كولايدىكەن .
كۈنلەر ھەپتىنى ،ھەپتىلەر ئاينى ،ئايلار يىللارنى ياساپ ئۆتىۋېرىپتۇ .كىشىلەر پادىشاھنىڭ ھورلۇقى بىلەن زىمىننى تىنىم تاپماي كولاۋېرىپتۇ ،توپتوغرا يۈز يىل بولغاندا ،زىمىن تىشىلىپ ئۇ جاھان كۆرۈنۈپتۇ .
بۇ خۇش خەۋەر پادىشاھقا يەتكۈزۈلۈپتۇ ،بۇ چاغدا پادىشاھ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي ،پۈتكۈل ئېلىدە توي تاماشا ئۆتكۈزۈپ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي پۈتكۈل ئېلىدە توي تاماشا ئۆتكۈزۈپ ،بۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىققانلىقىغا قىزغىن تەبرىكلەپ تەنتەنە قىپتۇ . پادىشاھ توي تۈگىگەندىن كىيىن بىر ياش ۋەزىرنى ئالدىغا چاقىرىپ ،ئۇنىڭغا جاھاننى ئۆزىگە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈپ چىقىشنى ھاۋالە قىپتۇ . ۋەزىر ئۇ جاھانغا بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ تۈگەتكەندىن كىيىن ،پادىشاھ ئۆز دىيارىنىڭ ئەڭ ئېسىل نەرسىلىرىنى تاللاپ ،ۋەزىرنى تاللانغان باتۇر  نۆكەرلەر بىلەن ئۇ جاھانغا يولغا ساپتۇ .
ئايلارنىڭ كەينىدىن يىللار ئۆتۈپتۇ .ئۇزاق زامانلار ئۆتكەندىن كىيىن ،ۋەزىر نۆكەرلىرى بىلەن ئۇ جاھاندىن  قايتىپ كەپتۇ .لىكىن ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئالدىغا قانداق سوۋغات كۆتۈرۈپ بېرىشنى پەم قىلالماي ھەسرەت چېكىپتۇ .چۈنكى ۋەىر ئۇ جاھان پادىشاھىغا بۇ جاھاننىڭ شۇنچە ئېىسل  مال بايلىقلىرىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ،ئۇ جاھاننىڭ پادىشاھى بۇ جاھان پادىشاھىغا ئاران بىر كۈرە بۇغداينى سوۋغات ئۈچۈن بەرگەنىكەن .
     بۇ كالتە پەم ۋەزىر ،مەن قانداق قىلىپ بۇ بىر ئۇچۇم بوغداينى ئۇيالماستىن پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمەن ؟ بۇنچىلىك بۇغداي پادىشاھ جانابلىرىنىڭ سۇپۇرىسىدىمۇ ئېشىپ -تىشىپ تۇرمامدۇ ؟دەپ ئويلاپتۇ -دە ،ئۆزى توپلىغان بايلىقىدىن سوۋغات تەييارلاپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇ جاھاندا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ .ھېلىقى بۇغداي توغرىلىق ھېچنەرسە دىمەپتۇ .
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي پادىشاھ ئاغرىپ قاپتۇ .شاھنى ئوردا تىۋىپلىرى داۋالىغان بولسىمۇ  ساقايتالماپتۇ .شۇ چاغدا ۋەزىر ھېلىقى بۇغداينى يادىغا ئېلىپ ،مەخسۇس كېشىگە ئۈگۈت قىلىپ تارتقۇزۇپتۇ ۋە ئۇستا ناۋايغا توقاچ قىلىپ ياقتۇرۇپتۇ .ئەپسۇسكى ئۇ توقاچلار تونۇردا تۇرماي قوقاسقا چۈشۈپ كۈيۈپتۇ .شۇنداق بولسىمۇ ناۋاي ئانچە كۆيۈپ كەتمىگەن بىر دانە توقاچنى ۋەزىرگە  بېرىپتۇ .
ۋەزىر توقاچنى نەزەر غەلۋىرىدىن ئۆتكۈزۈپ ،يەنىلا پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتىن ئۇيۇلۇپ كونا ساڭنىڭ ئويۇقىغا تاشلاپ قۇيۇپتۇ .
پادىشاھنىڭ كىسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپتۇ .ئىلاجسىز قالغان ۋەزىر ئوردا ئەھلىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن لوقمان ھەكىمنى چاقىرتىپ كېلىپ شاھنىڭ كېسىلىنى داۋالاتماقچى بوپتۇ .
لوقمان ھەكىم قىرىق كېچە كۈندۈز شاھنىڭ يىنىدىن ئايرىلماستىن داۋالاپ ساقايتىپتۇ .لوقمان ھەكىم  قىرىق كېچە كۈندۈز شاھنىڭ ينىدىن ئايرىلماستىن داۋالاپ ساقايتىپتۇ .
لوقمان ھەكىمنىڭ بۇ ئىشىدىن رازى بولغان پادىشاھ ۋەزىرنى  چاقىرتىپ :
-مەن لوقمان ھەكىمنى بۇ جاھاننىڭ  نەرسىسى بىلەن ئەمەس ،ئۇ جاھاننىڭ نەرسىسى بىلەن مۇكاپاتلىماقچى ،سىزدە ئۇ جاھاندىن ئەكەلگەن نەرسە بارمۇ ؟-دەپ سوراپتۇ .
ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەنلىكتىن ،ۋەزىر ئەمدى يۇشۇرۇپ تۇرۇش ھاجەتسىز دەپ قاراپ ،بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بېرىپتۇ ، پادىشاھ ۋەزىرگە :
-ئاشۇ توقاچنى دەرھال ئالدىمغا ھازىر قىلىڭ !،-دەپتۇ .ۋەزىر توقاچنى ئەكەلگەندىن كىيىن پادىشاھ قىلچە ئىككىلىنىپ تۇرماي لوقمان ھەكىمگە تەقدىم قىپتۇ  ۋە دەرھال يەپ بېقىشنى تەۋسىيە قىپتۇ .
لوقمان ھەكىم پادىشاھنىڭ پەرمانىنى بەجا كەلتۈرۈپتۇ .شۇ ھامان لوقمان ھەكىم ياشىرىپتۇ .تىنى كۈچ -قۇۋۋەتكە تولۇپ ،جان -جانۋەر ،گۈل -گىياھلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قانداق پايدىسى بارلىقىنى چۈشىنىدىغان بوپتۇ .
لوقمان ھەكىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندىن كىيىن پادىشاھ :
-مەندەك ئەركە ئەخمەقنىڭ بۇ جاھاندا ياشىغىنىدىن ، سىزدەك دانا ئىنسانىيەتكە بەخت- سائادەت يارىتىپ ،مىڭ يىل ياشىمىقى ھەقلىق ،-دەپتۇ .
شۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن  يىللار ۋە زامانلار ئۆتۈپتۇ ،لوقمان ھەكىم ئىنسانىيەتكە بەخت -سائادەت يارىتىپ ئۈچ مىڭ بەش يۈز يىل ياشاپتۇ .ئۇ  ھازىرمۇ ھايات ئىمىش .
چىش تارتىش
لوقمان ھەكىمنىڭ زامانىسىا بىر ئادەمنىڭ چىشى ئاغرىپ قىلىپ ،تىۋىپلارنىڭ دورىسىمۇ كار قىلماپتۇ .ئۇ ئادەم لوقمان ھەكىمنى ئىزدەپ كېتىۋاتسا ،ئالدىغا لوقمان ھەكىم ئۇچراپ قاپتۇ .ئۇ ئادەم لوقمان ھەكىمگە گەپ قىلىپ بولغۇچە ، لوقمان ھەكىمنىڭ تەرىتى قىستاپ ،يولنىڭ بويىدىلا بىر دالدا يەرگە ئۆتۈپ ئولتۇرۇپتۇ . چىشى ئاغرىغان ئادەم خېلى ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ ،لىكىن لوقمان ھەكىم ئورنىدىن تۇرماپتۇ .ئۇ ئادەمنىڭ چىشى بەك ئاغرىپ كېتىپ چىداپ تۇرالماي  لوقمان ھەكىم تەرەپكە قاراپ :
-چىشىم بەك  ئاغرىپ كەتتى ،چىداپ تۇرالمىدىم ،تېزرەك داۋالاپ قويغان بولسىلا ،- دەپتۇ .مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىسىدى بويىچە چوڭ -كىچىك تەرەپ قىلىپ ئولتۇرغاندا گەپ قىلمايدىغان قائىدىسى بولغاچقا ،لوقمان ھەكىم گەپ قىلمايلا ئۇ ئادەمگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،يىنىدىن بىر تال بۇيىنى يۇلىۋىلىپ تاشلىۋىتىپتۇ .ئۇ ئادەم بۇ ئىشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ يۈگۈرگەن پېتى بىر ئادەمنىڭ قىشىغا بېرىپ چىشىنى تارتقۇزۇپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن چىش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇپتۇ ،چىش تارتىش ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن .

                                                  لوقمان ھەكىمنىڭ ۋەسىيىتى
لوقمان ھەكىم دۇنيادىكى بارلىق گۈل -گىياھ ،ھايۋانلارنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن .لوقمان ھەكىم سىرتقا چىقسا ،گۈل -گىياھلار ‹‹مەن پالانى كىسەلگە داۋا ››دىيىشىپ ،ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىدىكەن .ھەرقانداق جايدا ساقايمىغان كىسەللەر لوقمان ھەكىمنىڭ قولىدا ساقىيىدىكەن .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە لوقمان ھەكىم ئاغرىپ قاپتۇ .ئۇنىڭ بىرلا ئوغلى بار ئىكەن .ئۇ ئوغلىنى ئالدىغا  چاقىرىپ :
-ئوغلۇم ،مۇبادا ساقىيالماي قالماي  قالسام .ساڭا مۇنۇ ئۈچ ۋەسىيەتنى قالدۇرىمەن .ئەمەل قىلساڭ ،زىيان كۆرمەيسەن ، بىرىنچىسى ،سىرىڭنى ئايالىڭغائېيتما ،ئىككىنچىسى ،دورغا بىلەن ئاغىنە بولما ،ئۈچىنچىسى ،كوسىدىن قەرز ئالما ،-دەپتۇ ،دەپتۇ .
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي لوقمان ھەكىم ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .ئۇ ئوغۇل ئاتىسىدىن قېلىپ خېلى ئۇزاقلارغىچە دادىسىنىڭ ۋەسىيەتلىرىگە ئەمەل قىپتۇ .كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ كاللىسىغا دادامنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى بىر سىناپ كۆرمەيمەنمۇ -دىگەن خىيالغا
كەپتۇ .ئۇ يۇشۇرۇن ھالدا بىر ئۆچكىنى ئۆلتۈرۈپ تاغارغا ساپتۇ ، قان يۇقى ھالدا ئايالىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇدە ،ئايالىغا :
-مەن بۈگۈن بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانىدىم ،غەزىپىمنى باسالماي بوغۇزلىۋەتتىم .بۇ تاغاردىكى شۇنىڭ ئۆلۈكى .بۇنى دەرھال بىر يەرگە كۆمۈۋىتەيلى ،كەل، ياردەملەشكىن ،-دەپتۇ ،خوتۇنى ماقۇل بوپتۇ .ئۇلار ھېلىقى ئۆچكىنى تاغىرى بىلەنلا ئېغىلنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كۆمۈۋېتىپتۇ .
ئۇ خوتۇنىغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىققا تاپىلاپتۇ .ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ئوغۇل ئاتىسنىڭ ئىككىنچى ۋەسىيىتىنى سىناپ كۆرمەكچى بوپتۇ ۋە يامۇلنىڭ بىر دورغىسى بىلە ن دوستلىشىپتۇ .ئۇلار بىرىنى بىرى بىردەم كۆرمىسە چىدىيالمايدىغان ھالغا يېتىپتۇ .ئوغۇل ئۆچىنچى ۋەسىيەتنى سىناپ كۆرمەكچى بوپتۇ ۋە ئۆزىدە پۇل يېتىپ ئاشقۇدەك بولسىمۇ بىر تۇنۇش كوسا ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرز ئاپتۇ .
كۈنلەر ئايلار ۋە يىللار ئۆتۈپتۇ .بىر كۈنى  ئۇ ئايالى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قاپتۇ :
-سەن دىگەن قاتىل !ئۆتكەندە بىرىنى ئۆلتۈرۈپ ئېغىلغا كۈمۈۋەتتىڭ ،ئەمدى مېنى ئۆتۈرەي دەمسەن !-دەپ جار ساپتۇ .بۇ گەپلەرنى ئەتراپتىكى قۇلۇم - قوشنىلارئ اڭلاپتۇ ،ئاخىر بۇ گەپ سىرتقا تارقىلىپ ئامبالنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ .ئامبال دەرھال دورغىلىرىنى بۇ ئوغۇلنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ  ۋە دورغىلاردىن :
-قايسىڭ ئۇنىڭ ئۆينى بىلىسەن ؟-دەپ سورىغانىكەن ،ئۇنىڭ بىلەن دوست بولغان ھېلىقى دورغا ئالدى بىلەن :
-مەن بىلىمەن !-دەپتۇ -دە يايىلارنى ئۇنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كەپتۇ-دە ،يىگىتنى چەمبەرچاس باغلاپ ،ئامبالنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپتۇ .يىگىت يامۇلنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ھېلىقى مىڭ تىللا بەرگەن ئادەم كۆرۈپتۇدە ،كۆزىنى يۇمۇپلا :
سېنىڭدە ئىككى مىڭ تىللا پۇلۇم بار ،بەرگىن ،- دەپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپتۇ .ئامبالمۇ گەپ سورىمايلا يىگىتىنى ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ .ھېلىقى دورغا ئۇنى ھەربىر ئۇرغاندا :‹‹مەن گۇناھكار ››دىگەن دەپ مەجبۇرلايدىكەن ،لىكىن ئۇ يىگىت ‹‹ئامبال گۇناھكار ››دەۋېرىپتۇ ،ئاخىر ئامبال دەرغەزەپ بولۇپ :
-ھەي قاتىل ! قاتىل تۇرۇپ سەن گۇناھكار بولماي مەن گۇناھكارمۇ ؟-دەپتۇ .شۇ چاغدا يىگىت :
-جانابى ئامبال سىز باشقىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا ئىشنى ئىچنىكە تەكشۈرمەي ،مېنى ئۇۋال قىلىۋاتىسىز ،ئىشنىڭ تىگى مۇنداق ئىدى ،- دەپتۇ ۋە دادىسىنىڭ ۋەسىيەتلىرىدىن تارتىپ تاكى ئۆزىنىڭ ۋەسىيەتلەرنى سىناق قىلغانغا قەدەر سۆزلەپ بېرىپتۇ ،ئاخىردا ،- دادامنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ قىممىتىگە يەتتىم ،دادام راست ئېيتقانىكەن ،دىمەك ،ئاتا-ئانىنىڭ ۋەسىيىتى ھېچقاچان زىيانلىق بولمايدكەن ،- دەپ گىپىنى تاماملاپتۇ .
ئامبال ئۆزىنى تۇنۇۋاپتۇ .يىگىتكە يايىلارنى قۇشۇپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپتۇ ،يايىلار ھېلىقى تاغا كۆمگەن يەرنى ئاچقانىكەن ، راستىنلا بىر ئۆچكىنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن مۈڭگۈزلىرى ۋە چىرىپ كەتكەن تاغار پارچىلىرى چىقىپتۇ .ئامبال يىگىتنىڭ سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىپ ،تۆھمەتخۇر خوتۇننى ،دورغىنى ۋە ھېلىقى قەرز پۇل بەرگەن نامەرتنى زىندانغا سىلىپ ،يىگىتكە نۇرغۇن مال -دۇنيا ئىنئام قىلىپ ،ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ ،ئۆيىگە قايتۇرۇپتۇ .
                                                           لوقمان ھەكىمنىڭ باقى ئالەمگە سەپەر قىلىشى
لوقمان ھېكىم مىڭ ياشقا كىرگەن يىلى ،ئەزرائىل ئۇنىڭ قېىشغا قۇش سۈرىتىدە بولۇپ ئۇچۇپ كەپتۇ ۋە :
-ئەي لوقمان ،ئاللاتائاللاھ ساڭا مىڭ يىل ئۆمۈر ئاتا قىلدى ،ئەمدى بەس ، جان قۇشۇڭنى تەن قەپىسىڭدىن ئۇچۇرغايمەن ،-دەپتۇ .لوقمان ھېكىم دەپتۇكى :
-سەن ئالدىرىما ،باشقىلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ تۇر ، مەن تېخى جېنىمدىن تويغىنىم يوق ،مەن جېنىمدىن زېرىككەندە سېنى چاقىراي ،بولمىسا ،مېنى ھازىر ئاۋارە قىلما ،ئىشىم بەك ئالدىراش .
-ئۇنداق بولسا گىپىڭ گەپ-ھە ،دەپ ،ئەزرائىل ئۇچۇپ كېتىپتۇ ،ئەلىسە ئاللاتائاللاھ ئەزرائىلغا :‹‹لوقماننىڭ قېنىشغا بېرىپ باق ،رازى بولسا جېنىنى ئال ،بولمىسا ،مەيلى ››دەپتىكەن .
كۈنلەردىن كۈنلەرئۈتۈپ ،بىر كۈنى لوقمان ھېكىم بېغىدىكى دورىلىق گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلىۋاتسا ،موزىيى ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋىلىپ ،بۇ گۈل -گىياھلارنى دەسسەپ -چەيلىگىلى تۇرۇپتۇ ،لوقمان ھېكىم مىڭ بىر جاپادا بۇ موزاينى تۇتىۋىلىپ ،باغلاپ قۇيۇپتۇ .ئۇ ئەمدىلا ئىشقا كىرىشگە موزاي يەنە بوشىنىپ كېتىپ بايىقى ئىشنى تەكرارلىغىلى تۇرۇپتۇ .لوقمان ھېكىم ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ھالىدىن كېتىپتۇ ...بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندا ،لوقمان ھېكىم ئىختىيارسىزلا :
‹‹جېنىمدىن ئەجەب تويدۇردا بۇ موزاي ››دەۋىتىپتۇ .شۇ ھامان ئۇنىڭ ئالدىغا ئەزرائىل پەيدا بوپتۇ-دە، لوقمان ھېكىمنىڭ بىلىكىدىن كاپ قىلىپ تۇتۇۋاپتۇ .بۇ چاغدا لوقمان :
-مەن چاقىرغاندا كەلمەمسەن ؟-دەپتۇ .
-ئەي لوقمان ،ھېلى جېنىمدىن تويدۇم دىدىڭغۇ ؟-دەپتۇ ئەزرائىل .لوقمان ھېكىم چۆچۈپ كېتىپ :
-ئوينىشىپ دەپ قويسام ،راست دىدىڭمۇ ؟-دەپتۇ .لېكىن ئەزرائىل بوش كەلمەپتۇ ،ئۆزىنىڭ ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ .بايا كۆرۈنمەي تۇرۇپ موزاينى يىشىۋىتىپ لوقمان ھېكىمنى جېنىدىن تويدۇرغان ئەزرائىل ئىكەن .
-ئۇنداقتا ،-دەپتۇ لوقمنا ،-بالا-چاقىلىرىم بىلەن خوشلىشىپ ،ۋەسىيەتلىرىمنى جىكىلەپ قوياي ،ئاندىن جېنىمنى ئالساڭمۇ ئال ،-دەپتۇ .ئەزرائىل ماقۇل بوپتۇ ھەمدە مۆھلەت بەلگىلەپ كېتىپ قاپتۇ .
دىگەن قەرەلدە ئەزرائىل كەلسە ،قىرىق بىر لوقمان قاتار ياتقۇدەك ،ئەزرائىل دەماللىقتا پەرقلەندۈرەلمەپتۇ -دە ، ئاللاتائاللاھقا مۇراجىئەت قىپتۇ :
-لوقمان قىرىق بىر بوپتۇ ،بۇلاردىن قايسسىنىڭ جېنىنى ئالاي ؟-دەپتۇ :
-ھەممىسىنىڭ كۆزىگە قۇلۇڭنى تىق ،قايسسى كۆزىنى چىمچىلىقلاتسا ،شۇنىڭ جېنىنى ئال ،-دەپتۇ .
ئەزرائىل شۇنداق قىپتىكەن ،لوقمان ھېكىم كۆزىنى چىمچىلىقلىىتپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ .ئامالسىزلىقتىن بۇ ئۇلۇغ ھۆكۈما بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپتۇ .
ئەسلىدە مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرگەن لوقمان ھېكىم ئۆلگۈسى كەلمەي ئۆزىگە ئوخشاش قىرىق ھەيكەل ياسىغانىكەن .
شۇنىڭدىن بۇيان خەلق ئارىسىدا :
مىڭ يىل ياشىغان لوقمان ،
ئۆلۈمگە ھېيلىلەر قىلغان .
دەردىگە تاپمىدى دەرمان ،
بۇ دۇنيادا يوقتۇر پايان ...
دىگەن قوشاق قالغانىكەن .شۇڭا ئادەملەر ئۆمرىگە زادى تويمايدىكەن ،زادى ئۆلگۈسى كەلمەيدىكەن .
مەنبەسى -ئويغۇر خەلق ئەپسانە-رىۋايەتلىرى -‹‹كۆك يايىلىق بۆرە ››
#bilimdan  #bilimzar