Search This Blog

Sunday, January 31, 2021

رادىئاتسىيە چوقۇم ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقمۇ؟

رادىئاتسىيە چوقۇم ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقمۇ؟

 

رادىئاتسىيە تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ھەر خىل نۇر تارقىتىدىغان ماددىلار پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، قۇياشنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىئاتسىيىسى، يانفون، كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى رادىئاتسىيە قاتارلىقلار. رادىئاتسىيەنىڭ ھەممىسى ئادەمگە زىيانلىق دەپ ئويلايدىغانلارمۇ بار.





رادىئاتسىيە دېگەن نېمە؟ رادىئاتسىيەنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقمۇ؟


ۋىكى قامۇسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، رادىئاتسىيە ( Radiation) بوشلۇق ياكى ماتېرىيال مۇھىتىدا دولقۇن ياكى زەررىچە شەكلىدە ئېنېرگىيە تارقىتىش ياكى يەتكۈزۈش جەريانىدۇر.

بۇ چۈشەندۈرۈشتىن بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، رادىئاتسىيە ئېنېرگىيە تارقىتىش ياكى يەتكۈزۈش جەريانى بولۇپ، بۇ جەريان دولقۇن شەكلىدە ( مەسىلەن: نۇر، ئاۋاز، سىمسىز ئېلېكتىر دولقۇنى قاتارلىقلار ) بولۇشى مۇمكىن، زەررىچىنىڭ شەكلىدە ( مەسىلەن: نېيترون رادىئاتسىيەسى ) بولۇشىمۇ مۇمكىن.

بىز رادىئاتسىيەگە تولغان دۇنيادا ياشايمىز؛ نۇر، ئىسسىقلىق، سىمسىز ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى، رادىئو دولقۇنى... ھەممىسى رادىئاتسىيە شەكىلىدە تارقىلىدۇ.


ئەمەلىيەتتە، رادىئاتسىيەنىڭ شەكلى تۆۋەندىكى تۆت خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى رادىئاتسىيەسى.

مەسىلەن: سىمسىز ئېلېكتىر دولقۇنى، مىكرو دولقۇن، ئىنفرا قىزىل نۇر، كۆرگىلى بولىدىغان نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇر، X نۇرى، گامما نۇرى قاتارلىقلار، بۇلار قۇياش ياكى ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلاردىن كېلىدۇ.


(2) زەررىچە رادىئاتسىيىسى.

مەسىلەن: نېيترون رادىئاتسىيەسى ۋە باشقا تۇرغۇن ئېنېرگىيەدە نۆل بولمىغان زەررىچە رادىئاتسىيەسى.



(3) ئاۋاز رادىئاتسىيىسى.

مەسىلەن: ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، ئاۋاز دولقۇنى، يەر تەۋرەش دولقۇنى قاتارلىقلارمۇ بىر خىل رادىئاتسىيە ھېسابلىنىدۇ.




(4) تارتىش كۈچى رادىئاتسىيەسى.

تارتىش كۈچى رادىئاتسىيەسى تارتىش كۈچى دولقۇنى شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ ۋاقىت ـ بوشلۇق ئەگرىلىكىنىڭ دولقۇنى ھېسابلىنىدۇ.



تۇرمۇشتا، ئەمەلىيەتتە بىز ئۇچراشقان رادىئاتسىيەنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغىنى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى رادىئاتسىيەسى بولۇپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

بۇ نۇقتىدا، ئەمەلىيەتتە رادىئاتسىيەنىڭ يەنە بىر خىل ئايرىش ئۇسۇلى بار، يەنى رادىئاتسىيەنى ئىئونلىنىش رادىئاتسىيەسى ۋە ئىئونسىز رادىئاتسىيە دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.

بىز ئاتومنىڭ ئاتوم يادروسى بىلەن ئېلىكتروندىن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلىمىز، ئاتوم ياكى ئاتوم توپى ئېلىكتروننى يوقاتقان ياكى ئۇنىڭغا ئېرىشكەن چاغدا، ئاتوم شۇ ئارقىلىق ئىئونغا ئايلىنىدۇ.

بۇ يەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر رادىئاتسىيەنىڭ ئېنېرگىيىسى ئاتومدىكى ئېلېكتروننى ئاجرىتىشقا يېتەرلىك بولسا، ئۇ ھالدا ئاتوم ئىئونلىنىپ، ئىئونغا ئايلىنىدۇ.

بۇ ئېنېرگىيە قىممىتى ئادەتتە 10 ئېلېكتىرون ۋولت (بىر ئېلېكتىرون ۋولت بىر ئېلېكتروننىڭ بىر ۋولتلۇق ئېلېكتىر بېسىمىنى تېزلەتكەندىن كېيىن ئېرىشكەن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ) دىن كىچىك بولىدۇ، شۇڭا رادىئاتسىيە ئېنېرگىيەسى 10 دانە ئېلېكتىرون ۋولت (10eV) تىن يۇقىرى بولغان رادىئاتسىيە ئىئونلىنىش رادىئاتسىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ.




ئىئونلىنىش رادىئاتسىيەسىنىڭ مۇھىملىقى شۇ يەردىكى، ئادەم بەدىنى ئاتومدىن تۈزۈلگەن بولغاچقا، ھۈجەيرىدىكى DNA مۇ ئاتومدىن تۈزۈلگەن، ئەگەر DNA دىكى ئاتومدا ئىئونلىنىش يۈز بەرسە، ئۇنداقتا گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

ھەمدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۇنىڭ ئۇچرىغان ئىئونلىنىش رادىئاتسىيەسىنىڭ مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىئونلىنىش رادىئاتسىيەسى بىلەن قانچە كۆپ ئۇچراشسا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنىدىكى ئوخشاش بولمىغان توقۇلما ئەزالارنىڭ ئوخشاش بىر رادىئاتسىيەگە بولغان سەزگۈرلۈكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئوخشاش بىر خىل رادىئاتسىيەگە نىسبەتەن، يىلىككە قارىغاندا تېرىنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇشى تېخىمۇ ئاسان يۈز بېرىشى مۇمكىن.


كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغان ئىئونلىشىش رادىئاتسىيەسى ئاساسلىقى قۇياشتىن كەلگەن ئۇلترا بىنەپشە نۇر ۋە دوختۇرخانىدا تەكشۈرگەن چاغدىكى X نۇردىن ئىبارەت. لېكىن، ئەمەلىيەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇچىرايدىغان بۇ ئىككى خىل رادىئاتسىيەنىڭ مىقدارى بىرقەدەر ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئادەم بەدىنىنىڭ راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتەلمەيدۇ. 


ئىيونلىنىش رادىئاتسىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، بىز تۇرمۇشتا ئۇچرىغان كۆپ قىسىم رادىئاتسىيە ئىئونسىز رادىئاتسىيە، مەسىلەن، ئىنفرا قىزىل نۇر، كۆرۈنىدىغان نۇر (يانفون، كومپيۇتېر ئېكرانى تارقاتقان نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، رادىيو دولقۇنى (مەسىلەن، wifi) ۋە مىكرو دولقۇن قاتارلىقلار. 


ئىئونسىز رادىئاتسىيەسىگە نىسبەتەن، ئۇنىڭ رادىئاتسىيە ئېنېرگىيەسى ئاتوم ياكى مولېكۇلالارنى ئىئونلاشقا يەتمەيدۇ، پەقەت ئۇلاردا ئايلانما، تەۋرىنىش ياكى باشقا غەيرىي ئىئونلىشىش ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ئىيونلىشىش رادىياتسىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى ئەمەس، باشقىچە ئېيتقاندا، ئىئونسىز رادىئاتسىيە گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. 

بىز قىشتا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئىللىقلىق ھېس قىلغان ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىنفرا قىزىل نۇر رول ئوينايدۇ.

گەرچە ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى ئىئونسىز رادىئاتسىيە دەرىجىسىگە تەۋە بولسىمۇ ھەمدە ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن كۆرۈنەرلىك كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا، ئۇ ئاتوم، مولېكۇلىلارنىڭ ئىچكى قىسمىنى تېشىپ ئۆتەلمەي، پەقەت ئاتوم، مولېكۇلىلارنىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتەلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاتوم، مولېكۇلالارنىڭ تەۋرىنىشى تېزلىشىپ، تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدۇ.

مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ئىنفرا قىزىل نۇرى جىسىمنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغانلىقىنىڭ ھەمدە ئادەمگە ئىسسىقلىق بىردىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ( مىكرو دولقۇننىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئىنفرا قىزىل نۇرىدىنمۇ ئۇزۇن، شۇڭا ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ئېففېكتى ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، يېمەكلىكلەرنى تېز قىزىتىشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ ).

ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئەمەلىيەتتە يەنە ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق.

ئادەم بەدىنى ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ يورۇتۇشىنى قوبۇل قىلغاندا، بەدەندىكى ھۈجەيرە مولېكۇلىلىرى ۋە ئاتومنىڭ ئىسسىقلىق ھەرىكىتى ئېشىپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولغاچقا، ئەسلىدە بەدەندە تۇرۇپ قالغان كونا كېرەكسىز ماددىلار ۋە زىيانلىق ماددىلار ماددا ئالمىشىشقا ئەگىشىپ تەر بەزلىرىدىن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ، تەر تۆشۈكچىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان گىرىم بۇيۇملىرىدىكى قالدۇق ماددىلار بۆرەكتىن ئۆتمەي، تېرە ۋە تەر بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا بىۋاسىتە چىقىپ كېتىدۇ، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.


ئەلۋەتتە، ئىئونسىز رادىئاتسىيە بولسىمۇ، رادىئاتسىيە مىقدارى يۇقىرى بولسا ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ئىنفرا قىزىل نۇرغا زىيادە قاقلىنىش ئادەمنى سۇسىزلاندۇرىدۇ؛ ئۇزۇن ۋاقىت تېلېفون ئۇرۇش قۇلاق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ؛ ئۇزۇن ۋاقىت يورۇقلۇق رادىئاتسىيەسىگە ئۇچرىغاندا كۆرۈش نېرۋىسى چارچاش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈچلۈك نۇر رادىياتسىيەسى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ. 

شۇڭا، رادىئاتسىيەنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ئەمەس، ئىئونلاشقان رادىئاتسىيەگە ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم، ئىئونسىز رادىئاتسىيەگە نىسبەتەن، بەدەننىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن يەنىلا ئۇزۇن ۋاقىت رادىئاتسىيە مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

 

#بىلىمدان 

 


Sunday, January 24, 2021

يۈگۈرەمىسىڭىز كېرەك يوق، ئەمما پىيادە مىڭىشنى تاشلىماڭ

 


 يۈگۈرەمىسىڭىز كېرەك يوق، ئەمما پىيادە مىڭىشنى تاشلىماڭ







♡♡♡

ئامېرىكىدا نەشردىن چىققان « پىيادە مېڭىڭ! يۈگۈرمەڭ » دېگەن كىتابتا، ئاپتور سىتامان دوكتور يول پىيادە مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ قەدەمنى چوڭ ئېلىشنى، سۈرئەتنىڭ تېزراق بولۇشىنى، بىلەكنىڭ قانۇنىيەتلىك ھەرىكەتلىنىشىنى، باشنى تىك تۇتۇپ كۆكرەكنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

Image

پىيادە مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئاددىيلا بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى ھەرىكەت دەپ ئويلاپ قالماڭ، ھازىر نۇرغۇن تەتقىقاتتا ئىسپاتلىشىچە، قانۇنىيەتنىڭ پىيادە مېڭىش بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنى 

 ئۈنۈملۈك ھالدا چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ : 



باش قىسىم - مىڭنىڭ ئېندورفىننى قويۇپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ. 

ئۆپكە قىسىم – ئۆپكە ھەرىكىتىڭىزنى ياخشىلايدۇ، تاماكىغا خۇمار بولغۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىش ھەۋىسىنى پەسەيتىدۇ. 

Image

دۈمبە قىسىم - دۈمبە مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، ھەمدە دۈمبە قىسمىنىڭ يارىلىنىشىنى ئازايتىدۇ. 

پۇت قىسىم - مېڭىش بولسا سۆڭەككە كۈچ مەشىقى ئېلىپ بارغانغا تەڭ بولۇپ، پۇت سۆڭىكى ۋە مۇسكۇلىنىڭ كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ. 

بىر ھەپتىدە ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق پىيادە مېڭىپ بەرگەندە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى % 35 ~ % 40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. 

بىر ھەپتىدە ئۈچ كۈن پىيادە مېڭىپ، ھەر قېتىمدا 45 مىنۇتتىن يۇقىرى ماڭغاندا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

بىر ھەپتىدە يەتتە سائەتتىن يۇقىرى پىيادە مېڭىپ بەرسە، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشىنى % 20 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ب تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە قارىتا % 50 داۋالاش ئۈنۈمى بار. 

1. پىيادە مېڭىش يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، يۈرەكنىڭ ئاستا ھەم كۈچلۈك سوقۇشىغا پايدىسى بار. 

2. پىيادە مېڭىش قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ. 

3. پىيادە مېڭىش مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، پۇت، بۇلجۇڭ گۆش ۋە سۆڭەكلەرنى كۈچلەندۈرىدۇ،  بوغۇملارنى چاققان يېنىڭ قىلىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

4. پىيادە مېڭىش ھەزىم قىلىش بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، قانۇنىيەتلىك ھالدا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، دېئابىت، سېمىزلىك، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ھەممىسىگە ياخشى داۋالاش رول بار. 

5. سىرتقى ساپ ھاۋادا پىيادە مېڭىش چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتىنى ئېنىق، جانلىق قىلىدۇ، چارچاشنى ئۈنۈملۈك ھالدا تۈگىتىدۇ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سىناق قىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر سائەت مېڭىپ بەرگەن ھەمدە بۇنى ئۇدا تۆت ئاي داۋاملاشتۇرغان ئادەم بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان ئادەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىسىنىڭ ئىنكاسى ئۆتكۈر بولغان، كۆرۈش سېزىمى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى جەھەتتە ئاساسەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان. 

6. پىيادە مېڭىش بولسا بىر خىل جىمجىتلىق ئارىسىدا ھەرىكەت بولغان، ھەرىكەت ئىچىدە جىمجىتلىق بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، تىت-تىت بولغاندا، تەشۋىشلەنگەندە يېنىك قەدەملەر بىلەن 15 مىنۇت ئەتراپىدا سەيلە قىلىپ بەرگەندە، جىددىيلىكىنى پەسەيتىپ، كەيپىياتنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. 

7. قەرەللىك پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇش يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقىتىدۇ ياكى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بەدەندىكى چارچاشنى تۈگىتىپ، كەيپىياتنى خۇشال 

قىلىدۇ، ئالاقزەدىلىكىنى پەسەيتىدۇ.



8. پىيادە مېڭىش ئارتېرىيە دىۋارىغا ترىگلىتسېرى ( قاندىكى ماي ) ۋە خولېستېرىننىڭ ( قاندىكى مايلىق ئاقسل ) يىغىلىپ قىلىشىنى ئازايتىدۇ، ھەمدە قاندىكى قەنتنىڭ ترىگلىتسېرىدقا ئايلىنىپ كېتىشىنى ئازايتىدۇ . 

Image

9. پىيادە مېڭىش ئادەمنىڭ قورساق قىسمىدىكى ماينىڭ يىغىلىپ قىلىشىنى ئازايتىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلايدۇ. 

10. پىيادە مېڭىش قان نوكچىسى شەكىللىنىشىنى ئازايتىدۇ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ. 

11. پىيادە مېڭىش ھورمۇنلارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىدۇ، ئادرېنالىننىڭ ( بۆرەكنىڭ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى ئاجراتما ئەزا ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇن ) كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتىدۇ، زىيادە ئاجرىلىپ چىقىرىلغان ئادرېنال ئارتېرىيە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

12. پىيادە مېڭىش يەنە مۇھىتنى قوغداش، كېرەكسىز گازنىڭ بۇلغىشىنى تۈگىتىش، بەدەن كۈچلەندۈرۈش، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، كېسەللىكلەرنى ئازايتىپ ئۆمۈرنى 

ئۇزارتىش قاتارلىق رولى بار.


#بىلىمدان

Saturday, January 23, 2021

«سۈنئىي ئىدراك»

 

«سۈنئىي ئىدراك»



(چاچما شېئىر)

 

1

نۆل بىر، نۆل بىر

0101010101...

دۈپ، دۈپ، دۈپ، دۈپ...

......

سىنىغۇچى C: سەن كىم؟

سىنالغۇچى A: ئاۋۇ يېراق تاغدىكى

گىرىمسەن يولۇچى.

سىنىغۇچى C: ئۇنداقتا ئەي يولۇچى

يېنىڭدىكى يەنە كىم؟

سىنالغۇچى B: مەنما ئەمەلدار؟!

سىنىغۇچى C: شۇنداق ئوقۇغۇچى

سىنالغۇچى B: ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىر

بىرەسمىي سەپدېشى.

...

سىناق داۋاملاشماقتا

سوئال ئالماشماقتا

...

سىنىغۇچى C: ھىم، ئەستا...

A، B زادى كىملەر؟

ئادەممۇ يا ماشىنا ...؟

...

باش ئەمەلدار D: خوش، 

سىناق ئاخىرلاشتى

نەتىجە چىقتى، پەرىقلەندۈرۈش مەغلۇب بولدى

ئاخىرقى نىسبىتى %33، 

ئادەم ئاجىزلاشتى.

ئىشقىلىپ A، B نىڭ

بىرى ماشىنا، بىرى ئادەم

0101010101...

دۈپ، دۈپ، دۈپ، دۈپ...

ئەمدى ئايرىماق تەس

زادى قايسى ماشىنا، قايسى ئادەم

ھازىر ئېنىق ئەمەس.

...

2

ئالدىنقى ئەسىردە

دۇنياغا كەلگەن غەمكىن

داڭلىق «تۇرىڭ سىنىقى»

ئۇشبۇ سوغۇققىنا بىر يول

ئالىم ئالان تۇرىڭ ياققان

سۈنئىي ئەقىل چىرىقى.

ئەپسۇس، زەھەرلىك

پۇچۇق ئالما يەپ ئۆلگەن

تالانتلىق "رېژېسسور".




3

مېتال تەن، سىم تۇمۇر

قان ئەمەس ئۇنىڭدا

ئاقىدۇ بىت،

ھۈجەيرە، توقۇلمىلار

خاستۇر ئەمەس

پەرقسىز تېرىلەر

راستمۇ ئەمەس.

كەلمەيدۇ ئۇنىڭدىن ھەرگىز

ئىنسانىي ھىد.

4

«مەن، بىر ماشىنا ئادەم»

سالام سىزگە

ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئاپتۇرى

ئېساك ئاسىموف.





5

بۇ بىر ئالگورىزىم

گۈزەل ھەم بەسى مۇرەككەپ

ئالگېبرالىق ئىپادە

ئۇستىخانلىق،

تەدبىر، قارار دەرىخى

مۇسكۇللۇق،

لوگىكىسى قانۇنىيەت.

6

رەسىم ۋە تور

رامكا، ئەندىزە

ھېسسىياتسىز

دەرىجىدىن تاشقىرى

ئالما ئەقىللىق

كومپيۇتېر ئۇ

ئېلېكتىرونلىق.

جەريان كودلىرى

ئويناقشار

نېرۋا تورىغا

ئارقا ئۇلىنىپ.

7

"...ھەي، جانسىز مەۋجۇدىيەت

سەندىكى كۇزۇر ئەقلىي

ئىقتىدار،

...ھەي، جانلىق مەدەنىيەت

ياق، ئاڭلىق ھايۋان

تەپەككۇرى جانلىق

سەندىكى كۇزۇر تەبئىي

ئەقىل-پاراسەت."

8

ئۆتمۈشتە غەلىتە

بولماس ماشىنىلاردا

مۇھەببەت ھەم پاراسەت

شەكىللەنمەيدۇ ئاپتۇماتىك

ھېسسىيات، ئاڭ ۋە مەقسەت.

ئۇزاق ئۆتكەنكى

ئىككى-ئۈچيۈز يىل

ئادەملەر ئايلاندى

سانائەت ماشىنىسىغا،

ئەمدى كېيىنكى

ئىككى-ئۈچيۈز يىل

ماشىنا ئايلىنار

ئادەمگە ۋە ئاسىيلارغا.





9

يەرشارى مېڭىسى

ئۈزۈكسىز ئۇلىنىۋاتقان

سۈنئىي

نېرۋا ھۈجەيرىسى

ئېنتېرنېتتىن ھەم ھالقىغان،

ئەقلىي ئىقتىدار

نەرسە تورىغا ئۇلانغان.

بىچارە ئادەملەر

ئەمەس ئىپتىخار.

10

چوڭ مېڭىگە لىقلىق تولغان

مۇنبەت تۇپراق

بايلىق ئەمەس ئۇ

سانلىق مەلۇمات،

ئالگورىزىمدىن تىزىلغان

ئاتالمىش يوچۇن

مەۋھۇم "روھىڭ"مۇ

ئۇ پارچە پۇچۇق.

11

سېنى قوزغاتقان

ئەسەبىي

كۇزۇرۇڭمۇ ئۇ

ھېسابلاش كۈچى

شەرتلىك ئەمما

دان ئۇرۇق.

12

ئاسىموف يالغۇز

ئۆيىدە بارمىدۇ؟

ماشىنا كۈچۈكى

"باغلاق"تا بارمىدۇ؟

مىسران قەلىمى

"ئاسقۇ"دا بارمىدۇ؟

ئۈچ چوڭ قانۇنى

"ئىلغۇ"دا بارمىدۇ؟

ماشىنا ئادەملەرنىڭ





...

13

"«ماشىنا غۇجىدار»

ھەي ماشىنا غۇجىدار...

قېنى سەن

ماشىنا ئادەملەركەلدى

تېز قاچايلى

نەگە؟

ئالەم بوشلۇقىغا.

ياق، غۇجايىن قاچمايلى

ياق، بىز چاپسان قاچايلى

قاچمايلى

قاچايلى ..."

14

بالا-قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس

پۇت-قوللىرىنى ساڭگىلىتىپ،

بەخت-ئامەت ياندا تۇرماس

خالتىلىرىنى پۇلوڭلىتىپ.

15

ئەي «ماشىنا بالا» AI

سەن ھازىر ئامانمۇ

بېشىڭدىكى زادى

سىفېر ياكى ئاڭمۇ؟!





16

ئەي خالايىق، بولۇڭلار پەخەس

ئۇلار ھېسسىياتسىز ماشىنا ئادەم

ھېچكىم ئەتە دەر گۇمان ئەمەس

چۈنكى بىز ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم.

17

چۆرگىلەركەن تېخنىكا

دەۋر چاقى ھەم زور ئالدىغا.

چوڭلۇقىدىن توسقىلى بولماس

قۇياشنى

ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس

سەرگەردان بىز بۇ پىلانېتقا.

18

تېخنىكىنىڭ، ئىدراكنىڭ

سۈنئىي تەجرىبە ئېتىزلىقىدا

قۇچايلى غەلبە

يول ئېلىپ

پارلاق ئەتىگە

كۆچمەن بولۇپ

ئېنىقسىز

كەڭ كەلگۈسىگە.

«پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش»

يۈز بەرگەن

قۇرت تۆشۈكى

ئېچىلغان جايغا.

ھەربىرەيلەندە بىردىن ھازىر

قىممەتلىك

جانلىقلار ئۆزىكى.

دەرىجىدىن تاشقىرى

كومپىيۇتېر ياكى

كىلونلانغان يېڭى ھاياتلىق

ھۆكۈم سۈرەر

ھەممە يەردە.

19

تارىخىتىكى

تۇنجى پروگراممېر

ئەنگلىيە قورۇقىدا

شائىر بايروننىڭ قىزى

ئېدا (Ada) لوۋلېيس

ئاچقان يول!




 

ئاپتۇرى: قۇربانجان باقى 


#bilimdan