Search This Blog

Sunday, September 29, 2019

يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ قالسىلا ئادەم ئۆلگەن ھېسابلىنامدۇ؟

يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ قالسىلا ئادەم ئۆلگەن ھېسابلىنامدۇ؟

ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تالاش ـ تارتىش نەچچە مىڭ يىل داۋاملىشىپ، ئىلىم ـ پەن، دىن ۋە پەلسەپە ساھەسىدىن ھالقىدى.ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، كىشىنىڭ تېنىنى تىترىتىدىغان بىر تۈرلۈك تېببىي تەتقىقات ئېلىپ چىقىلىپ مۇزاكىرە قىلىندى ـ ئادەم ئۆلگەندە ئۆزىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلەلەيدىكەن.
بۇ تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغاندىن كېيىن، چوڭ مېڭە ئېڭى يەنە داۋاملىق خىزمەت قىلىدىكەن، دېمەك، ئۆلگۈچى خۇددى بەدىنىگە قىسقا ۋاقىت قاپسىلىپ قالغاندەك ھەرىكەت قىلالمايدىكەن، ئۇلار تېببىي خادىملارنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزماقچى بولغانلىقىنى ھېس قىلىشى ياكى ئۆزىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان چاغدىكى ئاۋازنى ئاڭلىيالىشى مۇمكىن ئىكەن.
نيۇ ـ يورك ئۇنىۋېرسىتېتى لانگې تېببىي مەركىزىدىكى دوكتور سام پارنىيا ئۆلگەندىن كېيىنكى ئاڭنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان، ئۇ يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندىن كېيىن ئۆلۈپ تىرىلگەن 140 بىمارنى زىيارەت قىلىپ، نۇرغۇن بىمارلارنىڭ دوختۇر ۋە سېسترالارنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزغان چاغدىكى ئەھۋالىنى توغرا تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.بۇ بىمارلار ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن تەپسىلاتلارنى ئىسىگە كەلتۈرگەندە، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ھەممىسى قورقۇپ كەتتى.بىراق، نۇرغۇن كىشىلەر ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇلاردا بىلىش كەمتۈكلۈكى، جاراھەتتىن كېيىنكى بېسىم كېسىلى بىمارلىرى توپى ئالامىتى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى، دوكتور سام پارنىيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ ئالامەتلەر يۈرەك توختىغاندىن كېيىنكى ئاشۇ كەچۈرمىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا،دوكتور سام پارنىيا يېقىنقى بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا، نۇرغۇنلىغان يۈرىكى تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش كېسىلى بىمارلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلەي دەپ قالغان چاغدىكى ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ بەرگەن ، ئۇلار بىر يورۇق ھەم ئىللىق نۇر مەنبەسىنى كۆرگەن،بۇ نۇر مەنبەسى ئۇلارنى قارشى ئالغاندەك تۇيۇلغان ، تاكى ئۇلار قۇتقۇزۇپ قېلىنغانغا قەدەر بۇ نۇر مەنبەسى ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
دوكتور سام پارنىيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تەتقىقات مەقسىتى يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندىن كېيىن چوڭ مېڭىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئېڭىنىڭ داۋاملىق داۋاملىشىدىغان ـ داۋاملاشمايدىغانلىقى، قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىش ئىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىمارنى قۇتقۇزۇشتىكى مۇھىم ھالقا ئىكەن ھەمدە يۈرەك قايتا سوققاندا چوڭ مېڭىنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
تورداشلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇڭا ئادەم ئۆلۈپ كەتكەندە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىسا پايدىسى بار، بوۋامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى گېپىمنى ئاڭلىغان ـ ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئۆزۈمنى پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلدىم.
بىراق يەنە بەزى تورداشلار بۇ يەردە ئۆلۈم دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش توغرا ئەمەس، يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق يۈرەك سوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن، تېببىي جەھەتتە ئۆلۈمنىڭ ئۆلچىمى مېڭە ئۆلۈش بولۇپ ، ھەرگىزمۇ يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلىنغان.

#bilimdan   #bilimzar 
بىلىمدان   #بىلىمزار# 

شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟


شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل



شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل دېگەن نېمە؟
شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل يەنە ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتۇموبىل ، ئۆزى ھەيدىلىدىغان ئاپتۇموبىل ، روبوت ئاپتۇموبىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئەتراپتىكى مۇھىتنى سىزەلەيدىغان ۋە ئادەم ئاز ئارلاشقان ياكى ئارلاشمىغان ھالەتتە ئۆزى ماڭالايدىغان ئاپتۇموبىل كۆرسىتىدۇ.

شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل بىر روبوت(ماشىنا ئادەم)تا بولۇشقا تىگىشلىك شەرتلەرنىڭ ھەممىنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان بولۇپ، ئۇنى روبوتنىڭ بىر تۈرى دىيىشكە بولىدۇ.
شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل ئۆزىگە ئورنىتىلغان رادار، لايدار(لازىرلىق رادار)،GPS، كامېرا، مۇساپە ئۆلچىگۈچ، ئىنىرىتسىيەلىك ئۆلچىگۈچلەر ئارقىلىق ئۆلچەپ چىقىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئاپتۇموبىلنى كونترول قىلىپ ھەيدەپ، مۇستەقىل يول باشلاپ بەلگىلەنگەن نىشانغا بارىدۇ.



شوپۇرسىز ئاپتۇموبىلنىڭ تارىخى
شوپۇرسىنىڭ ماشىنىنىڭ تارىخىنى 1950-يىلغا ياكى ياكى تېخىمۇ بۇرۇن بولغاندا 1920- يىللارغا سۈرۈش مۇمكىن. پۈتۈن دۇنيا ئىتراپ قىلىدىغان تۇنجى ھەقىقى ئاپتۇماتىك ماڭىدىغان ماشىنا بولسا 1977-يىلى ياپۇنچە چۇبۇكا مىخانىكا ئىنژىنىرلىق تەجىربىخانىسى ياسىغان ماشىنا. ئۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىنى بولسا 84-يىلدىكى DARPAنىڭ، 87-يىلدىكى بىنىزنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش مۇمكىن. لېكىن تارىخ بىلەن كىمنىڭ كارى، بىزنىڭ سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز كەلگۈسىدىكى ماشىنا.

شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟

شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل ئۆزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىنزورلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى مۇھىتنى سىزىدۇ ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك خەرىتىسىنى سىزىدۇ. ئېرىشكەن بۇ ئۇچۇرلار ۋە سىزىلغان خەرىتىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىپ ماشىنىنىڭ سۈرئىتى ۋە يۈنۈلىشىنى كونترول قىلىدۇ. جىددى ئەھۋاللاردا سۈرئەتنى ئاستىلىتىدۇ ياكى تۇرمۇزلايدۇ. سۈرئىتى ئاستا ماشىنىنى يانداپ ئالدىغا ئۆتىدۇ.




شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل چوڭ جەھەتتىن يول باشلىغۇچقا تايىنىپ لېنىيەنى بىكىتىدۇ. ئەمما كونكىرىت يول يۈرگەندە ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئاپتۇماتىك سىزىپ دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىدۇ. مەسىلەن: ئالدى، كەينى، ئەتراپىدىكى ماشىنىلار، يول ئەھۋالى، تەبىئى شارائىت(يامغۇر، قار، شامال)، يولدىن كېسىپ ئۆتىۋاتقان ئادەم، ھايۋاناتلار قاتارلىق.

ئەمەلىيەتتە شوپۇرسىز ئاپتوموبىلدا بولىدىغان بىر قىسىم تېخنىكىلار ھازىرمۇ بازاردىكى بەزى ماشىنىلاردا مەۋجۇت. مەسىلەن: قارىغۇ نوقتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، ماشىنا يولىنى ساقلاش، ماشىنا تىزلىكىنى ساقلاش، ماشىنا ئارلىقىنى ساقلاش، ئاپتوماتىك تورمۇزلاش، ماشىنا توختىتىش... قاتارلىق.



ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىنى ئۈچ باسقۇچ بويىچە چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇلار ماس ھالدا كىرگۈزۈش بۆلىكى، بىر تەرەپ قىلىش بۆلىكى، ھەركەت بۆلىكى دەپ ئۈچ بۆلەككە بۆلىنىدۇ. كىرگۈزۈش بۆلىكىدە لايدار، رادار، كامېرا قاتارلىق ھەر خىل سىنزورلار بولۇپ ئاپتوموبىلنىڭ كومپيۇتېرىغا ئۇچۇر كىرگۈزىدۇ. بىر تەرەپ قىلىش بۆلىكى بولسا ئاپتوموبىلنىڭ كومپيۇتېرى بولۇپ كىرگۈزۈلگەن ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ، ھىساپلاپ، قانداق مەشغۇلات قىلىش كېرەكلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. ھەركەت بۆلىكى بولسا كومپيۇتېر بەرگەن بۇيرۇققا ئاساسەن رولنى كونترول قىلىش، تورمۇزلاش، ماينى كونترول قىلىش(سۈرئەتنى ئاشۇرۇش ياكى ئاستىلىتىش) قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بىجىرىدۇ. بۇ ئۈچ بۆلەك ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بۆلەك بىر تەرەپ قىلىش بۆلىكى يەنى كومپيۇتېر بۆلىكى بولۇپ، ئۇ ئالدىن تۈزۈلگەن يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ھىساپلاش ئېلىپ بارىدۇ. كومپيۇتېر شوپۇرسىز ئاپتۇموبىلنىڭ يۈرىكى، يۇمشاق دېتال جېنى ھىساپلىنىدۇ.

شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ دەرىجىلىرى
شوپۇرسىز ئاپتۇموبىلنىڭ مۇكەممەل، تولۇق ئاپتۇماتىك ھەيدىلىشى ئۈچۈن مەلۇم جەريان كېتىدۇ. ھەم بۇ تەرەققىيات جەريانىدا نورغۇن ئۆتكۈنچى ئاپتۇموبىللار بارلىققا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئاپتۇماتىك ھەيدىلىش دەرىجىلىرى ئوخشىمايدۇ. نۆۋەتتە ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇسۇلدا شوپىرسىز ماشىنىلارنى ئالتە دەرىجىگە ئايرىيدۇ.




0-دەرىجە. پۈتۈنلەي ئادەم ھەيدەيدۇ. سىستېما پەقەت ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بېرىدۇ. قارىغۇ نوقتىدىن ئەسكەرتىش، يول ساقلاش ئەسكەرتىشى، رادار، سوقۇلۇشتىن ئەسكەرتىش... قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆز يولدا، قول رولدا، پۇت پىدالدا.

1-دەرىجە. ئادەم ھەيدەيدۇ. سىستېما ياردەمچى ھالەتتە مەشغۇلات قىلىدۇ. ماشىنا يولىنى ساقلاش، مۇقىم سۈرئەتنى ساقلاش، جىددىي ئەھۋالدا ئاپتوماتىك تورمۇزلاش... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆز يولدا، قول رولدا، پۇت پىدالدا.

2-دەرىجە. قىسمەن ئاپتۇماتىك ھەيدەيدۇ. چەكلىك سۈرئەتتە ماشىنا ئۆزى رولنى ۋە تىزلىكنى كونترول قىلىپ ھەيدەيدۇ. ئەمما ئادەم داۋاملىق تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇش،يول ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرۇش، زۆرۈر تېپىلغاندا كونتروللۇقنى ئۆتكۈزىۋېلىش كېرەك. تېسلانىڭ نۆۋەتتىكى Autopilot ئىقتىدارى مۇشۇ ئىككىنچى دەرىجىگە تەۋە. كۆز يولدا، قول ئازات(ۋاقىتلىق)، پۇت ئازات(ۋاقىتلىق).


Tesla ئاپتۇموبىلىنىڭ Autopilot ھەيدەش ياردەمچىسى


3-دەرىجە. شەرتلىك ئاپتۇماتىك ھەيدەش. ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي ئاپتۇماتىك ھەيدىلىدۇ. خالىسڭىز رولنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇسىڭىز، كىنو كۆرسىڭىز بولىدۇ. پەقەت زۆرۈر تېپىلغاندا كونتروللۇقنى قولىغا ئالسا بولىدۇ. كۆز ئازات، قول ئازات، پۇت ئازات.

4-دەرىجە. يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئاپتوماتىك ھەيدەش. ئاپبوموبىل ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆزى ئاپتۇماتىك يۈرەلەيدۇ. سىزنىڭ كونتروللۇقنى ئۆتكۈزىۋېلىشىڭىز شەرت ئەمەس. ماشىنىنىڭ رولى ۋە ماي پىدالى، تۇرمۇز پىدالى قوشۇمچە تەمىنلەنگەن. كۆز ئازات، قول ئازات، پۇت ئازات.


«مەن، روبوت» ناملىق فىلىمدىكى شوپۇرسىز ئاپتومۇبىل. 4- دەرىجىگە چۈشىدۇ.

5-دەرىجە. تولۇق ئاپتۇماتىك ھەيدەش. پىراۋا ھاجەتسىز. بارلىق كونتروللۇق ماشىنىدا بولىدۇ. ماشىنىنىڭ رولى، پىدالى بولمايدۇ. كۆز ئازات، قول ئازات، پۇت ئازات.


Waymo (گۇگۇل) نىڭ 5-دەرىجىگە چۈشىدىغان شوپۇرسىز ئاپتۇموبىلى

يۇقارقىلار ئىچىدە 0-،1-،2-دەرىجىلەرنى ھەيدەش ياردەمچىسى، 3- دەرىجىدىن باشلاپ ھەقىقى مەنىدىكى ئاپتۇماتىك ھەيدەش دەپ قاراشقا بولىدۇ.

شوپۇرسىز ماشىنىدىكى سىنزورلار

ئادەتتىكى بىر ئاپتۇموبىلدا 100 دىن 200 گىچە سىنزور بولىدۇ. بۇ سىنزورلارنىڭ بىر قىسمى ماتوردا بولۇپ ماتورنىڭ نورمال ھەركەتلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەسىلەن ئوكسىگىن سىنزورى، ماتور تېمپىراتۇرا سىنزورى، ماتور ئىچى بېسىم سىنزورى، توك بېسىمى سىنزورى، ماي ئېقىم سىنزورى... قاتارلىقلار. يەنە بىر قىسىم سىنزورلار ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن: ھاۋا خالتا سىنزورى، بىخەتەرلىك تاسما سىنزورى، يۇرۇقلۇق سىنزورى، يەل بېسىم سىنزورى، تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوللىنىدىغان تىزلىنىش سىنزورى، ئالدى-كەينى رادار، كەينى كامىرا... قاتارلىقلار.


ئاپتۇموبىلدىكى سىنزورلار

شوپۇرسىز ئاپتۇموبىللاردا يۇقارقىدەك ئەنئەنىۋرى سىنزورلاردىن باشقا ئاپتۇماتىك ھەيدەش يۇمشاق دېتالىنى بىۋاستە زۆرۈر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان يەنە بىر قىسىم ئۆزگىچە سىنزورلار بولىدۇ.

لايدار(Lidar)- لازىرلىق رادار. ئۆزىدىن كۆرۈنمەس لازىر نۇرى چىقىرىدۇ. ۋە ئەتراپتىكى جىسىمدىن قايىتقان لازىر نۇرنى قۇبۇل قىلىپ، ئېرىشكەن ئۇچۇردىن ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ خەرىتىسىنى سىزىدۇ. ئادەتتىكى كامىرا ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ تەكشىلىكتىكى رەسىمىنى تارتىدۇ. ئەمما لازىرلىق رادار نۇر قايىتقان جىسىم بىلەن بولغان ئارلىقنىمۇ ئۆلچىيەلەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئۈچ ئۆلچەملىك خەرىتە ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. ھەم لازىر نۇرى نىسبەتەن يىراق ئارلىققا يىتىپ بارالايدىغان بولغاچقا بىر قەدەر كەڭ دائىرىدىكى جىسىملاردىنمۇ ئالدىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ.


لايدار ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان تەسۋىر(ئارلىق ئۇچۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

رادار. رادار ئادەتتىكى ئاپتۇموبىللاردىمۇ بار. قىسقا ئارلىقتىكى جىسىملارنى بايقاشقا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن ماشىنا توختاتقان ۋاقىتتا ماشىنىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۆرۈنمەس نوقتىلاردىكى جىسىملاردىن سىگىنال بېرىدۇ. شوپۇرسىز ئاپتۇموبىللاردا رادارنىڭ دەرىجىسىمۇ ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ ماشىنىنىڭ پۈتۈن ئەتراپىنى سىزىدۇ. شۇنداقلا ئادەتتىكى راداردىن نىسبەتەن كەڭ دائىرىنى كۆرەلەيدۇ.



رادار، لايدار، كامىرالارنىڭ «كۆرۈش» دائىرىسى


كامېرا. ئەنئەنىۋىي ماشىنىلاردا كامېرا كەينىگە ياندۇرغان ياكى تار جايلاردىن ئۆتكەندە ماشىنا كەينىنى، ياكى 360 گىرادۇسلۇق كامېرا بار ماشىنىلاردا ئالدى، يان تەرەپتىكى كۆرۈنمەس نوقتىلارنى كۆرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. شوپۇرسىز ئاپتۇموبىللاردا بولسا يول ئەھۋالىنى، قاتناش چىقىرىقى، يول بەلگىسى ۋە ئوبىكىتلارنى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: يولدىكى ئاق، سېرىق سىزىقلار، يولدا كېتىۋاتقان ياكى يول بويىدىكى ماشىنا، ۋەلىسپىت، موتوسىكىلىت، ئادەم، ھايۋانات... قاتارلىق نەرسىلەرنى AI تېخنىكىسىدىكى ئوبىكىت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن پەرقلەندۈرۈپ ماشىنىنىڭ مەشغۇلات قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.



كامىرادىن ئېرىشىلگەن سۈرەت ئارقىلىق ئوبىكىت پەرقلەندۈرۈش

شوپۇرسىز ماشىنا نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ

قاتناش ھادىسىسى ئازلايدۇ. %94 قاتناش ھادىسىسى ئىنسانلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيدىلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. دىققەت چېچىلىش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، قالايمىقان يول ئۆزگەرتىش، سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش... قاتارلىق ئىنسانلاردا بولىدىغان قىلمىشلار قاتناش ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. ناۋادا يولدا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى ئاپتۇماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل بولسا قاتناش ۋەقەسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

قاتناش توسۇلمايدۇ. شوپۇرسىز ماشىنىلار قاتناش توسۇلۇشنىمۇ ئۆنۈملۈك ھەل قىلالايدۇ. ماشىنا ئارلىقىنى مۇۋاپىق ساقلاش، لىنىيەسى ئالدىن بەلگىلەنگەن بولۇش، ماشىنا بىلەن ماشىنا ئالاقىسى، ماشىنا بىلەن ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسى... قاتارلىقلار قاتناشنى تېخىمۇ راۋان قىلىدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي شوپۇرسىز ماشىنا قاتنىسا ھەتتا قىزىل چىراق ئىشلىتىشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ.

شوپۇرسىز ماشىنا قاتناش قانۇنىغا ئاڭلىق بوي سۇنىدۇ. شۇپۇرسىز ماشىنىلار قاتناش قائىدىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىدۇ. قالايمىقان يول ئۆزگەرتمەيدۇ. قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتمەيدۇ. قالايمىقان توختىمايدۇ. سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ماڭمايدۇ. شۇڭا جەرىمانە تالۇنىمۇ يىمەيدۇ. نومۇرمۇ تارتقۇزمايدۇ.

ئەنئەنىۋىي ماشىنا ئىشلىتىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىدۇ

  • شەخىسلەرنىڭ پۇل تۆلەپ ماشىنا سېتىۋېلىشى ھاجەتسىز. ئاپتۇموبىل كارخانىلىرى ئاپتۇموبىلنى بىۋاستە سېتىش ئەندىزىسىدىن ئىجارىگە بېرىش ئەندىزىسىگە ئۆتىشى مۇمكىن. ئاپتۇموبىل سېتىۋالغان بەزى كىشىلەر ئاپتۇموبىل بىكار قالغان ۋاقىتتا «پۇل تېپىپ كەل» دەپ يولغا چىقىرىۋىتىشى مۇمكىن. يەنى ئىگىسى ئاپتۇموبىلىنى ھەمبەھىر ئاپتۇموبىل ھالىتىگە تەڭشەپ قويسا، ماشىنا ئىھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ساقلاپ تۇرىشى، ئۇ ئادەم ماشىنىنى ھەيدەپ، ياق ماشىنا ئۇ ئادەمنى ھەيدەپ مەنزىلىگە ئاپىرىپ قويىشى مۇمكىن. يەنى ھازىرقى Uber,lyft، لانىڭ شوپۇرسىز شەكلى.
    بالىلار مەكتەپكە ئۆزى بارالايدۇ. بالىڭىزنى مەكتەپكە، ئايالىڭىزنى ئىش ئورنىغا سىز ئاپىرىپ ئەكەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ماشىنىڭىز ئاپىرىپ قويۇپ ئۆزى يېنىپ كېلەلەيدۇ. ئايرۇپىلان بىلەن سەپەرگە چىقسىڭىز قايتىپ كەلگۈچە ماشىنىنى ئايرىدىرومدا توختىتىپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. سىزنى تاشلاپ قويۇپ ئۆيگە يېنىپ كېتىدۇ. قايتىپ كەلسىڭىز ئالدىڭىزغا چىقىدۇ. ماشىنا بىلەن بىر يەرگە بارسىڭىز ياكى ئۆيگە قايتىپ كەلسىڭىز ماشىنىنى توختىتىشنىڭ غېمىنى يىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىزنى ئىشىك تۈۋىگە ئەكىلىپ قويۇپ يەنە ئىشىك تۈۋىدىن ئېلىپ ماڭىدۇ.
  • تاكسىيلار. تاكسىي شىركەتلىرىنىڭ شوپۇر ياللاپ تاكسى سېلىشى شەرت ئەمەس. پەقەت ئاپتۇموبىل سېتىۋىلىپ يولغا قويۇپ بەرسىلا بولىدۇ. ياكى ئاپتۇموبىل كارخانىلىرى ماشىنىلىرىنى ياساپ بولۇپ دەرۋازىدىن چىقىرۋەتسىلا بولىدۇ.
  • سوغۇرتا ھەققى تۆۋەنلەيدۇ. قاتناش ھادىسىسى تۆۋەنلىگەن ئىكەن ئاپتۇموبىلنى يۇقۇرى سوممىلىق سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. دېمەك سوغۇرتا ھەققى تۆۋەنلەيدۇ.
  • ئاپتۇموبىل چىقىمى تۆۋەنلەيدۇ. ئەنئەنىۋىي ئاپتۇموبىللاردا ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۋەتكىنى سىزنىڭ پۇتىڭىز. ئاپتۇموبىل ئاپتۇماتىك ماڭغان ئىكەن، ئۇ ئېنىرگىيە بىلەن ئىھتىياجلىق كۈچنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە بىر تەرەپ قىلىدۇ. مۇقەررەر ھالدا ماي سەرپىياتى(توك سەرپىياتى) تۆۋەنلەيدۇ.
ئاپتۇموبىلنىڭ ئىچكى لايىھەسىدە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولىدۇ. ئاپتۇموبىل ئۆزى ماڭسا سىزنىڭ يولغا ئۇدۇل قاراپ ئولتۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىلىڭىزنى ئاغرىتىپ تىك ئولتۇرىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق. خالىسىڭىز ياتسىز، خالىسىڭىز كەينىڭىزگە قاراپ ئولتۇرىسىز، خالىسىڭىز كىنو كۆرىسىز. شۇڭا ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى، ئىكران قاتارلىقلاردىمۇ ئۆزگۈرۈش بولىدۇ. رول، خوت، تورمۇز، تەڭشەكلەر يوقىسا ئاپتۇموبىلنىڭ ئىچكى بوشلۇقىمۇ يوغىنايدۇ. ھازىرقى ئاپتۇموبىللاردىكى شوپۇر ئورۇندۇقى بىلەن ياردەمچى شوپۇر ئورۇندۇقى ئارىسىدىكى توساقمۇ يوقىلىشى مۇمكىن.



شوپۇرسىز ماشىنىلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى
نۆۋەتتە  Toyota، GM، Volkswagen، Audi، BMW، Nissan، Honda، Volvo، Tesla، Renault... قاتارلىق ئەنئەنىۋىي ماشىنا كارخانىلىرى، Botch قاتارلىق زاپچاس تەمىنلەش شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا، Google,Uber,Lyft,Nvidia,Apple,Baidu,Alibaba قاتارلىق IT شىركەتلىرىمۇ شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شۇنداقلا بىر قىسىم ئېلىكتىرون كارخانىلىرىمۇ ئۆزىنىڭ سىنزورلىرىنى شوپۇرسىز ئاپتۇموبىلغان ماسلاشتۇرۇپ لايدار، كامىرا قاتارلىق سىنزورلارنى تەمىنلەيدۇ. Nvidia شىركىتى مەخسۇس شوپۇرسىز ماشىنىلارغا ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە گۇگۇلنىڭ بالا شىركىتى waymoنىڭ شوپۇرسىز ھەيدەش تېخنىكىسى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. Tesla بولسا «يوغان باش»لىق قىلىپ يولدا كېتىۋاتقان ئاپتۇموبىللىرىنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاپ 2-دەرىجىدىكى شوپۇرسىز سىستېمىنى بازارغا چىقىرىپ قويدى. شۇنداقلا بازاردىكى ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان يۇقۇرى دەرىجىدىكى شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل بولۇپ قالدى. ھەتتا كېلەر يىلى 4- دەرىجىدىكى شوپۇرسىز ماشىنىنى بازارغا سالىمىز دەپ پو ئېتىۋاتىدۇ.



Nvidia شىركىتىنىڭ شوپۇرسىز ئاپتۇموبىلغا ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرى

ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە 2030-يىلغا بارغاندا، شۇ چاغدا بازارغا سېلىنىدىغان ئاپتۇموبىللار %100 تورغا ئۇلانغان بولىدىكەن. %75 تى 3-دەرىجىدىكى شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل، %25 تى 4- ياكى 5- دەرىجىدىكى شوپۇرسىز ئاپتۇموبىل بولىدىكەن. دېمەك كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە شوپۇرسىز ئاپتۇموبىللار تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىدۇ.

bilimdan  #bilimzar#
#بىلىمدان   #بىلىمزار