Search This Blog

Monday, December 30, 2019

كۋانت چىرمىشىشى قانداق قىلىپ ۋاقىت بوشلۇقتىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ؟

كۋانت چىرمىشىشى قانداق قىلىپ ۋاقىت بوشلۇقتىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ؟

كۋانت چىرمىشىشى قانداق قىلىپ ۋاقىت بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئىندۇكسىيەگە يېتىدۇ



كۋانت چىرمىشىشى كۋانتنىڭ ئىككى مۇھىم خاسلىقى ئىچىدىكى ئەڭ سىرلىق بىرى. ئالىملار تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ سىرىنى يىشەلمەيۋاتىدۇ. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ھادىسە كۋانت مېخانىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. 


كۋانت چىرمىشىش ھادىسىسى ئالۋاستى كەبى ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىر دەپ ئاتىلىدۇ، "ئارىلىقتىن ھالقىغان" دېگەن سۆزنى كۆپ ساندىكى فىزىكا ئالىملىرى ئانچە ياقتۇرمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىلىم-پەن كاتېگورىيەسىدىن ھالقىغان ئۇقۇم. ئەڭ دەسلەپتە نيۇتون ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنى بايقىغان، ئۇنىڭ بىردىنبىر كەمچىلىكى شۇكى، كىلاسسىك فىزىكا ئالىملىرى نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنى چىقىش قىلىپ تارتىش كۈچىنىڭ ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. تاكى ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانغا قەدەر، ئاندىن تارتىش كۈچىنىڭ رولى ماھىيەت جەھەتتىن چۈشەندۈرۈلۈپ، تارتىش كۈچىنىڭ رولى تېزلىكنى يورۇقلۇق تېزلىكىگە تەڭ قىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ دەپ قارالغان.


كۋانت چىرمىشىش ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغىمۇ ئېينىشتىيىن سەۋەبچى بولغان، بۇ كۋانت مېخانىكىسى كوپېنھاگېن ئېقىمىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇنازىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كۋانت مېخانىكىسى بىلەن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى 20-ئەسىر فىزىكىسىنىڭ ئىككى چوڭ تۈۋرۈكى دەپ قارالدى، ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى يالغۇز ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۋانت مېخانىكىسىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشتى. ئەمما كۋانت مېخانىكىسىنىڭ تەرەققىيات لىنىيەسى بارغانسېرى قىڭغىر بولۇپ كەتتى، بولۇپمۇ كوپېنھاگېن ئېقىمىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەزەرىيۋى قاراشلارنى پېشقەدەم فىزىكا ئالىملىرى قوبۇل قىلالمىدى. ئەمما ئامال يوق ئىدى، چۈنكى ئىلىم-پەن چوقۇم خاتالىقلارنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان روھ  بىلەن داۋاملىق ئالغا قاراپ ئىلگىرلىشى كېرەكتە. 



بولۇپمۇ كۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئېنىقسىزلىق پرىنسىپى ئېينىشتېيننى تازا جىلە قىلدى ھەمدە  ئۇنى "تەبئىيەت دۇنياسى شىشىخال تاشلامدۇ؟" دېگەن مەشھۇر گەپنى قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. شرۇدىنگېر بولسا بۇ پرىنسىپقا قارىتا "شرۇدىنگېر مۈشۈكى" تەپەككۇرتەجرىبىسى (ئىدىيال تەجرىبە) نى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق كۋانت مېخانىكىسى كوپېنھاگېن ئېقىمىنىڭ ئېنىقسىزلىق پرىنسىپىنى مەسخىرە قىلدى. تەرەققىيات بەس-مۇنازىرىسىنىڭ ئوتتەك قىزىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، 1935-يىلى 5-ئايدا ئېينىشتىيىن بىلەن باشقا ئىككى فىزىكا ئالىمى پودولسكىي ۋە روسېن «كۋانت مېخانىكىسىنىڭ فىزىكىلىق چىنلىققا بولغان تەسۋىرىنى مۇكەممەل دەپ قاراشقا بولامدۇ؟» دېگەن تېمىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى، بۇ تەپەككۇر تەجرىبىسىگە ئۈچ ئاپتورنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرپى ئېلىنىپ "ERP تەجرىبىسى" دەپ ئاتالدى.


بۇ تەپەككۇر تەجرىبىسى دەل كۋانت چىرمىشىشىنى چۈشەندۈرگەن بولۇپ، ئەگەر بىر ئاساسىي زەررىچە بۆلۈنۈپ A زەررىچە بىلەن B زەررىچىگە ئايلانسا ھەمدە بۇ ئىككى زەررىچە ئايرىلىپ يېتەرلىك يىراق ئورۇنغا يېتىپ بارسا، ئەگەر A زەررىچىگە قارىتا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ سولغا ئايلىنىدىغانلىقى مۇقىملانسا، ئۇنداقتا B زەررىچە چوقۇم ئوڭغا ئايلىنىدۇ. ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپى بويىچە، A زەررىچە بىلەن B زەررىچىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش (سپىن) خۇسۇسىيىتى ئېنىقسىز بولىدۇ، پەقەت شۇ دەقىقىنى كۆزەتكەندىلا ئاندىن بۇنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا مۇنداق بىر خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، يەنى A زەررىچە سولغا ئايلىنىش دەپ بېكىتىلسە، ئۇنداقتا B زەررىچە ئوڭغا ئايلىنىشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى قانداق "بىلىدۇ"؟ بۇ دەل ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىر ئەمەسمۇ، ئۇنداقتا ئەگەر بۇ A زەررىچە بىلەن B زەررىچىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ئۇلار ئايرىلغان دەقىقىدە بېكىتىلسە، ئېنىقسىزلىق پرىنسىپى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ.


بور بۇ تەپەككۇر تەجرىبىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر نەچچە كۈن قاتتىق باش قاتتۇرۇپ، ئاخىرىدا "بۇ ئىككى زەررىچە گەرچە بىر-بىرىدىن يېراقتا تۇرغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ماھىيەتتە يەنىلا بىر زەررىچە، ئۇلار چىرمىشىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، مانا بۇ كۋانت چىرمىشىشى" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئەگەر ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا يەنە ھېچكىم بۇنداق مېخانىزمنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. يەنە بىر خىل قاراشتا كۋانت چىرمىشىشى يۇقىرى ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى پرويېكسىيىسى بولۇپ، بۇ خىل ئاتالمىش ئالۋاستى كەبى ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىرنى ئىپادىلەشتە تۆتىنچى بوشلۇق ئۆلچىمى رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.


ئەگەر ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇق جانلىقلىرى مەۋجۇت بولسا، ئۇلارنىڭ A نۇقتىدىن B نۇقتىغا بېرىشى ئۈچۈن ئۇزۇن يول يۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ، مىسال بىر بۈرگە دەيلى. ئۇنداقتا ئەگەر ئۈچىنچى ئۆلچەمدىن چىقىش قىلساق، ياكى ئۈچىنچى ئۆلچەمدىن بىرى قوشۇلسا ئۇ A نۇقتىدىن B نۇقتىغا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان پەيتتە يېتىپ بارالايدۇ، بۇ دەل ئارتۇق كۆپەيتىلگەن بىر بوشلۇق ئۆلچىمىنىڭ "مۆجىزە" گە ئوخشايدىغانلىقىنى ياكى مۆجىزىلەرچە رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا كۋانت چىرمىشىشىنىڭ ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىرىمۇ ئۇنداق ئاتالمىش جىن-ئالۋاستىغا ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ.


كۋانت مېخانىكىسى كوپېنھاگېن ئېقىمىدىكى ئالىملار ۋە ئېينىشتىيىن ھەم باشقا ئالىملار

كۋانت چىرمىشىش ھادىسىسىنىڭ ئارلىقتىن ھالقىغان تەسىر جەھەتتىكى ئاجايىپ كۈچىنىڭ تەسەۋۋۇر رەسىمى

ئارلىقتىن ھالقىغان تەسىرنىڭ تارتىش كۈچى جەھەتتىكى ئىپادىلىنىشى

bilimdan    #bilimzar# 

كومپيۇتېر قېتىۋېلىش بىلەن سېستىما دىسكىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟


كومپيۇتېر قېتىۋېلىش بىلەن سېستىما دىسكىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟

 بۇ قېتىمقى مەزمۇنىمىزدا ئاساسلىقى كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان C  دېسكىغا قارىتا بىر كەسپىي چۈشەندۈرۈش بەرمەكچى  ، كۆپچىلىككە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
C دىسكىغا بەك كۆپ نەرسە قاچىلىسا سىستېما قېتىۋالامدۇ؟
شۇنداق ! سىستېما قېتىۋېلىش بىلەن C دىسكا قالدۇق سىغىمى  ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك  باشلىنىش مۇناسىۋىتى بار . بىز C دىسكىنىڭ سىغىمىنىڭ سىستېمىسى  1G دىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، ئەگەر سىغىمى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە ، قېتىۋېلىش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ ،ھەتتا سىستېما پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ ، چۈنكى سىستېمىنىڭ ئايلىنىشى ساقلاش بوشلۇقىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ ، شۇڭا بۇ1G  بوشلۇق تەلىپى بولىدۇ ، قالدۇق سىغىمى بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ  ئەمەلىيەتتە ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ . (ئەگەر بارلىق يۇمشاق دېتالنى C دېسكىغا قاچىلىسىڭىز كۆپرەك بوشلۇق ئېلىپ قويۇڭ ، ساقلانمىنىڭ ھەممىسى يۇمشاق دېتال قاچىلىغان دېسكىدا ساقلىنىدۇ ، ئەتە ئۆگۈن مېنى تىللاپ يۈرمەڭ يەنە )
كومپيۇتېر قېتىۋېلىش بىلەن C دىسكا ئېشىپ قالغان بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟
مۇناسىۋىتى يوق( C دېسكىنىڭ قالدۇق سىغىمى 1G دىن يۇقىرى ئەھۋال ئاستىدا) . كومپىيۇتېر قېتىۋېلىش مەسىلىسىنى ئەمەلىيەتتە كومپىيۇتېر ئىجرا قىلىش سۈرئىتى تەرەپتىن تەھلىل قىلساق بولىدۇ،بۇ ئىجرا قىلىش سۈرئىتىنى بولسا ئاساسى ماشىنىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى كۆپ خىل قاتتىق دېتاللار بەلگىلەيدۇ ، ھەل قىلغۇچ ئامىل  بولسا CPU ( ئىجرا قىلىش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ ) ، ئىچكى ساقلىغۇچ  (كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ،پروگراممىنىڭ ئىجرا بولۇش راۋانلىقىنى بەلگىلەيدۇ ) ، كۆرسىتىش كارتىسى ( ئويۇننىڭ كۆرۈنۈش ئۈنۈمى ۋە راۋانلىقىنى بەلگىلەيدۇ ) ، قاتتىق دېسكا ( قاتتىق دېسكىنىڭ ئوقۇش يېزىش سۈرئىتى كومپىيۇتېرنىڭ راۋانلىق دەرىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ) شۇڭا، ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئاساسلىق زاپچاسلىرىنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولمىسا ، C دىسكىنىڭ تەقسىملىنىش سىغىمى ھەرقانچە چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ ، ھەر كۈنى سىستېمىنى قايتا قاچىلاپ ، ھەر كۈنى قاتتىق دىسكا بوشلۇقىنى تازىلىسىمۇ ھېچقانداق  پايدىسى يوق ، ئىلگىرى قانداق قېتىۋالغان بولسا كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداق قېتىۋالىدۇ .
قاتتىق دېسكىنى قانداق رايونلارغا ئايرىش مۇۋاپىق ؟
قاتتىق دېسكىنى بىر قانچە رايونغا ئايرىش قاتتىق دېسكىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى ۋە ئىقتىدارىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بىز كومپىيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا كومپىيۇتېر سېستىمىسى بۇزۇلۇپ كىتىش ، ۋىرۇسلىنىش ئەھۋالىدىن ساقلىنىپ بولالمايمىز ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا سېستىما ئۈچۈن ئايرىم بىر رايون ئايرىپ قويساق ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ ماتېرىياللارنى باشقا رايونغا ساقلاپ قويساق قايتا سېستىما قاچىلىغان ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ ماتېرىياللىرى ئۆچۈپ كېتىش خەۋپىدىن ساقلىنالايمىز ، ئەگەر قاتتىق دېسكىنىڭ سىغىمى چوڭ بولسا ئىككىدىن تۆتكىچە رايونغا ئايرىساق بولىدۇ ، بىراق قاتتىق دېسكىنىڭ سىغىمى كىچىك ئەھۋال ئاستىدا كۆپ بولغاندا ئىككى تال رايونغا ئايرىساقلا كۇپايە ، ئەمما بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا بار .
بىرىنچى: بەك كۆپ رايونغا بۆلىۋېتىشكە بولمايدۇ ،ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن ئىككىدىن تۆتكىچە بۆلسەكلا يېتەرلىك ، سەۋەبى بولسا قانچە كۆپ رايونغا بۆلگەنسېرى ئىسراپ بولىدىغان بوشلۇقمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ ، ئۇنىڭ  ئۈستىگە بەك كۆپ رايۇنغا بۆلگەندە بۆلگەن رايوننىڭ ئورنى خاتا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ،بۇنداق بولغاندا قاتتىق دېسكىنىڭ نورمال ئىشلەش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ .
ئىككىنچى : ھەر بىر بۆلۈنگەن رايوندىكى سانلىق مەلۇماتلار توشۇپ كەتسە ئۇنىڭ ئىقتىدارىدا چېكىنىش كۆرۈلىدۇ ، كىچىك سىغىمدىكى قاتتىق دېسكىنى بەك كۆپ رايونغا بۆلىۋەتكەندە بۇ رايونلار تېخىمۇ ئىتتىك توشۇپ قالىدۇ ، مەلۇم رايوننىڭ ئىشلىتىش مىقدارى 90% تىن ئېشىپ كەتكەندە قاتتىق دېسكىدا سانلىق مەلۇماتلار يوقاپ كېتىش ياكى سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىش قاتارلىق مەسلىلەر كۆرۈلىدۇ ،شۇڭا قاتىق دېسكا  سىغىمى كىچىك بولسا ئادەتتە ئىككى رايونغا ئايرىساقلا بولىدۇ.
يۇمشاق دېتالنى قايسى دېسكىغا قاچىلىساق بىر قەدەر مۇۋاپىق ؟
ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدىكى قاتتىق دېسكا يېڭى چىققان بولسا، يۇمشاق دېتالنى C دىسكىغا ئورنىتىپ ، كومپيۇتېرنىڭ ئىجرا سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، بىۋاسىتە Cدىسكىغا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ . 
ئەگەر ئەنئەنىۋى قاتتىق دېسكا بولسا  ،C  دىسكا ( سىستېما دىسكىسى) غا ئورناتماسلىق كېرەك. بۇنداق بولغاندا يۇمشاق دېتالنىڭ ئىجرا بولۇش راۋانلىقىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .
مۇھىم نۇقتا :
1.   C دىسكىنىڭ قالدۇق بوشلۇقى قانچە كۆپ بولسا كومپيۇتېرنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىمۇ شۇنچە تىز بولمايدۇ  ، پەقەت C دىسكىنىڭ قالدۇق بوشلۇقى 1G دىن چوڭ بولسىلا ، كومپيۇتېرنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى كومپيۇتېر سەپلىمىسى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ، C دىسكىنىڭ قالدۇق بوشلۇقى 1G دىن كىچىك بولسا ، سىستېمىنىڭ ئىجرا بولۇش راۋانلىقىغا تەسىر يېتىدۇ .
2. بەك كۆپ رايونغا بۆلۈشكە تەۋسىيە قىلىنمايدۇ ، ئادەتتە ئىككى رايون بولسىلا بولىدۇ ، بىرى سىستېما دىسكىسى يەنە بىرى مۇھىم ماتېرىيال ساقلايدىغان دىسكا بولسىلا بولىدۇ .
3. يۇمشاق دېتالنى قاچىلايدىغاندا سىستېما دىسكىسىدىن باشقا دېسكىغا قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن ، دېتالنى بىۋاستە سېستىما دېسكىسىغا ئورنىتىشقىمۇ بولىدۇ ئىشقىلىپ خالىغان بىر دېسكىغا ئورناتسىڭىزمۇ كومپىيۇتېر راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

bilimdan    #bilimzar#  

Thursday, December 26, 2019

دىققەت! بۇ خىل ئادەتلەر كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋىتىدۇ

دىققەت! بۇ خىل ئادەتلەر كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋىتىدۇ



كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەنسېرى ئۆزلىكىدىن ئاستىلاپ كېتىدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر مەسىلىنى مەلۇم ماركىدىكى كومپيۇتېر ناچاركەن ، ماۋۇ سىستېما ناچاركەن دەپ يىغىنچاقلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، نۇرغۇن كىشىلەر كومپىيۇتېر ئىشلەتكەندە ، ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېرىنى قانداق ئىشلىتىش ۋە ئاسراشنى بىلمەيدۇ . ئەكسىچە توردىكى ئېقىپ يۈرگەن بىر قىسىم ناتوغرا قۇرۇق گەپلەرگە ئىشىنىپ قالىدۇ  ۋە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى قاچىلاپ بەرگەن كومپيۇتېر ساغلاملىق نومۇر سىستېمىسى ، ۋىرۇس تازىلاش دېتاللىرى قاتارلىقلارغا قارىغۇلارچە ئىشىنىدۇ . تۆۋەندە بىز قانداق ئادەتلەرنىڭ كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلىتىش  ئۆمرىنى  قىسقارتىۋىتىدىغانلىقى توغرىسىدا يەكۈن چىقىرىپ باقايلى  .(ئۈستەل كومپىيۇتېرى خاتىرە كومپىيۇتېر ھەممىسىگە ماس كىلىدۇ )

1.ھەر كۈنى كومپىيۇتېر قوزغالدىن كىيىنلا ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئەخلەت تازىلاش دېتاللىرىنىئىشلىتىپ كومپىيۇتېرنى تەكشۈرۈش  ئېلىپ   بېرىش
نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېرغا قارىتا تەكشۈرۈش ، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ، ئەخلەت تازىلاش  ئېلىپ بېرىلىدۇ ؟ ھەر كۈنى ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئەخلەت تازىلاش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ كومپىيۇتېرنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەكمۇ ؟ ئەخلەت ھۆججەتلەر كۆپ بولسا كومپيۇتېر ئاستىلاپ قالامدۇ ؟
جاۋابى :ئۇنداق ئەمەس ، كىرەكسىز ھۆججەتلەر  سىستېمىنىڭ ئىشلەش سۈرئىتىنى ئاستىلتىۋىتىدۇ دەيدىغان گەپ - سۆزلەرگە خېلى يىللار بولدى ، ھازىرغىچە بەزىلەر چوڭقۇر ئىشەنمەكتە . كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلەش سۈرئىتى بىر تەرەپتىن قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە ، يەنە بىر تەرەپتىن يۇمشاق دېتالنى ئىجرا قىلغاندا يازغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇش مىقدارىغا قارايدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا  ، ئەگەر ئەخلەت دەپ قارالغان بەزى ھۆججەتلەر سىستېمىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا قاتناشمىغان بولسا ، ئۇ سىستېمىنىڭ سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . ئويلاپ بېقىڭ بىز كۈندە كومپىيۇتېر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مەشخۇلاتلارنى قىلىمىز ، ھەر بىر مەشخۇلاتىمىز كومپىيۇتېردا خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ ، بىز لازىملىق خاتىرىنى تەكشۈرمەكچى بولساق ئاندىن بۇ ساقلانما ھۆججەتلەر ئىجرا بولىدۇ ، ئەگەر ئەخلەت ھۆججەتلەر سېستىمىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزسە سىزنىڭچە كومپىيۇتېر بىر ئىككى ئايدىن كىيىن ئاندىن ئاستىلاپ قالامدۇ ؟ نېمېشقا ئەتىسىلا سۈرئەت ئاستىلىمايدۇ ؟ (بەزى شىركەت ئىدارە ئورگانلاردا كومپىيۇتېرغا خىزمەت ماتىرىيالىدىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنى قاچىلاشقا يول قويۇلمايدۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ كومپىيۇتېرى ئىككى ئۈچ يىلدىن كىيىنمۇ نورمال ئىشلەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە ۋىرۇس تازىلاش دېتاللىرىنىڭ ئۇنچە چوڭ رولى يوق ، سېستىما ئۆزى ئېلىپ يۈرىدىغان بىخەتەرلىك دېتالى بولسىلا كۇپايە )


ئۇنداقتا بىز نېمە ئۈچۈن زېرىكمەي كۈندە ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئەخلەت تازىلاش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ كومپىيۇتېرنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز ؟ بىر تەرەپتىن ، بۇنداق مەشغۇلات بىزگە پىسخىكا جەھەتتە كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلەش سۈرئىتىگە پايدىلىق ھېس قىلدۇرىدۇ (چۈنكى سىز كومپىيۇتېر ئىشلەتكەن ۋاقىتتىلا مۇشۇ خىل خاتا قاراش كاللىڭىزغا ئورناپ كەتكەن)، يەنە بىر تەرەپتىن ،  كومپيۇتېر ساغلاملىق نومۇر سىستېمىسى بىزنىڭ ھۆكۈمىمىزگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . نومۇر قىممىتى پەقەت 40-50نومۇر بولغاندىلا  قىزىل ياكى سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ ، سىز بولسىڭىز بۇنى كۆرۈپ كاللىڭىزدا بىر خىل ئەندىشە  ھېس قىلىسىز ، شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ دېتالنى ئىشلەپچىقارغان شىركەتنىڭ  يولىغا كىرىۋالىسىز
.

ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش، ئەخلەتلەرنى تازىلاشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە رولى بولىدۇ ، لېكىن كەلسە - كەلمەس ئىشلىتىش دەل ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغىنى دەل قاتتىق دېسكا  ، تەكرار ئوقۇش - يېزىش مەشخۇلاتى قاتتىق دېتالنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ ، ئۆمرى قىسقىرايدۇ . (ئالدىنقى مەزمۇنىمىزدا بىز قاتتىق دېسكىنىڭ بەلگىلىك ئوقۇش يېزىش ئۆمرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ) شۇڭا ئەگەر سىزدە بۇنداق ئادەت بولسا ئۆزگەرتىڭ ، كومپىيۇتېرنى تەكشۈرۈش ، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ، ئەخلەتلەرنى تازىلاش دېگەنلەرنى بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىر قېتىم مەشغۇلات قىلسىڭىزلا كۇپايە، ھەر كۈنى تەكرار مەشخۇلات ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق ، يۇقىرىقى بىز دېگەن نومۇرغىمۇ ئاقىلانىلىك بىلەن قاراش كېرەك .
ناچار ئىشلىتىش ئادەتلىرى كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلەش ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
2. سىستېما مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بولسىلا قايتا سىستېما قاچىلاش
ھازىر زاۋۇتلار سىستېما قاچىلاشنى بارغانسېرى ئاددى قىلىۋەتتى (بىر كۇنۇپكا بىلەن سېستىما قاچىلاش، بارماق دېسكا بىلەن سېستىما قاچىلاش )، بۇنىڭ بىلەن سىستېمىنى قايتا قاچىلاش ناھايىتى ئاسان ئىش بولۇپ قالدى . ئەسلىدە سېستىما قاچىلاشتا ھېچقانداق مەسىلە يوق ، مەسىلە دەل مۇشۇ قاچىلاش ئاسان بولغانلىقىدا ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر سىستېمىدا مەسىلىگە يولۇقسىلا سىستېمىنى قايتا قاچىلايدۇ ، بەزىدە ناھايىتى ئاددىي مەسلىگە ئۇچرىسىمۇ سېستىمىنى بىراقلا قايتا قاچىلايدۇ . (تەكلىپىم ئاۋال مەسىلە نەدىن چىقتى ئىزدەپ تاپقاندىن كىيىن توردىن ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەڭ ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن مەسلىلەر ناھايىتى ئاسانلا ئوڭشىلىدۇ ،قايتا سېستىما قاچىلاشنىڭ ئەسلا زۆرۈرىيىتى يوق )


سىستېمىنى قايتا قاچىلاش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەمەس

ئەمەلىيەتتە سىستېمىسىنى قايتا كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ، بەلكى ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىدۇ ، چۈنكى سىستېمىنى قايتا قاچىلاش ئىنتايىن ئاددىي ، تېز ،ئاۋارىچىلىق بولغىنى بىز دائىم ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتالنى قاچىلاش . سىستېمىنى قايتا قاچىلاش جەريانى بىر قەدەر مەركەزلىك ھالدا يېزىش مەشغۇلاتىغا تەۋە بولۇپ ، ئۇ بىۋاسىتە قاتتىق دېسكىنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . مەسىلىگە يولۇققاندا ئاۋۋال توردىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ ، ئاندىن قايتا قاچىلاش - قاچىلىماسلىقنى قارار قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئەلۋەتتە بەزىلىرىمىز  ئىككى خىل سىستېما قاچىلاشنى ياخشى كۆرىمىز(بىر كومپىيۇتېرغا ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككى خىل سېستىما قاچىلاشنى كۆرسىتىدۇ)، شەخسەن بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق ئىدىم  ، ئەگەر خىزمەت ئېھتىياجى بولسا قوش سىستېما ئورنىتىشقا بولىدۇ ، ئەگەر پەقەت شەخسىي ھالدا يېڭىلىقنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز  مېنىڭچە يەنىلا يەككە سىستېما ئىشلىتىش بىر قەدەر ياخشى ، ئاۋارىچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، مەسىلە كۆرۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.(بەزىدە ئىككى سېسستىمىنىڭ ھۆججەتلىرىدە ئۆز ئارا توقۇنۇشۇپ قېلىش يۈز بېرىپ قالسا قايتا سېستىما قاچىلىماقتىن باشقا ئامال يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوش سېستىما كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتىگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ )
3.باشقا بەزى خاتا مەشغۇلاتلار


ئىلگىرى توردا كومپىيۇتېرنى ئاسراش توغرىسىدىكى بىر پارچە ماقالىنى كۆرگەن ئىدىم، ئىچىدە تىلغا ئالغىنى بولسا كومپىيۇتېرنى ئېتىشتىن بۇرۇن  قاتتىق دېسكىغا قارىتا قالدۇق ھۆججەتنى رەتلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپتۇ ، پۈتۈن ماقالىدە خاتا سۆز- ئىبارىلەر تارقىتىپتۇ  . نېمە ئۈچۈن قاتتىق دېسكىنى رەتلەش كېرەك ؟ بۇنى ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرنى قايتا - قايتا ئوقۇش - يېزىشتىن كېلىپ چىققان قالدۇق ھۆججەت دەپ ئاددىي چۈشىنىشكە بولىدۇ ، قاتتىق دېسكىنى رەتلەش ئارقىلىق ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . ئۇنداقتا كومپىيۇتېر بىر كۈن خىزمەت قىلسا بىر كۈندە قانچىلىك قالدۇق ھۆججەت پەيدا بولىدۇ ؟ ئەمەلىيەتتە نورمال ئىشلىتىش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان قالدۇق ھۆججەتلەر  ئىنتايىن ئاز بولۇپ ، قاتتىق دېسكىنى رەتلەشكە تېگىشلىك مىقدار دەرىجىسىگە تامامەن يەتمەيدۇ . ئۈچ ئاي ياكى يېرىم يىلدا بىر قېتىم رەتلەپ قويسىڭىزلا كۇپايە

يەنە بەزى دوستلار سىستېمىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ  ھەمدە مەجبۇرى ھالدا كومپىيۇتېرنى ئېتىۋىتىدۇ ،بۇنداق بولغاندا مەيلى  قاتتىق دېتال بولسۇن  ياكى سىستېما بولسۇن ئوخشاشلا  زىيان يەتكۈزىدۇ . بۇ جەريان ئەمەلىيەتتە ئوقۇش- يېزىش جەريانى بولۇپ ، كومپىيۇتېرنى مەجبۇرى ئېتىۋەتكەندە  سانلىق مەلۇماتلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ، ئېغىر بولغاندا قاتتىق دېسكىدا بىنورمال يول پەيدا بولىشى مۇمكىن (بۇ ئورۇنغا سانلىق مەلۇمات يازالمايدۇ ياكى يازغان سانلىق مەلۇماتلار ئۆزلىكىدىن بۇزۇلۇپ كىتىدۇ ) . سىستېمىنى يېڭىلاش جەريانىدا يېڭىلاش ۋاقتىنى بېكىتىپ قويۇش ياكى بوش ۋاقىتنى تاللاپ يېڭىلاش تەكلىپىنى بېرىمەن .

ۋاقىت مۇناسىۋىتى سەۋەپلىك كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىكى ناچار ئادەتلەرنى بىر - بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ بولالمىدىم ،  بىراق كۆپچىلىك بىر نۇقتىنى ئەستە تۇتىۋېلىڭلار ، ھەرقانداق خاتا مەشخۇلات بىلىنمىگەندەك قىلغان بىلەن ئاخىرىدا چوقۇم مانا دەپلا بىلىنىپ چىقىپ قالىدۇ ،  ئەگەر سىز كومپىيۇتېرىڭىزنى  ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز ، بىۋاستە ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ ، ئۇنى بۇنچە قىيناشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئالماشتۇرغۇم يوق  دېسىڭىز ، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ خالاس.

bilimdan   #bilimzar#
#بىلىمدان   #بىلىمزار