Search This Blog

Saturday, February 13, 2021

بايقىسىڭىز ھەممە يەرماتىماتىكا ...

 

تەبىئەتكە يوشۇرۇنغان ئەڭ گۈزەلى - ماتېماتىكا


ئارىستوتېل مۇنداق دېگەن: «ماتېماتىكا تەرتىپ، سىممېترىكلىك ۋە چەكنى ئادەتتىن تاشقىرى نامايان قىلدى، بۇلار گۈزەللىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى.»

ماتېماتىكا خۇددى كۋانتقا ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش، ئىلىم-پەن بىلىملىرى ۋە تېخنىكىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە جانلىنىپلا قالماي، تەبىئەتنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىمۇ پەيدا بولىدۇ، ئىلگىرىمۇ بار ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەڭگۈ شۇنداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئىنسانلار پەقەت ئۇنى بايقاپ، ھەرقايسى ساھەدە قوللانسىلا بولىدۇ؛ بۈگۈن بىز بىرلىكتە تەبىئەتكە "قايتىپ"، تۈرلۈك ماتېماتىكا گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ باقايلى.



قار ئۇچقۇنلىرى (گۈللىرى)


ئادەمنىڭ بارماق ئىزى ياكى يوپۇرماققا ئوخشاش، دۇنيادا ئىككى پارچە قار ئۇچقۇنىنىڭ شەكلى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ. لېكىن سىرلىق يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئالتە تەرەپلىك، شۇنداقلا سىممېتىرىك نەقىش ھەم شەكىللەرنىڭ مۇكەممەللىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.





ئاپتاپپەرەس


ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى (گازىر) بىر خىل غەلىتە تىزىلىش ئۇسۇلى بىلەن رادىئۇس يۆنىلىشىدە رادىئال (نۇرسىمان) سىممېترىك بولۇپ، فىبوناچى (Fibonacci) - (بۇنى نىمە دەپ ئېلىشنى بىلەلمىدىم) تەرتىپى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئالدىدىكى ئىككى ساننى قوشۇش ئارقىلىق ھەر بىر ساننىڭ تەرتىپىنى بېكىتىدۇ. مەسىلەن: ...1,2,3,5,8,13,21,34,55 قاتارلىقلار.




شەمشاد غوزىسى (ئۇرۇقى)



شەمشاد غوزىسىنىڭ تىزىلىش باسقۇچ سانى ھەمىشە دېگۈدەك بىر جۈپ ئۈزلۈكسىز كەلگەن فىبوناچى پۈتۈن سانىغا ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۈچتىن بەشكىچە پىرامىدا ياكى كۇنۇس تەنچىسى سول بۇرمىلىقنى بويلاپ ئۈچ قەدەم مېڭىپ، كەينىدىكى بەش باسقۇچ بىلەن كەينىدە كېسىشىدۇ.



رۇمىنىيە كەترەن گۈلى



رۇمىنىيە كەترەن گۈلى ئۆزىنىڭ رەڭگى-رويى سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، ئۇنىڭ ئۆسۈشى دەل سىممېترىكلىكنى ئىپادىلەيدۇ.



ھەرە ئۇۋىسى (كۆنىكى)



ھەرە ئۇۋىسى (كۆنىكى) تەبىئىي سىممېترىك بولغان تىپىك مىسال. ھەسەل ھەرىسى تېخنىكىسى يۇقىرى گېئومېتىرىيە بىناكارى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىنسانلار ھەرە كۆنىكىنىڭ ئۆزگىچە ئالتە تەرەپلىك قۇرۇلمىسىغا ئاپىرىن ئېيتىپ كەلمەكتە. ئۇ بوشلۇقنى ئەڭ زور دەرىجىدە تېجەپ، ھەرە مومىنى ئەڭ ئاز ئىشلىتىپ، ھەسەلنى ئەڭ كۆپ ساقلايدۇ.



ئۆمۈچۈك تورى


بارلىق ئۆمۈچۈكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇكەممەل بولغان يۇمىلاق تورنى ياساپ چىقالايدۇ، ئۇنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغان مەركەزگە ئىنتىلگەن رادىئال (نۇرسىمان) تىرەپ تۇرۇش ئىقتىدارى بار ھەمدە ئىچىدىن سىرتىغا بۇرمىسىمان شەكىل چىقىرىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئاسمان جىسىمى شەكلىدىكى ئۆمۈچۈك تورى كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئۈچۈن ياسالغان ئىكەن، رادىئال سىممېتىرىكلىك ئۆمۈچۈكنىڭ ئولجىسى تور بىلەن ئۇچراشقاندا زەربە كۈچىنى تەكشى تارقىتىپ، يېرىقلارنى ئازايتىشقا پايدىلىق.




نائۇتىلۇس (شاتۇت) قۇلۇلىسىنىڭ قېپى


ئاپتاپپەرەسكە ئوخشاش، شاتۇت قۇلۇلىسىمۇ فىبوناچى بۇرما شەكىلدە ئۆسىدۇ، ھەر بىر ئايلانما رېزبىلىق گۈلنىڭ ئۇزۇنلۇقى دەل ئىچىدىكى ئىككى ئايلانما ئۇزۇنلۇقنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ.



كۆچكەن قىزىل قاشقا تۇرنا


قىزىل قاشقىلىق تۇرنا ھەمىشە توپ-توپ بولۇپ ئۇچىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «V» ھەرىپى شەكلىدە تىزىلىدۇ، بۇلۇڭ گىرادۇسىمۇ مەڭگۈ 110 گىرادۇس بولىدۇ. تېخىمۇ توغرا ھېسابلاش يەنىلا «V» خېتى ئارا بۇلۇڭىنىڭ يېرىمىنى، يەنى ھەر بىر تەرىپى بىلەن تۇرنا توپىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئارا بۇلۇڭ گىرادۇس سانىنىڭ 54 گىرادۇس 44 مىنۇت 8 سېكۇنت ئىكەنلىكىنى؛ ئالماس كىرىستالىنىڭ بۇلۇڭىمۇ دەل 54 گىرادۇس 44 مىنۇت 8 سېكۇنت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ!




مارجان قۇرت


مارجان قۇرتى ئۆزىنىڭ بەدىنىگە «كالېندار» نى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ، ھەر يىلى بەدەن دىۋارىغا 365 تال ھالقىسىمان سىزىقلارنى «سىزىپ»، كۈنىگە بىر تالدىن «سىزىپ» چىقىدۇ. بىيولوگلارنىڭ بايقىشىچە، 350 مىليون يىل ئىلگىرىكى مارجان قۇرتى ھەر يىلى 400 تال ھالقىسىمان سىزىقنى «سىزىدىكەن»تۇق، ئاسترونوملارمۇ ئەينى چاغدىكى يەر شارىنىڭ كېچە-كۈندۈزى ئاران 21.9 سائەت بولۇپ، بىر يىل 365 كۈن ئەمەس، بەلكى 400 كۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. قارىغاندا "ئاسترونوم" مارجان قۇرتلىرى بىز ئىنسانلاردىنمۇ بۇرۇن دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىنى "بىلگەن" بولسا كېرەك.





كېپىنەك


كېپىنەكنىڭ گۈزەللىكى نەدە؟ ئۇنىڭ گۈزەللىكى رەڭگارەڭ ۋە پارلاق نۇر چېچىپ تۇرغاندەك كۆرىنىدىغانلىقىدا، كېپىنەكنىڭ گۈزەللىكى يەنە ئۇنىڭ سىممېتىرىكلىكىدە بولۇپ، گۈزەللىك ئۇنىڭغا مۇۋاپىق پايدا ئېلىپ كەلگەن. ھەتتا ماتېماتىكىدا يەنە «كېپىنەك تېئورېمىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تېئورېما بار.





ماتېماتىكا تۇرمۇشتىن كېلىدۇ ھەم تۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، پەقەت سىزدە ئىزدىنىش روھى بولسىلا، چوقۇم ياخشى بايقاش ۋە نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەتىراپىڭىزدىكى شەيئىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ بىقىش سىزگە قالدى.


#بىلىمزار 

#بىلىمدن