Search This Blog

Tuesday, October 15, 2019

تۆت ياكى بەش ئۆلچەملىك ماكاندىكى ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشى قانداق ؟

تۆت ياكى بەش ئۆلچەملىك ماكاندىكى ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشى قانداق ؟


ئۆلچەمگە  قانداق ئېنىقلىما بېرىش كېرەك؟ ئەگەر تۆت ئۆلچەملىك زامان  ـ ماكان بولسا، بەشىنچى ئۆلچىمى ماكان ، ئىلگىرى ئېينىشتىيىن كائىناتنى بوشلۇق ۋە  ۋاقىتنىڭ  قوشۇلىشىدىن تەركىب تاپقان تۆت ئۆلچەملىك زامان  ـ ماكان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1926ـ يىلى گېرمانىيە ماتېماتىكا، فىزىكا ئالىمى شىئودو كارۇزا تۆت ئۆلچەملىك زامان ـ ماكانغا يەنە بىر ماكان  ئۆلچىمىنى قوشتى، يەنى بەشىنچى بىر ئۆلچەمنى قوشتى
ئەگەر تۆت ئۆلچەملىكىمۇ ماكان بولسا،  بەش ئۆلچەملىكىمۇ يەنە ماكان بولسا، ئۇنداقتا بىزدىن ئىككى ماكان ئۆلچىمى ئارتۇق بولىدۇ. بۇنداق ماكاندىكى جانلىقلار  بىزنى كۆرگەندە خۇددى بىز بىر ئۆلچەملىك جانلىق ( سىزىق ، پەقەت ئالدى ـ كەينىدە ماكان بار ) نى كۆرگەندەك بولىدۇ .دېمەك بۇ يەردىكى  ئۆلچەم پەرقى بەك چوڭ، نۆۋەتتە ھەتتا تۆت ئۆلچەملىك ماكرو قۇرۇلمىلارمۇ ( بىز پەقەت تۆت ئۆلچەملىك ماكاندىكى جىسىمنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى پرويېكسىيەسىنى كۆرەلەيمىز، بۇ جىسىم ئۈزلۈكسىز شەكىل ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ ) بىرخىل پەرەزلا بولۇپ ، بەش ئۆلچەملىك ماكاندىكى مەۋجۇداتلار پەقەتلا نەزەرىيە تەتقىقاتىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.

ئۈچ ئۆلچەملىك شار ئىككى ئۆلچەملىك تەكشىلىكتە كېسىپ ئۆتكەن پرويېكسىيە
شۇڭا مەيلى قانداقلا بولمىسۇن 5ئۆلچەملىك ماكان بىلەن بىز تۇرىۋاتقان ماكاننى  سېلىشتۇرساق، بىزنىڭ  ئۈچ ئۆلچەملىك ماكانىمىزدىن  كەم دېگەندە بىر ماكان دەرىجىسى ئارتۇق. تۆۋەندە ئۆلچەمنى ماكان قىلىپ تەھلىل قىلىمىز:ئۈچ ئۆلچەملىك ماكاندىكى جىسىم بىر ئۆلچەملىك ماكاندىن ئۆتكەندە، مەيلى ئۇ ئەسلىدە قانداق شەكىلدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر سىزىق ( بىر ئۆلچەملىك ماكان ) ھالەتتە بولىدۇ ، گەرچە ئۇزۇن ـ قىسقىلىقىدا ئۆزگىرىش بولسىمۇ ، لېكىن بىر ئۆلچەملىك بوشلۇققا پەقەت مۇشۇنچىلىك ئۇچۇر سىغىدۇ، بەك كۆپ ئۇچۇر سىغمايدۇ . بىر ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى جانلىقلار ( ئەگەر بار بولسا ) نىڭ كۆرىدىغىنى پەقەت ئۇزۇن ـ قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان بىر سىزىقتىن ئىبارەت ، ئەگەر ئۇلاردا ئىككى ئۆلچەملىك ئۇقۇم بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار بۇنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك جانلىقلار پرويېكسىيەسى ياكى ئۈچ ئۆلچەملىك جانلىقلار پرويېكسىيەسى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايدۇ.دېمەكچى ناۋادا بىز ئىنسانلار ئۈچ ئۆلچەملىك ماكاندىكى جانلىق بولساق،ئۇچاغدا بىزدىن يوقۇرى ئۆلچەمدىكى يەنى تۆت ياكى بەش ئۆلچەملىك ماكاندىكى جانلىقلارنى بىزمۇ ئوخشاشلا پەرق ئېتەلمەيمىز،مەسىلەن ؛جىن -شەيتانلار ،تاشقى پلانېتا ئادىمى …
ئاددىي تۆت ئۆلچەملىك جىسىمنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك ماكاندىكى  پرويېكسىيەسى
ئوخشاشلا بەش ئۆلچەملىك ماكاندىكى جانلىقلارنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك ماكاندىكى  پرويېكسىيەسىنىڭ زادى تۆت ئۆلچەملىك ياكى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىزمۇ ئايرىپ بېرەلمەيمىز، چۈنكى ئۈچ ئۆلچەملىك ماكان تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك ماكاندىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ئۇچۇر مىقدارىنى تولۇق قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز ،يەنى بۇ بولسا قۇم تاسقاش ئۈسكۈنىسى قۇم ھېسابلانمايدىغان شېغىل تاشلارنى ئىلغاپ چىقىرىۋەتكەندەكلا بىر ئىش . شۇڭا، مەيلى بىز بەش ئۆلچەملىك ماكاندىكى جانلىقلارنى قانداق پەرەز قىلايلى، تۆۋەن ئۆلچەملىك ماكاندىكى  نۇقتىدىن ئۇنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى تاپالمايمىز. لېكىن بىر ئۆلچەمنى ئايرىپ ئېلىۋەتسەك ، مەسىلەن، ئاددىي تۆت ئۆلچەملىك ماكاندىكى  جىسىملارنى تېپىشتا يەنىلا بەزى پەرەزلەرنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار.

پلانېتىلار ئارا كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈچ ئۆلچەملىك ماكاندىكى ئادەم تۆت ئۆلچەملىك ماكانغا كىردى
ئىلىم ـ پەن نەزەرىيىسىدە، يۇقىرى ئۆلچەملىك مۇھىت  مىكرو دۇنيادىمۇ مەۋجۇت بولىدۇ دەپ قارايدۇ ، لېكىن بۇ قاراش يەنىلا نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن، كا ـ دۆڭ بوشلۇقى، كىرىچ نەزەرىيەسى قاتارلىقلار. لېكىن ھازىر بۇلارنى كۆزىتىش تەس1. كا ـ دۆڭ بوشلۇقى، بۇ بىر تۈگۈلگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ، يېپىق ھالەتتىكى ماددىسىز مەيداندا ماددىنىڭ تارتىش كۈچى يەنىلا مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ نەزەرىيە ئالىملار پەرەز قىلىپ چىققان بىر نەزەرىيە بولۇپ، ئۇنىڭ ئالتە دەرىجىسى بار. بۇ ئالتە ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ تېخى بىرمۇ مۇقىم مودېلى كومپيۇتېردا نامايان بولمىدى، بارلىق فىزىكا ئالىملىرىغا بىردەك يارىغۇدەك بىر خىل شەكىلمۇ ھازىرغىچە تېپىلمىدى،لېكىن ئالىملار كا ـ دۆڭ بوشلۇقىنىڭ رادىئۇسى يۈز مىليوندەن بىر مېتىر ئىكەنلىكىنى  ، پەقەت پروتون بىلەن نېيترون رادىئۇسىنىڭ يۈز مىليوندىن بىرىچىلىك كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماقتا ! بۇنداق ھەددى ھېسابسىز كىچىك دۇنيادىكى سىرنى ھازىرچە ھېچقانداق ئامال بىلەن تەكشۈرگىلى بولمايدۇ، ئىچىگە كىرىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈشنى دېمەيلا قويايلى.
كاـ دۆڭ بوشلۇقىنى تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئالتە خىل دەرىجىسى بار. لېكىن، بىز يەنىلا بىر مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقايلى.
كا-دۆڭ بوشلۇقى 

كا ـ دۆڭ بوشلۇقى قارىماققا خۇددى قەغەز پارچىلىرىغا ئوخشايدۇ، ھالبۇكى، كا ـ دۆڭ بوشلۇقىنىڭ ئەگرى ـ بۈگرىلىكى ۋە  ئۆرىلىشى  تولىمۇ  مۇرەككەپ بولۇپ ، ئۇلار پەقەت بىر خىل تېخىمۇ ئابستراكت گېئومېترىيە ئىلمىگە ئەمەل قىلىدۇ. ئۈچ ئۆلچەملىك نۇقتىدىن چۈشىنىش تەس.2. كىرىچ نەزەرىيىسى كىرىچ نەزەرىيەسى نەزەرىيە فىزىكىسىنىڭ بىر تارماق پېنى ، كىرىچ نەزەرىيەسىنىڭ بىر ئاساسىي قارىشى شۇكى، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى ئېلېكترون، فوتون، نېيترون ۋە كۋانت دېگەنگە ئوخشاش نۇقتا شەكىللىك زەررىچىلەر بولماستىن، بەلكى ناھايىتى كىچىك  يىپسىمان كىرىچ ( ئۇچى بار كىرىچ ۋە چەمبەر شەكلىدىكى كىرىچ ياكى يېپىق كىرىچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ). كىرىچنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تەۋرىنىشى ۋە ھەرىكىتى ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل ئاساسىي زەررىچىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، ئېنېرگىيە بىلەن ماددىنى ئۆزئارا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭا كىرىچ نەزەرىيىسى ماددىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.نەزەرىيەدىكى فىزىكىلىق مودېللار بارلىق ماددىلارنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ ئاساسىي بىرلىك بىر كىچىك بۆلەك ئېنېرگىيە كىرىچى يەنى سىزىقى دەپ قارايدۇ، چوڭى پلانېتىلار ئارا سامانيولى، كىچىكى ئېلېكترون، پروتون، كۋاك تۈرىدىكى ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئىككى ئۆلچەملىك ۋاقىت ـ بوشلۇقنى ئىگىلىگەن ئېنېرگىيە سىزىقىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئادەتتىن تاشقىرى كىرىچ نەزەرىيىسى بولسا  قارا ئۆڭكۈرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ.
كىرىچ نەزەرىيەسى 

كىرىچ نەزەرىيەسىدىكى كىرىچ ئۆلچىمى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى كونترول قىلىدىغان ئاساسىي قائىدىلەر ئالدىن  پەرەز قىلىنغان ،  بىر قەدەر چوڭ بولغان  بىر نەچچە خىل نېپىز پەردە شەكىللىك جىسىم مەۋجۇت بولۇپ ، كېيىنكىسى قىسقارتىلىپ پەردە دەپ ئاتالغان.   مۇنداقچە قىلىپ   ئېيتقاندا، بىز تۇرۇۋاتقان ئالەم بوشلۇقى بەلكىم 9+1 ئۆلچەملىك زامان ـ ماكان ئىچىدىكى  پەردە بولۇشى مۇمكىن. كىرىچ نەزەرىيىسى بولسا ھازىر تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاساسىي زەررىچىلەر بىلەن تۆت خىل تەسىر كۈچنى بىرلەشتۈرۈشتە  ئۈمىد زور بولغان    نەزەرىيە ھېسابلىنىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا، كىرىچ نەزەرىيىسى دېگەن بۇ سۆزدە ئەسلىدە 26 گىرادۇسلۇق بوشلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بور سىنۇسلۇق نەزەرىيىسى كۆزدە تۇتۇلغان، ۋە ئۇلترا سىممېترىيىلىك ئادەتتىن تاشقىرى كىرىچ نەزەرىيىسى قوشۇلغان. يېقىنقى يىللاردىكى فىزىكا ساھەسىدە، كىرىچ نەزەرىيەسى ئادەتتە مەخسۇس دەرىجىدىن تاشقىرى كىرىچ نەزەرىيەسىنى كۆرسىتىدۇ، پەرقلەندۈرۈشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن،    ئىلگىرىكى گىپېرسىنوس نەزەرىيەسى بولسا تولۇق ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ. 1990ـ يىللاردا، ئېدۋارد ۋىتون 11 گىرادۇسلۇق بوشلۇققا ئىگە بىر  نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ ۋە باشقا ئالىملار كۈچلۈك دەلىل ـ ئىسپاتلارنى تېپىپ، ئەينى چاغدىكى نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان نۇسخىدىكى ئۇلترا كىرىچ نەزەرىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە M نەزەرىيەسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان چېكى بېكىتىلگەن شارائىتتىكى نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، بۇ بايقاشلار ئىككىنچى قېتىملىق ئۇلترا كىرىچ نەزەرىيەسىنى يېڭىلاشقا تۈرتكە بولدى.
#bilimdan    #bilimdan 

كۋانت ۋە ئاڭ تەۋرىنىشىنىڭ سالامەتلىك بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار

كۋانت ۋە ئاڭ تەۋرىنىشىنىڭ سالامەتلىك بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار


ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي، يەنى يېمەكلىك يېيىش، ۋاقتىدا ئارام ئېلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش


ئاڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى چۈشەندۈرۈلىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىئولوگىيە جەھەتتىكى چۈشەندۈرۈش بولسا  مېڭە رايونى يەنى چوڭ مېڭىنىڭ ئالدى ماڭلىيىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى بولسا سەزگۈ ئەزالار ۋە چوڭ مېڭىدە قالغان خاتىرىلەر ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ئوبرازىنى پەرق ئېتىش ؛ پىسخولوگىيەدىكى چۈشەندۈرۈلۈشى بولسا تار ۋە كەڭ مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ نۇقتىنەزىرىدىكى بىلىش، ھېسسىيات، مەنە جەھەتلەردىكى بىرلىكىنىڭ بىر گەۋدىسى، لۇغەتتىكى چۈشەندۈرۈش بولسا  ئىنسان چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنياغا بولغان ئىنكاسى


 ئاڭ كۋانت مېخانىكىسىدىكى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇن مەيدانى بولۇپ، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشى: ئاڭ بولسا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى قويۇپ بېرىش جەريانى يەنى ئىنسان تەپەككۇرى ئېلىپ يۈرگەن ياكى كونترول قىلغان ئۇچۇرلار ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى شەكلىدە تارقىلىدۇ 



ئادەمدە ھاياتلىق بولغاندىلا ئاڭ بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ، ئۇنداقتا ھاياتلىقنى ساقلاپ قالساقلا، ئاڭمۇ تەبىئىي ھالدا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقنى قامدىشى ۋاقتىدا ئوزۇقلىنىش ، يىتەرلىك ئۇيقۇ …قاتارلىقلار جايىدا بولسا تەبىئىي ھالدا ھاياتى كۈچكە تولۇش بىلەن بىرگە ئاڭمۇ مەلۇم نىسبەتتە ئوزۇقلىنىدۇ

كۋانت مېدىتسىناسى بولسا ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا تېببىي ساھەسىدىكى بىر مۇھىم   تارماق پەندۇر 



كۋانت ۋە ئادەم بەدىنى

ئادەم بەدىنى يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىش دولقۇن شەكلىدىكى كۋانت ئېنېرگىيەسىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان چاستوتىدىكى كۋانت ئوخشاش بولمىغان توقۇلما ئەزالارنى تەشكىل قىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان توقۇلما ئەزالار ئۆز مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئاخىرىدا ئادەم بەدىنىدىكى سەككىز چوڭ سىستېمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىرقى زامان مېدىتسىناسى چاستوتا نۇقتىسىدىن كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى تەتقىق قىلىپ، توقۇلما ھۈجەيرىلىرى سىرتقى دۇنيادىكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى، مۇھىت بۇلغىنىشى، ۋىرۇسنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەزالارنىڭ ئەسلىدىكى چاستوتىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ يەكۈن چىقاردى. ئەگەر ئەسلىدە بار بولغان كۋانت ھالىتى ئېنېرگىيەسىنى مۇسبەت ئېنېرگىيە دەپ قارىساق، ئۇنداقتا قالايمىقانلىشىپ كەتكەندىن كېيىنكى چاستوتا ئېنېرگىيە مەيدانىنى مەنپىي ئېنېرگىيە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ


كۋانت چىرمىشىشى ۋە يوشۇرۇن ئاڭ

كۋانتنىڭ چىرمىشىۋېلىشى زەررىچە ( ئۇچۇر ) نىڭ ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق زەررىچىدىن تەركىب تاپقان سىستېمىدىكى بىر ـ بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل تەسىر ئارىلىقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئىككى زەررىچە دىيامېتىرى 100 مىڭ يورۇقلۇق يىلىغا يېتىدىغان سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئىككى ئۇچىدا ئايرىلغان تەقدىردىمۇ، بىر زەررىچىنىڭ ئۆزگىرىشى يەنىلا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە بىر زەررىچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۋانتنىڭ تەسىر كۆرسىتىش سۈرئىتى يورۇقلۇق تېزلىكىدىنمۇ تېز. يېقىندا تاماملانغان بىر تۈرلۈك تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۋانتنىڭ تەسىر كۆرسىتىش سۈرئىتى ئاز دېگەندىمۇ يورۇقلۇق تېزلىكىدىن 10 مىڭ ھەسسە تېز بولىدىكەن


كۋانتلىق داۋالاشنى قانداق قوللىنىمىز ؟

ئېنېرگىيە بىلەن داۋالاش دوختۇرلىرى ئادەم بەدىنىنىڭ ئەتراپىدا يەنە بىر ئېنېرگىيە تەنچىسى بار، ئادەم بەدىنىدە ئېنېرگىيە مەركىزى مەۋجۇت دەپ قارايدۇ


ئۇلارنىڭ قارىشىچە: بەدەن ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولغاچقا،  بەدەندىكى كېسەللىكلەر ئالدى بىلەن ئېنېرگىيە شەكلىدە نامايان بولىدىكەن. بېسىم ۋە سەلبىي ھېسسىيات ئېنېرگىيەنى توختىتىپ قويىدۇ ياكى خورىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش جەريانىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. داۋالاش دوختۇرلىرى بەدەن بىلەن ئۇچراشمىغان ئەھۋالدا بۇ مەسىلىلەرنى بايقىيالايدۇ ۋە ھەل قىلالايدۇ. كېررى دوختۇر مۇنداق دېدى: ئادەم بەدىنىنىڭ ماھىيىتى تىترەش،يەنى زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن بەدەن ئېنىرگىيەگە ئىگە زەررىچىلەرنىڭ توختىماستىن تىتىرىشى ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، بارلىق كېسەللىكلەر ئىناق بولمىغان ،قالايمىقان تىترەشتىن پەيدا بولىدۇ . داۋالىغۇچىلار   ئىقتىدار ، رەڭ، ئاۋازشۇنداقلا قولىدىكى ئېنېرگىيە ئارقىلىق كېسەل بەدەندىكى تىترەش چاستوتىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . بەزى داۋالاپ ساقايتىش ئۇستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ پىسخىكا ھالىتى، بىمارلارنىڭ قوبۇل قىلىش پوزىتسىيىسى داۋالاش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن

 
كۋانت چىرمىشىشىنىڭ يىراق مۇساپىلىك داۋالاشتا ئىشلىتىلىشى

ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىپ كۋانت چىرمىشىشىدىكى ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىرىنى يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن داۋالاپ ساقايتىش جەريانىدا قوللىنالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن داۋالىنىپ ساقايغانلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى ( كۋانتلىق چىرمىشىش ھالىتى ) غا موھتاج بولىمىز، ئاندىن داۋالانماقچى بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ چاستوتىسىنى تەڭشەپ، ئۆزىگە تولۇق ئىشىنىشى، ئۆزىنى داۋالاپ ساقايتقۇچىغىمۇ  ئىشىنىشى كېرەك، داۋالاش ئۇستىسى يوشۇرۇن ئاڭ ئۇچۇر ئېنېرگىيەسى بىلەن داۋالاپ ساقايتىش مەيدانىدىكى كىۋانتلىق چىرمىشىش نەزەرىيەسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى: ئۇلار مەيلى قانچىلىك يىراققا ئايرىلسۇن، بىر زەررىچىگە دەخلى قىلغان چاغدا، يەنە بىر ماس ھالدىكى زەررىچە ( ئارىلىقى قانچىلىك يىراق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ) دەرھال سىزەلەيدۇ ۋە مۇناسىپ تەسىرگە ئۇچرايدۇ


شۇڭا بىمار مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇچۇر بېرىلگەن ھامان شەكىلسىز ھالدا ئۇلىنىش ھاسىل قىلالايدۇ . نېرۋا تېئولوگىيە قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئادەم ئوخشاش بولمىغان ھالەتتە تۇرغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى ئوخشاش بولمايدىكەن. بېتا چاستوتىسى ئاستىدا ( ئاڭ قاتلىمىدا )، مېڭە تىل ـ يېزىق ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىدۇ، مېڭە دولقۇن چاستوتىسىنىڭ ئاستا ـ ئاستا ئالفا ۋە سېتا دۇلقۇن ھالىتىگە كەلگەندە، مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى رەسىم  ھالىتىدە بولىدىكەن. پەقەت سىز ئالفا ياكى سېتا دۇلقۇنى ھالىتىدە تۇرۇپ ( ئاڭسىز ھالەتتە ) داۋالانسىڭىز ساقىيىپ كېتىسىز، يېڭىلىنىپ كېتىسىز، شۇنداقلا بۇ خىل ھالەتتە، داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېنېرگىيىسىنىڭ ئايلىنىشى ئەڭ تېز بولىدۇ

كىۋانت مېدىتسىناسى ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا تېببىي ساھەسىدىكى بىر مۇھىم تارماق بولۇپ، مىكرو دۇنيادىن قول سېلىپ، كېسەل ئوچىقىنى يىلتىزىدىن تۈگىتىدۇ. چۈنكى ئادەم بەدىنىنىڭ 70% ئى سۇ مولېكۇلاسىدىن تەركىب تاپىدۇ، كۋانت يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىش دولقۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى سۇ مولېكۇلاسى ئارقىلىق ئوخشاش چاستوتىلىق رېزونانس ھاسىل قىلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان چاستوتىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، مەنپىي ئېنېرگىيەنى ئوخشاش چاستوتىلىق رېزونانسقا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مۇسبەت ئېنىرگىيە پەيدا قىلىپ ، ئادەم 
بەدىنىنىڭ ساغلام سىستېمىسى تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ،تەڭپۇڭلۇق سالامەتلىك دېمەكتۇر 

#bilmdan    #bilimdan 

كۋانت چىرمىشىشى بىزنىڭ كۆزقاراشلىرىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟


كۋانت ئۆزارا چىرمىشالىغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ئالتىنچى سەزگۈ، ئالاھىدە ئىقتىدار دىگەنلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. بۇ نامەلۇم ماددىلار ئىچىدە بەزى ماددىلار ياكى جانلىقلارنىڭ بار ـ يوقلۇقىغا ،كۋانت چىرمىشىشى ئارقىلىق بىزنىڭ تۇرمۇشمىزغا پۈتۈنلەي تەسىر كۆرسىتىۋاتامدۇ ـ يوق؟ بۇنىڭغا كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ 
تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان ئالەم ـ ـ كۋانت مېخانىكىسى

 بۇ كۆرۈنمە چاستوتا بارلىق كۋانت مېخانىكىسىنىڭ مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ كۆرۈنمە چاستوتىنى ساقلاپ قويۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ 

ھازىرقى زامان پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە نېمىلەر بايقالدى؟ دەرۋەقە بۇ بايقاشلار ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى،بىزنىڭ دۇنيارىمىز، بىر قانچە ئەڭ يېڭى پەن ـ تېخنىكا سەۋەبىدىن، ھەممىسى قالايمىقانلىشىپ كەتتى

 دۇنيانىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىلمىي نەتىجىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى

 مەۋھۇم ماددا ، مەۋھۇم ماددىنى قانداق بايقايمىز؟ بىز ئەسلىدە تونۇيدىغان ئالەمنىڭ شەكلى، پلانېتىلار ئۆزئارا ئالەملىك تارتىشىش كۈچى ئارقىلىق بىر ـ بىرىنى تارتىپ تۇرىدۇ ، سىز مېنى ئايلىنىسىز، مەن ئۇنى ئايلىنىمەن، پلانېتىلار بولسا قالايمىقان ھەم تەرتىپلىك. لېكىن، كېيىن ئالىملار پىلانېتلار بىلەن پىلانېتلار ئوتتۇرىسىدىكى تارتىش كۈچىنى ھېسابلاش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى، پىلانېتلارنىڭ ئۆزىدىكى بۇنچىلىك تارتىش كۈچىنىڭ بىر ـ بىرىدىن مۇكەممەل بولغان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرەلىشىگە زادىلا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر يۇلتۇزلار سىستېمىسى، پىلانېتلار ئارىسىدا پەقەت ھازىرقى ماسسا- ئېنېرگىيە  فورمۇلاسى ئارقلىقلا ئالەملىك تارتىش كۈچى  تەسۋىرلەنسە، ئۇچاغدا ئالەم بىر تەخسە قۇمدەك چېچىلىپ كېتىشى كېرەك. ئالەمنىڭ ھازىرقى تەرتىپنى ساقلىيالىشى پەقەت باشقا ماددىلارنىڭ بولغانلىقىدا. ھالبۇكى، بۇ خىل ماددىنى بىز ھازىرغا قەدەر كۆرەلمىدۇق ھەم تاپالمىدۇق، شۇڭا بۇ ماددا ھازىرچە مەۋھۇم ياكى يوشۇرۇن ماددا دەپ ئاتالغان

 مەۋھۇم ماددا زادى قانچىلىك؟ ئالىملار ھېسابلاش ئارقىلىق ھازىرقى ئالەمنىڭ ئايلىنىش تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن مەۋھۇم ماددىنىڭ ماسسىسى بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان بارلىق ماددىلارنىڭ ماسسىسىدىن بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى بايقىغان ،مەۋھۇم ماددىنى كۆزەتكىلى بولامدۇ ؟ ھازىر ھەقىقىي مەۋھۇم ماددىنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. پەقەت نۇردا مەلۇم جايدىن ئۆتكەندە ئېغىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ، بۇ رايوندا بىز كۆرەلەيدىغان ماددا يوق، قارا ئۆڭكۈرمۇ يوق،قارا ئۆڭكۈر مەۋھۇم ماددا شۇمۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس. قارا ئۆڭكۈر پەقەت يورۇقلۇق تارقىتالمايدۇ، بىراق ئۇ باشقا نۇرلارنى چىقىرىدۇ، ئۇ يەنىلا ئادەتتىكى بىر  ماددا


مەۋھۇم  ئېنېرگىيە

 مەۋھۇم ئېنىرگىيە بارلىقىنى قانداق بايقايمىز؟ ئالىملار كۆزىتىش ئارقىلىق ھازىرقى ئالەمنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپلا قالماستىن، بەلكى كېڭىيىشنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئەگەر تەكشى سۈرئەتتە كېڭىيىپ كەتسە، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن كېڭىيىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ قوشۇلۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ زادى نېمە ئېنېرگىيە؟ بۇنى ئالىملارمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ، ئۇنىڭغا يوشۇرۇن ئېنىرگىيە دەپ ئىسىم قويۇلغان

 مەۋھۇم ئېنېرگىيە زادى قانچىلىك؟
 ئالىملار ماسسا ئېنېرگىي تەڭلىمىسى E = MC2  ئارقىلىق ھېسابلاپ ، نۆۋەتتىكى ئالەمنىڭ بۇ خىل كېڭىيىش سۈرئىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەۋھۇم ئېنېرگىيە ھازىرقى ماددىلار ۋە مەۋھۇم ماددىلار يىغىندىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ بولۇشى كېرەكلىكىنى بايقىدى،مەۋھۇم ئېنېرگىيەنى تاپالىدۇقمۇ؟ ھازىرغا قەدەر تېخى تاپالمىدۇق 

كۋانتنىڭ چىرمىشىشى

 كىۋانت چىرمىشىشى: ھازىرقى زامان ئىلىم ـ پېنىدە بايقىلىشىچە، ماددىنى تەتقىق قىلىشتا مولېكۇلا، ئاتوم، كىۋانت قاتارلىق مىكرو زەررىچە دەرىجىسىگە كىرگەندىن كېيىن، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ ئىكەن . ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ، نانومېتىر تېخنىكىسى ، گىرافىت ئالكېن قاتارلىق ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ماتېرىياللار بارلىققا كېلىپ، مولېكۇلا سەۋىيەسىدىن راك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشتەك مۆجىزە بارلىققا كىلىدىكەن . ئەڭ سىرلىق بولغىنى يەنىلا  كۋانت چىرمىشىشى ،كۋانتنىڭ چىرمىشىۋېلىشى دېگەن نېمە؟ئىلمىي تەجرىبىلەر شۇنى بايقىدىكى، ئىككى دانە ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان كۋانت، ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىپادە پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، ئارىلىقى ناھايىتى يىراق ( كىلومېتىر ئەمەس بەلكى نۇر يىلى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق ) ئىككى كۋانت بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئادەتتىكى باغلىنىش يوق بولسىمۇ ، بىرىدە ھالەت ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەندە، يەنە بىرىدە ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش ھالەت ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش ئەمەس،كۋانتنىڭ چىرمىشىشىنى كۆزەتكىلى بولامدۇ؟ كۋانتنىڭ چىرمىشىۋېلىشى نەزەرىيە ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. ئالىملار ئالتىدىن ـ سەككىزگىچە ئىئوننىڭ چىرمىشىش ھالىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئېلىمىز ئالىملىرى 13 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى كۋانتلىق چىرمىشىش ھالىتىنى ئايرىش ۋە يوللاشنى ئىشقا ئاشۇردى


قالايمىقان بولۇپ كەتكەن دۇنيا

قالايمىقان بولۇپ كەتكەن پەلسەپە دۇنياسى. بىز ئەسلىدە دۇنيانى ماددا ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، ئالاھىدە ئىقتىدار مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىغا ئىدۇق، بىراق ئاڭ بولسا ماددىغا زىت بولغان يەنە بىر خىل مەۋجۇدىيەت،بىز شۇنى بايقىدۇقكى، بىز بىلىۋاتقان ماددىلار پەقەت مۇشۇ ئالەمنىڭ 5% ئىگە توغرا كېلىدۇ. ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ئىككى كۋانت خۇددى ئاشۇق-مەشۇقلاردەك ئۆزارا چىرمىشىۋالىدۇ. ئاڭنى مولېكۇلا،ئاتوم دەرىجىسىدە تۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا ،  ئەمەلىيەتتە ئاڭمۇ بىر خىل ماددا ھېسابلىنىدۇ 

ئالەمدە بىز بىلمەيدىغان 95% ماددا بار ئىكەن، دېمەك ئۇنداقتا روھمۇ، ئالۋاستىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ . كۋانت ئۆزئارا چىرمىشالىغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ئالتىنچى سەزگۈ، ئالاھىدە ئىقتىدار دېگەنلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ نامەلۇم ماددىلار ئىچىدە بەزى ماددىلار ياكى جانلىقلارنىڭ بارلىقىغا كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ، ئۇ كۋانت چىرمىشىشى ئارقىلىق بىزنىڭ ھەر قانداق ھالىتىمىزگە پۈتۈنلەي تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ؟

ئۆرۈلۈپ چۈشكەن فىزىكا دۇنياسى. بىزنىڭ ھازىرقى بارلىق فىزىكا نەزەرىيەلىرىمىزدە يورۇقلۇق تېزلىكىنى ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ . بىراق ئىنچىكە ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، كۋانتنىڭ چىرمىشىش تېزلىكى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ يورۇقلۇق تېزلىكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن

 گۇمران بولغان ئىچكى دۇنيا.  پەن ـ تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىز كۆرۈۋاتقان دۇنيا پەقەت پۈتۈن دۇنيانىڭ 5% لا. بۇنىڭدىن 1000 يىل ئىلگىرى ئىنسانلار ھاۋانىڭ بارلىقىنى، ئېلېكتىر مەيدانى، ماگنىت مەيدانى بارلىقىنى بىلمەيتتى، ئېلېمېنتلارنى تونۇمايتتى، ئاسمان يۇمىلاق يەر تۈپتۈز دېگەن قاراشلار دەۋران سۈرەتتى، مانا بۈگۈنگە كەلگەندە يەنىلا شۇنى ھېس قىلدۇقكى بىزنىڭ نامەلۇم دۇنيارىمىز يەنىلا ئىنتايىن كۆپ، كۆپلىكىدىن تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ تەسكە توختايدۇ 

دۇنيا شۇ قەدەر نامەلۇم، ئىنسانلار شۇنچىلىك نادان تۇرسا، بىز يەنە قايسى قالتىس نەزەرىيەلىرىمىزنى چەتكە قايرىپ ئۇنتۇپ كېتىشىمىز كېرەك؟


كۋانت مېخانىكىسى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۆتكىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ

#bilimdan     #bilimzar 

كىيىنچە ئادەملەرمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇندا پەيدا بولالامدۇ؟

كىيىنچە ئادەملەرمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇندا پەيدا بولالامدۇ؟



كۋانت مېخانىكا دۇنياسىدىكى زەررىچىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يىراقتا بولسىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، بۇ بىزدەك كلاسسىك فىزىكا ئىلمى بىلەن كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان ماكرو دۇنيادىكى كىشلەرنى ۋەھىمىگە سالىدۇ، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئېنىق بولغان بىر چەك-چىگرانىڭ بار يوقلىقى يەنىلا ئېچىلمىغان بىر سىر پېتى تۇرماقتا .ھازىر فىزىكا ئالىملىرى بۇ چىگرا سىزىقىنى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك غۇۋالاشتۇرۇۋەتتى، بىر تۈرلۈك يېڭى «قوش يوچۇق تەجرىبىسى»دە 2000 دىن ئارتۇق ئاتومنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ مولېكۇلانىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقى ئېنىقلاندى .

تەجرىبە ئاڭلىماققا ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، نۇر بىر يۈزگە چۈشكەن، بۇ يۈزدە ئىككى يوچۇق بار، نۇر بۇ يوچۇقلاردىن ئۆتۈپ ئاخىردا ئۇنىڭ كەينىدىكى يەنە بىر يۈزگە چۈشكەن. ئەگەر نۇر پەقەت ئادەتتىكى زەرىچىدىنلا تۈزۈلگەن بولسا، كېيىنكى يۈزدىكى نەقىش پەقەت تار يېرىقنىڭ شەكلى ۋە چوڭ ـ كىچىكلىكىچىلىك ھالەتتە پەيدا بولىدۇ. لېكىن، نەتىجىدە نۇر دولقۇنىدا سۇ يۈزىدىكى مەيىن دولقۇنغا ئوخشاش ئۆزئارا رېفلېكس(قايتىش) يۈز بېرىپ ، بۇ يۈزدە يولۋاس بەدىنىدىكى سىزىقچىلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن.ئەڭ غەلىتە يېرى شۇكى، يەككە فوتون ( ياكى يورۇقلۇق زەررىچىسى ) ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان تەقدىردىمۇ، ئوخشاش سىزىقچىلار پەيدا بولغان ،نېمە ئۈچۈندۇر بۇ فوتونلار مۆلچەرىمىزدىكىدەك مۇقىم بىر يولدا ماڭماي ئەكسىچە بارلىق فوتونلار بىر ـ بىرىگە كاشىلا قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى .
بۇ خىل ھادىسە كۋانتنىڭ قاتلىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇجەھەتتە ئەڭ داڭلىقى شرۇدىنگېرنىڭ مۈشۈكى.ئوخشاشلا ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەجرىبىنىڭ تار يوچۇقلىرىغا تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىپ، ئۇلارغا نۇرنىڭ ماڭغان يولىنى ئۆلچەشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىلسە، سىزىقچىلار يوقاپ كېتىدۇ، ئۆلچەش نەتىجىسىنىڭ مۈجمەل بولۇشى باھالاشقا ئېرىشكەندىن كېيىن دەرھال يوقىلىدۇ.لېكىن قاتلىنىش پەقەت كۋانت ساھەسىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ ،جىسىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ، ماكرو ئۆلچەمگە يەتكەندە، بۇ غەلىتە ئەھۋال پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدۇ. ھەتتا شرۇدىنگېرنىڭ «مۈشۈك» تەجرىبىسىدىمۇ كۋانت ساھەسىدىن تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ـ رىۋايەتلەردىكى قۇتىنىڭ ئىچىدىمۇ بىر رادىيوئاكتىپلىق ئاتوم بار بولۇپ ، ھالبۇكى مۈشۈكنىڭ ھايات قېلىشى ئاتومنىڭ يىمىرىلىش ـ يىمىرىلمەسلىكىگە باغلىق بولىدۇ .ئۇنداقتا بۇ يەردىكى چەك -چېگرا زادى قەيەردە؟بىر قېتىمدىلا ئىككى جايغا ئورتاق ھالدا قويغىلى بولىدىغان ئەڭ چوڭ جىسىم زادى نېمە؟



ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بازېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى بۈگۈنگە قەدەر سىناق قىلىنغان ئەڭ چوڭ مولېكۇلا ئۈستىدە قوش يوچۇق تەجرىبىسى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى.ئىلگىرىكى خاتىرىلەردە 800 دىن ئارتۇق ئاتومنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مولېكولا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇندا پەيدا بولالايدۇ دەپ قارالغان ئىدى ، لېكىن ئەڭ يېڭى تەتقىقات گۇرۇپپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇنى 2000 ئاتومدىن تۈزۈلگەن مولېكولا دەرىجىسىگە كېڭەيتتى. تەتقىقاتچىلار ماسسىسى چوڭ، ئەمما يەنىلا يېتەرلىك دەرىجىدە تۇراقلىق بولغان مولېكۇلانى مەخسۇس لايىھەلەپ، قوش يوچۇقتىن قويۇپ بېرىپ، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ۋاكۇئۇمدا مولېكۇلا دەستىسىنى شەكىللەندۈرگەن.ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئاساسىي سىزىقى 2 مېتىر بولغان يېڭى لايىھىلەنگەن ماددا دولقۇنى ئىنتېرفېرېنسىيە ئەسۋابىنى ئىشلىتىش كېرەك.
دەرۋەقە، تەجرىبە ئارقىلىق بۇ مولېكۇلالارنىڭ كۋانتنىڭ قاتلىنىش ھالىتىدە مەۋجۇت بولىدىغانلىقى ھەمدە دولقۇن سىزىقچىلىرىغا ئوخشاش بىر ـ بىرىگە كاشىلا قىلىدىغانلىقى بايقالدى،ھەمدە ھەر قېتىملىق كاشىلا ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7 مىللىسېكۇنتقا يېتىدىكەن.بۇ ھادىسە ماكرو ۋە مىكرو دۇنيا ئارىسىدىكى چېگرانى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ماكرو دۇنيارىمىزغا يېقىنلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق كۋانت فىزىكىسى بىلەن كىلاسسىك فىزىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدىكى چېگرا سىزىقىنى غۇۋالاشتۇرۇپ قويدى.تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى 
Yaakov Fein
 مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىزنىڭ تەجرىبىمىز شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۋانت مېخانىكىسى ۋە ئۇنىڭ بارلىق غەلىتە ئالاھىدىلىكلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك جەلپ قىلىش سېھرىگە ئىگە ، بىز ناھايىتى ئۈمىدۋار، كەلگۈسىدىكى تەجرىبىلەر بۇ ئەرۋاھ زەررىچىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە سىنايدۇ.

#bilimdan    #bilimzar