Search This Blog

Saturday, November 30, 2019

گۇگولنىڭ باش مۇدىرى: ئىنتېرنېت ھامان يوقاپ كېتىدۇ


يېقىندا، گۇگول شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئېرىك شىمىد بىر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: ئىنتېرنېت، يەنى ئالاقە تورى يوقىلىدۇ، يۈكسەك خاسلىققا ئىگە ۋە ھەمتۈرتكە بولىدىغان قىزىقارلىق دۇنيا، نەرسە تورى پات ئارىدا بارلىققا كېلىدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، گۇگول شىركىتى ئىنتېرنېت ئىزدەشنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ھەم شۇنىڭغا بېقىنىپ ئۆسۈپ يېتىلگەن شىركەت. كۆچمە ئىنتېرنېت دەۋرىدە، ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چىڭ تۇتقان ھەمدە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق نۇرغۇن يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. شۇڭا ئىزچىل تۈردە يەر شارى پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلمەكتە. باش مۇدىرنىڭ بۇ سۆزى نەرسە تورىنىڭ ئىنتېرنېتنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دېمەك گۇگول شىركىتى بۇرۇنلا سەگەك تونۇشقا ئىگە بولغان.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-، 80-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە ئىلىم-پەن ئاپپاراتلىرى بىر قىسىم كومپيۇتېرلارنى تۇتاشتۇرۇپ، كېلىشىم ئارقىلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىنتېرنېت، يەنى ئالاقە تورىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ماھىيىتى كومپيۇتېرنى تورلاشتۇرۇش بولۇپ، كۆڭۈل بۆلىدىغان يادروسى تېخىمۇ كۆپ كومپيۇتېرلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، ماسلىشىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش ئىدى. كېيىن ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان خۇسۇسىي كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ كومپيۇتېر ئۇلىنىش تورى (كومپيۇتېر تورغا ئۇلانغان ھالەت)نىڭ خۇسۇسىيىتى يۇقىرى پەللىگە چىقتى.


ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون دەۋرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىشىلەر ئىنتېرنېت تورىغا كۆچمە ئىنتېرنېت دەپ سۆز قوشتى. ئەمەلىيەتتە، كۆچمە ئىنتېرنېت بىلەن ئالدىنقى مەزگىلدىكى "كومپيۇتېر ئۇلىنىش تورى" نىڭ خۇسۇسىيىتىدە ماھىيەتلىك پەرق بار. ئۇ پەقەت مۇقىملاشتۇرۇش ۋە يۆتكەش (كۆچمە) نىڭ پەرقىلا ئەمەس، كۆچمە ئىنتېرنېتنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېر سانى ياكى كۆچمە ئۈسكۈنە سانى بولماستىن، بەلكى تورغا ئۇلانغان ئادەم. شۇڭا بىز ھازىر تۇرۇۋاتقان ئىنتېرنېت دەۋرى ئالدىنقى ئەۋلادقا سېلىشتۇرغاندا، "ئادەم ئۇلىنىش تورى" دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يادروسى 3 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇس بىر-بىرىگە باغلانغان ياكى ئۇلانغان (دېمەك نۆۋەتتە ئۈچ مىلياردتىن ئارتۇق ئادەم ئىنتېرنېت تورىغا چىقىغلىق دېگەن گەپ) ھالەت.  يەر شارىدا يەتتە مىليارد نوپۇس بار، ئادەملەر تورغا ئۇلانغان (ئادەم ئۇلىنىش تورى) دەۋرمۇ ناھايىتى تېزلا يۇقىرى پەللىگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


نېمە ئۈچۈن گۇگولنىڭ باش مۇدىرى ئىنتېرنېت تورى يوقاپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ؟ چۈنكى ئىنتېرنېت نەچچە يۈز مىليون كومپيۇتېرنىڭ كومپيۇتېر ئۇلىنىش تورىدىن نەچچە مىليارد ئادەم تورغا ئۇلانغان ئادەم ئۇلىنىش تورىغا تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم يېپيېڭى نەرسە تورى دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ، بۇ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكى. ئۇلانغان ئۈسكۈنىلەر 100 مىليارد سان بىلەن كۆپىيىدۇ، پۈتكۈل تور ۋە جەمئىيەتكە يېڭىچە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىنتېرنېت پۈتۈنلەي يۇقاپ كەتمەيدۇ، پەقەت رول ئېلىش شەكلى ئوخشىمايدۇ خالاس، نەرسە تورى دېگەن ئاتالغۇ ئەمەلىيەتتە كېيىنكى ئىنتېرنېت دەل شۇ. 

بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: 4G تورى تۇرمۇشنى ئۆزگەرتتى، ئەمدى 5G تورى جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىدۇ، بۇنى نەرسە تورى نۇقتىسىدىن تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ. 2G تورىدىن 3G تورىغا، ئاندىن يەنە 4G تورىغىچە بولغان جەريان ئىقتىدارنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بولۇپ، مىقدار ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. 4G دىن 5G غىچە بولغان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بولسا ئۇلۇغ ئىنقىلاب بولۇپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى جەھەتتىكى سەكرەش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى 5G تېخنىكىسى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆزارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى، ئۇ ئالاقە تورىنى بەرپا قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈنلەي يېڭى نەرسە تورى دەۋرىنى يارىتالايدۇ. دېمەك 5G تېخنىكىسى نەرسە تورىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىلىرىنىڭ بىرى. 


خۇددى 19-ئەسىردە توك ئىشلەتكەنگە ئوخشاش، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى كۆزگە ئىلمىغان، شۇنداقلا جىن چىراغنى لامپۇچكىغا ئايلاندۇرۇش ھېچقانچە ئىش ئەمەس دەپ قارىغان. ھېچكىم ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن ئىشلار، نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەر ئارقا-ئارقدىن مەيدانغا كەلدى. توك بولغاندىن كېيىن توڭلاتقۇ، رەڭلىك تېلېۋىزور، كىرالغۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، شامالدۇرۇغۇچ قاتارلىق بىر تالاي توكلۇق ئۈسكۈنىلەر بارلىققا كەلدى، بۈگۈنكى كومپيۇتېر، يان تېلېفون، ئالاقە تورىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىدى.


نۇرغۇن كىشىلەر نەرسە تورى پەقەت يان تېلېفون ئارقىلىق ئۆيدىكى تېلېۋۇزۇر، توڭلاتقۇ، دېرىزە پەردىسى، ئىشىك قۇلۇپى، توك قازىنى قاتارلىقلارنى كونترول قىلىدۇ، بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس دېيىشىدۇ. لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، نەرسە تورى ئېلىپ كەلگەن ئىنقىلاب ھەممە ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. بەلكىم خۇددى ئالدىدا دەپ ئۆتكەندەك، خۇددى 19-ئەسىردىكىگە ئوخشاش بىز ئويلاپمۇ باقمىغان يېڭى شەيئىلەر مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن.  لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخى ئەمدىلا باشلاندى.


بىز ئىنتېرنېت تورىنى ئىشلەتكەندە، قارشى تەرەپنىڭ ھەممىسى ئادەم ھېسابلىنىدۇ. لېكىن نەرسە تورىدا ئوخشىمايدۇ. نەچچە يۈز مىليون، ھەتتا ئۈچ مىلياردتىن ئارتۇق ئابونت بىر قانچە چوڭ ئىنتېرنېت سۇپىسى تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغاندا، نەچچە يۈز مىليارد بازار قىممىتىگە ئىگە شىركەتنى بارلىققا كەلتۈرگەندە، بىز قاتتىق ھەسرەت چەكتۇق. لېكىن كېيىنكى نەرسە تورى دەۋرىدە، نەچچە يۈز مىليارد ئۈسكۈنە تورغا قوشۇلۇپ، ئادەمنىلا ئەمەس، يەنە شەھەر، قۇرۇلۇش، قاتناش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، تەبىئەت قاتارلىقلارنى تۇتاشتۇرۇپ، نەچچە ئون مىڭلىغان يېڭى قوللىنىش (يۇمشاق دېتال ياكى ئەپ) نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نەچچە تىرىليون بازار قىممىتىگە ئىگە شىركەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىشكە بولىدۇ، چوڭ بازار ۋە شامال ئېغىزى تېخى ئالدىمىزدا.  
ئۇ بىر يېپيېڭى دەۋر، پۇرسەت ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدىغان كىشىلەرگە مەنسۇپ.

#بىلىمدان     #بىلمزار 

نىيەت يەنى ئوي خىيال ئارقىلىق جىسىملارنى كونترول قىلغىلى بولامدۇ

نىيەت يەنى ئوي خىيال ئارقىلىق جىسىملارنى كونترول قىلغىلى بولامدۇ



بىئولوگىيىلىك توك ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي ھادىسىسى بولۇپ، بارلىق جانلىقلارنىڭ يا كۈچلۈك يا ئاجىز ھالەتتىكى بىئولوگىيىلىك توكى بولىدۇ.
ھۈجەيرىنى ئىنگلىزچە 
“cell”
دەيدۇ 
“cell”
  دېگەن سۆزنىڭ باتارېيە دېگەن مەنىسى بار، يەككە باتارېيەگە ئادەتتە 
“cell”
 ئىشلىتىلىدۇ، بىر ھۈجەيرە مىكرو تىپلىق كىچىك باتارېيەگە باراۋەر بولۇپ، بىيولوگىيەلىك توك مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ


ھالبۇكى 1857ـ يىلى، ئەنگلىيە ئالىمى كاتون  توشقان مېڭىسى ۋە مايمۇن مېڭىسىدە مېڭە ئېلېكتىر پائالىيىتىنى خاتىرىلىگەن ھەمدە «مېڭە ئېلېكتىر ھادىسىلىرى تەتقىقاتى» ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ تەتقىقاتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغان

شۇنىڭ بىلەن 1872ـ يىلى بېك ئىسىملىك بىر كىشى يەنە بىر قېتىم مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، مېڭە ئېلېكتىر ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىش دولقۇنىنى قوزغىغان

ھالبۇكى 1924ـ يىلى، گېرمانىيەلىك روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى بېرگېر ئادەم مېڭىسىنىڭ مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنى خاتىرىلەپ، ئادەمنىڭ ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما(مېڭە توكى) رەسىمىنى سىزىپ چىققان

مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى بىر خىل ئۆزلۈكىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان رىتىملىق نېرۋا ئېلېكتر پائالىيىتى. مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى كونۇسسىمان ھۈجەيرە چوققىسىدىكى دەرەخسىمان ئۆسۈكچىسىنىڭ ئۆسۈكچە تېگىشمىسىدىن كېيىنكى پوتېنسىئالىدىن كەلگەن بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدە ماس قەدەمدە يۈز بەرگەن ئۆسۈكچە تېگىشمىسىنىڭ كېيىنكى پوتېنسىئال يىغىندىسى  ئارقىلىق  شەكىللەنگەن

نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا ئېلېكتىر سايمانلىرى خاراكتېرلىك تەۋرىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىلىم ـ پەن ئەسۋابلىرىدا نامايان بولىدۇ، قارىماققا خۇددى دۇلقۇن تەۋرىنىشىگە ئوخشايدىغان بولۇپ ، ئالىملار ئۇنى مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى دەپ ئاتايدۇ. مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى ماھىيەتتە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ رىتىملىق ھالدىكى نېرۋا ئېلېكتر پائالىيىتىدىن ئىبارەت 

مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى ئادەتتە 1 ھېرتىستىن 30 ھېرتىسقىچە بولىدۇ. ئالىملار مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ چاستوتىسىنى بەش خىل دولقۇن بۆلىكىگە ئايرىغان

مەسىلەن : 2 ھېرتىستىن 4 ھېرتىسقىچە بولغىنى
 δ
 دولقۇنىغا تەۋە. ئادەم بوۋاق مەزگىلىدە، ياكى ئەقلىي ئىقتىدارى يېتىلمىگەن ئادەم ياكى قۇرامىغا يەتكەنلەر قاتتىق چارچاپ، ئۇخلاپ ۋە ناركوز قىلىنغان ھالەتتە، چېكە ۋە چوققا قىسىمىدا بۇ خىل دولقۇن بۆلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ 

يەنە 4 ھېرتىستىن 8 ھېرتىسقىچە 
θ
 دولقۇنىغا تەۋە. ياش ـ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ئاساسلىقى مۇشۇ دولقۇن بۆلىكىدە بولىدۇ، روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەر روھى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەندە، بۇ دولقۇن بۆلىكىمۇ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ

ئاندىن 8 ھېرتىستىن 13 ھېرتىسقىچە 
α
 دولقۇنىغا تەۋە. بۇ دولقۇن بۆلىكى بولسا نورمال ئادەم مېڭىسىنىڭ ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ ئاساسىي رىتىمى بولۇپ ، ئادەم سەگەك، تىنچ ھەم كۆزىنى يۇمغاندا، بۇ بۆلەك چاستوتا بىر قەدەر مۇقىم بولىدۇ.
ئەگەر كۆزنى ئېچىپ، نۇرنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا ياكى باشقا غىدىقلاشلارنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ دولقۇن بۆلىكى دەرھال يوقايدۇ

يەنە13 ھېرتىستىن 30 ھېرتىسقىچە 
 β
 دولقۇنىغا تەۋە. ئادەم روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە، كەيپىياتى جىددىيلەشكەندە ياكى ھاياجانلىنىپ كەتكەندە، مەسىلەن، قاباھەتلىك چۈشتىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەندە، دەل مۇشۇ  چاستوتا بۆلىكىدە بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ

ئاخىرىدا 30 ھېرتىستىن چوڭ بولغانلىرى 
γ
 دولقۇنىغا تەۋە بولۇپ، تېز رىتىملىق مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىغا تەۋە
مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى باشنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىكى چاستوتىسى، ئامپىلتۇدىسى ۋە فازا ئۆزگىرىشى بولۇپ ، مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئادەم خۇشال بولغاندا ياكى چوڭقۇر خىيال قىلغاندا، رىتىمى تېز بولغان 
،β، δ ،θ
،   دولقۇنلار تەدرىجىي ئاجىزلاپ، مۇقىم بولغان 
 دۇلقۇنى α
 بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئادەمنىڭ ئىلھامى ئادەتتە موشۇ دولقۇن بۆلىكىدە پەيدا بولىدۇ

نورمال مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىنى ساقلاش ئۈچۈن چوڭ مېڭە بىلەن دۆڭچە مېڭە ساق ـ سالامەت بولۇشى كېرەك. ئەگەر چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى بىلەن دۆڭچە مېڭىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلسە، مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنىڭ رىتىمى يوقاپ كېتىدۇ

مېڭە ئېلېكتىر سىگنالى ئاجىز بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا مەسىلەن، مۇسكۇل ئېلېكتىرى ۋە پۇت ـ قول ھەرىكىتى سىگنالى قاتارلىق باشقا سىگناللارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرايدۇ

مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئوبيېكتىپ كۆرسەتكۈچ. مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى ھادىسىسىنىڭ بايقىلىشى كەڭ ئىشلىتىلىش ئىستىقبالىنى ئېلىپ كېلىدۇ

مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى ھادىسىسىنى مېڭە ئىلمىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتىغا ئىشلىتىپلا قالماي، كلىنىكىلىق ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشقا بولىدۇ. مېڭە دولقۇنى خەرىتىسى نۆۋەتتە ئۇيقۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەڭ ئوبيېكتىپ ئاساسى بولۇپ، ئۇيقۇدىكى مېڭە دولقۇنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىپ، ئۇيقۇدىكى ئوخشاش بولمىغان مەزگىلنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى ھەر خىل باش ئىچى كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە، مەسىلەن، مېڭە سەكتىسى، مېڭە ياللۇغى، مېڭە ئۆسمىسى، ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك مېڭە كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارغا قارىتا ناھايىتى چوڭ دىئاگنوز قويۇش ياردىمى بار، بولۇپمۇ تۇتقاقلىق كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇشتا، مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى زۆرۈر ئاساس ھېسابلىنىدۇ

مېڭە ئېلېكترىگە ئوخشاش، مۇسكۇل توقۇلمىلىرى تارايغاندا، ئوخشاشلا ئېلېكتر سىگنالى، يەنى مۇسكۇل ئېلېكتر سىگنالى ھاسىل بولىدۇ.
بىر ئادەم قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە ئېلېكتىر سىگنالى ھاسىل قىلىپ، مەركىزىي نېرۋا ئارقىلىق بىلەكنىڭ ئەتراپىدىكى نېرۋىغا يەتكۈزۈپ، مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنى قوزغىتىپ مۇسكۇل ئېلېكتىر سىگنالى ھاسىل قىلىپ، مۇسكۇل توپىنىڭ تارىيىش ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدۇ

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇسكۇل توكى مېخانىك قولى بولسا مۇسكۇل ئېلىكتىر سىگنالى ئارقىلىق بىلەك ھالقىسىنى يىغىپ، بىلەكتىكى مۇسكۇل توكى سىگنالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ماشىنىلىق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق مېخانىك قولغا تەرجىمە قىلىپ بىرىپ ، مۇناسىپ قول ئىشارىتى ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چوڭ مېڭە سىگنالىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە ئېغىز تىلى جۈملىسى ھاسىل قىلغان بولۇپ ، بۇ جۈملىلەردىكى سۆزلەر  150گە يېتىپ، نورمال ئادەملەرنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلاشقان.كەلگۈسىدىكى بىر كۈنى، كىشىلەر قەلب ئىندۇكسىيىسى ئارقىلىق مۇرەككەپ ئۇقۇملارنى يەتكۈزىدۇ

ئاۋاتار فىلىمىدە، ئەر باش رولچى بىر ھىم بۆلۈمچىدە بولۇپ، مېڭە توكى بىلەن ئاۋاتار بىلەن ئۇلىنىپ، ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى بەدىنى بىلەن ھەقىقىي دۇنيادا چېپىپ يۈرىدۇ. ھامان بىر كۈنى، ئىنسانلارمۇ ماشىنا بىلەن مۇكەممەل بىرلىشىپ، فانتازىيەگىلا ئوخشاپ كېتىدىغان كەلگۈسى تۇرمۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ
مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىنى تەتقىق قىلىش مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، ئاڭنى تەتقىق قىلىشتۇر. پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا، بولۇپمۇ كۋانت پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاڭنىڭ سىرى ھامان بىر كۈنى ئېچىلىدۇ
ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى بىر خىل ئېلېكتىر سىگنالى بولۇپ، ئادەتتىكى ئېلېكتىر سىگنالىغا ئوخشايدۇ، ئۇلاردا ھېچقانداق ماھىيەتلىك پەرق يوق.مەسىلەن، بىر ئىنژېنېر كۆزىنى چىمىلدىتىش ھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنى رەقەملىك 1 قىلىپ بەلگىلەپ، كومپيۇتېرغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، كومپيۇتېر شىفىر يېشىش ئارقىلىق «ئەگرىلىك دەرىجىسى 10 گىرادۇس» دېگەن سىگنالكەن دەپ بىلىدۇ، ئاندىن مېخانىك بىلەككە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېخانىك بىلەكنىڭ ئېگىلىش ھەرىكىتى ئەمەلگە ئاشىدۇ. مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى ئاڭ تەسەۋۋۇرى بولۇپ، ئاڭ تەسەۋۋۇرىنى ئىگىلەش ئاڭنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلىگەنلىك ئەمەس يەنى سىز ئوي-خىيالىڭىز بىلەن جىسىملارنى سىملىق ياكى سىمسىز ھالەتتە كونترول قىلالىشىڭىز مۇمكىن ،بىراق ئادەمنىڭ ئېڭى تولىمۇ مۇرەككەپ ،مەخپىي ھەم ئاشكارا ھالەتتە بولۇپ ،ئاڭنىڭ تىگىگە يىتىش شۇنداقلا ئۇنى ماھىيىتىدىن چۈشىنىش ئىلىم-پەن شەيدالىرىنىڭ ئالدىدىكى قىيىن ھەم قىزىقارلىق نۇقتا ھېسابلىنىدۇ 

#بىلىمدان    #بىلىمزار 

Sunday, November 24, 2019

ھەسەلگە بۇ نەرسىنى قوشۇپ قويسىڭىز ، يۆتەل دەرھال توختايدۇ

ھەر يىلى مۇشۇ مەزگىلدە كۆپلىگەن ئادەملەر ئاسانلا كېسەل بۇلۇپ ، زۇكامداپ ،يۆتىلىپ بۇرنىدىنسۇ ئېقىپ توختىمايدۇ ، قارىماققا مەسىلە ئانچە چوڭ ئەمەستەك تۇرغىنى بىلەن ، دورا يەپ كېسەل كۆرسىتىشكىمۇ بىر مۇنچە پۇل خەجلەيدىغان گەپ، ئەڭ مۇھىمى بەدىنىمىز بىئارام بۇلىدۇ ، يا بۇبىئارامچىلىقنى باشقىلار تەڭ تاتىشىپ بېرەلمەيدۇ ! بۈگۈن بىلىمدان كۆپچىلىككە زۇكامنى 
داۋالايدىغان بى مەخپىيەتلىكنى دەپ بەرمەكچى ، كېسىلىڭىزگە شىپا قىلالايدۇ ~
(😃مەزمۇننى ھەمبەھىرلىمىگەنلەرگە پايدا قىلمايتا دەيدۇ ما بىزنىڭ باشلىق )


تۇرۇپ ھەسەل سۈيى 

/ سۇغاقتىن بولغان يۆتەل/ 

پىرىنسىپى 
ئاق تۇرۇپ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار بۇلۇپ ، بەدەننىڭ ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش  ھەمكېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار . ھەسەلنىڭ تەمى تاتلىق بۇلۇپ ،ئۆپكە ۋە بۆرەكنىقۇۋۋەتلەيدۇ .ئاق تۇرۇپ بىلەن ھەسەل بۇ ئىككىلىسى كۆپچىلىككە ناتۇنۇش ئەمەس ،ئىككىسىنى بىللەقوشۇپ پىشۇرساق ،ئۆپكىنى نەمدەپ بەلغەمنى بوشىتىش ئۈنۈمى بار !

كېسەللىك ئالامىتى 

سوغاقتىن بولغان زۇكام ، گېلى قىچىشىش ، قوشۇلۇپ باش ئاغرىش ، بۇرنى پۈتۈپ قېلىش ،سوغۇقتىن قورقۇش ،بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ توختىماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر .
 
تەييارلاش ئۇسۇلى 

ئاق تۇرۇپنى پاكىزە يۇيۇپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىلىپ توغرايمىز .

ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ، قۇرۇق بىرقۇتىغا تۆكۈپ بىر كۈن تۇرغۇزىمىز .


شىرنىسى چىقىشقا باشلىغاندا ، بۇ قۇۋۋەت تولىقلىغۇچى بولغان قىممەتلىك دورا تەييار بولغان بۇلىدۇ .ئىچىدىكى تۇرۇپنى يېسىڭىزمۇ بۇلىۋېرىدۇ ~

دۈملەنگەن تۇزلۇق ئاپلىسىن 

 / ئۆپكە قىززىپ يۆتۈلۈش/


 

پىرىنسىپى 
ئاپلىسىن بەلغەم بوشىتىپ قۇۋۋەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇلۇپ ، ئىمونىتىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ،ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ ،ئاپلىشىن شۆپىكى تەركىبىدە  بەلغەم بوشىتىپ يۆتەلنى توختىتىدىغانتەركىب بار بۇلۇپ ، شۇڭا كۆپلىگەن غەربنىڭ دورىلىرىغا قوشۇلغان بۇلىدۇ ، ئۇنى دۈملەپ يىگەندە، يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمىنى دەرھاللا كۆرەلەيمىز !

 
كېسەللىك ئالامىتى 

نەپەس سىقىلىش ھەم ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ، گال ئىششىپ ئاغرىش ،  كالپۇك قۇرۇپ ،ياللۇغلىنىپ يىپىشقاقلىشىش.
 
تەييارلاش ئۇسۇلى 

تۇز ئارقىلىق ئاپلىسىننىڭ تاشقى پوستىنى پاكىزە يۇيۇىۋېتىمىز ، ئاندىن ئۈستى تەرىپىدىنرەك كېسىپ،كېسىلگەن ئۈستى قىسىمىنى ئېلىپ قويىمىز .

ئاپلىسىننى چېنىگە سېلىپ ، چوكا ئارقىلىق ئۈستىدىن نەچچە تۆشۈك ئاچىمىز ،ھەمدە مۇۋاپىق مىقدارداتۇز سېپىپ قويىمىز .


ئاپلىسىننىڭ ئۈستىنى يېپىپ ، قازانغا سېلىپ 10 مىنوت تۇرغۇزىمىز .


قازاندىن ئېلىپ ،ئىچىدىكى مېۋە ئېتىنى چىقىرىمىز ، ھەمدە ئىسسىقىدا ئىچىۋېتىمىز ،  بۇنىڭدا باشقاھەرقانداق يۆتەل توختىتىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرىنى ئىچمىسەكمۇ بۇلىدۇ ~


سامساق ھەسەل سۈيى 

/ سوغۇقتىن بولغان زۇكام/ 


  
پىرىنسىپى 
سامساق تەركىبىدە 200 خىلدىن ئارتۇق بەدەنگە پايدىلىق بولغان ماددىلار بار بۇلۇپ ، باكتىرىيەئۆلتۈرۈپ سوغاقنى ھەيدەش رولى ئالاھىدە ياخشى ، ناۋات بولسا ئ‍سسىقنى تارىتىپ بەدەندىكىنورمالسىزلىقلارنى ياخشىلايدىغان بۇلۇپ ، يۆتەل توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش رولى بار ، سامساق بىلەن ناۋاتنى بىرلەشتۈرسەك ، كۈز پەسلىدە كۆپ قوزغىلىدىغان سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا ناھايتى ياخشى پايدا قىلىدۇ .

 
كېسەللىك ئالامىتى 
بەدەن قۇرۇشۇش ، بەدەن ئازىراق قىزىش ، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش ، بەلغەم ئارىلاش يۆتىلىش 
  
تەييارلاش ئۇسۇلى 
سامساقنى پوستىدىن ئاجرىتىپ نېپىزرەك قېلىپ توغراپ ، 15-10 مىنوت ئەتراپىدا تۇرغۇزىمىز .

قازانغا كىچىك چىنىدە بىر چىنە سۇ قۇيۇپ ،ئاندىن سامساق بىلەن ناۋاتنى سالىمىز .

قازان قاينىغاندىن كېيىن ئ‍وتنى كىچىكلىتىمىز ، ئاندىن توۋاقنى يېپىپ يەنە 10 مىنوت قاينىتىمىز .بەلكىم تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىڭىزغۇ دەيمەن ، ئۈنۈمى ناۋات نەشپۈت دۈملۈمىسىدىن قېلىشمايدۇ ~

كۈنجۈت يېغى تۇخۇمى 

/ قۇرۇق يۆتىلىپ توختىماسلىق  /


پىرىنسىپى 
كۈنجۈت يېغىنىڭ ئۆپكىگە پايدا قىلىش رولى بار بۇلۇپ ، يۆتەل ئالامىتىنى يېنىكلىتىپلا قالماستىن يەنە، باشقا ماددىلارنىڭمۇ ئۆپكىگە بولغان زىيىنىنى ئازلىتىدۇ . تۇخۇمنىڭمۇ  ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ قان تولۇقلاش رولى بار . بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ زەھەر تازلاپلا قالماستىن يەنە كاناينى نەمدەپ مەنپەئەت قىلىش مەقسىدىگىمۇ يەتكىلى بۇلىدۇ ، بۇلۇپمۇ يۆتەلگە ئالاھىدە رولى بار .


 
كېسەللىك ئالامىتى

يۆتەلگەندە بەلغەم يوق ئەمما كاناي قىچىشىدۇ . نورمال ئەھۋالدا نەپەس يولىنىڭ زەھەرلىنىشىسەۋەبىدىن بۇلىدۇ ، مەسىلەن زۇكام ، كاناي ياللۇغى دېگەندەك .
تەييارلاش ئۇسۇلى 

كۈنجۈت يېغىنى قازانغا سلېىپ قىززىتقاندىن كېيىن ، ئازىراق ئاقچەشكە سېلىپ ،مەززىلىك ھىدىچىققانغا قەدەر قورىيمىز .



ئاندىن تۇخۇمنى سېلىپ قورىساقلا بۇلىدۇ . دىققەت قېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ،ھەرقانداق تەم تەڭشىگۈچ قوشۇشقا بولمايدۇ !

پىچەكگۈل بوتقىسى

/ دەسلەپكى قەدەمدىكى زۇكامنى داۋالايدۇ/ 


 
پىرىنسىپى 
پىچەكگۈل تەركىبىدە مول بولغان كىراخمال ھەم ئاقسىل بار بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ساپونىن ھەم يىپىشقاق سۇيۇق ماددا قاتارلىقلارنىڭ سېلىقلاشتۇرۇش رولى بار ، ئۆپكە ئاجىزلاشتىن بولغان يۆتەلنى داۋالىيالايدۇ ، پىچەككۈل بوتقىسى قاتارلىق مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى رىتىسىپلار ، كېسەللىكنىڭ ئالدى كەينىدىكى مەزگىلگە ئەڭ ماس كېلىدۇ .

كېسەللىك ئالامىتى 

دەسلەپكى باسقۇچتىكى زۇكام ،ماغدۇرسىزلىنىش ، چارچاش ھىس قېلىش ، ئىشتىھاسىنورمالسىزلىشىش 

 
تەييارلاش ئۇسۇلى 

گۈرۈچ بىلەن چىلاننى 30 مىنوت سۇغا چىلاپ قويىمىز ، پىچەكگۈلنىڭ پوستىنى ئادالاپ ، پارچەقېلىپ كېسىمىز
تەييارلىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قازانغا سېلىپ ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ  قاينىتىمىز .
تەخمىنەن 20 مىنوت ئەتراپىدا قايناتقاندىن كېيىن ئېلىپ يىسەكلا بۇلىدۇ .


بىلىمدان كۆپچىلىكىنى ئ‍ەسكەرتىدۇكى، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى،ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ!
 كىيىمنى قېلىنلاتقاندىن باشقا يەنە چايغا ناننى جىق چىلاپ ئېچىڭ، بۇمەزموننى ياخشى ساقلىۋېلىپ لازىم بولغاندا  ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ .
ئۆزىڭىز كۆڭۈل بۈلىدىغان يېقىنلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ 

#بىلىمدان    #بىلىمزار