Search This Blog

Wednesday, October 14, 2020

ئالما iPhone 12 ئېلان قىلىندى، يېڭىلىقلار ئاز ئەمەس

 

ئالما iPhone 12 ئېلان قىلىندى، يېڭىلىقلار ئاز ئەمەس




14- ئۆكتەبىر  ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، iPhone 12 يۈرۈشلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. iPhone 12 يۈرۈشلۈكلىرى 5G تورىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىم 5G قوللايدىغان يانفون چىقىرىشى.




بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان iPhone 12 نىڭ تۆت خىل تىپى بار.

يەنى: iPhone 12 mini، iPhone 12، iPhone 12 Pro، iPhone 12 Pro Max

iPhone 12 يۈرۈشلۈكى iPhone X تىن كېيىنكى ئۆزگىرىشى ئەڭ چوڭ بولغان يېڭى بايراقدار يانفون بولۇپ، خۇددى كۇك ئېيتقاندەك: بۈگۈن iPhone نىڭ يېڭى دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.



 iPhone 12 miniنىڭ گەۋدىسىگە تىڭ بۇلۇڭلۇق رامكا لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ،  iPhone 4 نىڭ لايىھەسىگە ئوخشايدۇ.


 iPhone 12 mini نىڭ چوڭلۇقى 5.4 دىيۇم، باشقا سەپلىمىسى  iPhone 12 بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ، باتارىيەسى  2227 mAh ، قوش كارتا قوللىمايدۇ. كەينىگە قوش كامېرا سەپلەنگەن.






iPhone 12 غا 6.1 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن، XDR كۆرۈش تور پەردىسى ئېكرانى سەپلەنگەن. كەينىگە قوش كامېرا سەپلەنگەن.



iPhone 12 Pro غا 6.1 دىيۇملۇق ئېكران، Phone 12 Pro Max قا 6.7 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن، بۇ ئىككىسىنىڭ كەينىگە ئايفون 11 گە ئوخشاش ئۈچ كامېرا سەپلەنگەندىن باشقا يەنە بىر LiDAR  (لازېرلىق رادار) قوشۇلغان. بۇ تېز سۈرئەتتە فوكۇس توغرىلاش، AR سىن ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.


بۇ قېتىمقى iPhone 12 يۈرۈشلىكىنىڭ ھەممىسى ئالما بىئونىك A14   مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، بۇ 5 نانومىتېر تېخنىكىسىدا ياسالغان نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىلغار مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ. ھەممىسىگە OLED  ئېكران سەپلەنگەن.



ئىلگىرى دىگەندەك، مۇھىت ئاسىراش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى iPhone 12 يۈرۈشلىكىگە زەرەتلىگۈچ، سىملىق تىڭشىغۇچ قوشۇپ بىرىلمەيدۇ. پەقەت بىر سانلىق مەلۇمات سىمىنى قوشۇپ بېرىدۇ. زەرەتلىگۈچ، تىڭشىغۇچ لازىم بولسا ئايرىم سېتىۋالىمىز. (ياكى ئايفون 11 نىڭكىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ)


 iPhone 12 mini قوش كارتا قوللىمايدۇ. باشقا ئۈچى قوش كارتا قوللايدۇ.




 iPhone 12 Pro نىڭ ۋىدىئو قويغاندىكى توكىنىڭ يىتىش ۋاقتى iPhone 11 Pro دىن بىر سائەت قىسقارغان.


 iPhone 12 يۈرۈشلۈكلىرى سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. سىملىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. 30 مىنۇتتا %50 زەرەتلىنىپ بولىدۇ.

 iPhone 12 يۈرۈشلۈكلىرى IP68  دەرىجىسىدە سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ، 6 مىتېر چوڭقۇرلۇقتا سۇدا 30 مىنۇت بەرداشلىق بىرەلەيدۇ. iPhone 11 نىڭ بەرداشلىق بىرەلەيدىغان سۇ چوڭقۇرلۇقى 4 مىتېر ئىدى.




باھاسى:  iPhone 12  $799,

  iPhone 12 Mini  $699
 iPhone 12 Pro $999، 
12 Pro Max   $1,099 دىن باشلىنىدۇ.
كىلەر ھەپتىدىن باشلاپ سېتىشقد باشلايدۇ، توردىن زاكاس قىلغۇچىلار ئەڭ كىچىككەندىمۇ مۇشۇ جۇمە كۇنىدىن باشلايدۇ.
ئوخشاش ۋاقىتتا بۇندىن بۇرۇن چىققان ئالما تىلفۇنلارنىڭ باھاسىدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.


#بىلىمزار #بىلىمدان


Friday, October 9, 2020

تەپەككۇرسىز ئەڭ بۈيۈك ئەخلاقسىزدۇر

 


تەپەككۇرسىز ئەڭ بۈيۈك ئەخلاقسىزدۇر


مۇستافا ئوغۇز





ئۆزگىنىڭ ئەيىپىنى كوچۇلاشتا شەكىل ياتىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەيىپىنى تونۇشتا شەكىلسىزلىك ياتىدۇ. مەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى، ئىنسان پەقەت مۇكەممەلسىزلىك ئىچىدىلا مۇكەممەلدۇرپەقەت تەپەككۇر سۆيۈلمىگەن يەردىلا، مۇكەممەللىك چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولىدۇ.



سىلەر تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟ بىر مۇكەممەل ئىنساننى تەپەككۇرگە دەۋەت قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ كۆپچىلىك ئىنسانلار ھىسياتچان، ئەمما ناداندۇر. زىرا ئۇلار تۆھمەت قىلىدۇ، غەيۋەت قىلىدۇ، ئاسىيلىق قىلىدۇ، ھەسەت قىلىدۇ، كۆز-كۆز قىلىدۇ، زۇلۇم قىلىدۇ، ئاداۋەت تۇتىدۇ، ماددىيەتكە چوقۇنىدۇ.



تۆھمەت، غەيۋەت، ئاسىيلىق، ھەسەت، كۆز-كۆزچىلىك، زۇلۇم، ئاداۋەت ۋە ماددىيەتكە چوقۇنۇشقا ئوخشىغان ئىللەتلەر زادى نەدىن كېلىدۇ؟ بۇ دەل ئىنساننىڭ مۇكەممەللىك قوغلىشىشىدىن كېلىدۇ. مۇكەممەللىك قوغلىشىش شەكىللىك ئەخلاقتىن كېلىدۇ، شەكىللىك ئەخلاق تەپەككۇرسىزلىكتىن كېلىدۇ.



سەن ئەخلاق دەۋاسى ئەڭ كۆپ قىلىنغان يەرلەردە ئىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. ئۇلار ئارىسىدا ئىسراپخۇرلۇق ئەڭ يامان كۆرۈلىدۇ، زىرا ئۇلار ئارىسىدا ھەشەمەتچىلىك ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. چۈنكى شەكىللىك ئەخلاقلىقلار ئۆزىدىن ئەمەس، باشقىلاردىن مۇكەممەللىك كۈتىدۈ.



پەقەت ھىسيات ھاۋاسىدىلا نەپەس ئالىدىغان ئىنسان، ھەرقانداق ئەخلاق تەربىيەسى بىلەن ئۇچراشقىنىدا، ئۇنىڭدىكى تەپەككۇردىن مۇستەسنا ھىسيات ئەخلاقنى مەلۇم كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇق ئىچىدە ئوربىتىلايدۇ. شەكىلگە كىرگەن بۇ ئەخلاق مەلۇم «مۇكەممەل ئىنسان» قىلىپى يارىتىدۇ.



شەكىللىك ئەخلاق ئىنسانلارنى «مۇكەممەل ئىنسان» بولۇشنى قوغلىشىشقا ئۈندەيدۇ. شەكىللىك ئەخلاق ھەربىر ئەسىردە يېڭى-يېڭى «مۇكەممەل ئىنسانلار» نى مەيدانغا كەلتۈرىدۈ. شەكىللىك ئەخلاقلىقلار شۇ «مۇكەممەل ئىنسانلار» دىن گۇمان قىلمايدۇ ۋە مۇتلەق ئەگىشىدۇ.



شەكىللىك ئەخلاق ياراتقان «مۇكەممەل ئىنسان» تەلىماتى ئىنسانلارنى گۇمان قىلىش، تەنقىد قىلىش، ئىزدىنىش ۋە ئىنچىكە كۆزىتىشكە ئوخشىغان تەپەككۇردىن چەكلەيدۇ. شەكىللىك ئەخلاقلىقلار پەقەت مۇكەممەللىك قوغلىشىشنى نىشان قىلغان ھىسياتقا چوقۇنىدۇ.



شەكىللىك ئەخلاق مۇكەممەلسىز ئىنسانلارنى يامان كۆرىدۈ. بۇنىڭ بىلەن، شەكىللىك ئەخلاق تەرغىپ قىلىنغان جەمئىيەتتە، ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى يۇشۇرۇشتەك پىسخىكا ھالەت ئومۇملىشىدۇ. ئۆزىنى مۇكەممەل كۆرسىتىش ئۇلارنى چىن ياشاتمايدۇ.



ئۆزلىرى مۇكەممەل دەپ قارىۋالغان ئىنسانلارنى زىيادە ئۇلۇغلاشنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇلار ئارىسىدا باشقىلارنىڭ ئۆسەك سۆزىگە ئاسان ئېشىنىش، نوپۇزغا ۋە پۇلغا چوقۇنۇش، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە چۆكۈنمەستىن، پەقەت ھادىسىلىق ئورنىغا ئېتىبار بىرىش قاتارلىق تىيىز تەپەككۇرلەر ئېغىرلىشىدۇ.



كۆپچىلىكى باشقىلارنىڭ مۇكەممەلسىزلىكىنى يامان كۆرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنى مۇكەممەل كۆرسىتىش يولىنى تاللىۋالىدۇ. ئاقىۋەت، ئۇلار ئارىسىدا تۆھمەت، غەيۋەت، ئاسىيلىق، ھەسەت، كۆز-كۆزچىلىك، زۇلۇم، ئاداۋەت ۋە ماددىيەتكە چوقۇنۇش ئۇلغىيىدۇ.



سىلەر تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟ ئەخلاقتا ئەزەلدىن ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك مەۋجۇت ئەمەسھېچبىر ئىنسان ئەخلاقنىڭ يېتۈك ۋەكىلى بولالمايدۇسەن مەڭگۈ ئۇ بولالمايسەن، ئۇ مەڭگۈ سەن بولالمايدۇھەقىقىي ئەخلاق ئىنساندىن ئۆزىنىڭ مۇكەممەلسىزلىكى ئىچىدە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىستەيدۇ.



مۇكەممەلسىزلىك ئىچىدە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ئىنساندىن دەل تەپەككۇر تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى تەپەككۇر قىلىش پەقەت مۇكەممەلسىزلىك ئىچىدىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۆزى ئەيىپلىك تۇرۇپ، ئۆزگىنىڭ ئەيىپىنى ئىچىش ۋە ئۆزى نامرات تۇرۇپ، ھەشەمەتچىلىك قىلىش ئەزەلدىن ئەقىلدىن چىققان ئوي ھىساپلانمايدۇ.



پەزىلەت ئۇلۇغلانغان، ئەخلاق مېتىرلانغان يەرگە چوقۇمكى ئىللەت تۇخۇم باسىدۇ. پەزىلەتنى خوددى تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇشتەك ئەقەللىي زۆرۈرىيەت ئورنىدا كۆرگەن، «ئۆز ئەخلاق مىتىرىمدا باشقىلارنىڭ ئەخلاقىنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ» دەيدىغان يەردىنلا توغرا تەپەككۇر ئۈنۈپ چىقىدۇ.



سەن غورۇرنى «پەس كۆرگەنلەرگە قارشى ئىسيان» دىدىڭ. شۇ ئىسيان غورۇرىڭغا ئايلانغىنىدا، باشقىلارنىڭ سېنى پەس كۆرۈشى تەقدىرىڭگە ئايلىنىدۇ. غورۇر قالقان بولسا، غورۇرىغا تىگىش خەنجەر بولىدۇ. غورۇر خەنجەر بولسا، غورۇرىغا تىگىش ئەل بولىدۇ. 



پەقەت ئۆزۈڭنى ئىسلاھ قىلىشىڭلا ئەسلى غورۇردۇر، ئۇ دەل قولۇڭدىكى خەنجەردۇر. بىلگىنكى، قالقان سەندىكى ئاجىزلىق، خەنجەر سەندىكى ھوقۇقتۇر.



ئەخلاق ئۇ، ئىنسان نەپسىگە ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك بىكىتكۈچى شەكىلسىزلىك. ھايا، ئىپپەت، ۋاپا، سەمىمىيەت، ساداقەت، مەسئۇلىيەت قاتارلىقلار ئىنسان نەپسىگە ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىڭ بىكىتكۈچىلەردۇر. دىمەك، ئەخلاق نەپسىگە شەكىل تۇرغۇزىدۇ. شەكىلسىز نەپسە ھەممىنى يەيدۇ.



ھايا شەھۋەت كەڭلىكىنى رەپىقە ئالدىدا كىڭەيتىدۇ، يات ئالدىدا تارايتىدۇساداقەت مەنپەئەت ئۇزۇنلۇقىنى دۈشمەن ئالدىدا ئۇزارتىدۇ، يېقىن ئالدىدا قىسقارتىدۇ. ھەر دەۋىردە ئەخلاقنىڭ نەپسە ئۈچۈن بىكىتكەن ئۆلچەملىرىنىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكى پەرقلىق بولىدۇ.








ئەخلاق نېمە ئۈچۈن شەكىلسىز كېلىدۇ؟ 



ئىنساننىڭ تېنى ھۈجەيرىلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بىر شەكىل. ئۇنداقتا، ئىنساننىڭ روھىچۇ؟ ئۇنى مەلۇم شەكىل بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ دىمەك، تەندىن ئىبارەت شەكىل ئىچىدە روھتىن ئىبارەت شەكىلسىزلىك مەۋجۇت.




ئەخلاقنىڭ تېشى شەكىللىك تەندىن، ئىچى شەكىلسىز قەلبتىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. دۇنيادىكى كۆپچىلىك ئېتىقادچىلار، مەسلەكچىلەر پەقەت ئەخلاقنىڭ لىباسىنى ئۈستىگە ئارتقانلاردۇر. ئەمما، ئۇلار ئەخلاقنىڭ قەلبىدە ياشىيالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەقىقىي تەپەككۇر قىلمايدۇ.



تەپەككۇرسىزلەر ئەڭ بۈيۈك ئەخلاقسىزلاردۇر.







قانۇن ئۇ، ئىنسان نەپسىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ كەڭ يەرىدىن بوغۇلۇشىدۇر. دىمەك، قانۇن ئەخلاقنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىقانۇن ئەخلاقنىڭ شەكىللىك تېنىگە سۈپەت بەلگىلەيدۇ، ئەمما شەكىلسىز قەلب سۈپىتىنى يۈكسەلتەلمەيدۇپەقەت قانۇن-تۈزۈمگىلا تايىنىش يۈكسەك ئىنسانىيلىق يارىتالمايدۇ.



ئىنسانىيەت ئەخلاقىنى پەقەت تەپەككۇر ئىگىلىرىلا بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەخلاق تۇغىنى پەقەت ۋە پەقەت تەپەككۇر ئىگىلىرىلا ئەڭ مەزمۇت كۆتۈرەلەيدۇ. شەكىلنىڭ قۇربانى بولمىش ئەخلاقلىقلار تەپەككۇرنى يامان كۆرىدۈ. ئۇلار پەقەت ئەخلاقنىڭ ئىمتىياز سايىسىدا پاناھلىنىشنى ئىستەيدۇ.



ئەخلاقنىڭ چۇلۋۇرى زالىملارنىڭ قولىغا ئۆتكەن چېغىدا، سەن ئۇلارنىڭ شەكىللىك ئەخلاقىنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. زىرا ئۇلار ئەخلاقنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس، زىرا ئۇلار ھەم ھەقىقىي تەپەككۇر ئىگىلىرى ئەمەس.



شەكىللىك ئەخلاقلىق باشقىلاردىن مۇكەممەللىك كۈتىدۈ. ئۇ خاتالىقىدىن سۆز ئاچقان ئىنساننى يامان كۆرىدۈ. ئۇ ئۆزىنى يا ئىسلاھ قىلمايدۇ، مۇكەممەلسىزلىكىنى يا ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇ باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ سۆزىگە گۇمان قىلماستىن ئەگىشىشنى كۈتىدۈ. ئۇ ئۆمۈر بويى باشقىلارنى ئۆز مەنپەئەت چويلىسىدىن سۈزۈيدۇ، ئۇ كۆز-كۆز ئىچىدە، ئۇ غەيۋەت ئىچىدە، ئۇ ھەشەمەت ئىچىدە.



شەكىلسىز ئەخلاقلىق باشقىلارنى مۇكەممەلسىزلىكى بىلەن قۇبۇل كۆرىدۈ، ئۇ باشقىلارنى ئۆزلىرىگە قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن توسۇيدۇ. ئۇ «مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئەقىدەڭلەرگە ئايلاندۇرۋالماڭلار، سىلەر پەقەت تەپەككۇر قىلىڭلار» دەيدۇ. ئۇ باشقىلاردىن مەنپەئەت كۈتمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىدۇ، باشقىلارغا پەقەت ئۆزىنىڭ تەپەككۇر تەجرىبىسىنى سۇنىدۇ. ئۇ نام-شۆھرەتتىن، غەيۋەتتىن، ھەشەمەتتىن خالىي ھەم ئاددىي ياشايدۇ.



سىلەر تەپەككۇر قىلمامسىلەر ؟


#بىلىمزار