Search This Blog

Wednesday, February 26, 2020

ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش


ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش

تۇرمۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەيۈسلىنىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، ئۆگىنىش، خىزمەت داۋامىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ۋاقىتتا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىگىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلەلەيسىز.



ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئەينەككە قاراش

ئەتتىگەندە ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزنى تۈزەشتۈرۈڭ، چوقۇم ئەڭ ياخشى ھالىتىڭىزدە ئىشىكتىن چىقىڭ، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزنى تۈزەشتۈرۈڭ، پاكىزە ھالىتىڭىزنى ساقلاڭ، كەچتە يۈزىڭىزنى يۇيۇشتىن بۇرۇن ئەينەككە يەنە بىر قېتىم قاراڭ، ئۆزىڭىزنىڭ تاشقى قىياپىتىگە بولغان كېرەكسىز ئەندىشىلەرنى قىلماڭ، بۇنداق قىلغاندا دىققىتىڭىزنى تېخىمۇ باشقا مۇھىم ئىشلارغا قارىتالايسىز.

دائىم ئۆزىڭىزدىكى كەمچىلىكلەرنى ئويلاپلا يۈرمەڭ

ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا كەمچىلىكلىرى بولىدۇ، بۇ دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق، ئۆزىڭىزىدىكى كەمكۈتۈك جايلارنى دائىم ئويلاپ يۈرمەڭ، ئەمەلىيەتتە باشقىلار سىزنىڭ كەمچىلىكىڭىزگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، سىز ئۇنى ئاز ئويلاڭ، بولسا ئويلىماڭ، شۇندىلا ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرالايسىز.


سىز كۆرۈنەرلىك دەپ قارىغان ئىشقا باشقىلارنىڭ دىققەت قىلىشى ناتايىن

سىز كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە قۇلاقلىرىڭىز قىزىرىپ كەتكەن بولسا، سىز بەلكىم تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشى ناتايىن.


باشقىلارنى زىيادە ئەيىپلىمەڭ

ئەگەر سىز دائىم باشقىلارنى ئەيىپلەپ يۈرسىڭىز بۇ ھالەت بەلكىم ئادىتىڭىزگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنداق ناچار ئادەتنى ئاستا-ئاستا تۈگىتىڭ، دائىم باشقىلارنى ئەيىپلەش دەل ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكنىڭ ئىپادىسى.


كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاڭلىغۇچىنى ياخشى كۆرىدۇ

باشقىلار گەپ قىلغاندا گەپ قىستۇرۇپ دانىشمەن ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاشقا ئالدىرىماڭ، سىز ئەستايىدىل ئاڭلىسىڭىزلا بولدى، شۇنداقتىمۇ باشقىلار سىزنى چوقۇم ياخشى كۆرىدۇ.


بىلىمىسىڭىزمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ

بىلمەيدىغان نەرسىلىرىڭىزنى بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ، بولمىسا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىسىز، بىلگەننى بىلىمەن، بىلمىگەننى بىلمەيمەن دېيىش ياخشى پەزىلەت.

باشقىلارغا زىيادە ئېسىلىۋالماڭ

باشقىلارنىڭ سىز بىلەن كارى بولمىغاندا ئۇ ماڭا ئۆچ ئوخشايدۇ دەپ ئويلىۋالماڭ، باشقىلار سىزگە ئۆچلۈك قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى سۈكۈتنى تاللاڭ، شۇندىلا باشقىلارنىڭ يامان نىيىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىمايسىز.


ناچار مۇھىتتا تۇرۇشتىن ساقلىنىش

ئۆزىڭىزگە پايدىسىز بولغان مۇھىتتا تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ، سىز ناچار مۇھىتتا تۇرغاندا باشقىلار سىزگە ئىچ ئاغرىتىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ سىزدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ سىزنى كەمستىىدۇ.
#bilimdan   #bilimzar 

كۆز قارىچۇقىغا قاراپ كۆڭلىدىكىنى بىلىش


كۆز قارىچۇقىغا قاراپ كۆڭلىدىكىنى بىلىش

دائىم كىنولاردا ساقچىلارنىڭ جىنايەتچىلەرنىڭ گەپ-سۆزى، ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ ئۇنىڭ راست ياكى يالغان گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئايرىيالايدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ گەپ قىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى كۆز قارىچۇقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى ياكى راست گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بېلەلەيمىز.

كۆز قارىچۇقى سول ئۈستى تەرەپكە قاراش: بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەش
ئەگەر بىرسى سىزدىن تۈنۈگۈن كەچتە نېمە يېدىڭىز دەپ سورىسا سىزنىڭ كۆز قارىچۇقىڭىز تۈنۈگۈن نېمە يېگەنلىكىڭىزنى ئويلاش جەريانىدا سول ئۈستى تەرەپكە يۆتكىلىدۇ.
كۆز قارىچۇغى ئوڭ ئۈستى تەرەپكە قاراش: خىيال قىلىش، يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئويلاش
ئەگەر بىرسى سىزدىن راتارىيەدىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشسىڭىز پۇلنى قايسى جايلارغا ئىشلىتىسىز دەپ سورىسا، سىز بۇنى خىيال قىلىۋاتقان ۋاقىتتا سىزنىڭ كۆز قارىچۇغىڭىز ئوڭ ئۈستى تەرەپكە قارايدۇ.
كۆز قارىچۇغى سول تەرەپكە قاراش: بۇرۇن ئاڭلاپ بولغان ئاۋازلارنى ئەسلەش
سىز بۇرۇنقى بىر مۇزىكىنى ئەسلەۋاتقان ۋاقىتتا سىزنىڭ كۆز قارىچۇغىڭىز تەبىئىيلا سول تەرەپكە قارايدۇ.
كۆز قارىچۇغى ئوڭ تەرەپكە قاراش: يېڭى ئاۋازلارنى تەسەۋۇر قىلىش
ئەگەر سىز يېڭى ناخشا يېزىۋاتقان، كاللىڭىزدا نۇتۇق سۆزلەيدىغان مەزمۇننى ئويلاۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كۆز قارىچۇغىڭىز ئوڭ تەرەپكە قارايدۇ.
كۆز قارىچۇغى سول ئاستى تەرەپكە قاراش: ئۆز-ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقان بولىدۇ
سىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز گەپ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، تەپەككۇر يۈزگىزىۋاتقان ۋاقىتتا قارىچۇغىڭىز تەبىئىيلا سول ئاستى تەرەپكە قارايدۇ.
كۆز قارىچۇغى ئوڭ ئاستى تەرەپكە قاراش: كەيپىياتنى ھېس قىلىۋاتقان ۋاقىت
سىز بىرەسى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتلىرىڭىزنى ئويلاۋاتقان ۋاقىتتا كۆز قارىچۇغىڭىز تەبىئىيلا ئوڭ ئاستى تەرەپكە قارايدۇ.

ئادەتتە يۇقاردىكى ئىپادىلەرنى ئىشلىتىپ قارشى تەرەپنىڭ يالغان ئېيتقان-ئېيتمىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، مەسىلەن سىز :«تۆنۈگۈن كەچتە نەگە باردىڭىز؟» دەپ سورىسىڭىز، ئۇنىڭ كۆز قارىچۇغى سول ئۈستى تەرەپكە (بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلاش، ئەسكە ئېلىش) قارىماي، ئەكسىچە ئوڭ ئۈستى تەرەپكە (يېڭى ئىشلارنى تەپەككۇر قىلىش) قارىسا، دېمەك ئۇ يالغان ئېيتىۋاتقان بولىدۇ.
لېكىن دەپ قويۇشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، كۆز قارىچۇغى ئارقىلىق كۆڭلىدىكىنى بىلىش ئۇسۇلى پەقەت ئوڭ خاي ئادەملەرگىلا ماس كېلىدۇ، ئەگەر سىز سىناۋاتقان ئادەم سول خاي بولسا ئۇنداقتا ئوڭ-سول تەرەپنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز ئاندىن توغرا بولىدۇ.

#bilimdan    #bilimzar 

ئالتۇن تىللالىق ھېكمەتلەر


ئالتۇن تىللالىق ھېكمەتلەر


◎        بىشىڭغا ھەر بالا كەلسە  ئۆزۈڭنىڭ خۇي— پەيلىڭدىن كۆر.

◎ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ.ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا   ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.

◎ھاياتلىقتا ئەڭ  مۇھىمى تۇرغان ئورنىڭىز ئەمەس،يۈزلەنگەن نىشانىڭىز.

◎ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا  ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ، سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگۈدىن ۋاز كەچمەڭ.

◎ھاياتلىق بەك قىسقا ،بۈگۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزگە  ئەتە ئىرىشەلىشىڭىز ناتايىن .

◎تالانىت- بىر پىرسەنىت ئىلھام بىلەن 99 پىرسەنىت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر.

◎بارلىق ئالداشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى-ئۆزىنى ئالداش . بارلىئىق خاتالىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى - توختىماستىن ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزشىدىن   ئەنسىرەش .

◎ تەجرىبە ئازابلىق  كەچۈرمىشلەردىن  كېلىدۇ .

◎بىر بالاسى بولمىسا  تاشتا قۇيرۇق نە قىلۇر؟ بەدەلسىز ھوسۇل نەدە بولسۇن ؟ 

◎باشقىلارنى تۈزىتىشتىن  ئىلگىرى ئۆزىڭىزدە خاتالىق بارمۇ — يوق؟ تەكشۈرۈپ بىقىڭ.

◎ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ ، ھازىر ئىلكىڭىزدە بولغانلىرىنى قەدىرلەڭ.ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغانلىرىدىن ۋاز كەچمەڭ ، ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ. قولدىن بىرىپ  قويغانلىرىڭىزنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈڭ. 

◎پۇرسەت  تەييارلىقى بارلارغا  مەنسۇپ.

◎ھىسىيات  ئەقىلنى ئەمەس  ،ئەقىل ھىسىياتنى باشقۇرشى كىرەك.

◎مەسلىك - نەسلىك ، ئاقىۋىتى —پەسلىك!

◎ھەممە ئىشنى ياخشى تەرەپكە تارتىپ ئويلاڭ ،ئىش بەلكىم سىز ئويلىغاندەك  ئۇسال بولماسلىقى  مومكىن ،

◎سىزنىڭ توغرا بولغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق ،سىزنىڭ  خاتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا تىخىمۇ  ھەققىڭىز يوق،ئۇنداقتا يەنە  نىمىشقا ئاچچىقىزنى بېسۋالالمايسز؟

◎ باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئاسرىغانلىق.

◎ئامال بار ئۆزىڭىز ياخشى  كۆرگەننى تاللاڭ ،شۇنداقلا تاللاپ بولغان ئىكەنسىز تاللىغىنىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ.

◎ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمىشىڭىزگە يۈزلىنىڭ .ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ . ئەڭ كۆپ ئارزۇ پ—ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىڭىزگە يۈزلىنىڭ.

◎دۇنيادا ئادەمنى  ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى  كۈنلەرنى  بىكارچىلىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر.

◎ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ .ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش  —بەلكىم  ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر.  ئېزىپ قېلىش — بەلكىم يىڭى يول ئىزلەشتۇر .

◎خۇشال ئۆتۈشنىڭ سىرى : ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۇن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. باشقىلارنى خاتالىقى ئۈچۈنمۇ ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ .  ھەم شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۇن باشقىلارنى جازالىماڭ .

◎ ئالتۇن  ھامان پارقىرايدۇ.

◎ئەخمەقلەر تېنى ئارقىلق روھىنى باشقۇرىدۇ ،دانالار  روھى ئارقىلىق تېنىنى باشقۇرىدۇ .

◎دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،  بىر ئۆمۈر خۇشال ئۆتىسىز . جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ ،بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتىسىز . كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ ،بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت  ئىچىدە ئۆتىسىز .

◎ تىرىشىپ ئۆگىنىڭ ،بىلىملىك بولىسىز .  تەنقىدتىن قورقماڭ ،غەيرەتلىك بولىسىز . ئويلاپ سۆزلەڭ ،ئىناۋەتلىك بولىسىز.  ھايات يولىدا  بىرسىنى تاللاڭ  ،خاتىرجەم بولىسىز .

◎ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى  ئىشىكنى  يېپىپ مېڭىڭ . (بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۈپ .ئۇلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ ).

#bilimdan   #bilimzar 

ئەلىشىر نەۋائىي ھېكمەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر


ئوتتۇرا ئاسىياغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر ئالىم  ، ئەلىشىر نەۋائىي ھېكمەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر



ئىلىمسىز مىللەت نادان قالىدۇ ، ئىلىمگە تىرىشقان مىللەتتىن دۇنياۋى ئالىملار يېتىشىپ چىقىدۇ.
— ئەلىشىر نەۋائىي 

ھەقىقىي ئاشىق شۇنداق بولۇدۇكى ، ئۇنىڭ كۆڭلى يار ئىشقىدا دەرتلىك بولسىمۇ ، ئەمما دىلى ، تىلى ۋە كۆزى يارىغىلا باغلانغان بولىدۇ . ئەڭ يۈكسەك ئىشىق دېگەن ئەنە شۇ!
— ئەلىشىر نەۋائىي 

قايسى بىر كۆڭۈلنى ئىشىق ئوتى ماكان قىلسا ، شۇ ئوت ئۇ كۆڭۈلنى تاۋلاپ ، گۆھەر كېنىغا ئايلاندۇرىدۇ.
— ئەلىشىر نەۋائىي 

بىلمىگەن يولغا كىرگەن كىشى مەقسىتىگە يىتەلمەيدۇ.
— ئەلىشىر نەۋائىي 

ئالتۇن قەپەس قىزىل گۈللەر بىلەن بېزەپ قويۇلغان بولسىمۇ ، بۇلبۇلغا تىكەنچىلىك ماكان بولالمايدۇ .
— ئەلىشىر نەۋائىي 

تەنھا ئادەم دەردىگە داۋا تاپالماس.
ئەلگە قوشۇلغان دوست تاپار،
— ئەلىشىر نەۋائىي 

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بۇلبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .
— ئەلىشىر نەۋائىي 

سەۋر-تاقەت تۈگىمەس خەزىنە بولسا ، قانائەتلىك كىشى شۇ خەزىنىدىكى بىباھا ئالماستۇر.
— ئەلىشىر نەۋائىي 

بىشىڭغا پەلەكتىن تاش ياغسىمۇ ، ئەل خىزمىتىدىن باش تارتما . ئۇ تاشلار بىلەن بىشىڭ يىرىلىپ ، تاتۇق بولۇپ قالسا ، ئۇ بەخىتنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.
— ئەلىشىر نەۋائىي 

ئالىم ئەگەر مەنسەپ ئۈچۈن ئۆزىنى خار قىلىدىغان بولسا ، بىلىمى نادانلىقنىڭ ئۆزىدۇر.
— ئەلىشىر نەۋائىي 

قەغەزگە مۆھۈر باسقان كىشى قانداق شەكىلدە باسقان بولسا ، مۆھۈر قەغەزدىمۇ شۇ يۈسۈندا كۆرىنىدۇ .
— ئەلىشىر نەۋائىي 

چىۋىن يۈز يىل ئۆمۈر كۆرگەن بىلەن پىل تارتقان يۈكنى تارتالمايدۇ.
— ئەلىشىر نەۋائىي

ئەجەلگە پارا بىرىپمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ ، ئەجەلنىڭ تىغى ئاخىرى ئۆزىنىڭ جاللاتلىقىنى قىلىدۇ.
— ئەلىشىر نەۋائىي 

ئاق كۆڭۈل ، پاك بولغانلار ئادەمنىڭ ياخشىراقىدۇر ، توغرىنى سۆزلەشتىن قورۇقمايدىغان ، ئۆزى پاك ۋە كۆزى پاك كىشىلەرلا « ئىنسان » دېگەن نامغا لايىقتۇر .
— ئەلىشىر نەۋائىي 

يا ياخشى بول ، يا يامان  . ئىككىلىسى بولىمەن دېگەن ھامان يامان . يامان بىلەن ياخشى ئارىسىدا كۆپ پەرق باردۇر ، ئىككى كېمىنىڭ ئۇچىنى تۇتقان غەرقتۇر. 
— ئەلىشىر نەۋائىي 

قىلىقى سەتنىڭ خۇيى يامان بولىدۇ ، ئاچچىقى ياماننىڭ قاپىقى سەت بولىدۇ ، قاپىقى يامان ، قىلىقى سەت قەيەرگە بارسا ، بىر بالاغا گىرىپتاردۇر ، ھەمىشە ئۇنىڭ دۈشمىنى غالىب ، ئۆزى مەغلۇپ بولۇپ تۇرىدۇ ، دۈشمىنى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ ، ئۇنىڭغا غەزىپىنى ئاشۇرۇپ تۇرىدۇ . 
— ئەلىشىر نەۋائىي 

ئەگەر مەن چىن ئىنسان ئىكەنمەن ، ماڭا شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە،
— ئەلىشىر نەۋائىي 

ئۆزۈڭگە لايىق كۆرمىگەننى خەلققىمۇ راۋا كۆرمە.
— ئەلىشىر نەۋائىي 

ئەگەر سەن ئادەم بولىدىغان بولساڭ ، خەلقنىڭ غېمىنى يېمىگەن كىشىلەرنى ئادەم دەپ ھېسابلىما.
— ئەلىشىر نەۋائىي

#bilimdan   #bilimzar