Search This Blog

Thursday, August 29, 2019

ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بەش چوڭ چېكىگە يەتكەن تېپىشماق

ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بەش چوڭ چېكىگە يەتكەن تېپىشماق

ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇش مەسىلىسىدىن باشقا يەر شارىنىڭ شەكىللىنىش سىرى قاتارلىق ئىشلار ئىلىم-پەن ئالىملىرىنى نەچچە ئەسىرلىك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. ئىلىم-پەن ساھەسىدە كىشىلەر تەرىپىدىن« ئالەمنىڭ چېكىگە يەتكەن» دەپ ئاتالغان بەش چوڭ سىر بار. 

تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقى زاماندا، نۇرغۇن ئالىملار بۇ بىر قانچە مەسىلىنى تىلغا ئالمىدى، بەزىلەر بۇ بەش مەسىلىنىڭ بىرىنى يەشسىلا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر، مەيلى قايسى بىر سىر بولسۇن، پۈتكۈل ئىنسانىيەت قوبۇل قىلالمايدۇ، دەپ قارىغان.


1-ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىئولوگىيە جەھەتتە، ئالىملار ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان دەپ قارايدۇ، بىر ئادەمنىڭ تېنىدە تەخمىنەن 40 تىرىليون-60 مىليارد دانە ھۈجەيرە بار، ھەرقايسى سىستېما ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىشى ئارقىلىق باشقۇرىلىدۇ، ئەمما ئادەم بەدىنىنىڭ مۇرەككەپلىكى بىر ئالەمدىن قېلىشمايدۇ.لېكىن ئىلاھىيەتشۇناسلار ئىنسانلار جىسمىدىن باشقا، روھمۇ مەۋجۇت دەپ قارايدۇ، بۇ خىل قاراش گەرچە ناھايىتى بىمەنە بولسىمۇ، لېكىن رېئال تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئالىملار چۈشەندۈرۈشكە بولمايدىغان تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسەدەپ قارىلىدۇ.  

2- بۇ مەسىلە يەنىلا ئىنسانلاردىن ئايرىلالمايدۇ.  ئادەم بەدىنىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەقىقەتەن بەك سىرلىق بولۇپ، بىز ھازىرغىچە چۈشەندۇرەلمەيمىز، ئاڭ دېگەن نېمە، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ قايسى قىسمىدىن تەشكىل تاپقان؟  كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىدىيە ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ساقلىنىدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن ئالىملار ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ مېڭىنىڭ ھۈجەيرىسىنى 1000 ھەسسە چوڭايتقان تەقدىردىمۇ، ئىدىيىنى قوزغىتىدىغان« ئورۇن» نىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تاپالمايدۇ.

3-ئالىملار ئالەمنىڭ سىرلىرىنى يېشىشتىن باشقا، يەنە ئالەم سىرتىدىكى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىشنى خالايدۇ.گەرچە يەر شارىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى يەتتە مىلياردتىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلار يەنىلا يالغۇزلۇق ھېس قىلماقتا، بەزى ئالىملار ھەتتا ئالەمدىكى باشقا مەدەنىيەتلەر ئىنسانلارغا قارىغاندا نەچچە يۈز مىڭ يىل ئىلغار، ئۇلار يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەتكە يەتكەن دەپ قارىغان.
4-ئالەمنىڭ كېلىپ چىقىش مەسىلىسى، بۇ مەسىلە قەدىمدىن باشلاپ ئىزچىل كىشىلەر تەرىپىدىن مۇھاكىمە قىلىنغان، يېقىنقى زاماندا، ئالىملار يەنە« پاراللېل دۇنيا» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، كىشىلەر ئالەم پەقەت بىرلا ئەمەس، بارلىق يۇلتۇز سېستىمىسىنىڭ سانى ئاتوم سانىدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

5-ئالەمنىڭ زادى چېگراسى بارمۇ-يوق، ئالەمنىڭ چېگراسى يەنە قەيەردە؟بۇ بىر چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان تېما.  ئالىملار ھازىر ھېسابلاش ئارقىلىق، ئالەم بوشلۇقىنى كۈزىتىشكە بولىدىغان دائىرە 930 مىليارد يورۇقلۇق يىلى ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئەمما يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 13 مىليارد يورۇقلۇق يىلى كىلىدىغان بىر ئالەم تېمى تاپتى.ئەمما ئالەمنىڭ دائىرىسى ھەر قانداق ئالىم تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدىنمۇ كەڭ بولۇشى، شۇنداقلا چېگرا مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن.

#bilimzar
#bilimdan

پىسخىكىڭىزنى قوغدايدىغان 5 قائىدە


پىسخىكىڭىزنى قوغدايدىغان 5 قائىدە


  ئادەم دۇنيادا نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە ياشايدۇ، ھەممە ئىشلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولۇپ كېتىشى ناتايىن، سوغۇق مۇئامىلە، خاتا چۈشىنىش، قۇرۇق گەپكە قېلىش دېگەندەكلەرگە ئۇچراش نورمال ئەھۋال، بەزى كىشىلەر بۇنداق بىنورمال مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا ئۆزىنىڭ كىشىلىك پىرىنسىپىدىن ۋاز كېچىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق تاقابىل تۇرۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا قائىدىسى بولىدۇ.
01
ھاياتلىقتا ئۆزى ئۈچۈن كۆپرەك يول ياساش

   ئەمەلىي تۇرمۇشتا يېقىن ئادەملىرىگە، دوست-بۇرادەرلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئامال بار ئۇلارنى رەنجىتمەسلىك دەل ئۆزى ئۈچۈن يول ياسىغانلىق ھېسابلىنىدۇ، كىچىك ئىشلار سەۋەبلىك باشقىلارنى رەنجىتىش، باشقىلارنى كەچۈرمەسلىك دەل ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق ھېسابلىنىدۇ، ئۆزىڭىزنى پايدا مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغان، باشقىلار سىزنى ھۆرمەتلىمىگەن ۋاقىتلاردا ئاسانلىقچە ئاچچىقلانماڭ، بۇ دەل سىزنىڭ سەۋىرچانلىقىڭىزنى سىنايدىغان ۋاقىت.
02
تۇرمۇشتا ئازراق گالۋاڭ بولىۋېلىشمۇ ياخشى ئىش

  ھەممە ئادەم ئەقىللىق بولۇشنى، ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئەقىللىق بولۇش تەس، گالۋاڭ بولىۋېلىش تېخىمۇ تەس، ئەقىللىق بولۇشنىڭ پايدىسى كۆپ، گالۋاڭ بولىۋېلىشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپ، ئادەم يېتەرلىك ئەقىل-پاراسەت بىلەن پايدا-زىياننى ئايرىشى بېلىشى كېرەك، بەزى ۋاقىتتا گالۋاڭ بولىۋېلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.
03
ئۆزىنىڭ ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇش

  ئەگەر ئادەم باشقىلارنىڭ سوغۇق گەپلىرىگە پەرۋا قىلماي ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋالسا ئۇنداقتا ئۇ نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلارغا مۇيەسسەر بولالايدۇ، بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ قۇرۇق پىتنە-ئىغۋالىرى، ئۆزىگە بەرگەن ئورۇنسىز باھالىرى سەۋەبلىك ئازابلىنىپ يۈرمەيدۇ، ئۇ سەۋەبلىك ئۆزىدىن گۇمان قىلىپ ئۆزىنى ئەيىپلەپمۇ يۈرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇتقان يولى ۋە ئىرادىسى بولىدۇ.
04
ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلىيەلەيدۇ

  ھېچكىم تۇغۇلىشىدىنلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇر تارقىتىپ تۇرمايدۇ، شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى تارتىدىغان قابىلىيەتنى يىتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بىر ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى بولغان ئىناۋىتى بەزىدە ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى بەلگىلەپ قويىشى مۇمكىن.
05
پەس ئادەملەرنىڭ چىشىغا تەگمەسلىك

  دۈشمىنىڭ شىر بولسا بولسۇن ھەرگىز ئىت بولمىسۇن، شىر بىر يالماپلا سېنى يۇتىۋەتكەن بىلەن ئىت سۆڭىكىڭنى ھەر يەرلەردە كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ، پەس ئادەملەر قارىماققا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن دەل ئەجەللىك ۋاقىتلاردا ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇلار بىلەن تەڭ بولۇش ئۆزىنى ھالەك قىلغانغا باراۋەر، شۇڭلاشقا پەس ئادەملەرنىڭ چىشىغا تەگمىگەن، ئۇلاردىن يىراق تۇرغان ئەۋزەل.

#bilimzar   #bilimdan

شىۋىتسارىيە بانكىسىنى نېمىشقا دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر بانكا دەيمىز

شىۋىتسارىيە بانكىسىنى نېمىشقا دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر بانكا دەيمىز


شۋېتسارىيە بانكىسى 1820-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بانكا گۇرۇھلىرىنىڭ بىرى. شىۋېيتسارىيە بانكىسى گۇرۇھىنىڭ شىۋېتسىيە ھەمدە ئېستونىيە، لىتۋا ۋە لاتۋىيە قاتارلىق بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدە 9 مىليون سېتىش خېرىدارى ۋە 475 مىڭ كارخانا خېرىدارى بار. بۇنىڭدىن باشقا كوپېنھاگېن ، خېلسىنكى، لىيۇكسېمبۇرگ، ئىسپانىيە، نىيۇيورك ، ئامېرىكا، ئوسلو، شاڭخەي، جۇڭگو ۋە رۇسىيەدە شۆبە شىركەت تەسىس قىلغان.

شۋېتسارىيە ياۋروپادىكى ئەڭ باي دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شۋېتسارىيىدىكى ئىككى نەرسىنى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، يەنى سائەت بىلەن بانكا. 2004-يىلنىڭ ئاخىرىدا شىۋېيتسارىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مۈلكى 165 مىڭ ياۋرودىن، چېگرا ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە مۈلكىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون ياۋرودىن ئاشقان. شىۋېيتسارىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چەتئەللىكلەر پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ، دۇنيا بويىچە %30 چەت ئەل پۇلىغا ئىگە، قىممىتى 2 تىرىليون ياۋروغا يېتىدۇ.

شۋېتسارىيە بانكىسى خېرىدارلارنىڭ شەخسىي سىرىنى ناھايىتى ياخشى قوغدايدۇ، پۇل قويغۇچىلار تۇنجى قېتىم پەقەت ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم - فامىلىسى بىلەن تەمىنلەپ بىرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھېساباتىنى كودلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم فامىلىسىنى قايتا پەيدا قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇ نۇرغۇن بايلارنىڭ باج ئوغرىلاش، باجدىن قىچىش ۋاسىتىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
شىۋېيتسارىيە مەڭگۈ ب تەرەپ بولۇپ تۇرىدىغان دۆلەت، شۇڭا ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. دۆلەت مۇقىم بولغاندا، ئىقتىسادمۇ، بانكا كەسپىمۇ مۇقىم بولىدۇ. مەڭگۈ ب تەرەپ بولۇپ تۇرۇش پەقەت ئېغىزدا دەپ قويۇش ئەمەس، ئۇنى كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بىلەن ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شۋېتسارىيەنىڭ نۇرغۇن تاغ تىزمىلىرى قېزىلىپ، ھەربىي مۇداپىئە ئىستىھكامى ياسالغان. شىۋېيتسارىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە يەنىلا 1000 دەك ئالدىنقى ھەربىي پاناھ جاي ۋە پاناھ جايلارنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمىنى شەخسلەر سېتىۋالغان بولۇپ، سۇغۇرتا ئامبىرىغا ئىشلىتىپ، ئۇلارنى دۇنيا سۇغۇرتا ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇشتەك تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغان.

ئەلا مۇلازىمەت سىستېمىسى بار بولۇپ، بانكىدا سۈرەتكە تارتىشقا، ئىسمىنى چاقىرىشقا بولمايدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ۋىۋىسكا ئورناتمايدۇ. شەخسىي ھېسابات بېجىرىدىغان خىزمەتچىلەر چوقۇم قاتتىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ، شۇڭا ھەممىسى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىشتۈرۈلىدۇ.

مانا بۇ كىشىلەرنىڭ پۇلنى شىۋېيتسارىيە بانكىسىغا ئامانەت قويۇشىدىكى سەۋەب، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل قويغۇچىلار ئامانەت پۇل ئۆسۈمىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، يەنە شىۋېيتسارىيە بانكىسىغا باشقۇرۇش ھەققى تۆلەيدۇ. 2015-يىلى شىۋېيتسارىيە بانكىسىنىڭ ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى %0.75- گە چۈشكەن. پۇل قويغۇچىلار بانكىغا تەتۈر ئۆسۈم تۆلەيدۇ. بۇ خىل ھادىسە دۇنيا بانكا ساھەسىدە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ

شۋېتسارىيىنىڭ بانكىسىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمى شۇنداق قاتتىق بولغاچقا، دۆلەتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن. مۇئامىلىدارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان ھەرقانداق قىلمىش قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ، بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن مۇئامىلىدار يالغان ئىسىم ئىشلەتسە بولىدۇ، ھەتتا ئىسىم-فامىلە ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ. خېرىدارلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. ئەلۋەتتە، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان قارا پۇل، پارا بېرىش قاتارلىق قانۇنسىز پائالىيەتلەر شىۋېيتسارىيە بانكىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

bilimzar   #bilimdan#


يادرو باتارىيىسى قانچىلىك ۋاقىت يىتىدۇ؟ پىرىنسىپى نىمە ؟

يادرو باتارىيىسى قانچىلىك ۋاقىت يىتىدۇ؟ پىرىنسىپى نىمە ؟



  يادرو باتارىيىسى 

ساياھەتچى 1ـ نومۇر ئىككى دانە «رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپلۇق سۇۋارىئاتسىيە باتارېيە» نى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئادەتتە يادرو باتارېيەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ باتارىيەنى 2025ـ يىلىغىچە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، ئىككى پارچە يادرو باتارېيەسى 48 يىلغىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن
يادرو باتارېيەسىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپنىڭ يىمىرىلىشىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن قۇرۇلما قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيەنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئالەم كېمىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىدۇ، يادرو باتارېيەسى 1956ـ يىلى كەشىپ قىلىنغان، ساياھەتچى 1ـ نومۇر 1977ـ يىلى بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن
يادرو باتارېيەسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى: رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ يىمىرىلىش جەريانىدا، ئېنېرگىيەنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ قىسمى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىدۇ، ئاندىن ئىسسىقلىق بىلەن توكنى ئايلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى بۇ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى داۋاملىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ.
يادرو باتارېيەسىنىڭ بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بار:
1. ئېنېرگىيە يىمىرىلىش جەريانىدىكى ماسسىنىڭ خورىشىدىن كېلىدۇ، شۇڭا ئىنتايىن ئاز يىمىرىلىدىغان ماددىلار كۆپ مىقداردا ھەم سىجىل ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ.
2. يىمىرىلىش تېمپېراتۇرا، بېسىم ۋە ھەر خىل مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا يادرو باتارېيەسىنىڭ ئېنېرگىيە چىقىرىشى ئىنتايىن مۇقىم بولىدۇ.
3. يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى ئۇزۇن بولغان ماددىلارنى تاللاپ بېكىتكەندە، يادرو باتارېيەسىنى بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن، ساياھەتچى 1ـ نومۇردا ئىشلەتكەن پلوتونىي ـ 238 نىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 877 يىل بولىدۇ 


يادرو باتارېيەسىنىڭ ئىشلىتىلىشى پىشىپ يېتىلدى بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇنلا ئامېرىكىدىكى ئاپوللو ئايغا چىققاندا، يادرو باتارېيەسى ئارقىلىق ئاي شارىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى پار بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ قۇرۇلما رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ئىسسىقلىق چىقارغۇچ دەپ ئاتالغان.

سۈرەتتىكىسى ساياھەتچى 1ـ نومۇردىكى يادرو باتارېيەسى بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى قارامتۇل قىزىل رەڭلىك بۆلىكى پلوتون تۆت ئوكسىدى ئىكەن
ئوخشاش بولمىغان رادىيوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە يادرو باتارېيەسىنى ياسىغىلى بولىدۇ، يادرو باتارېيەسى نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، تېببىي ساھەدە قىسمەن سۈنئىي يۈرەكلەرگە ئىشلىتىلگىنى دەل يادرو باتارېيەسىدۇر.

ساياھەتچى 1ـ نومۇر


#bilimzar    #bilimdan

يىگىت دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە بىلەمسز؟


يىگىت دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە بىلەمسز؟  


يىگىت دىگەن

1
   يىگىت دىگەن ئۆز نەپسىنى تۇتۇشنى بىلدىغان،ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەققىنى قوغدىيالايدغان ،باشقىلارنىڭ ھەققىدىن ئىھتىيات قىلالايدىغان بىر ئاق قەلىپنىڭ ئىسمىدۇر
2
   يىگىت دىگەن ئائىلىسى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ يىتەكچىسى ،ئاتا-ئانسىنىڭ ۋاپادار ئوغلى،سىڭلىسىنىڭ ياخشى ئاكىسى،ئايالىنىڭ كۈيۈمچان يولدىشى بولغان سەمىمىيەت ئەھلىنىڭ ئىسمىدۇر
3
   يىگىت دىگەن سەمىمىيەت ۋە ساداقەتنى ئەلا بىلگەن ،توغرا يولدىن ئاداشمىغان ۋە ئاداشتۇرمىغان،ئەركەكلىكىگە ماس بولمىغان ئىشتىن ئۇزاق،تىنماس ھەركىتى بىلەن يۇرتىغا بەركەت بولغان بىر جاسارەت ئەھلىنىڭ ئىسمىدۇر
4
   يىگىت دىگەن ئەتراپىدىكى ھەربىر قىزنىڭ كەلگۈسى جەميىتىنىڭ ئانىللىرى ،بولمىش ئۇلۇغلۇق بابىنىڭ گۈل تاجى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمىغان ،ئۇلارنىڭ ھەققىنى يىيىشتىن قورقىدىغان ،ئۇلارنىڭ شەرپىنى ،ئىززىتىنى قوغداشنى شەرەپ بىلدىغان  مەرىتلىك ئەھلىنىڭ ئىسمىدۇر
5
   يىگىت دىگەن تۇتقان قۇلىنى مىھىر بىلەن تۇتىدىغان ،ئىگىلىك بىلەن تۇتىدىغان،نىملەرگە ئېرشىش تەمەسىدە ئەمەس،نىملەرنى بىرەلەيدىغانلىقنى ئويلايدىغان ھەم شۇنىڭغا پىداكارلىق بىلەن بېغىشلىيالايدىغان ساداقەت ئەھلىنىڭ ئسمىدۇر
6
   يىگىت دىگەن قىز ئاياللارنى خىزمەتچىسى ئەمەس ئائىلسىنىڭ بەركىتى،ھايات نىشانى،ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ قوش قاناتى بىلدىغان،بىر قىزنى سۆيۈشنىڭ ئەمەليەتتە ئۇنى شەرەپكە ئېرشتۈرۈش قەسىمى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ۋاپا ئەھلىنىڭ ئسمىدۇر
7
   يىگىت دىگەن بىر سۆزى ئۈچۈن جېنىنى بىردىغان،دىيانىتى،ۋەدە قەسىمىنى ئەرلىك غۇرۇرى ۋە ئىززىتى بىلدىغان غۇرۇر ئەھلىنىڭ ئسمىدۇر
8
   يىگىت دىگەن يىگىتلىك سۆزىگە داغ تەككۈزمەيدىغان،يىگىتلكتىن بىر ئاتا،بىر ئانا،بىر قىز ،بىر جەميەت،بىر يۇرىت كۈتىدىغان مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇليەتنى تۇنىغان ۋە ئادا قىلىشقا تىرشىدىغان بىر پىداكار ئەھلىنىڭ ئسمىدۇر


شۇنداق يىگىتلىرىمىزگە كۆز تەگمىسۇن !ئىشلىرىڭلارغا ئۇڭۇشلۇق  
!تىنىڭلارسالامەت بولسۇن ئەركەكلەر

قوشۇمچە ھېكىمەت

باشقىلارنىڭ غايىسىنى ھەرگىز زاڭلىق قىلماڭ
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، پەرزەنتىڭىز بىلەن ئۆتكەن ۋاقىت ھەرگىز زايا كەتمەيدۇ

ئۆچىرەتتە تۇرغاندا بەزىدە كەينىڭىزدىكى ئادەمنى ئالدىڭىزغا ئۆتكۈزۈپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق

ئائىلە ئەنئەنىسىنى يېنىكلىك بىلەن بۇزۇشقا ئۇرۇنماڭ

رومكا تۇتۇپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشمەڭ

باشقىلارغا نەرسە بەرگەندە ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىن كۆپرەك بېرىڭ، بەرگەندىمۇ خۇشاللىق بىلەن بېرىڭ

ئەجىر سىڭدۈرۈپ ھەقىقەتنى ئىگىلەڭ، بىراق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نەرسىنىڭ قىزغىنلىق ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ

تازىلىق ئىشچىسىغىمۇ خۇددى لىدىرغا مۇئامىلە قىلغاندەك پوزىتسىيەدە بولۇڭ

باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغاندا قارشى تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ سۆزلەڭ

ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان ئادەمنىڭ ياخشى پىكرىنى چەتكە قاقماڭ
سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى  ئۇنۇتماڭ دىگەن گەپ بار

#bilimzar   #bilimdan   #بىلىمزار   بىلىمدان#

سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق قەھرىتان قىشى يېتىپ كەلدىمۇ؟


سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق قەھرىتان قىشى يېتىپ كەلدىمۇ؟


كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا نىسبەتەن چەكسىز تەسەۋۋۇرى بار، ئۇ ئاللىقاچان ھېكايە ۋە كىنولارنىڭ ئەڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تىلغا ئېلىنغاندا، كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ھەمىشە پولات پالۋان ۋە ئۇنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ياردەمچىسى J. A. R. V. I. S، «دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىم» دىكى ئاقپىشماق ياكى «غەربىي دۇنيا»دىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق قۇرامىغا يەتكەنلەر باش تېما باغچىسىنىڭ كۆرۈنۈشى پەيدا بولىدۇ.
گەرچە ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان باش ئاغرىقلىرىنى ئاللىقاچان ھەل قىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات ئەھۋالى بويىچە، ئىنسانلارنىڭ ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن ماشىنا ئادەملەر يەنىلا يىراقتا. ئۇنداقتا، زادى قانداق نەرسە دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنا ئادەملەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى توسۇپ قويدى؟


ئالدى بىلەن، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تارىخىنى قىسقىچە ئەسلەپ باقايلى.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسى 1956ـ يىلى دارتموز ئىنستىتۇتىنىڭ يىغىنىدا رەسمىي بارلىققا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان، "سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار" دىن ئىبارەت بۇ كەسپىي ئاتالغۇمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن. 1956ـ يىلىدىن 1974ـ يىلىغىچە، ئالىي مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى تەتقىقاتقا نۇرغۇن مەبلەغ ۋە بايلىق سەرپ قىلىپ، گېئومېتىرىيە، ئالگېبرا قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىشلەتكەن ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى كومپيۇتېرلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ مەزگىلدىكى مۇۋەپپەقىيەت كىشىلەرنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن زىيادە ئۈمىدۋار قىلىپ، بەك يۇقىرى ئۈمىد كۈتىدىغان قىلىپ قويدى. ئەمما، ئەينى چاغدىكى تېخنىكا ۋە قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرى يېڭى تىپتىكى ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەي، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار 1974ـ يىلى تۇنجى قېتىملىق قەھرىتان قىشنى كۈتۈۋالدى.

قەھرىتان قىش تاكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80ـ يىللىرىغىچە داۋاملاشتى، ئۇنىڭ ئاخىرلىشىشى مۇتەخەسسىسلەر سىستېمىسىنىڭ گۈللىنىشى، شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ 850 مىليون دوللار ئاجرىتىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ئىقتىدارى ۋە ئىنسانلار ئەقلىي ئىقتىدارىغا ئىگە كومپيۇتېر ئىجاد قىلىشىغا ئىشلەتكەنلىكىدىن بولدى، شۇنداقلا 5ـ ئەۋلاد كومپيۇتېر تۈرى دەپ ئاتالدى. ياپونىيە ئىزچىل تۈردە ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەمگە مەپتۇن بولۇپ كەلگەن، ھەممىگە تونۇشلۇق فانتازىيەلىك كارتون فىلىم «گاۋدا» (ئىلغار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىغا ئىگە ئادەم سىياقلىق ئۇچقۇ) 1979ـ يىلى مەيدانغا چىققان. «ھۇجۇم گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەسلى نۇسخىدىكى ھەجۋىي رەسىمىمۇ 1989ـ يىلى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان. ياپونىيە بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئوخشاش مەزگىلدە يەنە بىر قېتىم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارساھەسىگە مەبلەغ سالدى.

بۇ مەزگىلدە كومپيۇتېر قاتتىق دېتالى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كومپيۇتېر ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئۇنداق ئادەتتىكى كومپيۇتېرنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى كەسپىي خادىملار ئىشلىتىدىغان، ئۇلاش ئېغىزى يوق، پەقەت بىر دۆۋە كود بار كومپيۇتېرنى كۆرسىتىدۇ. 1987ـ يىلى ئالما شىركىتى بىلەن IBM شىركىتى مەخسۇس نۇسخىدىكى ئۈستەل كومپيۇتېرى (ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان كومپيۇتېرغا ئوخشاپ كېتىدۇ) نى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئىقتىدارى ئاشۇ كەسپىي كومپيۇتېرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەلا ئىدى. بۇ 500 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سىستېمىسى كەسپىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قەھرىتان قىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

1997ـيىلى IBM نىڭ قېنىق كۆك كومپيۇتېرى خەلقئارالىق شاھمات چېمپىيونى گارى كاسپاروۋ (Garry Kasparov)نى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئامما ئاندىن ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەن-تېخنىكا كەسپى ئىنتېرنېت تور كۆپۈكى كىرزىسىگە دۇچ كەلدى. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ فوندى تۈگەپ كەتتى. ھالبۇكى، قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىنغاچقا، ماشىنىغا ئۆگىتىش تېخنىكىسى (ياكى ماشىنىلىق ئۆگىنىش) داۋاملىق ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. كومپيۇتېرنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ساقلاش ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچ سان دەرىجىسىدە ئېشىپ، كارخانىلارنى زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. نۇرغۇن كارخانا ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى كەڭ كۆلەمدە ھەر خىل قوللىنىشقا ئىشلەتتى.

2011ـيىلى، IBM نىڭ سوئال-جاۋاب سىستېمىسى ۋاتسون ئامېرىكا زېھىن سىناش مۇسابىقىسى پىروگراممىسى «خەتەر گىردابى» دا چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان براد لاتېخكېن جانېنىسنى مەغلۇپ قىلدى. گۇگول شىركىتىنىڭ Alpha GO سىستېمىسىمۇ 2016ـ يىلى ۋە 2017ـ يىلى توققۇز بۆلەك مۇسابىقىدە قورشاۋ شاھمات ماھىرى لى سىدۇل ۋە دۇنيا چېمپىيونى كې جيېنى مەغلۇپ قىلدى.
ئۆتكەن 15 يىلدا ئامازون، گۇگول ۋە باشقا ئىنتېرنېت پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ماشىنىلىق ئۆگىنىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ غايەت زور رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشتى. ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، بۇ شىركەتلەر يەنە كومپيۇتېر كۆرۈش سېزىمى، تەبىئىي تىللارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە باشقا نۇرغۇن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىلىرىنى قوللىنىشقا كۆڭۈل بۆلدى. نەچچە ئون يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى مۇنداق تۆت جەھەتكە مەنسۇپ بولدى:

1. مور قانۇنى ـ ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقاتى باشلانغاندىن بۇيان، كومپيۇتېرنىڭ بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تەخمىنەن ھەر ئىككى يىلدا بىر ھەسسە ئېشىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە مۇرەككەپ ھېسابلاش ئۇسۇلى (ئالگورىزم)نى بىر تەرەپ قىلىشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇردى. پەقەت ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا، گۇگول نىڭ AlphaGO سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنى ئىشتىن سىرتقى قورشاۋ شاھمات "ماھىرى" دىن دۇنيا چېمپىيونىغا ئايلاندۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، Alpha GO نىڭ ئەڭ يېڭى ھېسابلاش بايلىقى نۇسخىسى پەقەت ئىلگىرى لى سىدۇلنى مەغلۇپ قىلغان نۇسخىسىنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.

2. چوڭ سانلىق مەلۇمات ـ ماشىنىلىق ئۆگىنىش تېخنىكىسى زور مىقداردىكى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلارغا تايىنىدۇ. ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدىلا پۈتكۈل دۇنيادا %90 يېڭى سانلىق مەلۇمات بارلىققا كەلدى.
3. مەبلەغ ـ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، تەۋەككۈل سېلىنمىسى ۋە پەرىشتە فوندى ئارقا-ئارقىدىن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقات ساھەسىگە كىرىپ، كېيىنكى بىر نۆۋەتلىك قىئات (قۇرۇلغىنىغا 10 بولماي تۇرۇپ، قىممىتى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشقان ياش كارخانىلار) كارخانىلارنى تېپىشنى ئۈمىد قىلدى.
4. ھېسابلاش ئۇسۇلى (ئالگورىزم)نىڭ مۇرەككەپلىكى ـ تەتقىقات ۋە مەبلەغ ئىنچىكە ھېسابلاش ئۇسۇلى (ئالگورىزم)غا يۈزلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېرۋا تورى ۋە بىلىش ئارقىلىق ھېسابلاشتىن تولۇق پايدىلاندى.

نۇرغۇن كىشىلەر نۆۋەتتە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلىدى، پات ئارىدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ 3ـ قېتىملىق قەھرىتان قىشىغا دۇچ كېلىمىز، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر كۈچلۈك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە تېخى زور بۆسۈش بولمىدى دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا نۆۋەتتە كارخانىلار ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پۈتكۈل سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويدى دەپ قارايدۇ. بىر قىسىملار نۆۋەتتىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقاتىنىڭ زىيادە مەركەزلىشىپ، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تەنقىدلىدى.
ھالبۇكى، نۆۋەتتىكى پاي چېكى بازىرىغا ئالما، گۇگول، ئامازون، فېيسبۇك قاتارلىق چوڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ ياكى يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ 3ـقېتىملىق قەھرىتان قىشى راستتىنلا يېتىپ كەلسە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپى بىر ئىزدا توختاپ قېلىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيا كېيىنكى قېتىملىق ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

bilimdan  #bilimzar#  

Monday, August 26, 2019

چۈش باشقا بىر ئۆلچەمدىكى دۇنيادىن كەلگەنمۇ؟

چۈش باشقا بىر ئۆلچەمدىكى دۇنيادىن كەلگەنمۇ؟


قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە چۈش كۆرۈش دېگەن بۇ ھادىسىنى ئويلاپ تېگىگە
 يەتكىلى بولمايدۇ، چۈش بەزىدە خىيالىي تۇيغۇ بولۇپ قالىدۇ، بەزىدە رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ھەتتا رېئاللىقتىن سىگنال بېرىدۇ، چۈش پەقەت ئادەم ئارام ئالغان ۋاقىتتا، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى يوشۇرۇن ئاڭنىڭ جانلىنىشىنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
بەزىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، تۇرمۇش بېسىمى بەك ئېغىر بولغاچقا، كىشىلەر بېسىلىپ قالغان ئارزۇ ـ ئارمانلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چۈشىدە بۇ ئارزۇ ـ ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغانمىش 

ئەنگلىيە «تەبىئەت» ئىلمىي ژۇرنىلىدا مۇنداق بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىندى: چۈش ھەرگىزمۇ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ ئىنكاسى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنىڭ يەنە بىر ماكاندىكى ئۆلچەمگە كىرىشىدىن تارقالغان مەنزىرە كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدۇ 

ئادەم ئۇخلىغان ۋاقىتتا، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئىنتايىن جانلىنىدۇ، ئۇ ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يەنە بىر ئۆلچەملىك بوشلۇققا كىرىدۇ، ئاندىن يەنە بىر ئۆلچەملىك بوشلۇققا كىرگەن مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى قوبۇل قىلغان بارلىق سېزىمنى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە يوللايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن چۈشتىكى مەنزىرە پەيدا بولىدۇ.

ئەنگلىيە ئالىملىرى ئېيتقان يەنە بىر ئۆلچەملىك بوشلۇق تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقمۇ ياكى يەنە بىر تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك بوشلۇقمۇ؟
بۇنىڭغا نىسبەتەن بولغان تونۇشلارنىڭ ھەممىسى ئېنىق ئەمەس، تورداشلارمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن تەھرىرنىڭ قارىشىچە، ئىلىم ـ پەن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھامان بىر كۈنى ئالىملار بۇ «چۈش» نى يېشەلەيدۇ

#bilimdan   #bilimzar

دۇنيادىكى بىر قىسىم ئېچىلمىغان سىرلار

دۇنيادىكى بىر قىسىم ئېچىلمىغان سىرلار


1. دىنوزاۋرنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى دىنازاۋر دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق ھايۋان، ئۇنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇن يېشىلمىگەن سىرلار بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى دىنازاۋرنىڭ قانداق ھالاك بولغانلىقىدۇر. دىنازاۋرنىڭ يوقىلىشى ھەققىدىكى سىرنى ئىنسانلارنىڭ تەتقىق قىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولدى، ھەمدە: «يەر ماگنىتىنىڭ تەتۈر ئايلىنىش تەلىماتى، كىسلاتالىق يامغۇر تەلىماتى، كىلىمات ئۆزگىرىش تەلىماتى، جىنسىي پەرق تەلىماتى، دېڭىز-ئوكياننىڭ تارىيىش تەلىماتى، يانار تاغ پارتلاش تەلىماتى» قاتارلىق تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. دىنازاۋرنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىش سىرى كىشىلەر مەڭگۈ يېشەلمەيدىغان سىر.

2. «موميا» نىڭ سىرى
مومىيانىڭ ياسىلىشىغا سىرلىق ۋە خۇراپىي نەرسىلەر ئارىلاشقان بولۇپ، «موميا» نىڭ ياسىلىشىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ قەدىمكى مىسىرنىڭ مېدىتسىنا سەۋىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. «موميا» نى ياساش جەريانىدا، مىسىرلىقلار ئاناتومىيە ھەققىدىكى نۇرغۇن بىلىملەرنى توپلىغان. ئۇلار جەسەتنى مومىيالىغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش بىلەن يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەمدە چوڭ مېڭىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان مۇھىم رولىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىگەن.

3. «ئۆلۈم ئارىلى» رىۋايىتى
كانادانىڭ شەرقىدىكى خالىفاكىس بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا، بىزنى ئىنتايىن ۋەھىمىگە سالىدىغان بىر كىچىك ئارال «سەب ئارىلى» بار. پۈتۈن ئارالدا بىر پارچە ئۇششاق قۇم بولۇپ، ئىنتايىن قاقاس ۋە قورقۇنچلۇق، بۇ يەردە ئېگىز دەرەخلەر يوق بولۇپ، پەقەت ئوت-چۆپ ۋە پاكار دەرەخلەرلا بار. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ ئارالنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق پاراخوت سىرلىق ھالدا ۋەقەگە ئۇچراپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5000 دىن ئاشقان.

4. ئېھرامنىڭ سىرى

مىسىردىكى نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئېھرام تەخمىنەن 80 گە يېتىدۇ. ئۇلار قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنلىرى (پادىشاھى) نىڭ قەبرىستانلىرىدۇر. ئەڭ چوڭ ئېھرام تۆتىنچى سۇلالە فىرئەۋىنى خۇفۇنىڭ قەبرىسى بولۇپ، تەخمىنەن 4500 يىل بۇرۇن ياسالغان، بۇ ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكى 146.5 مېتىر. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇنداق بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن 50 مىليون نوپۇسلۇق دۆلەت كۈچىگە ئىگە بولۇش كېرەك ئىكەن، بىراق مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3000-يىللاردا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىليوندىن ئاشمايدىكەن.

5. ھالاكەت تاشيولى

ئامېرىكىنىڭ ئېداخو ئىشتاتىدىكى ئشىتاتلىق تاشيولنىڭ بىر كىچىك بازارغا 14.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا، شوپۇرلار تەرىپىدىن «ئېداخو ئالۋاستىسى» دەپ ئاتالغان ئۈچ بۇرجەكلىك ۋەھىمىلىك ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ چۈشۈش بەلۋىغى بار. ئادەتتە نورمال يۈرۈۋاتقان بىر ئاپتوموبىل بۇ يەرگە كىرگەندە تۇيۇقسىز بىر سىرلىق كۈچ تەرىپىدىن ئاسمانغا ئېتىلىدۇ. ئارقىدىنلا يەنە شىددەت بىلەن يەرگە چۈشۈپ، ئاپتوموبىل ۋەيران بولۇپ، ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىغان ئېغىر ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. مايا مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىش سىرى
مايا مەدەنىيىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سىر بولۇپ، مايا مەدەنىيىتى قەدىمكى مېكسىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، گۋاتېمالا قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان مەدەنىيەتتۇر. بۇ مەدەنىيەت نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يەنە سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن. مايالار يۈكسەك يبزا ئىگىلىك، ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن. مايالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدۇ.

7. نىس كۆلىدىكى غەلىتە مەخلۇق

ئۇ يەر شارىدىكى ئەڭ سىرلىق سىرلارنىڭ بىرى. نىس كۆلى شوتلاندىيەدىكى بىر چوڭ جىلغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 200 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ كۆل يىل بويى مۇز تۇتمايدۇ. 1934-يىلى 4-ئايدا، لوندونلۇق دوختۇر ۋىلسون فوتو ئاپپارات ئارقىلىق سۇ مەخلۇقىنىڭ سۈرىتىنى تارتىپ، سۇ مەخلۇقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېنىق نامايان قىلغان، مەخلۇقنىڭ بويۇنلىرى ۋە ياپىلاق باشلىرى قارىماققا 70 مىليون يىللار ئىلگىرىكى يىلان بويۇنلۇق دىنازاۋرغا ئوخشاپ كەتكەن.

8. «مونالىزا» نىڭ كۈلكىسىنىڭ سىرى

«مونالىزا» ئىتالىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى داڭلىق رەسسام داۋىنچى سىزغان رەسىم ئەسىرى. 500 يىلدىن بۇيان، كىشىلەر ئىزچىل تۈردە «مونالىزا» نىڭ سىرلىق كۈلكىسى توغرىسىدا بىر قارارغا كېلەلمىگەن. بۇ رەسىمنى ئوخشىمىغان كۆرگۈچىلەر، ئوخشىمىغان ۋاقىتتا كۆرسە، تەسىراتى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىدە ئۇنىڭ كۈلكىسى بەھوزۇر، مۇلايىم كۆرۈنىدۇ، بەزىدە سۈرلۈك كۆرۈنىدۇ، بەزىدە ھەسرەتلىك كۆرۈنىدۇ، بەزىدە مەسخىرە ئارىلاش كۈلگەندەك كۆرۈنىدۇ.

#bilimdan   #bilimzar