Search This Blog

Friday, July 9, 2021

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار خاككېرلىق دەۋرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا


سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار خاككېرلىق دەۋرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا


 



 

2021-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا خارۋارد ئ‍ۇنۋىرسىتى كېننېدى ئىنۇستىتۇتى بېلفور ئىلىم-پەن ۋە خەلقئارا ئىشلار مەركىزى «يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار خاككېرلىقى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.


دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارمەلۇم دەرىجىدە جەمئىيەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى ئىنسانلارنىڭ بىلىشىگە كاشىلا قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى خاككېرغا ئايلىنىپ، جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسىي سىستېمىدىن يوچۇق ئىزدەيدۇ، ئاندىن مىسلى كۆرۈلمىگەن تېز سۈرئەت، كۆلەم ۋە دائىرە ئارقىلىق بۇ يوچۇقلاردىن پايدىلىنىدۇ.






دوكلاتنىڭ ئاساسلىق كۆز قاراشلىرىدىن ئۈزۈندىلەر تۆۋەندىكىچە:

 

بىرىنچى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار خاككېر (قەستكار- «ئۇيغۇرچە سۆز ئىزدەپ مۇشۇ سۆزنى مۇۋاپىق كۆردۇم، مۇشۇنداق ئالساق بولامدۇ بىلمىدىم، »)غا ئايلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ بىلىشىگە كاشىلا قىلىپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سىستېمىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن

 

ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىن كومپيۇتېر ھەممە يەردە مەۋجۇت، ئۇ ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قەستكارلارنىڭ ھۇجۇمىنى ھەرقانداق جايدا پەيدا قىلىشىغا ئوبدان شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ (ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى بار، كومپيۇتېر گەرچە جەمئىيەت، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئىقتىساد، پەن-تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سەلىي تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ). ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە سىياسىي سىستېمىنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ توغرا تەدبىر بەلگىلىشىگە تايىنىدۇ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى كۆپ خىل ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ بىلىشىنى كاشىلىغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ دىققىتىگە كاشىلا قىلىپ، ئاممىنىڭ رېئاللىققا بولغان تونۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛ تېررورلۇقنىڭ تەھدىت سالمىقىنى كۆپتۈرۈش ياكى ئاجىزلىتىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ خەۋپ-خەتەرنى باھالاش بىلىش سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلار.






ئوخشاش بولمىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سىستېمىلارنىڭ سۈنئىي ئىدراك قەستكارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا (ئاسان) ئۇچراش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. كۆپ خىل قائىدىنى ئاساس قىلغان مۇرەككەپ سىستېما ۋە ئىجتىمائىي قائىدىلەرنىڭ چەكلىمىسىدىكى سىستېما تېخىمۇ ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ، ئالدىنقىسى ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەرنى تېخىمۇ ئاسان پەيدا قىلىدۇ، كېيىنكىسى سىستېمىنىڭ چۈشەندۈرۈش خاراكتېرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدا تېخىمۇ كۆپ يوچۇق مەۋجۇت بولىدۇ.


 




ئىككىنچى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار خاككېرلىق ھۇجۇمى ئاساسلىقى غەرەزلىك ۋە غەرەرسىز بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

 

بىرىنچىدىن، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىنسانلار تەرىپىدىن قەستەن يامان غەرەزدە مەلۇم سىستېمىغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، كومپيۇتېر مەشغۇلاتچىسى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىنى دۇنيا باج قانۇنى ياكى دۇنيا پۇل مۇئامىلە قانۇن-نىزاملىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭدىن پايدا ئالىدىغان بىر قاتار قەستكارلىق ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مەلۇم سىستېمىغا ئۆز ئالدىغا ۋە مەقسەتسىز تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن. قانداقلا بولسۇن، بۇ ئىككى خىل ئەھۋال ناھايىتى خەتەرلىك، كېيىنكىسى تېخىمۇ خەتەرلىك، چۈنكى ئىنسانلار سىستېمىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلمەسلىكى مۇمكىن.





 

ئۈچىنچى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمى سۈرئىتى تېز، كۆلىمى چوڭ، خەتىرى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە

 

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى كەلگۈسىدە سۈرئەت، كۆلەم ۋە خەتەردىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي سىستېمىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدىغان خاككېرلىق ھۇجۇمىغا تېخمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۈنئىي ئىدراك سىستېمىسى ئادەمگە ئوخشاش ئېتىكا ئەخلاقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولغاچقا، ئىنسانلار پەرەز قىلالمايدىغان ئۇسۇلدا سىستېمىغا تاجاۋۇز قىلىدۇ. ئالدى بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ بىر خىل ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىلگىرىكىدەك بىر نەچچە ئاي ياكى بىر نەچچە يىل كېتىدىغان تاجاۋۇزقىلىش جەريانىغا پەقەت بىر نەچچە كۈن، بىر نەچچە سائەت ھەتتا بىر نەچچە سېكۇنت كېتىشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭدىن قالسا، يامان غەرەزلىك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى پايدىلىنىشقا بولىدىغان يوچۇقنى بايقىغان ھامان، ئىنسانلار مۆلچەرلىيەلمەيدىغان كۆلەمدە قەستكارلىق ھۇجۇمى قوزغىيالايدۇ؛ ئەڭ ئاخىرىدا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان يوشۇرۇن دائىرىدە قەستكارلارنىڭ ھۇجۇمىنى تېخىمۇ خەتەرلىك قىلىپ قويىدۇ.





 

تۆتىنچى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىنىڭ مۇرەككەپلىكىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈش خاراكتېرى بارغانسېرى ناچارلىشىدۇ

 

ھازىرقى زامان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى ماھىيەتتە بىر قارا قۇتا بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلار بىر ئۇچىدىن كىرىپ، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى يەنە بىر ئۇچىدىن چىقىدۇ. ئىنسانلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشىمايدۇ. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى ئىنسانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ يولغا قويۇشقا بولىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئويلىشىدۇ. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىنىڭ تەدبىرى ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن، مەجبۇرىي چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ كۆپ چەكلىمە ئېلىپ كېلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى چىقارغان تەدبىرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.


2017-يىلى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئالىي تەتقىقات پىلان ئىدارىلىرى «چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار» تەتقىقات پىلانىنى يولغا قويۇپ، سىستېما ئىقتىدارى بىلەن چۈشەندۈرۈش خاراكتېرى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئۈستىدە ئىزدەندى. يېقىن كەلگۈسىدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىنىڭ مۇرەككەپلىكىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشچانلىقىمۇ بارغانسېرى ناچارلىشىدۇ.


 




بەشىنچى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار خاككېرلىق ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى

 

ناۋادا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى تۈرلۈك يۇمشاق دېتال يوچۇقىنى بايقاپ قالسا ھەمدە بۇ يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ يەر شارى مىقياسىدا كومپيۇتېر تورىغا كەڭ كۆلەملىك خاككېرلىق ھۇجۇمى قوزغىسا، ئىنسانلار مىسلى كۆرۈلمىگەن خەتەر ئىچىدە قالىدۇ.


بۇنىڭ ئۈچۈن، دوكلاتتا مۇنداق ئىككى مۇداپىئە تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان: بىرىنچى، قەستكارلارنىڭ ھۇجۇمىغا تېز، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدىغان ئېلاستىك باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش، مەسىلەن، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرى ۋە ئىجتىمائىي قائىدە-تۈزۈملىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ ئىككىنچى، ئىنسانلار بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ رولىنى ئالغاندا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك.


#بىلىمدان

#بىلىمزار

 




No comments:

Post a Comment