بۈگۈن ئىموجى Emoji ھەققىدە پاراڭ قىلايلى ھە...
ئۇيغۇرچىدا ئىماچى(ئىما-ئىشارەتچى)، چىراي ئىپادىسى، شەكىل، تۇيغۇ، ئىموجى... دىگەندەك سۆزلۈكلەر ئىشلىتىلىپ كەلدى، ئەمدى بۇ توغرىسىدا بىر ئاز بىلگە ئالايلى.
Emoji نىمە زادى ؟
تۇنجى emoji 1998-يىلى ياكى 1999-يىلى Kurida Ryoushong تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ NTT DoCoMo نىڭ كۆچمە ئىنتېرنېت سۇپىسى گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. تۇنجى يۈرۈش 172 12 × 12 پېكسىللىق سىنبەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئۇ ئەسلىدە ئېلېكترونلۇق خەۋەرلىشىشنى ئۇچۇر ئىقتىدارىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ۋە ئۇنى باشقا كەسىپلەردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئىقتىدار سۈپىتىدە لايىھىلەنگەن. قانداقلا بولمىسۇن ، 1997-يىلى ، نىكولاس لۇفرانى كۆچمە تېخنىكىدا ASCII emojis نىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ساپ تىنىش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىپ ، ھازىرقى ASCII غا ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش رەڭلىك سىنبەلگىلەرنى لايىھەلەپ چىقىش ئۈچۈن كارتون تەبەسسۇم سىناق قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ رەقەملىك ساھەدە ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. لوفرانى شۇنىڭ بىلەن تۇنجى يۈرۈش گرافىكلىق ھېسسىياتنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە توردا ھېسسىيات لۇغىتى تۈزدى ، بۇ بەلگىلەرنى كلاسسىك ، ھېسسىيات ، بايراق ، تەبرىكلەش ، كۆڭۈل ئېچىش ، تەنتەربىيە ، ھاۋارايى قاتارلىقلار قاتارلىق ئوخشىمىغان تۈرلەرگە ئايرىدى. ، ھايۋانلار ، يېمەك-ئىچمەك ، ئېتنىك ، كەسىپ ، سەييارىلەر ، يۇلتۇز تۈركۈمى ، بوۋاقلار قاتارلىقلار. بۇ لايىھەلەر ئەسلىدە 1997-يىلى ئامېرىكا نەشر ھوقۇقى ئىشخانىسىدا تىزىمغا ئېلىنغان ، ئاندىن 1998-يىلى .gif فورماتىدىكى ھۆججەتلەردە بىر يۈرۈش سىنبەلگىلەر توردا ئېلان قىلىنغان تېخنىكا ساھەسىدە ئىشلىتىلگەن تۇنجى يۈرۈش گرافىك. 2000-يىلى ، لوفرانى ئىجاد قىلغان ھېسسىيات كاتالوگى چۈشۈرۈشكە باشلىدى. ئابونتلار لۇفرانى تەرىپىدىن smileydictionary.com ئارقىلىق توردىن يانفون ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ھېسسىيات كاتالوگىنى توردىن چۈشۈرەلەيدىغان بولدى. بۇ مۇندەرىجەدە 1000 دىن ئارتۇق تەبەسسۇم گرافىكلىق رەسىم ۋە ئۇلارنىڭ ASCII نۇسخىسى بار. بۇ مۇندەرىجە 2002-يىلى Marabout تەرىپىدىن Dico Smileys نامىدا كىتاب شەكلىدە نەشر قىلىنغان. 2001-يىلى ، Smiley شىركىتى نوكىيا ، موتورولا ، سامسۇڭ ، SFR (Vodafone) ۋە SkyTelemedia قاتارلىق ھەر خىل تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ يانفونلىرىغا چۈشۈرۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە «😂» ( ئىنگلىزچە: خۇشاللىق ياشلىرى بىلەن يۈز ، يۇنىكود كود نومۇرى: U + 1F602 [8] [9]) ئوكسفورد لۇغىتى تەرىپىدىن 2015-يىللىق سۆزلۈك قىلىپ تاللانغان.
مۇنداقلا چۈشەنسەك Emoji مۇ ئوخشاشلا 'ھەرپ-تېزما'دىن ئىبارەت، لىكىن بۇ 'ھەرپ-تېزما' بىزگە كۆرۈنىدىغان چاغدا رەسىم ھالىتىدە ھاسىللىنىپ كۆرۈنىدۇ. يەنى 'ھەرپ-تېزما' ئارقىلىق رەسىم سېزىش دەپ چۈشەنسەك بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم.
ئەڭ دەسلەپكى Emoji لار بىر قىسىم ئالاھىدە ھەرپ-رەقەملەر بىلەن رەسىم ھاسىللانغان، لىكىن ھاسىللىغىلى بولىدىغان رەسىملەرنىڭ دائىرىسى ناھايتى تار بولۇپ 2010-يىلى Unicode مەخسۇس Emoji ئۈچۈن بىر يۈرۈش ئۆلچەم ۋە كود نۇقتىسى تەقسىملىگەن. Emoji نىڭ بارا-بارا خەلقئارادا ئالقىشلىنىشىغا ئەگىشىپ 2015-يىلى خەلقئارالىق Emoji ئۆلچىمى رەسمىي ئېلان قىلىنغان. 2017-يىلى 4-ئايغىچە كەلگىچە Unicode تېزىملىكىگە كىرگەن Emoji سانى 2389 قا يەتكەن.
Emoji نىڭ ھاسىللىنىشى
Unicode پەقەت Emoji قا نىسبەتەن كود نۇقتا ۋە مەنا ئۆلچىمىنىلا بېكىتىپ بەرگەن بولۇپ، Emoji نى كونكىرت ئىشقا ئاشۇرمىغان. مەسىلەن Unicode دىكى كود نۇقتىسى U+1F600 بىر تال كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى ئىپادىلەيدۇ، لىكىن بۇ ئىپادىنىڭ كونكىرت قانداقلىقىنى ھەر قايسى مەشخۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشقا ئاشۇرىشىغا قالدۇرغان. شۇڭا بىز ئوخشاش Emoji نىڭ ئوخشىمىغان مەشخۇلات سىستېمىلىرىسدا ئوخشمىغان قىياپەتلىرىنى كۆرىشىمىز مومكىن. مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
ھازىرغا قەدەر Mac سىستېمىسى، Android سىستېمىسى ۋە Twitter、Github、Facebook قاتارلىق سۇپىلار ئۆز ئالدىغا Emoji ئىپادىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
Emoji نى ئىشلىتىش
گەرچە Emoji مۇ ھەرپ-بەلگە بولغىنى بىلەن لىكىن بۇ ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنى قولدا يېزىش ناھايتىمۇ قولايسىز. شۇڭا بىر قىسىم Emoji ئامبارلىرىدىن پايدىلىنىشمۇ ئاقىلانە تاللاشلاردۇر.
1.كۆچۈرۈپ چاپلاش ئۇسۇلى
getEmoji.com تور بېكىتىگە كىرىپ لازىملىق Emoji نى كۆچۈرۋىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىمىز بار يەرگە چاپلىساق بولىدۇ.
2.كود نۇقتىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق Emoji ھاسىللاش
مەسىلەن Unicode كود نۇقتىسى U+1F600 نى HTML سۇبيېكت تى 128512#& ياكى 1F600x#& ئارقىلىق كۈلگەن Emoji چىراي ئىپادىسى ھاسىللاشقا بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ Emoji لارنىڭ Unicode كود نۇقتىسىنى بۇ تور بېكەتتىن تىپىشقا بولىدۇ.
https://emojipedia.org
3.JavaScript تىكى node-emoji ئامبىرى ئارقىلىق ئىشلىتىش
ئاۋۋال node-emoji دىن node-emoji ئامبىرىنى چۈشۈرۈپ بەتكە ئۇلاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.node-emoji ئامبىرىنى ئىشلىتىش تەپسىلاتى يۇقارقى ئۇلانىمىدا بار،قىززىققۇچىلار تەتقىق قىلىپ باقساق بولىدۇ.
4.CSS ئارقىلىق Emoji ھاسىللاش
بەتكە emoji.css نى ئۇلىۋەتكەندىن كىيىن مۇ مەنزىلگە كىرىپ Emoji ئىپادىلىرىنىڭ ماس css class ناملىرىنى ئەكلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك.
https://emoji-css.afeld.me
#بىلىمدان #بىلىمزار
No comments:
Post a Comment