كەلگۈسىدە روھنى كۆچۈرگىلى بولىشى مۇمكىنمۇ؟
تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سان فىرانسىسكو تارماق مەكتىپىنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى بەرپا قىلغان يېڭى تىپتىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى ئادەم مېڭىسىنىڭ سىگنالىغا ئاساسەن تېكىست ھاسىل قىلالايدىكەن، توغرىلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 97% كە يېتىدىكەن. ئامازون ۋە گۇگول قاتارلىق پەن ـ تېخنىكا شىركەتلىرى بەرپا قىلغان مەۋھۇم ياردەمچىلەر خېلى ئىلغار، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى نەچچە يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى ئاستائاستا چۈشىنىشكە باشلىدى.
ئەمما، ئەمەلىيەتتە كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان، ئابىدە خاراكتېرلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پات ئارىدا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى پۈتۈنلەي چاندۇرۇپ قالىدۇ، بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما بولۇپ، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭە پائالىيىتىگە ئاساسەن بىۋاسىتە مۇكەممەل تېكىست ھاسىل قىلالايدۇ، پۈتكۈل جەرياندا ھېچقانداق بىر سۆزنى ئاڭلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
بۇ پۈتۈنلەي فانتازىيەلىك روماندىكى ئۇقۇم ئەمەس.يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ھايۋانات مودېللىرىدىن تارتىپ ئىنسانلار ئارىسىدىكى خالىسانە قاتناشقۇچىلارغىچە، ئېلىكتىرونلۇق مېڭە ماشىنىسىنى ئۇلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇچقاندەك تېز بولدى .ئەمەلىيەتتە بۇ خىل تېخنىكىلار بۇ خىل ئۇقۇمنى خىيالدىن رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى سىناق قىلىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ
كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سان فىرانسىسكو مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئادەم مېڭىسى سىگنالىنى قوبۇل قىلىپ ئايلاندۇرغان تېكىست نەتىجىسى تېخى ئانچە توغرا ئەمەس.
بۇ ئەھۋالنى ياخشىلاش ـ ياخشىلىيالماسلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سان فىرانسىسكو مەكتىپى ئېدۋارد تەجرىبىخانىسى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى ئېدۋارد رەھبەرلىكىدىكى بىر كوللېكتىپ بىر خىل يېڭىچە ئۇسۇل ئارقىلىق مېڭە پوستى ئېلېكتروكاردىئوگراممىسىنى يېشىپ چىقتى: چوڭ مېڭە ماددىسىنى ئېلېكترودقا كۆچۈرۈش ئارقىلىق، پوستلاق پائالىيىتىدە پەيدا بولغان ئېلېكتىر ئىمپۇلسى خاتىرىسىگە ئېرىشتى.
بۇ تەتقىقاتتا، تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۆت بىمار بۇ خىل كۆچۈرۈلگەن ماددىنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ بەدەن ئەھۋالى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە قولايلىق ياراتقان.تەتقىقات كوللېكتىپى يەنە مۇنداق بىر تۈرلۈك قوشۇمچە تەجرىبە ئېلىپ بارغان: قاتناشقۇچىلارغا ئالدىن تەييارلانغان بەزى جۈملىلەرنى يۇقىرى ئاۋازدا، تەكرار دېكلاماتسىيە قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئېلېكتىرود ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى چوڭ مېڭە پائالىيىتىنى خاتىرىلىگەن.
ئاندىن بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىر نېرۋا تورىغا كىرگۈزۈلىدۇ، بۇ تور تەجرىبىنىڭ ئاۋاز چاستوتىسى خاتىرىسىگە ئاساسەن، ئالاھىدە تاۋۇش ئالاھىدىلىكى ( مەسىلەن، سوزۇق تاۋۇش، ئۈزۈك تاۋۇش ياكى لەۋ شەكلى ) گە ماس كېلىدىغان چوڭ مېڭە ھەرىكەت ئەندىزىسىنى تەھلىل قىلىپ چىقىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنە بىر نېرۋا تورى بۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئىپادىلىرىگە كود يېشىش ئېلىپ بارىدۇ، قاتناشقۇچىلار 30 دىن 50 كىچە جۈملىنى قايتا ـ قايتا دېكلاماتسىيە قىلغاندا پەيدا بولغان چوڭ مېڭە پائالىيىتى سانلىق مەلۇماتى ـ ھەمدە بۇنىڭغا ئاساسەن كىشىلەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى پەرەز قىلىپ، ئۇلارنىڭ تاق سۆزلەرنى دېكلاماتسىيە قىلغاندا پەيدا بولغان پوستىلاق قەۋىتى سىگنالىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىشنى پەرەز قىلىدۇ.
ئەڭ ياخشى ئەھۋالدا، بۇ سىستېما بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قاتناشقۇچىنىڭ چوڭ مېڭە سىگنالىنى تېكىستكە ئايلاندۇرغاندا، سۆز خاتالىقى نىسبىتى پەقەت 3% ـ ـ ھېچ بولمىغاندا بۇ قاتتىق چەكلەنگەن تەجرىبە شارائىتىدا، بۇ سۆزنىڭ خاتالىق نىسبىتى بەلكىم ھازىرغا قەدەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئادەمنىڭ ئويىنى ئوقۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئىپادىسىگە يېقىنلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسىدە، تەتقىقات كوللېكتىپى نۇرغۇن قاتناشقۇچىلار دېكلاماتسىيە قىلغان جۈملىلەردىن پايدىلىنىش مىساللىرىنى، شۇنداقلا نېرۋا تورى ھاسىل قىلغان مۆلچەرلەرنى تەپسىلىي مىسال كەلتۈردى. ئۇ پەرەزلەر بەزىدە خاتا بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا ھەمىشە خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ.
ئەمما، ئاشۇ ئىنتايىن روشەن خاتالىقلاردىن قارىغاندا، ئۇلار ئادەمنىڭ ئاۋازنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغاندا سادىر قىلىدىغان خاتالىقى بىلەن زور دەرىجىدە ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ ( بۇ بەلكىم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كىرگۈزگەن سانلىق مەلۇمات توپلىمىنىڭ چەكلىك بولۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن ).
نېرۋا تورىدا خاتالىق كۆرۈلگەن مىساللار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بۇ مۇزېي ھەر كۈنى كەچتە مۇزىكانت تەكلىپ قىلىپ كېلىدۇ، دېگەن جۈملىنى بۇ مۇزېينىڭ ھەر بىر قىممەت باھالىق ئەتىگىنى مۇزىكانت تەكلىپ قىلىپ كېلىدۇ دەپ پەرەز قىلغان؛تورتنىڭ بىر قىسمىنى ئىت يەۋەتتى، دېگەن جۈملە تورتنىڭ بىر قىسمى پېچىنە دەپ پەرەز قىلىندى؛تىننا تېنېر(ئادەم ئىسمى) بىر مودا ناخشىچى دېگەن جۈملە دىدتېنېر بىر مودا ناخشىچى دەپ پەرەز قىلىنغان.
ئەڭ ناچار مىسالدا، نېرۋا تورىنىڭ خاتالىقى پۈتۈنلەي غەلىتە بولۇپ، مەيلى فونېتىكا جەھەتتىن بولسۇن ياكى سېمانتىكىلىق جەھەتتىن بولسۇن، ئەمەلىي جۈملە بىلەن پۈتۈنلەي سىغىشالمايدۇ: ئۇ ئىللىق قوي يۇڭى ئىش كىيىمى كىيىۋالغان دېگەن جۈملە بوستانلىق غايىبانە مەنزىرە دەپ پەرەز قىلىنغان .
ئەمما، تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە بۇ روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان خاتالىقلار سەل غەلىتە بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ سىستېما بەلكىم يەنىلا AI
ئاساسىدىكى چوڭ مېڭە پائالىيىتى كود يېشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى يېڭىلىغان بولۇشى مۇمكىن، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان چاغدىكى سۆز خاتالىقى نىسبىتى ئاران 5% بولۇپ، كەسپىي بولغان سۈنئىي ھالەتتىكى ئاۋاز كۆچۈرۈش بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، كۈندىلىك سۆزلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان كەسپىي بولغان سۈنئىي ھالەتتىكى ئاۋاز كۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ چوقۇم نەچچە ئون مىڭ سۆزلۈك مىقدارى بولۇشى كېرەك.بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ سىستېما پەقەت چەكلىك قىسقا جۈملىدىن تەخمىنەن 250 سۆزنىڭ پوستلاق قەۋىتى ئالاھىدىلىكىنى ئۆگىنەلەيدۇ، شۇڭا بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇش ئادىل ئەمەس.
گەرچە يەنە نۇرغۇن توسالغۇلارنى يېڭىشكە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن تەتقىقات شايكىسىنىڭ قارىشىچە، بۇ سىستېما كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قالغان كىشىلەرنى قايتىدىن ئېغىز ئېچىپ سۆزلىيەلەيدىغان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.ئەگەر بۇنداق ئىش مۇمكىنچىلىككە ئايلانسا، غايەت زور تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن ـ بۇ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئەتراپتىكى دۇنيا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ ـ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى كىشىلەرنىڭ ھازىرقى تەسەۋۋۇرىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.
تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئاپتورى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۇزاق مۇددەت خالىسانە قاتناشقۇچىلار ئىچىدە، ئىشلەتكىلى بولىدىغان مەشىق سانلىق مەلۇمات مىقدارى بۇ تەتقىقاتتا ئىشلىتىلگەن يېرىم سائەت ئەتراپىدىكى تىل ئاۋازىدىن بىر نەچچە سان دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ، بۇ تىل كىرگۈزىدىغان سۆزلۈك مىقدارى ۋە ئىپادىلەش جانلىقلىقىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى يېققىندا "تەبىئەت نېرۋا ئىلمى" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.لېكىن كەلگۈسىدە ئالىملار بۇ تېخنىكا بەلكىم "روھ" نىڭ كۆچۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنسانلارنى ھالاكەت كرىزىسىغا دۇچ كەلتۈرىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
#بىلىمدان #بىلىمزار
No comments:
Post a Comment