ئالما iPhone 12 ئېلان قىلىندى، يېڭىلىقلار ئاز ئەمەس
14- ئۆكتەبىر ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، iPhone 12 يۈرۈشلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. iPhone 12 يۈرۈشلۈكلىرى 5G تورىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىم 5G قوللايدىغان يانفون چىقىرىشى.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان iPhone 12 نىڭ تۆت خىل تىپى بار.
يەنى: iPhone 12 mini، iPhone 12، iPhone 12 Pro، iPhone 12 Pro Max
iPhone 12 يۈرۈشلۈكى iPhone X تىن كېيىنكى ئۆزگىرىشى ئەڭ چوڭ بولغان يېڭى بايراقدار يانفون بولۇپ، خۇددى كۇك ئېيتقاندەك: بۈگۈن iPhone نىڭ يېڭى دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
iPhone 12 miniنىڭ گەۋدىسىگە تىڭ بۇلۇڭلۇق رامكا لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، iPhone 4 نىڭ لايىھەسىگە ئوخشايدۇ.
iPhone 12 mini نىڭ چوڭلۇقى 5.4 دىيۇم، باشقا سەپلىمىسى iPhone 12 بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ، باتارىيەسى 2227 mAh ، قوش كارتا قوللىمايدۇ. كەينىگە قوش كامېرا سەپلەنگەن.
iPhone 12 غا 6.1 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن، XDR كۆرۈش تور پەردىسى ئېكرانى سەپلەنگەن. كەينىگە قوش كامېرا سەپلەنگەن.
iPhone 12 Pro غا 6.1 دىيۇملۇق ئېكران، Phone 12 Pro Max قا 6.7 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن، بۇ ئىككىسىنىڭ كەينىگە ئايفون 11 گە ئوخشاش ئۈچ كامېرا سەپلەنگەندىن باشقا يەنە بىر LiDAR (لازېرلىق رادار) قوشۇلغان. بۇ تېز سۈرئەتتە فوكۇس توغرىلاش، AR سىن ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
بۇ قېتىمقى iPhone 12 يۈرۈشلىكىنىڭ ھەممىسى ئالما بىئونىك A14 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، بۇ 5 نانومىتېر تېخنىكىسىدا ياسالغان نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىلغار مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ. ھەممىسىگە OLED ئېكران سەپلەنگەن.
ئىلگىرى دىگەندەك، مۇھىت ئاسىراش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى iPhone 12 يۈرۈشلىكىگە زەرەتلىگۈچ، سىملىق تىڭشىغۇچ قوشۇپ بىرىلمەيدۇ. پەقەت بىر سانلىق مەلۇمات سىمىنى قوشۇپ بېرىدۇ. زەرەتلىگۈچ، تىڭشىغۇچ لازىم بولسا ئايرىم سېتىۋالىمىز. (ياكى ئايفون 11 نىڭكىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ)
iPhone 12 mini قوش كارتا قوللىمايدۇ. باشقا ئۈچى قوش كارتا قوللايدۇ.
iPhone 12 Pro نىڭ ۋىدىئو قويغاندىكى توكىنىڭ يىتىش ۋاقتى iPhone 11 Pro دىن بىر سائەت قىسقارغان.
iPhone 12 يۈرۈشلۈكلىرى سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. سىملىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. 30 مىنۇتتا %50 زەرەتلىنىپ بولىدۇ.
iPhone 12 يۈرۈشلۈكلىرى IP68 دەرىجىسىدە سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ، 6 مىتېر چوڭقۇرلۇقتا سۇدا 30 مىنۇت بەرداشلىق بىرەلەيدۇ. iPhone 11 نىڭ بەرداشلىق بىرەلەيدىغان سۇ چوڭقۇرلۇقى 4 مىتېر ئىدى.
#بىلىمزار #بىلىمدان
No comments:
Post a Comment