Search This Blog

Sunday, October 4, 2020

ئالما بىر ئايغىچە توك قاچىلىمايدىغان باتارىيە چىقارماقچى

ئالما  بىر ئايغىچە توك قاچىلىمايدىغان باتارىيە چىقارماقچى

 

 ھازىر يانفوننىڭ ئىقتىدارى گەرچە ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما توكىنىڭ ئۇزۇن يەتمەسلىكى 
ئىزچىل بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ كەلدى، توكداننىڭ بارلىققا كېلىشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى. بۇ مەسىلە بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە ھەل بولۇشى مۇمكىن، ئالما ھازىر ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق باتارېيەنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. 

ھازىرقى باتارېيە تېخنىكىسى لىتىيلىق باتارېيە تېخنىكىسى بولۇپ، 20 ـ ئەسىرنىڭ 70 ـ يىللىرىدىن ھازىرغىچە 50 يىللىق تارىخقا ئىگە، بۇ تېخنىكىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي ماددىسى يەنىلا لىتىي ئىئونى بولۇپ، ئاسان خوراش، قىزىش، زەرەتلەش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت. 
يانفون باتارىيىسىنىڭ كەلگۈسى قانداق؟ لىتىيلىق باتارېيەنىڭ ئورنىنى قانداق باتارىيە ئالىدۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر گىرافىت ئالكېن باتارېيەسىنى تەتقىق قىلىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ يىللاردىن بۇيان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىشلەپچىقىرالمىدى.

 

پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان باشلامچى شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئالما باتارېيەنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ھىدروگېن باتارېيەسىگە يۆتكىدى. ئالما شىركىتى «پروتون ئالماشتۇرۇش يېقىلغۇ باتارېيەسى» پاتېنتىغا ئىلتىماس سۇندى ، بۇنى «ھىدروگېن رېئاكسىيە باتارېيەسى» دېيىشكە بولىدۇ ، بۇ خىل باتارىيە ئىشلىتىلسە ئايفونغا بىر نەچچە كۈن ھەتتا بىر نەچچە ئاي توك قاچىلىمىسىمۇ بولىدۇ.
ھىدروگېن باتارېيەسى تاشقاتمىسىز يېقىلغۇلۇق باتارېيە بولۇپ، كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقارغاندا مۇھىتقا بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، ئالما مۇھىت ئاسراشنى تەشەببۇس قىلىدىغان شىركەت، ھىدروگېن باتارېيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىتنى ئاسراشقا ناھايىتى پايدىلىق. 
بىراق، ئالما شىركىتىنىڭ ھىدروگېن باتارېيەسىنى تەتقىق قىلىشى مۇھىتنى قوغداشتەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، ئۇ قانداقلا بولمىسۇن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان شىركەت. ھىدروگېن باتارېيەسى تېخنىكىسى كۆپ يىل تەرەققىي قىلدى، نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلدى، شۇڭا تېخنىكا تەرەققىياتى بىر قەدەر پىشىپ يېتىلدى، بۇنداق بولغاندا تەتقىقاتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە تەتقىقات سېلىنمىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. 
لىتىي-گۈڭگۈرت باتارېيەسى ۋە گىرافىت ئالكېنغا سېلىشتۇرغاندا، ھىدروگېن باتارېيەسىنىڭ خام ئەشياسىغا ئېرىشىش تېخىمۇ ئاسان، ئىشلىتىش خەتىرى بىر قەدەر تۆۋەن.

 

ئەمەلىيەتتە ، يانفونغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان نۇرغۇن باتارېيە تېخنىكىسى بار ، مەسىلەن قاتتىق ئوكسىد باتارېيەسى ، كاربونات باتارېيە ، ئىشقارلىق تۇز باتارېيەسى ۋە مېتانول باتارېيەسى ، ئۇلار بىرىكمە باتارېيە تۈرىگە تەۋە ، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى. بۇ نۇقتىدىن ئالمىنىڭ ھىدروگېن باتارېيە ھەل قىلىش چارىسى ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى بولۇشى مۇمكىن.

 ئالما 10 يىل ئىلگىرى ۋە 5 يىل ئىلگىرى ھىدروگېن باتارىيەسى نۇسخىدىكى iPhone نى ئېلان قىلىشنى ئويلاشقان، كېيىن باتارىيەنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىنى ئويلىشىپ بۇ ئويىدىن ۋاز كەچكەن. بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ دەرىجىسى بەك تېز ئۆستى، ئەمما باتارېيە تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىنىشى ئاستا بولۇپ، پەقەت تېز زەرەتلەشكە تايىنىپ توكى ئۇزۇن يەتمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ . ئالمىنىڭ ھىدروگېن باتارىيەسىگە يۈرۈش قىلىشى يانفون ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

#بىلىمزار 

No comments:

Post a Comment