بىلىم ئەزەلدىن مېڭىدە مەۋجۇت، ئۆگىنىش پەقەتلا بىلىمنى قوزغاشتۇر
ھەر بىر ئادەمنىڭ تەبىئىي پەن بىلىملىرىنى ئۆگەنگەندە، كۆڭلىدە بىر تۈرلۈك گۇمان پەيدا بولۇپ باققان ۋاقتى بولىدۇ.ئۇ بولسىمۇ: يەر شارى، تەبىئەت دۇنياسى، ئالەم بوشلۇقىدىكى بۇ بارلىق مۇرەككەپ رەڭگارەڭ شەيئىلەر نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ؟ ئۇلار مۇشۇنداق گۈزەل ھەم ئەپچىل ئىچكى مۇناسىۋەتنى قانداق شەكىللەندۈرگەن، نېمە ئۈچۈن چەكسىز كەڭ بوشلۇقتا ۋە ئىنتايىن ئىنچىكە قۇرۇلمىدا يەنىلا چەكلەش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك تەڭپۇڭ ھالەت مەۋجۇت بولىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى زادى كىم ياكى قانداق كۈچ لايىھەلىگەن؟
بىلىمنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئادەمنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويىدىغان بىر مەسىلە پەيدا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: نېمە ئۈچۈن بىز ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئالەمدىكى بۇ مۇرەككەپ شەيئىلەرنى چۈشىنەلەيدۇ؟ ئىنسانلاردىن يىراق نۇقتىدا تۇرۇپ قارىغاندا، چوڭ مېڭىمىز خۇددى مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئالەمنىڭ ئۆزىدىن قېلىشمايدىغان ماشىنىغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئالەمدىكى چەكسىز كەڭ ۋە چەكسىز ئىنچىكە ھەممە نەرسىنى توغرا چۈشىنەلەيدۇ.قانداق كۈچ ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە مۇشۇنداق ئىقتىدارنى بارلىققا كەلتۈرگەن؟
گەرچە سىز يۇقىرىقىدەك گاڭگىراشلارغا يولۇقۇپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇنداق بىر كەچۈرمىشنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىڭ: تۇنجى قېتىم مەلۇم ناتونۇش جايغا كەلگەندە، بىر خىل دېگىلى بولمايدىغان تونۇشلۇق تۇيغۇسى بولىدۇ، چوڭى قۇرۇلۇشلارنىڭ لايىھەلىنىشىدىن تارتىپ مەنزىرىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغىچە، كىچىكى ھەر بىر تال گىياھنىمۇ خۇددى ئىلگىرى كۆرۈپ باققاندەك ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا، ئۆزى بىر فورمۇلا ياكى بىر خىل ئېنىقلىمىنى ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزلەشتۈرۈۋالغان چاغدا بۇلارنى بۇرۇنلا چۈشىنىپ بولغاندەك تۇيغۇدا بولىسىز، پەقەت سىز ھازىر ئەسلىمىلىرىڭىزنى قايتىدىن تېپىۋالدىڭىز خالاس.بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ھادىسىلەر يەنى "يۈز مايمۇن ئېففېكتى" كىشىلەرگە شۇنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىدۇكى، بۇ خىل تونۇشتەك ئىش ئەمەلىيەتتە ئىنسانلاردىلا بولىدىغان ئىمتىياز ئەمەس،بۇ خىل ئىمتىياز ھەتتا ھايۋانلاردىمۇ شۇنداق بولۇپ، داڭلىق ئالىملار، ئەدەبىياتچىلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ خىل ئۈنۈم تېخىمۇ روشەن بولىدۇ:
رامانۇكىن
مېندېلېف چۈشىدە بىر چوڭ يىلاننىڭ ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى يۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، پۈتۈن يىلاننىڭ بەدىنى شۇ سەۋەبتىن باش ـ ئايىغى تۇتاشقان يۇمىلاق ھالقىغا ئايلاندى، ئويغانغاندىن كېيىن ئۇ بۇنىڭدىن ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنى چۈشەندى، بۇنى بىر چۈش ئارقىلىق دۇنيانىڭ سىرىنى يېشىش دېيىشكە بولىدۇ.
ھىندىستان ئوغلى، داڭلىق ماتېماتىكا ئالىمى رامانۇكىن 30 ياشتىن ھالقىغان چېغىدىلا 3900 دىن ئارتۇق ماتېماتىكىلىق فورمۇلا ۋە تېئورىمىنى مۇستەقىل بايقىغان.تېخىمۇ سىرلىق بولغىنى شۇكى، بۇ تېئورىمىلارنىڭ ھېچقانداق ماتېماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش جەريانى يوق بولۇپ، ھەممىسى رامانۇكىن مېڭىسىدىكى بىۋاسىتە سېزىمغا تايىنىپ ئېرىشكەن.بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ھەتتا ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغانغان ھامان دەرھال قەغەز ۋە قەلەم تېپىپ كېلىپ، ئۆزى بايا چۈشىدە ھېس قىلغان ھەقىقەتنى خاتىرىلىۋالاتتى.رامانۇكىنمۇ شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى چۈشىمدە ناماكار ئايال ئىلاھنى ئۇچراتتىم، ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا چۈشۈمدە كۆرگەن شۇ فورمۇلا ۋە تېئورىمىلارنى خالىغانچە يازالايدىغان بولدۇم،دەيتتى، پەيلاسوپ ئەپلاتون بولسا بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ داڭلىق بولۇپ،ئۇ غايىۋى دۆلەت دېگەن كىتابىدا كۆپ قېتىم تۆۋەندىكى ئۇقۇمنى قايتا ـ قايتا تەكىتلىگەن:بىلىم ۋە ھەقىقەت ھەر بىر ئادەمنىڭ روھىدا بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى، بىز پەقەت تىرىشىپ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدۇق خالاس.
يېقىنقى زاماندىكى ئېينىشتىيىن، تېسلا قاتارلىق ئىلىم ـ پەن پېشۋالىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئىلىم ـ پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ياكى كەشپىيات ـ ئىجادىيەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە ئاللىقاچان مەۋجۇت بولۇپ ، ئۇلار ئۆزى پەقەت بۇلارنى بايقاشقا تىرىشقانلىقىنى دەپ ئۆتكەن.
مېندېلېف ۋە ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ مەسىلىدە، مەيلى بىز ئادەتتىكى كىشىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان تونۇشتەكلا تەسىرات بولسۇن ياكى ئىلىم ـ پەن ئۇستازلىرى ئاشكارا بىلدۈرگەن قاراشلار بولسۇن، ئادەم مېڭىسى بىلەن ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل نازۇك مۇناسىۋەتتىن بېشارەت بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ: بىز چوڭ مېڭىمىزگە تايىنىپ ئالەم بىلەن ھەقىقەتنى چۈشىنەلەيمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇچۇرلارنى چۈشەنگىنىمىز ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇچۇرلار ئەزەلدىن مەۋجۇت، بىز پەقەت ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاتىرىمىزدە قېلىپ قالغان بىر قىسىمىنى قوزغاتتۇق.بۇ خۇددى ئالەمنىڭ ئۆزىگە ئوخشايدۇ، سىز دۇربۇن بىلەن يىراق ئارىلىقتىكى مەلۇم يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى كۆزىتەلمىسىڭىز، ئەجىبا ئۇلار مەۋجۇت بولمامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىزچىل مەۋجۇت، پەقەت سىز ئۇلارنى تېپىۋالدىڭىز خالاس.بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىز ئالەمنىڭ ئۆزىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئىچكى پەلسەپىسىمۇ ئەمەلىيەتتە خۇددى ئالەمنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئوخشاش مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتنى ھازىرلىغان.
لېكىن قانداق بولۇشىدىن قەتىينەزەر، بۇ قاراشلار ئىلگىرى مۇنداقلا دەپ قويۇلغان بولسا، بەلكىم پەيلاسوپلار ۋە ئىلىم ـ پەن ئۇستازلىرىنىڭ خالىغانچە بىلجىرلىشىلا بولۇپ قالاتتى.كۋانت مېخانىكىسى بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جاۋاب تاپقاندەك قىلاتتى.دەسلەپتە، كۋانت مېخانىكىسىنىڭ داڭلىق تەجرىبىسى بولغان "شرۇدىنگېرنىڭ مۈشۈكى" دېگەن تەجرىبە بۇ ھەقتە مۇنداق بىر يەكۈنگە ئېرىشكەن: كۆزەتكۈچىنىڭ ئېڭىنىڭ ئۆزى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالايدۇ، بۇ خىل رول ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسدا بەلكىم كەسكىن ھۆكۈم چىقىرالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن كۆزەتكۈچى نۇقتىسىدىكى ھەقىقەت ئۆز ـ ئۆزىدىن بىر گەۋدە بولۇپ شەكىللىنەلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۋانت چىرمىشىشى ئېففېكتى ئالىملارغا ماقالىنىڭ بېشىدىكى سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ يۆنىلىشىنى ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: نېمە ئۈچۈن بىز ئالەمدىكى قائىدىلەرنى چۈشىنىمىز، خۇددى ئادەم مېڭىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر ئالەم مەۋجۇت بولغانغا ئوخشاش.
ئۇچۇر ئىلمىنىڭ تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئالىملار ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىنسانلارنىڭ ئېڭىنىڭ ”كۋانت دەرىجىسى” دىكى بىر خىل جەريان ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىلگىرىكى ئېلېكتر دولقۇنىنى بىلىش بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىگىلىدى.
ھالبۇكى، ئالەمدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ماددا ـ ئاڭ سىستېمىسىدا كۆزەتكۈچىنىڭ يەككە ئېڭى ئالەمنىڭ ئۆزىدىكى ماددىلاردىن ئايرىلالمايدىغان كۋانت چىرمىشىشى مۇناسىۋىتىنى پەيدا قىلىپ، ئۆزارا تۇتاشقان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.گەرچە ئەڭ تۈپ نۇقتىدىن ئالىملار ھەتتا ئاڭغا مۇكەممەل ئېنىقلىما بېرەلمىسىمۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا: بۇ خىل ماددا ـ ئاڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۋانت چىرمىشىشى مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنسانلار ھەتتا ئالەمدىكى باشقا جانلىقلارنىڭ تېنىدىكى ئاڭنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، "يۈز مايمۇن ئېففېكتى"، شۇنداقلا ئىلىم ـ پەن ئۇستازلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان ھەقىقەت ئەلۋەتتە كاللىدا مەۋجۇت دېگەن قاراش ئاخىرى پەلسەپە ساھەسىدىكى ئىلمىي ئاساسى يوق ھالەتتىن ئايرىلىپ، ھەقىقىي فىزىكا تىرىكىگە ئېرىشتى.ئالەمنىڭ ئۆزىدىن ئېيتقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھاياتلىق ئېڭى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ماسلىشىدۇ.بۇنداق ئەپچىل ھەم چوڭقۇر ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىدا زادى قانداق تېخىمۇ چوڭ مەخپىيەتلىك بار، بۇنىڭغا ھازىرچە ھېچكىم جاۋاب بېرەلمەيدۇ.ئەمما، ھېچ بولمىغاندا شۇنى بىلەلەيمىزكى، ھەربىر ئادەمنىڭ كاللىسىدا دەرۋەقە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى بار
خۇددى سىز ئىككى پاراللېل سىزىق مەڭگۈ كېسىشمەيدۇ ياكى 1+1= 2 نى بىلگەن ۋاقتىڭىزدىكىدەك، بۇنى ھېچقانداق ئىسپاتلاش ھاجەتسىز، كۆڭلىڭىزدە ئۇلارنىڭ مۇتلەق توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىسىز.
بۇ نۇقتا باشقا پىلانېتلارنىڭ ھاياتلىق مېڭىسىدىمۇ ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا بىر ئالەم نۇسخىسىدىكى "يۈز مايمۇن ئېففېكتى" دۇر.
#bilimdan #biimzar
No comments:
Post a Comment