Search This Blog

Saturday, September 26, 2020

تەجرىبىدى نئۆتكەن 9 نەسىھەت

 :ئوقۇپ چۈشۈنىدىغان، چۈشۈنۈپ ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن   

تەجرىبىدىن ئۆتكەن 9 نەسىھەت 

1.باشقىلاردىن ئىقتىسادى ياردەم جەھەتتە ئۈمۈد كۈتمە! چۈنكى ھېچكىم پۇلغا تويمايدۇ.


2.دوستلىرىڭنىڭ ساڭاياردەم قىلغانلىقى ۋاپادارلىق، ساداقەت جۈملىسىدىن ياردەم قىلماسلىقىمۇ خاتالىق ئەمەس، ئاغرىنما، چۈنكى ھېچكىمنىڭ سەندە قەرزى يوق.


3.سەن مۇھتاج بولغاندا، چوقۇم ساڭا ياردەم بىرىدىغان ئادەمنىڭ يوقلىقىنى بىلىشىڭ كىرەك، پەقەت ئۆزۈڭلا ئۆزۈڭنى مۇستەقىل، قەيسەر، خۇشال، بەخىتلىك قىلالايدۇ. چۈنكى پەقەت ئۆزۈڭلا ئۆزۈڭگە بىر ئۆمۈر ھايات-ماماتتا بىرگە بولالايدۇ، چۈشەندىڭمۇ ؟...


4.باي-كەمبەغەللىكىگە قاراپ دوسىت تۇتما، ئۇنىڭ مىليارد بايلىقىنىڭ سەن بىلەن بىر تىيىنلىق مۇناسىۋىتى يوق، ئۆزۈڭنى ئەرمەك ھايۋان قاتارىدا كۆرمە، بەلكىم يەنە بىر ئۇنىڭ ھىچنىمىسى يوق، ئەمما سەن بىلەن بىر پارچە ناننى تەڭ بۆلۈشۈپ يىيەلەيدۇ.


5.دۇنيادا راستىنلا گۈزەل، پاك سۆيگۈ بولىشىمۇمكىن، لىكىن ئۇنداق سۆيگۈ پەقەت پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمچى قىزغا، پەرھات بىلەنشىرىنغا تەۋە. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھىچقايسى ئۇزاق ياشىيالـمىغان (شۇنداق سۆيگۈگە ئېرىشىش ئۈچۈن)، ئەمما بىز ئۇزاق ياشىشىمىز كىرەك.


6.ماددىي جەھەتتىن باي دوستنى دەپ مەنىۋى جەھەتتىن باي دوستۇڭدىن يىراقلاشما. ئالدىرىماي ھىس قىلىپ قالىسەن، چۈنكى بىرى سەن بىلەن چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىش بىلەن بىرگە ساڭا دۇنيانىڭ مۇرەككەپ ئازابىنى ھىس قىلدۇرۇپ قويىدۇ، يەنە بىرى بولسا كاتتا تائام-شاراپسىز، ھويلا-ئارامسىزمۇ سەن بىلەن بىللە ئېتىزلاردا يۈگىرەلەيدۇ، ناخشا ئىيتالايدۇ، بالىلاردەك تەلۋىلەرچە كۈلەلەيدۇ.


7.مەيلى سەن نېمە مەقسەت بىلەن توي قىلغان بول، پەرزەنىتلىك بولغان ھامان، بۇ ئۆينى قىزغىن سۆي، مەيلى قانچە غىرىبانە، كۆڭۈلسىز بولسۇن، سىنىڭ مۇشۇ ئۆينى ئىللىتىش مەسئۇلىيتىڭ بار، چۈنكى سەن ئاتا – ئانا...


8.ياشلىق بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، قورۇقلار ساڭا ياماشقان چاغدا سەن ھىچ ئامال قىلالـماي قالىسەن، لېكىن سەن كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى ئىچىدە ئۆزۈڭنى تاۋلىغىن، بىركۈنلەردە قۇرۇغان قاقشالدەك بولغىنىڭدا، ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىڭگە قاراپ كۈلۈمسىرىگىدەك بول.


9.جاھىل بولـما، تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىك جىق. دۇنيا ساڭا يارىتىلمىغان، يەرشارى سەن ئۈچۈنلا ئايلانمايدۇ، ھەممىمىز يولۇچى، قۇرۇق كىلىپ، قۇرۇق كىتىمىز، لېكىن يەر شارى يەنە ئوخشاشلا ئايلىنىۋىردۇ.

#بىلىمزار 

No comments:

Post a Comment