كەلگۈسى ئالىي مەدەنىيەتكە يېتىشتىكى ئۈچ خىل ئېنېرگىيە مەنبەسى
ئېنېرگىيەنىڭ بىر مەدەنىيەتتىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىنسانلار 1-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، دەسلەپتە پار ئېنېرگىيەسى، كېيىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە يەنە بىر قېتىم ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئېينىشتىيىن ماسسا-ئېنېرگىيە فورمۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشقا ئاساس سالدى. فانتازىيەلىك ھېكايىلەردە ئېيتىلىشىچە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ھازىر تېخى 1-دەرىجىلىك مەدەنىيەتمۇ ھېسابلانمايدىكەن، شۇڭا تۆۋەن دەرىجىلىك مەدەنىيەتلەر ئانا يۇلتۇز ئېنېرگىيەسىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى نىشان قىلىشى كېرەككەن.
بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئېنېرگىيەسىدىن تولۇق پايدىلىنىش يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت بەلگىلىرىنىڭ بىرى، مەدەنىيەت دەرىجىسىدىن قارىغاندا ئەلئېھرامنى بەرپا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك مەدەنىيەتنىڭ قۇدرەتلىك ئەمەلىي كۈچىنى بىز ئويلاپ يېتەلمەيمىز. ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك ئەمەستەك كۆرىنىدۇ. بەزى ئالىملار ئىنسانلار مۇنداق ئۈچ خىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن مەدەنىيەت دەرىجىسىنى تېز ئۆستۈرەلەيدۇ، ئالىي دەرىجىلىك مەدەنىيەتكە يېتىشتىنمۇ ئۈمىد تۇغۇلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۈچ خىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسى مۇنۇلار:
كونترول قىلغىلى بولىدىغان يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسى
كۆمۈر، نېفىت، تەبئىي گاز قاتارلىق تاشقاتما ئېنېرگىيەنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېچىلىپ بولدى، قايتا ھاسىل بولمايدىغان بۇ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بەك ئۇزۇنغا بارماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ئەمدى ئىنسانلار بۆسۈش ھاسىل قىلالايدىغان يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى تېپىشى كېرەك، يادرو يىغىلىش رېئاكسىيىسىنى كونترول قىلىش نۇرغۇن ئالىم ھەم دۆلەتلەرنىڭ نىشانى. يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: يادرو پارچىلىنىش ۋە يادرو يىغىلىش، ئالدىنقىسىنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى بىز كۆرۈپ يەتتۇق. ئاتوم بومبىسى قاتارلىق قىرغىن قىلىش كۈچى زور يادرو قوراللىرىدىن پايدىلانغىنى يادرو پارچىلىنىشى، ئۇنىڭ سەلبىي رولى يادرو رادىياتسىيەسى ئېلىپ كېلىدۇ. يادرو رادىياتسىيەسىنى يوقىتىش تەس، ياپونىيەنىڭ خىروشىما بىلەن ناگاساكىدا ھازىرغىچە يادرو رادىياتسىيەسى قالدۇقلىرى بار.
يادرونىڭ پارچىلىنىشىغا قارىغاندا يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسى كۆپ ياخشى بولىدۇ، قۇياشنىڭ ئېنېرگىيەسى دەل يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسىدىن كېلىدۇ. ھىدروگېن ئېلېمېنتى يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى بولۇپ، يەر شارىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئالەمدە تېخىمۇ شۇنداق. يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسىنىڭ "ئۈچ ئېغىر ھەجىم" پىرىنسىپى بىزدىن كۆپ مىقداردا ھىدروگېن تەييارلاش ئىقتىدارىنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنە دەسلەپكى ئېنېرگىيە بىلەن كەڭ كۆلەمدە تەمىنلەش ئىقتىدارىمۇ بار، ئەڭ مۇھىمى چەكلەش ئۈسكۈنىسى، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىچى-سىرتىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە خېلى ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، ئالىملار نۆۋەتتە "ئېلېكتر ماگنىت چەكلىمىسى" دىن ئىبارەت قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتمەكتە. ئېلېكتىر ماگنىت چەكلىمىسى ھىدروگېن ئىزوتوپىنىڭ ئاتوم يادروسىنى بەلگىلىك بوشلۇقتا چەكلەپ، ئۇنىڭ ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. قىسقىسى، ئەگەر يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسىنى ھەقىقىي كونترول قىلغىلى بولسا، بىزنىڭ سانائەت سەۋىيەرىمىز يەنە بىر قانچە مەدەنىيەت دەرىجىسىدىن ھالقىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ دەرىجىسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئېلىمىز يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى تەتقىقاتى ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى، سۈنئىي قۇياشنىڭ بارلىققا كېلىشى بۇنىڭ ئىسپاتى.
ئانتى ماددىي ئېنېرگىيە مەنبەسى
ماددا ئاساسىي زەرىچىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئاساسىي زەرىچىلەر مۇسبەت، مەنپىي دەپ ئايرىلىدۇ، ماددىمۇ مۇسبەت ۋە مەنپىي دەپ ئايرىلىدۇ. ئېلېكترون مەنپىي زەرەتلىك، ئانتى (تەتۈر، قارشى) ئېلېكترون بولسا مۇسبەت زەرەتلىك. پروتون مۇسبەت زەرەتلىك، ئانتى پروتون مەنپىي زەرەتلىك بولىدۇ، ئانتى ئېلېكتىرون ۋە ئانتى پروتون ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئانتى ماددىغا تەۋە. ئالىملار زەررىچە تېزلەتكۈچ ئارقىلىق زەررىچە بىلەن ئانتى ماددا زەررىچىسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ، بۇ ئىككىسى سوقۇلغاندىن كېيىن، يوقىلىش (گۆمۈرۈلۈش) رېئاكسىيىسى يۈزبېرىپ، گامما نۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ.
پەقەت بىر گىرام ئانتى ماددا بولسىلا، ئۇنىڭ يوقىلىش رېئاكسىيەسىدە پارتىلاپ چىققان ئېنېرگىيەسى يادرو قورالىغا قارىغاندا، كىچىكراق بىر شەھەرنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە يېتىدۇ. ھازىرقى قىيىن نۇقتا تەبىئەت دۇنياسىدىن ئانتى ماددىلارنى قانداق ئىزدەشتە، نۆۋەتتە ئالىملار ئىگە بولغان ئانتى ماددىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار تەجرىبىخانىدا ئىنتايىن ئاز مىقداردا سۈنئىي ياساپ چىققان.
ئالىملارمۇ ئانتى ماددىلارنى ئۇزاق ساقلاشقا ئامالسىز، تەجرىبىخانىدىكى ئانتى ماددىلار ياساپ چىقىلغاندىن كېيىن، ھاۋادا بىر سېكۇنتمۇ "ياشىيالمايدۇ". ھازىرغىچە ئۇنى ساقلايدىغان مۇۋاپىق "قاچا" تېپىلمىدى، ئانتى ماددىي ئېنېرگىيە تەتقىقاتى ئۇزاق مۇددەت دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇشى مۇمكىن. كونترول قىلغىلى بولىدىغان يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسىنىڭ ئېنېرگىيەسى ھەقىقەتەن چوڭ، ئەمما يەنىلا ئانتى ماددا ئېنېرگىيەسىگە يەتمەيدۇ.
قاراڭغۇ (غۇۋا، تۇتۇق) ماددا ئېنېرگىيە مەنبەسى
ئالەمنىڭ ھەممە يېرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان غەلىتە شەيئى بولغان قاراڭغۇ ماددىنى ئالەمنىڭ "كۆرۈنمەس خوجايىنى" دېيىشكە بولىدۇ. تارتىش كۈچى لىنزا ئېففېكتى ۋە مىكرو دولقۇن ئارقا كۆرۈنۈش رادىياتسىيەسى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، قاراڭغۇ ماددا بەزى ئاجىز ئۆزارا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماسسىسىغا ئىگە زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، نېيترال زەررىچە بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار مەيلى مۇسبەت زەرەت بولسۇن ياكى مەنپىي زەرەت بولسۇن ئېلېكتىر خۇسۇسىيىتى ئىپادىلىمەيدۇ. ئەپسۇسكى، بۇنداق تۈزۈلۈش قاراڭغۇ ماددىنى ئىگىلەشنىڭ تەسلىكىنى بەلگىلىگەن، ھەرقانچە ئالىي مەدەنىيەتنىڭمۇ بۇنداق قىلالىشى ناتايىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، قاراڭغۇ ماددا يەنە ئوق زەررىچىسى تىن تۈزۈلۈشى مۇمكىن، بۇ خىل زەررىچە ئالەم تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە، ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. نەزەرىيەنىڭ دەلىللەنمەسلىكى بىزنىڭ قاراڭغۇ ماددىغا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، قاراڭغۇ ماددىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى ھازىرچە يەتكىلى بولمايدىغان چۈش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
#بىلىمزار
No comments:
Post a Comment