Search This Blog

Thursday, September 24, 2020

كىۋانت كومپيۇتېرىنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى قانچىلىك تېز؟

 

كىۋانت كومپيۇتېرىنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى قانچىلىك تېز؟




ئىنسانىيەت پەن-تېخنىكىسىنىڭ چېكى دېيىلسە، بۇ بەلكىم بەك چوڭ ئۇقۇم بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مەن ھازىرغىچە تەسەۋۋۇر قىلالىغان ئىنسانيەت پەن-تېخنىكىسىنىڭ چېكى دېيىشكە ماس كېلىدىغان مۇنداق بىر ئۇقۇم بار، ئۇ بولسىمۇ كۋانت كومپيۇتېرى ھەم ئۇنىڭ ئاجايىپ قۇدرەتلىك ھېسابلاش كۈچى. بىلىشىمىز كېرەككى كەلگۈسى دۇنيا "ھېسابلاش كۈچى" (تۈرلۈك قالتىس ئالگۇرزىم ھەم ھېسابلاش ئىقتىدارى) ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بىز ھازىر ئاللىقاچان "ھېسابلاش دەۋرى"گە قەدەم قويۇپ بولدۇق، بۇنىڭدا ئەڭ چوڭ مەنبە چوڭ سانلىق مەلۇمات. چوڭ سانلىق مەلۇمات كۈندىن كۈنگە ھەسسىلەپ ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە بۇ زور مەلۇماتلارنى ھېسابلاش ھەم بىر تەرەپ قىلىشقا نۆۋەتتىكى كومپيۇتېر ئاجىزلىق قىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۈگۈن مۇشۇ غايەت زور چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاش، بىرتەرەپ قىلىش ۋە بىخەتەرلىك قوغداشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان كۋانت كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتىنىڭ قانچىلىكلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

 


كىۋانت كومپيۇتېرى (Quantum computer) كىۋانت نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلغان پۈتۈنلەي يېپيېڭى كومپيۇتېر بولۇپ، كىۋانت مېخانىكىسىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك ماتېماتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاش ئېلىپ بارىدىغان، كىۋانت ئۇچۇرىنى ساقلايدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلىدىغان فىزىكىلىق قۇرۇلما ھېسابلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى كومپيۇتېردا ھەر بىر ئېلېكتىرون دېتالى پەقەت "1" ياكى "0"، يەنى "ئېچىش" ياكى "تاقاش"تىن ئىبارەت ئىككى خىل ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ؛ كىۋانت بولسا بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ناھايىتى ئاز ساندىكى كىۋانت بىتنىڭ نۇرغۇن كىلاسسىك بىت ئارقىلىق تاماملىيالايدىغان ھېسابلاشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر بىر كۋانتلىق كومپيۇتېرنىڭ يەككە قېتىملىق ھېسابلاش سۈرئىتى نۆۋەتتىكى پۇقراۋىي كومپيۇتېرنىڭ CPU دەرىجىسىگە يەتسە، ئۇنداقتا 64 بىتلىق بىر كىۋانت كومپيۇتېرىنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى ھازىرقى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز بولغان "سامانيولى 2-نومۇرلۇق" دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر (سېكۇنتىغا 33.86 تىرىليون قېتىم ھېسابلىيالايدۇ) نىڭ 545 تىرىليون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ!



ئالدى بىلەن كىۋانت كومپيۇتېرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىشى ئەنئەنىۋى كومپيۇتېرغا ئوخشاش باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلمايدۇ، بەلكى بىرلا ۋاقىتتا تاماملىنىدۇ (ئارقىمۇ ئارقا ئەمەس، بەلكى پاراللېل ھالەتتە ھېسابلاش ئېلىپ بارىدۇ دېمەكچى)، بۇنداق بولغاندا نۇرغۇن ۋاقىت تېجىلىپ، زور كۆلەملىك سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاشقا ماس كېلىدۇ. ئەنئەنىۋى كومپيۇتېرلاردا سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش خانىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق سىزىقلىق ئېشىپ بارىدۇ، 129 خانىلىق بىر ساننى پارچىلاش ئۈچۈن 1600 دانە دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرنى تورلاشتۇرۇپ سەككىز ئاي خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، 140 خانىلىق بىر ساننى پارچىلاش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت نەچچە يۈز يىل بولىدۇ. ئەمما بۇ مەسىلىلەرنى بىر كىۋانت كومپيۇتېرىدىن پايدىلىنىپ، نەچچە سېكۇنتتىلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. سىستېمىنىڭ مەلۇم قىسمىدا كاشىلا كۆرۈلگەندە، كىرگۈزۈلگەن دەسلەپكى سانلىق مەلۇمات كاشىلىدىن ئاپتوماتىك ئايلىنىپ ئۆتۈپ، سىستېمىنىڭ توغرا قىسمىغا كىرىپ نورمال ھېسابلاش ئېلىپ بېرىۋېرىدۇ، ھېسابلاش ئىقتىدارى 100 مىليارد دانە بېنتيۇم بىر تەرەپ قىلغۇچقا باراۋەر بولۇپ، ھېسابلاش سۈرئىتى ھازىرقى كومپيۇتېردىن 100 ھەسسە تېز بولىدۇ.



كىۋانت كومپيۇتېرىنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى ئۆزى كونترول قىلالايدىغان كىۋانت سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئون يىل ئىچىدە ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك كىۋانت مەشغۇلاتىنى 100 دانە زەررىچىگە يەتكۈزگىلى بولىدىكەن. بۇ كىۋانت كومپيۇتېرىنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارىنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى بارلىق ھېسابلاش ئىقتىدارىنىڭ يىغىندىسىنىڭ1 مىليون ھەسسىسىگە يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ئىقتىدارى نۆۋەتتىكى بارلىق ھاۋارايى مەلۇماتى، پۇل مۇئامىلە ئانالىزى، قۇرۇلۇش ئانالىزى ۋە باشقا تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلارنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدۇ. ئەگەر كىۋانت كومپيۇتېرى ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئىشلىتىلسە، بىر سېكۇنتتا پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق مەخپىي نومۇرلارنى يېشىۋەتكىلى بولىدۇ.


#بىلىمزار

No comments:

Post a Comment