ئەڭ غەلىتە تۆت خىل پىسخولوگىيە ھادىسىسى
ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى مۇرەككەپ بولىدۇ، نۇرغۇن پىسخىكىلىق ھادىسىلەر (Mental Phenomena) پىسخولوگلارنى ئىنتايىن مەپتۇن قىلىدۇ، ئۇلار ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەمدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. تۆۋەندە بىز ئىنسانلاردا كۆرۈلىدىغان ئەڭ غەلىتە تۆت خىل پىسخىكىلىق ھادىسىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.
1. چېقىق دېرىزە ئېففېكتى (Broken windows theory)ئەگەر بىر ئۆيدە رېمونت قىلىنمىغان كونا دېرىزە پەيدا بولسا، ئۇنداقتا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، باشقا مۇكەممەل دېرىزىلەرمۇ كەينى-كەينىدىن چېقىلىپ، «چېقىق دېرىزە ئېففېكتى» پەيدا بولىدۇ. بۇنى James Q. Wilson ۋە George L. Kelling ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان. جىنايەت پىسخولوگىيەسىنىڭ تەتقىقات تېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېقىق دېرىزە ئېففېكتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى شۇكى، كىشىلەر جەمئىيەتتىكى ناچار ھادىسىلەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسە، بۇ خىل ھادىسە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دورىشىغا ئېرىشىدۇ، ھەتتا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.بىر ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ۋە ھەرىكىتى مۇئەييەن مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇ ناچار قىلمىشلار مۇھىتنىڭ قالايمىقان، تەرتىپسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەم بۇ خىل تەرتىپسىز تۇيغۇغا ماسلىشىپ، ئۇيۇشۇش كەيپىياتىغا پېتىپ قالىدۇ ۋە بۇ خىل ناچار قىلمىشنى ھەقلىق دەپ قارايدۇ.بىز خەقنىڭ پاكىز، رەتلىك تازىلانغان ئۆيلىرىگە ئەخلەت تاشلىساق، ئۆزىمىزنى بىر خىل گۇناھكاردەك ھېس قىلىمىز. شۇڭا بەزى مەھەللىلەردىكى يېنىك دەرىجىدىكى تەرتىپسىز ھالەتنى بىر مەزگىل ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەندىن كېيىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت سادىر قىلىدىغان ئېغىر ئاپەت رايونىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
2. قۇرۇق قەپەس ئېففېكتى (Empty bird cage effect)ئۇ يەنە «قەپەس لوگىكىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەڭ دەسلەپتە خارۋارد ئۇنۋىرسىتىنىڭ پىسخولوگى جامېس ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە مۇنداق دەپ قارايدۇ: بىر ئادەم بىر قۇرۇق قۇش قەپىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇنىڭدا قۇش باقمىسا، ئادەمگە كۈچلۈك قارشىلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ بۇ خىل قىلمىشتىن گۇمانلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ئادەم ئەڭ ئاخىرىدا بىر قۇش سېتىۋېلىپ، قەپەسكە سولاپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.بۇ ئىنسانلارنىڭ بىر خىل چەكلىمىلىك تەپەككۇرى، يەنى تەپەككۇر ۋەزىيىتى (Thinking Set) بولۇپ، ئۇ ئىلگىرىكى تەجرىبە ۋە بىلىشنىڭ باشتىن-ئاخىر «تەييارلىق ھالىتى»دا تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە دەرھال ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلدۇرىدۇ. بۇ خىل تەپەككۇر بىر تەرەپتىن ئادەمنى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەتكە ئېرىشتۈرىدۇ؛ لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. قەپەس ئېففېكتىغا قايتىپ كەلگەندە، قەپەس قۇش بېقىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر قەپەس دېگەن بۇ جىسىم پەقەت قۇش قاچىلاشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، زىننەت بۇيۇمى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ ھەمدە «قەپەس يەنە باشقا نۇرغۇن ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ» دېگەندەك خىياللاردىن گۇمانلىنىدۇ. بۇ خىل پسىخىكا بىزنىڭ قەلبىمىزنى نۇرغۇن ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنى كۆڭۈلگە پۈكۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قائىدىنىڭ توغرىلىقىنى ئويلاشمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ قاتماللىشىشىدىكى پىسخىكىلىق سەۋەبمۇ ئەنە شۇنىڭدا.

3. خاۋسورن ئېففېكتى (Hawthorne Effect)خاۋسورن ئېففېكتى يەنە «دەردىنى چىقىرىش ئېففېكتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بىر ئادەمنىڭ ئۆز دەردىنى چىقىرىدىغان ياكى ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشمەكچى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى بىلەن تەپەككۇرىدا مۇناسىپ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.خارۋارد ئۇنۋىسىتىنىڭ پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدا، پىسخولوگلار مۇنداق بىر تەجرىبىنى ئېلىپ بارىدۇ: ئۇلار زاۋۇت، سېخلاردىكى ئىشچىلاردىن ئالتە نەپەر ئايال ئىشچىنى ئىختىيارىي تاللاپ كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇھىتىنى ئۆزگەرتىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە شۇ بولىدۇكى، بۇ ئايال ئىشچىلار ئۆزلىرىنى ئالاھىدە غەمخورلۇققا ئېرىشتى دەپ قاراپ، مۇقەررەر ھالدا باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىمۇ تەبىئىي ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.شۇڭا خاۋسورن ئېففېكتى باشقۇرۇش ئىلمىدە كەڭ قوللىنىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن، خاۋسورن ئېففېكتىنىڭ رولى چەكلىك بولۇپ، گەرچە نۇرغۇن ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغىيالىغان بولسىمۇ، لېكىن «مارگىنال ئۈنۈمنىڭ تەدرىجىي كېمىيىشى»نىڭ تەسىرىدە، خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ئەڭ ئاخىرىدا مۇقىملىشىپ، قايتا ئۆرلىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
4. پاركىنسون قانۇنىيىتى (Parkinson's Law)پاركىنسون قانۇنىيىتى بىيۇروكىراتلىقنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى دەپ قارىلىپ، «ئەمەلدارلار كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنى ئەنگلىيەلىك تارىخشۇناس ۋە ئاممىۋى باشقۇرغۇچى Cyril Northcote Parkinson ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، شىركەت كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرى پىرامىداسىمان تارقىلىدۇ ھەمدە تەدرىجىي ئۆرلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كېلەڭسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ چاغدا ھەممە ئادەم ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت ئۈنۈمى خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ.ئۇ بۇنىڭغا قارىتا «ياللانما خادىملارنىڭ سانى بىلەن ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر باغلىنىش مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن نەزەرىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نەزەرىيە مۇئەييەن مەنىگە ئىگە بولۇپ، جەمئىيەتتىكى بيۇروكراتلىق ئىستىلىنى تەنقىد قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىلىي شەكىل قۇرۇشى توغرىسىدا ئۈنۈملۈك تەكلىپ بېرىدۇ. پاركىنسون قانۇنىيىتى 20-ئەسىردىكى غەربنىڭ ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت كەشپىياتىنىڭ بىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنى ئادەملەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە قۇتۇلۇش قىيىن بولغان تۆت خىل پىسخىكىلىق ھادىسە بولۇپ، ئۇلارنى تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولغانلىقتىن، ئاللىقاچان ھەيران قالارلىق دەپ سانالمايدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن پىسخولوگىيە بىزنىڭ قارىماققا قانۇنىيەتسىز كۆرۈنىدىغان بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدىن ئۇلارنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرىنى تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ قانداق قىلىپ توغرا تەدبىر بەلگىلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
No comments:
Post a Comment