Search This Blog

Friday, April 3, 2020

"ئىنتېرنېت ئاتىسى" ۋىنت سېرف ئۆزىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى

"ئىنتېرنېت ئاتىسى" ۋىنت سېرف ئۆزىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى

 تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگولنىڭ تەتقىقات مۇئاۋىن لىدىرى، ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئالاقە تورى (ئىنتېرنېت)نىڭ ئاساسلىق بەرپا قىلغۇچىلىرىنىڭ بىرى ۋىنت سېرف 30-مارت تىۋىتتېردا، ئۆزىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقىملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە كىشىلەرگە كومېدىيە ئارتىسى جون ئولىۋېرنىڭ پىروگراممىسىنى كۆرۈپ، ئامېرىكىدا قوللىنىشقا تېگىشلىك ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى چۈشىنىش تەكلىپىنى بەردى.
سېرف مۇنداق دەپ يازغان: "مېنىڭ COVID-19 تەكشۈرۈشتىكى نەتىجەم مۇسبەت چىقتى، ھازىر داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، سالامەتلىكىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىمەن، جون ئولىۋېرنىڭ بىزنىڭ ھازىرغىچە بولغان دۆلەتنىڭ بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى."


سېرف بۇ يىل 76 ياش (1943-يىلى تۇغۇلغان) قا كىردى،  خىتاي ۋىرۇسى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان گۇرۇپپىغا تەۋە. ئەمما، ئۇنىڭ سالاھىيىتى چوقۇم ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش ئەسلىھەلىرىگە ئېرىشىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. سېرف تاراتقۇلار تەرىپىدىن "ئالاقە تورى ئاتىسى" دەپ ئاتالغان، چۈنكى ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۈچۈن Arpanet نى قۇرۇشىغا ياردەملەشكەن، بۇ دەل ئىنتېرنېتنىڭ ئاساسى.
ئۇنىڭ نۆۋەتتە گۇگولدىكى خىزمىتى ئاساسلىقى ئىنتېرنېتنىڭ ئاكتىپ تارقاتقۇچىسى ھەم تەشۋىقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىنتېرنېتتكى بەزى مەسىلىلەرنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىلىم-پەن كومىتېتىدا ئالتە يىل خىزمەت قىلغان.


سېرف تىۋېتتېردا ئۇلانما قىلىپ قويغان جون ئولىۋېرنىڭ پروگراممىسىدا تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولغان ئىنكاسىدىن ئىنتايىن نارازى بولغانلىقى سۆزلەنگەن.
سېرف ئىنتېرنېت ئۇل ئالاقە كېلىشىمى TCP/IP ۋە ئىنتېرنېت قۇرۇلمىسىنىڭ بىرلەشمە لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ بىرى. سېرف ئىنتېرنېت كېلىشىمى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئامېرىكا كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى تارقاتقان تۇرىڭ مۇكاپاتى (كومپيۇتېر ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتى)غا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا پېرىزدىنتى كىچىك بۇش سېرفقا "پېرىزدىنت ئەركىنلىك ئوردېنى" تارقاتقان، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىغا بەرگەن ئەڭ يۇقىرى  شان-شەرەپ ھېسابلىنىدۇ.

#bilimzar  #bilimdan 

No comments:

Post a Comment