Search This Blog

Friday, April 3, 2020

بېدە كۆكىنىڭ شىپالىق رولى


بېدە كۆكىنىڭ شىپالىق رولى 

تېبابەتچىلىكتە يېڭى بېدە ھۆل ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ. بېدە كۆكى تەركىبىدە كالتسىي، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ۋە ھەر خىل ۋىتامىنلار خېلى مول بولۇپ، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بېدە كۆكنى ئېزىپ، سۇس ئوتتا قورۇپ، قايماق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، پەي تارتىشىش بىلەن دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بېدە كۆكنى ئېزىپ پىشۇرۇپ، شىكەر بىلەن قوشۇپ بىر مەزگىل ئىستېمال قىلىپ بەرسە بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قاننى كۆپەيتىدۇ.
يېڭى چىققان بېدە كۆكىنى قۇرۇتۇپ، چاي بىلەن دەملەپ ئىچىپ بەرسە، قورساقنى ئاچۇرۇپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىدۇ.
بېدە ئۇرۇقى ئۈندۈرمىسىنى ھەر خىل تېتىتقۇلار بىلەن تەڭشەپ يەپ بەرسە ئادەمنى سەمىرتىپ، مەيدىنى بوشىتىدۇ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، بالا ئېمىتىدىغان ئاياللارنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىدۇ، دىئابېت كېسەللىكىگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ.
بېدە كۆك كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
بېدە كۆكىنى ئېزىپ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىششىغان جايغا چاپسا، ئىششىقنى ياندۇرۇپ ياللۇغنى قايتۇرىدۇ.
بېدىنى ياغسىز ئىستىمال قىلسا، قورساقنى كۆپتۈرىدۇ ، يەللىك كېسەللىكلەرگە زىيان قىلىدۇ.
بېدىنى سوقۇپ سۈيىنى بەدەنگە سۈركەپ بەرسە، قان بۇزۇلۇشىدىن بولغان بەدەن قىچىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ، تېرىنى پارقىراق قىلىپ گۈزەللەشتۈرىدۇ.
بېدىنى ئەتىياز پەسلى كۆپ يەپ بەرسە چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بېدىنى قاينىتىپ تىندۇرۇلغان سۈيى بىلەن مەقئەت يۇيۇپ بېرىلسە قان توختايدۇ.
يېڭى بېدە كۆكىنى بىر مەزگىل پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا پەي تارتىشىش كېسەللىكىگە شىپا قىلىدۇ.

#bilimzar   #bilimdan

No comments:

Post a Comment