Search This Blog

Monday, July 27, 2020

تەبىئەت دۇنياسى فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ قۇلى ھېسابلىنامدۇ ؟

تەبىئەت دۇنياسى فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ قۇلى ھېسابلىنامدۇ ؟


بارلىق پەنلەر مۇنداق بىر پەرەزنى ئاساس قىلىدۇ: تەبىئەت بولسا بىرخىل تەرتىپلىك دۇنيا، ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھەرىكىتى فىزىكا قانۇنلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربكە پاتىدۇ، تۆت پەسىل ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ھەممە يەردە فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ سايىسى باردەك قىلىدۇ.قارىماققا تەرتىپسىز، مۈجمەل كۆرۈنىدىغان ھادىسىلەرمۇ ئوخشاشلا چوڭقۇر قاتلاملىق فىزىكا قانۇنىغا ئەمەل قىلىدۇ.مېخانىكىلىق سائەت ئالەم مودېلىنى قوللىغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا ئىزچىل مۇنداق بىر جاھىل قاراش بار: تەبىئەتتە ھەقىقىي تاسادىپىي جەريان يوق، بەزى ۋەقەلەر قارىماققا تاسادىپىيدەك كۆرۈنىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار بۇنىڭ ئىچىدىكى تەپسىلاتلارنى تولۇق ئىگىلىمىگەن.بەزى ۋەقەلەر تاسادىپىي يۈز بەرگەندەك قىلىدۇ.چۈنكى بىز يوشۇرۇن قاتلامدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ۋەقەلەرگە سەل قارىدۇق ياكى ئۇلارنى نەزەرگە ئالمىدۇق.ئەگەر مولېكۇلا ھەتتا ئاتوم ۋە ئېلېكترون قاتلىمىدىكى ۋەقەلەرنى توغرا مۆلچەرلىگىلى بولسا، ئۇنداقتا تەڭگە تاشلاش، شىشىخال تاشلاش، ئايلانما دىسكا ئېتىشقا ئوخشاش ۋەقەلەر تاسادىپىي بولمايدۇ.


بارلىق مەۋجۇداتلار فىزىكا قانۇنى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ، كەلگۈسىدىكى ۋەقەلەرنى تامامەن توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ، نەتىجىدە خۇددى پرىگاۋزىن ئېيتقاندەك: تەڭرى ئارخىپ خادىمىغا ئايلىنىپ قالدى، پەقەت ئۇ يېزىلىپ بولغان ئالەم تارىخى كىتابىنى ئوقۇۋاتىدۇ.


ھالبۇكى، تەبىئەتنىڭ ھەممىلا جايدا گۈزەل رىتىم بولۇشى ناتايىن.غەلىتە ھاۋارايى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاقار يۇلتۇز قاتارلىقلارنى ئىنسانلار ھازىر ئىگىلىگەن فىزىكا قانۇنىغا ئاساسەن، يۈزدە يۈز توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدۇ.تەبىئەت دۇنياسى فىزىكا قانۇنىنىڭ قۇلى بولۇشنى خالىمايدىغاندەك قىلىدۇ.


بەزى ئالىملار بروۋىننىڭ ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، بىر تال چاڭ ـ توزاننىڭ ھاۋا مولېكۇلاسى بىلەن تەخمىنەن 50 قېتىم سوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى. 

بروۋن ھەرىكىتى


لاپلاس بروۋن ھەرىكىتىنى مۇتلەق ئىختىيارىي ھەرىكەت دەپ قارىمايدۇ.ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر بىز ھەر بىر مولېكۇلىنىڭ ھەرىكەت تەپسىلاتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرەلىسەك، ئۇنداقتا بروۋىننىڭ ھەرىكىتىمۇ پول ئۈستىدە ئەينەك شارچىنى سەكرەتكەنگە ئوخشاش بېكىتىلىدۇ ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.بروۋن زەررىچىسىنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنى قارىماققا تاسادىپىي مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى ۋە كۆزىتىش قوراللىرى بەك قوپال بولۇپ، ھەر بىر مولېكۇلىنىڭ ھەرىكەت تەپسىلاتى ئۇچۇرى ۋە باشقا پارامېتىرلىرىنى توغرا ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.


بۇ پەقەت ئىنسانلار ئىگىلىگەن فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ چەكلىك بولغانلىقى ۋە شەيئىلەرنىڭ ئىنچىكە ئۆزگىرىشىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئەتراپلىق ئىگىلىيەلمىگەنلىكىدىنلا بولغانمۇ؟

ئېنىقسىزلىق كۋانت مېخانىكىسىنىڭ يادرولۇق نەزەرىيىسى بولۇپ، ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىلىرى ۋەقەسىنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي تاسادىپىي بولغان ئۆرلەش ـ تۆۋەنلەش ھەرىكىتىگە ئەمەل قىلىدۇ.كۋانتنىڭ ئۆرلىشى ياكى تۆۋەنلىشى ئېنىقسىز بولۇپ، ئۇنى توغرا مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ بىلىشىنىڭ چەكلىكلىكىدىن ئەمەس، بەلكى تەبىئەتنىڭ ئىككىلەمچى ئاتوم ئۆلچىمىنىڭ خاس خۇسۇسىيىتىدىن بولىدۇ.بروۋن زەررىچىسىنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنى توغرا مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئالىملار ئىگىلىگەن ئىنچىكە سانلىق مەلۇماتلار يېتەرلىك ئەمەس، بەلكى چاڭ ـ توزانغا سوقۇلغان ئېلېكتىروننىڭ ئۆزى ئېنىقسىز ھالەتتە تۇرىدۇ.


ئىنسانلارنىڭ فىزىكىلىق مىقدارلارنى چەكسىز توغرا ئۆلچىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس، يەنە بىر مۇھىم ئامىل شۇكى، ماتېماتىكا پېنىنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان نۇقسان بار.ماتېماتىكا ئەسلىدىنلا بىر قارشىلىق نەزەرىيىسىگە تولغان پەن.مەسىلەن، ماتېماتىكىدىكى تۈز سىزىق بىر توقۇلما ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ پەقەت رېئاللىققا بولغان غايىۋى مودېلدىنلا ئىبارەت.تۈز سىزىق ئۈستىدىكى نۇقتىلارغا 0 بىلەن 1 ئارىسىدىكى سان بىلەن بەلگە قويۇشقا بولىدۇ.ئۈزۈك تۈز سىزىق ئۈستىدىكى ھەربىر نۇقتىغا بەلگە سېلىش ئۈچۈن، بارلىق راتسىئونال سانلار بولۇپلا قالماي، يەنە بارلىق ئىرراتسىئونال سانلارمۇ بولۇشى كېرەك.بىر راتسىئونال ساننى تەرتىپسىز ھەم چەكسىز ئۇزۇن سان دەپ ئىپادىلەشكە بولىدۇ.بىر كىچىك كەسىر سانلار خانىسى بىلەن چەكسىز كۆپ ھەم تەرتىپسىز سانلار ئارقىلىق تۈز سىزىق ئۈستىدىكى بىر نۇقتىنى بەلگە قىلسىڭىز، سىز قىلالامسىز؟


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خالىغان بىر ساننى بېكىتىش ئۈچۈن چەكسىز كۆپ ئۇچۇر بولۇشى كېرەك.پۈتكۈل كۆزىتىشكە بولىدىغان ئالەمنى بىر كومپيۇتېر قىلغان تەقدىردىمۇ، بىر ئېنتروپىيە ياكى ئىرراتسىئونال سانىنى پۈتۈنلەي توغرا ئەستە ساقلاش مۇمكىن ئەمەس.بىر ۋەقەنىڭ فىزىكىلىق مىقدارىنى چەكسىز توغرا بېكىتىش پرىنسىپ جەھەتتە ئەمەلگە ئاشمايدۇ، يول قويۇلمايدۇ.ئېنىقسىز بولسا ئاندىن راست بولىدۇ، كۆڭۈلدىكىدەك ماتېماتىكا تۈز سىزىقى ئەمەلىيەتتە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان.ماتېماتىكا ئىلىم پەننىڭ ئاساسىي قورالى، ماتېماتىكا بولمىغان نەزەرىيەنى ھەقىقىي پەن دېگىلى بولمايدۇ.ماتېماتىكىنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان قارشىلىق نەزەرىيىسى ۋە نۇقسانلار ئىلىم ـ پەننىڭ ھەر بىر فىزىكىلىق ۋەقەسىنى يۈزدە يۈز توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

بىراق كۆپچىلىكنىڭ ئەنسىرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق، گەرچە ئالاھىدە ياكى يەككە كۋانت ۋەقەسىنى بېكىتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما زور مىقداردىكى كۋانت ۋەقەسىنىڭ نىسپىي ئېھتىماللىقىنى بېكىتكىلى بولىدۇ.كۋانت شىشخاللىرى ئىستاتىستىكىلاش ئېھتىماللىق قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىدۇ.مەسىلەن، كومپيۇتېر ئۆزىكىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان يەككە ئېلېكترون ھەرىكىتىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن زور مىقداردىكى ئېلېكترون يەنىلا ستاتىستىكىلىق ئېھتىماللىق قانۇنى بويىچە مۇقىم، ئىشەنچلىك ھەرىكەت قىلىدۇ.بولمىسا بىز ئىشلىتىۋاتقان يانفون نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ.


تەبىئەتنى فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ قۇلى دېگەندىن كۆرە، ئىنسانلارنى فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ قۇلى دېگەن تۈزۈك.ئاخىرىدا ئاددىي، چۈشىنىشلىك ئىككى جۈملە سۆز بىلەن خۇلاسە چىقىرىش كېرەك: جەزملەشتۈرۈش ئەمەلىيەتتە جەزملەشتۈرگەنلىك ئەمەس، جەزملەشتۈرمەسلىك ئاندىن جەزملەشتۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.پەقەت ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئادەم ئەقىللىق ئادەم ھېسابلىنىدۇ


#bilimdan

No comments:

Post a Comment