ئىنسانلار خاتىرىسى بىلەن مېڭە ئېلىكتىر دولقۇنى باغلىنىشلىقمۇ؟
ئۇزۇندىن بۇيان، ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، خاتىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە خاتىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەش جەريانى ئالىملارنى گاڭگىرىتىپ كەلدى.بىراق ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ قانداق ئۆگىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى دەقىقە ئىچىدە ئۆزىنىڭ "ئەسلىمە بانكىسى" دا قانداق ساقلايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولغان.
بىرمىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقات ئەترىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر خىل ئالفا دۇلقۇن دىيىلىدىغان مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.بۇ خىل مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى سېكۇنتىغا ئۈچ قېتىم سوقىدىغان بولۇپ، چوڭ مېڭىدىكى سەقەنقۇر تەنچىسىدىن ھاسىل بولىدىكەن، سەقەنقۇر تەنچىسى رىغبەتلەندۈرۈش، كەيپىيات ۋە ئەستە تۇتۇشنىڭ تەڭشىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، بۇ خىل تۆۋەن چاستوتىلىق مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ تەۋرىنىشى بىلەن خاتىرىنى ئويغىتىش ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە باغلىنىش مەۋجۇت ئىكەن.
بېرمىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتى قانات يايدۇرغان بۇ يېڭى تەتقىقاتتا، سىناققا قاتناشقۇچىلار بىر قىسىم چوڭ مېڭىسىنى داۋالاش مەقسىتىدە ئېلېكتىر قۇتۇپى كۆچۈرۈلگەن تۇتقاقلىق كېسىلى بىمارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.ئالىملار ئۇلارنى بەزى تەجرىبىلەرگە قاتناشتۇرۇپ، ئاندىن ئېلېكترود ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلايدۇ.ئۇلار سىناققا قاتناشقۇچىلارغا بىر قاتار رەسىم ۋە سۆزلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ سۈرەتلەر بىلەن سۆزلەر ئوتتۇرىسىدا ئەسلىدە ھېچقانداق باغلىنىش يوق ئىدى، ئەمما ئالىملار سىناققا قاتناشقۇچىلارغا مەلۇم بىر سۆزنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن سۈرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلاردىن بۇ باغلىنىشلارنى ئېسىدە تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان، ئىشتىن كېيىن يەنە ئۇلارنى ئەسلەشكە ئۇرۇنۇپ باققان.
بەلكىم ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن بولسا كېرەك، كىشىلەرنىڭ خاتىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىزدەش جەريانىغا بولغان چۈشەنچىسى ئىزچىل ناھايىتى ئاز بولۇپ كەلدى.بىراق ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ سەقەنقۇر تەنچىسى پەيدا قىلغان مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىدىن قانداق پايدىلىنىپ ئۆگىنىش قىلغانلىقىنى ھەمدە بۇ دەقىقىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەسلىمە بانكىسىدا قانداق ساقلىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، پەقەت سىناققا قاتناشقۇچىلار كېيىنكى سىناقتا توغرا جاۋاب بەرگەندىلا، دەسلەپكى ئۆگىنىش باسقۇچىدا ئاندىن ئىمپۇلس دولقۇنى پەيدا بولىدىكەن.ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ پەقەت مەلۇم بىر كىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش قىلغاندىلا ئاندىن بۇ خىل مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى پەيدا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر نەرسە ئۆگەنگەندىلا ئاندىن دولقۇن پەيدا بولىدىغان بولۇپ، بۇ خىل مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ ئەستە تۇتۇشقا نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئارقىدىنلا تەتقىقاتچىلار يەنە چوڭ مېڭىسىگە ئېلېكتىرود كىرگۈزمىگەن سىناققا قاتناشقۇچىلارغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەزىپىنى ئورۇندىغۇزغان، شۇنداقلا ئۇلاردىن مۇناسىۋەتسىز سۆزلۈك ۋە رەسىملەر ئارىسىدىكى باغلىنىشنى ئەستە تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.ئارقىدىنلا تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر كۇنۇپكىنى قويۇپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئېكراندا سۈرەتنى ئىختىيارىي قويغان.سىناققا قاتناشقۇچىلار رەسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئېسىگە ئالغاندا، كۇنۇپكىنى باسىدۇ.
سىناققا قاتناشقان نەچچە يۈز كىشىنىڭ سىناق سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، توغرا جاۋاب بەرگەندە كىشىلەر كۇنۇپكىنى باسقان ۋاقتىدا بەلگىلىك قانۇنىيەت مەۋجۇت بولىدىكەن: ھەر بىر سېكۇنتتا ئۈچ ۋاقىت نۇقتىسى بار بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر توغرا ئۇچۇرنى ئەسلىگەندە بۇ ئۈچ نۇقتىغا دەسسەيدىكەن.خاتا جاۋاب بەرگەندە بولسا، بۇ خىل قانۇنىيەتنى كۆزەتكىلى بولمايدىكەن.
دوكتور مارىيا ۋېنبور مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىز بۇنىڭدىن بىر خىل تەۋرىنىش قانۇنىيىتىنى كۆزىتىپ چىقالايسىز. ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بەرگەندىن كېيىن، چوڭ مېڭە ئويغىنىپ ئەسلەيدىغان ۋاقىت ئارىلىقىدا بەلگىلىك قانۇنىيەت مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، ھەمدە بۇ ۋاقىت ئارىلىقىدا ئەسلىمىلەرنى ئويغىتىش ئانچە مۇمكىن ئەمەس.
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، تەجرىبىدە كۆزىتىلگەن مۇقىم رىتىم ئىمپۇلس دولقۇنىدىن كەلگەن.ئۇلار سەقەنقۇر گەۋدىسى ئەتراپىدا ئۈزلۈكسىز ئەكس سادا پەيدا قىلىپ، ئىلگىرى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن توغرا ئەسلىمىلەرنى ئايرىپ چىقتى.بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ توغرا ئەسلىمىلەر شەكىللەنگەندە، دولقۇنمۇ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ سۆز ۋە رەسىم ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بەرگەن.
مەسىلەن، ئىلگىرى بۇ قېتىمقى باش تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىنونىڭ ئاۋازى بىلەن ئېكرانى سېكۇنتىغا بىر نەچچە قېتىم سىلىق تەۋرەنگەندە، كۆرگۈچىلەر ئەستە ساقلايدىغان كىنونىڭ مەزمۇنى كۆپىيىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار چوڭ مېڭە قانۇنىيەتلىك ئىمپۇلسنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئەستە تۇتۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلىملىرىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىلىش كېسەللىكى بىمارلىرىغا بەلگىلىك ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى، مەسىلەن، ئالزېيمېر كېسىلى قاتارلىقلار.بەلكىم ئىمپۇلس دولقۇنى ماس قەدەمدە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلىشى مۇمكىن.
تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئالزېيمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ يېڭىدىن كەلگەن ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئەستە تۇتۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلغان.بۇ تەتقىقات تەجرىبىخانىدا بىر قىسىم دەسلەپكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن ئەمەلىي شارائىتتىكى قوللىنىش ئۈنۈمىنىڭ قانداقلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.
#bilimdan
No comments:
Post a Comment