Search This Blog

Monday, July 6, 2020

كائىناتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى تېمپېراتۇرىسى قانچە؟

كائىناتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى تېمپېراتۇرىسى قانچە؟

كۆپچىلىككە مەلۇمكى تېمپېراتۇرا ئارقىلىق جىسىمنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلۇق دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ، تېمپېراتۇرنىڭ يۇقۇرى-ياكى تۆۋەن بولىشى، تۇرمۇشىمىزغا زىچ شۇنداقلا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.
دېڭىز يۈزىدىن قانچە ئېگىز جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ، يەنى شۇنچە سوغۇق بولىدۇ.
يەرشارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ (ئۆسۈملۈكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تېمپېراتۇراغا ماسلىشىش مېخانىزمى بار، ئەگەر تېمپېراتۇرا بەك يۇقۇرى ياكى تۆۋەن بولۇپ كەتسە جانلىقلار ئورگانىزمىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىزنىڭ تېمپېراتۇرىغا بولغان چۈشەنچىمىز پەقەت ئىسسىقلىق بىلەن سوغۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇملا، ئەمەلىيەتتىمۇ تېمپېراتۇرا ھەقىقەتەن جىسىمنىڭ ئىسسىق-سوغۇق دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدىغان بىر فىزىكىلىق مىقدار.
ئۇنداقتا كائىناتنىڭ تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقۇرى چېكى ۋە ئەڭ تۈۋەن چېكى قانچە ؟ بۇنى سۆزلەشتىن بۇرۇن ئاۋال تېمپېراتۇرا نىڭ ماھىتىنى بىلەن قسىقىچە تۇنۇشۇپ چىقايلى.

تېمپېراتۇرىنىڭ ماھىيىتى 
بىز فىزىكا ئۆگەنگەن ۋاقتىمىزدا، دەرسلىك كىتابتا« تېمپېراتۇرا جىسىمنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلۇق دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقدار، مىكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا، جىسىم مولېكۇلاسىنىڭ ئىسسىقلىق ھەرىكەت دەرىجىسىدۇر»دىيىلگەن.
ئاددى مىسالدىن بىرنى ئالايلۇق؛
 بىر ئىستاكان ئىسسىق سۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى سۇ مولېكۇلاسىنىڭ مىكرو ھەرىكىتىدىن كېلىدۇ، سۇ ئاستا-ئاستا سوۋۇغاندا، سۇدىكى ھەربىر سۇ مولېكۇلاسىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەرىكەت سۈرئىتى بارغانسېرى ئاستىلاپ، تېمپېراتۇرا k o( سېلسىيە گىرادۇسقا ئايلاندۇرساق نۆلدىن تۆۋەن 273.15- سېلسىيە گىرادۇسقا تەڭ) غا چۈشكەندە، ئاندىن مولېكۇلالار ئىسسىقلىق ھەرىكىتىنى توختىتىدۇ. 

قىسقىسى، تېمپېراتۇرىنىڭ ماھىيىتى مولېكۇلا ھەرىكىتى بولۇپ، مولېكۇلا ھەرىكىتى قانچە تىز بولسا، تېمپېراتۇرا شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ
 تېرمودىنامىكىلىق تېمپېراتۇرا، (كېلۋىن تېمپېراتۇرا شكالىسى، مۇتلەق تېمپېراتۇرا شكالىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ، ئۇ خەلقئارا بىرلىكلەر سىستېمىسىدىكى يەتتە ئاساسىي فىزىكىلىق مىقدارنىڭ بىرى، شۇنداقلا تېرمودىنامىكا ۋە ئىستاستىكا فىزىكىسىدىكى مۇھىم پارامېتىرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بەلگىسى K ، تېرمودىنامىكىلىق تېمپېراتۇرا  يەرشارىنىڭ ھەقىقىي تېمپېراتۇراسىنى ئۆلچەشتە قوللىنىلىدىغان ئاساسىي تېمپېراتۇرا ئۇسۇلىدۇر. 
 مۇتلەق نۆل گىرادۇس 0K بولسا ،  نۆلدىن تۆۋەن 273.15-  سېلسىيە گىرادۇسقا تەڭ.
يەنى 0 كىلۋۇن تىمپىراتۇرا = 273.15- سېلسىيە گىرادۇس
ئۈستىدە دىيىلگەن مۇتلەق 0 گىرادۇس نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ بىلىش دائىرىسى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن تىمپراتۇرا بولۇپ (بىز دەيدىغان نۆل گىرادۇس بىلەن مۇتلەق نۆل گىرادۇس ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ئۇقۇم)، مۇتلەق نۆل گىرادۇس ئاستىرنومىيە ئىلمىدىكى ئەڭ تۆۋەن تىمپراتۇرا ھىسابلىنىدۇ.
مۇتلەق تېمپېراتۇرىنىڭ ئېنىقلىمىسى بارلىق ئاتوم ھەرىكىتى توختىغان نۇقتا بولۇپ، ھەقىقىي مۇتلەق نۆل گىرادۇسقا يېتىش ئۈچۈن، ئاتوم ھەرىكىتى توختىشى كېرەك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بارلىق ئاتومنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۆلەكلەرمۇ توختىشى كېرەك، ئۇنداقتا ئېلېكتىرونلار ئاتوم يادروسىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىشنى توختىتىشى كېرەك، ئاتوم يادروسىدىكى نېيترون ۋە پىروتونلارمۇ ئۆزئارا تەسىردىن، ئىچكى كۈچ، كۋارك قاتارلىقلارمۇ بارلىق پائالىيەتلەرنى توختىتىشى كېرەك. 
لېكىن كۋانت مېخانىكىسى ئېففېكتى تۈپەيلىدىن، بۇنىڭغا ھەرگىز يەتكىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ بوشلۇقىمىزدا ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇش ھەر ۋاقىت ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، بۇ پەقەت بىر خىل غايىۋى خىيال، شۇڭا مۇتلەق نۆل گرادۇسقا پەقەت يېقىنلاشقىلى بولىدۇ، يەتكىلى بولمايدۇ. 
نۆۋەتتە لازېر نۇرى ئارقىلىق سوۋۇتۇش ۋە ماگنىتلىق پارلاندۇرۇپ سوۋۇتۇش تېخنىكىسى قوللىنىلسا، مۇتلەق نۆل گىرادۇسقا يېقىنلاشقىلى بولىدۇ، لازېر نۇرى ئارقىلىق سوۋۇتۇش جەريانىدا تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىشتىن پايدىلىنىپ، ئاتوم بىلەن فوتونلارنى ئۆزئارا سوقۇلدۇرۇپ، تاكى كېلۋىننىڭ 1 / 10،000 گىرادۇسقىچە ئاستىلاتقىلى بولىدۇ. 
نۆلدىن تۆۋەن 273.15- سېلسىيە گىرادۇس قانداقراق تۇيغۇ؟ ھېچقايسىمىز تېخى نۆلدىن تۆۋەن 60 سېلسىيە گىرادۇسنىمۇ كۆرۈپ، ھىس قىلىپ باقمىغان . شۇڭا ھىسسىي تۇيغۇ ئۇنچە كۈچلۈك بولمايدۇ.


مىسالغا نۆلدىن تۆۋەن 273.15- ئەمەس، نۆلدىن تۆۋەن 100 سېلسىيە گىرادۇستا پولاتنى بىردەم تۇرغۇزۇپ، ئادەم بويى ئېگىزلىكتىن تاشلىغاندا، پولات خۇددى ئەينەك چېقىلغاندەك چېقىلىپ چۇل-چۇل بولۇپ كىتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنداق سوغۇقتا سىز-بىزلەرنىڭ ھايات كەچۈرىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. 
بېشىدا دەپ ئۆتكەندەك بارلىق جانلىقلارنىڭ تېمپېراتۇراغا ماسلىشىش شەرتى بار.

كائىناتنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى قانچە؟
قۇياش بىر سېكۇنتتا قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ 250 مىڭ يىل ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ، ئەمما قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 5700 ئەتراپىدا، بۇ تېمپېراتۇرا نۆۋەتتە مەلۇم بولغان ئېرىش نۇقتىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان مېتالدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭدىن قارىغاندا 5700 گىرادۇس ھەقىقەتەن ناھايىتى يۇقىرى، ئەمما كائىناتنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 142 مىليارد گىرادۇس بولۇپ، پىلانىك تېمپېراتۇرىسى دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئۇنداقتا پلانكنىڭ تېمپېراتۇرىسى قانداق كەلگەن؟ 




13 مىليارد 800 مىليون يىل ئىلگىرى «يەككە نوقتا» دەپ ئاتىلىدىغان سىرلىق ماددا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چوڭ پارتلاشنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كائىناتىمىز دۇنياغا كەلگەن، تېمپېراتۇرىنىڭ ماھىيىتى زەررىچە ھەرىكىتى، زەررىچە يەنە كائىناتنىڭ چوڭ پارتلىشىدىن پەيدا بولغان. 
كائىنات چوڭ پارتلىغان ئاشۇ پەيتتە تېمپېراتۇرا ئىنتايىن يۇقىرى بولغان، كېيىن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە، ئېنېرگىيە بىزنىڭ ھازىرقى ئاساسىي زەررىچىلىرىمىزگە ئايلانغان، كېيىن يەنە ئاتوم، مولېكۇلا قاتارلىقلار شەكىللەنگەن، ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ ھازىرقى كائىناتىمىز بارلىققا كەلگەن.
نۆۋەتتە كۋانت مېخانىكىسى ئوتتۇرىغا قويغان تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى چېكى پىلانىك تېمپېراتۇرىسى ــ مۇتلەق ئىسسىقلىق دەرىجىسى بولۇپ، پەقەت ئالەم چوڭ پارتلىغان ۋاقىتتىلا ئاندىن بۇ تېمپېراتۇرىغا يېتەلەيدۇ.
زەررىچىنىڭ تەۋرىنىشى بارغانسېرى كۈچىيىپ، تېمپېراتۇرا بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ، ئەمما كائىناتتىكى چوڭ پارتلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، زەررىچىنىڭ يېتەلەيدىغىنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يەنى كائىناتتىكى چوڭ پارتلاشنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تېمپېراتۇرىسى، شۇ ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسىلا كىۋانت تارتىش كۈچى دائىرىسىگە كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى زامان فىزىكىسى بۇ ۋاقىتتا ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا يېتىدىغان تېمپېراتۇرا دەل كائىناتتىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا بولىدۇ. 
خۇلاسە
تېمپېراتۇرا ئاساسلىقى ئىچكى قىسىمدىكى ئاتوم، مولېكۇلا قاتارلىق زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە باغلىق بولىدۇ، ماكسۋېل (ماگنىت ئېقىمىنىڭ بىرلىكى)-ببولتسمان تارقىلىشىغا ئاساسلانغاندا، زەررىچىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قانچە چوڭ بولسا، تېمپېراتۇرىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. 
زەررىچىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسىدىن تۆۋەن بولغاندا، تېمپېراتۇرا مۇتلەق نۆل گرادۇسقا يېتىدۇ، بۇ چاغدا تېمپېراتۇرا ئەمدى تۆۋەنلىمەيدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى پەقەت مۇتلەق نۆل گىرادۇسقا چەكسىز يېقىنلىشىپ، مەڭگۈ مۇتلەق نۆل گرادۇسقا يېتەلمەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى مۇتلەق نۆل گرادۇسقا يەتكەندە، بارلىق زەررىچىلەر پۈتۈنلەي تىنچ ھالەتتە تۇرىدۇ. 
بارلىق تېرمودىنامىكا (ئىسسىقلىق دىنامىكىسى) پائالىيەتلىرىمۇ پۈتۈنلەي توختايدۇ، ئۇنداقتا زەررىچىنىڭ سۈرئىتى ۋە ئورنى بېكىتىلىدۇ، بۇ كۋانت مېخانىكىسىدىكى« ئېنىقسىزلىق» قا خىلاپ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە تېمپېراتۇرىنىڭمۇ يۇقىرى چېكى بولىدۇ، يۇقىرى چېكى فىزىكىدا پىلانىك تېمپېراتۇرىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

#بىلىمدان
#بىلىمزار

No comments:

Post a Comment