Search This Blog

Monday, July 27, 2020

نىمىشقا ئېگىزگە چىققانسىرى سوغۇق بولىدۇ؟

نىمىشقا ئېگىزگە چىققانسىرى سوغۇق بولىدۇ؟






ئادەتتە، دېڭىز يۈزىدىن ھەر 1000 مېتىر ئېگىزلىگەندە، تېمپېراتۇرا 6 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ. بىراق بۇ خىل تېمپېراتۇرا ئەندىزىسى پەقەت دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 10 مىڭ مېتىردىن تۆۋەن رايونلارغا ماس كېلىدۇ، 10 مىڭ مېتىردىنمۇ يۇقىرى رايونغا بارغاندا، تېمپېراتۇرا بارا-بارا ئۆرلەيدۇ. مەسىلەن : ستراتوسفېراغا بارغاندىن كېيىن ئۇزۇننىڭ تەسىرى بىلەن تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ.














































































بىراق بۇ قۇياش بىلەن شۇ نۇر يېتىپ كەلگەن يەرنىڭ ئارىلىق ئۇزۇنلۇق

 بىلەن مۇناسىۋەتسىز. قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى تەخمىنەن 150 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شارىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا جۇمۇلاڭما چوققىسى ئاران 8844.43 مېتىر كېلىدۇ، قۇياش بىلەن جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئارىلىقى ۋە قۇياش بىلەن يەرشارى دېڭىز يۈزىنىڭ ئارىلىقىدىكى پەرق نىسبىتى ئاران 60 مىليون بىر نىسبەتچىلىك، شۇڭا بۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ. 






قۇياش تارقاتقان كۆپ مىقداردىكى قۇياش نۇرى ئۆزىدە نۇرغۇن ئېنېرگىيە ئېلىپ يۈرىدۇ. ئەمما، ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئۆتكەن كۆپ قىسىم قۇياش نۇرى كۆرۈنىدىغان نۇر ۋە ئىنفىرا قىزىل نۇرلاردىن ئىبارەت.  بۇ خىل نۇر ھاۋادىن ئۆتكەندە سۈمۈرۈلمەيدۇ، شۇڭا مەيلى يۇقىرى بوشلۇق ياكى تۆۋەن بوشلۇقتىكى ھاۋا بولسۇن، ئەمەلىيەتتە ھاۋا  قۇياش تەرىپىدىن ئىسسىمايدۇ.





ھاۋا بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزى قۇياش نۇرىنى ناھايىتى ئاسان سۈمۈرىدۇ. يەر ۋە سۇ قۇياش نۇرىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئىسسىقلىققا ئېرىشىدۇ ( يازدىكى يوللارنىڭ قىزىق بولۇپ كېتىشى ، يازدا كۆلدىكى سۇنىڭ ئىسسىق بولۇشى بۇلارغا مىسال) ، يەر يۈزىدىكى بۇ ئىسسىقلىق ئاستا-ئاستا ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئەمما، ھاۋامۇ ئاسانلىقچە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدۇ، شۇڭا ھاۋانىڭ يەر يۈزىدىن قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغان جايلارغا ئۈنۈملۈك يېتىپ بارالمايدۇ. شۇڭا، يەر يۈزىگە يېقىن جايدىكى ھاۋا ئادەتتە ئىللىق بولىدۇ.





بۇ، نېمە ئۈچۈن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايلارنىڭ ھەمىشە ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن جايلاردا بولسا ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرىنىڭ مول بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. لېكىن، ھاۋانىڭ ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىللىق ھاۋانىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ، سوغۇق ھاۋانىڭ تۆۋەنگە ئولتۇرۇشىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئىسسىق ھاۋا ئۈستىگە ئۆرلەيدىغان تۇرسا نېمە ئۈچۈن يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى يەنىلا بىرقەدەر سوغۇق بولىدۇ؟






ئەمەلىيەتتە، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغان بىر ئىش، يەنى دېڭىز يۈزى ئېگىزلىكىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا ئەگىشىپ ئاتموسفېرا بېسىمىمۇ تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ، ئاتموسفېرا بېسىمى قانچە تۆۋەن بولغانسېرى، ھاۋانىڭ زىچلىقىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. زىچلىق تۆۋەنلىگەندىن ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە ئېنېرگىيەمۇ ئوخشاشلا تۆۋەن بولىدۇ.






مەسىلەن:  ئېگىز تاغلىق رايوندا قۇرۇق بوتۇلكا ئىچىدىكى ھاۋا ئاتموسفېرا

بېسىمىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبىدىن زىچلىقى تۆۋەنلەپ، كېڭىيىشكە باشلايدۇ، كېڭىيىش ئۈچۈن ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۆۋەن ئېنېرگىيەلىك ماددىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. ئەمما سىز شۇ قۇرۇق بوتۇلكىنى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تۆۋەن بولغان رايونغا ئېلىپ چۈشسىڭىز ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ يوقۇرىلىشىغا ئەگىشىپ ( بېسىم سەۋەبىدىن) كىچىكلەپ، ھاۋا بىر يەرگە يىغىلىشقا باشلايدۇ، ماس ھالدا زىچلىقىمۇ ئاشىدۇ.
























ئىللىق ھاۋانىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى مۇتلەق توغرا، ئىللىق ھاۋانىڭ تېمپېراتۇراسى،  ئەتراپىدىكى ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن يۇقىرى بولسىلا، ئىللىق ھاۋا ئىزچىل يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. چۈنكى ئىللىق ھاۋانىڭ زىچلىقى تۆۋەن بولغاچقا، لەيلىتىش كۈچى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بىراق يۇقىرىغا چىققانسېرى ئەتراپتىكى ھاۋا زىچلىقىنىڭ تۆۋەن بولۇش سەۋەبلىك ئىللىق ھاۋا ھەر تەرەپكە تارقىلىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ زىچلىقى تۆۋەنلەپ سوۋۇشقا باشلايدۇ. شۇڭا، گەرچە ئىللىق ھاۋا يۇقىرىغا ئۆرلىسىمۇ، لېكىن ئۇ دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر ئېگىز جايغا يۆتكەلگەندە ناھايىتى تېزلا سوۋۇپ كېتىدۇ.






مەن ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، قۇرۇقلۇق قۇياش ئېنېرگىيەسىنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك قوبۇل قىلىپ، ئىسسىقلىقنى يېقىن ئەتراپتىكى ھاۋاغا يۆتكەيدۇ دېگەن، ئەمدى شۇ گېپىمگە ئىگە بولمىسام بولمايدۇ، چۈنكى ئېگىز تاغلارمۇ يەرشارى يۈز قىسمىغا تەۋە تۇرسا، ئەجەبا ئېگىز تاغلار نېمىشقا ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىپ تارقاتمايدۇ ؟ ئېگىز تاغ نېمە ئۈچۈن يەنىلا ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ؟ دېيىشىڭلار مۇمكىن.






سىلەرنىڭ بۇ قارىشىڭلارمۇ توغرا، تاغ تىزمىسى ياكى ئېگىزلىك يۈزى سۈمۈرگەن قۇياش نۇرى شۇ جاينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرىدۇ، تاغنىڭ سىرتقى يۈزى قانچە كەڭ بولسا، ئىسسىقلىق ئېففېكتى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. لېكىن، ھاۋا ھامان يۆتكىلىپ تۇرىدۇ، تاغلار، ئېگىزلىكلەر (قۇياش تەرىپىدىن روشەن ئىسسىغان تەقدىردىمۇ) بۇ جايلار يەنە باشقا يۇقىرى بوشلۇقتىن كەلگەن سوغۇق ھاۋاغا ئۇچرايدۇ. يۇقىرى بوشلۇقتىن كەلگەن ھاۋانىڭ كۆپ قىسىمى ناھايىتى سوغۇق بولىدۇ.






چۈنكى ئۇلارنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىنى سۈمۈرۈشى ناھايىتى تەس، ئەمما يەر شارىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايلارنىڭ يۈزى نىسبەتەن تار، شۇڭا بۇ كىچىككىنە يۈز قىسمى ئېرىشكەن ئىسسىقلىق ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايدىكى ھاۋانى كەڭ كۆلەمدە قىزىتىش ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ.





ئۇنىڭدىن باشقا، ئېگىز جايلاردا ئاتموسفېرا بېسىمى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، ئېگىز تاغلارنىڭ ھاۋاسى، ئەسلىدىكى بىرقەدەر تۆۋەن دېڭىز يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئاندىن مەلۇم ئېگىزلىك ۋە تۆۋەن ئاتموسفېرا رايونىغا كەلگەندە تېز سۈرئەتتە كېڭىيىدۇ ۋە سوۋۇپ كېتىدۇ.






دائىم كۆرۈلىدىغان تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار، سىرتقا چىقىپ دۇنيانى بايقاش كېرەك، ھېچ بولمىغاندا ماۋۇ 7-، 8-ئايلارغا يۈز كېلىش ئۈچۈن، ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بولسىمۇ شەھەر ئەتراپىدىكى تاغلارغا چىقىپ كىرىش كېرەك. لېكىن تاغقا چىقىش ئۈچۈن بىرەر قۇر چاپاننى ھەمراھ ھ قىلىۋېلىڭ، كېچە قونىدىغان پىلان بولسا ئىككى قۇر كىيىمنى كۆپرەك كىيىۋېلىڭ، چۈنكى،  راستتىنلا قانچە ئېگىز بولسا شۇنچە سوغۇق بولىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز ھازىر دېگەن يازغۇ دەپ، كالتە ئىشتان بىلەن تاغقا چىقىپ بېقىڭ.


#bilimdan

No comments:

Post a Comment