Search This Blog

Wednesday, February 19, 2020

ئالما يانفونىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى

ئالما يانفونىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى



ئالما ماركىلىق يانفوننى ئىشلەتكەندە، بىز دائىم « تۈرمىدىن قاچۇرۇش » دېگەن ئاتالغۇنى ئاڭلايمىز ، ئاتالمىش  تۈرمىدىن قاچۇرۇش بولسا  ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالما تېلفۇنغا قارىتا ئوقۇش - يېزىش ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ، ئالما تېلفۇنىغا قارىتا ئەڭ ئالى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش مەشغۇلاتىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇئاندىرويىد يانفونىغا روت ئالغانغا  ئوخشاش ، ئالما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەشغۇلات قىلىش ھوقۇق دائىرىسىنىڭ بىر خىل يېشىلىشى بولۇپ، تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىنكى يان تېلېفون بىلەن تۈرمىدىن قاچمىغان ھالەتتىكى يان تېلفۇن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ .

تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى :
تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىنكى ئالما يان تېلېفونىنىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسى ۋە كېڭىيىشچانلىقى جەھەتتە تۈرمىدىن قاچمىغان ئالما يان تېلېفونىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ ، تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئارقىلىق ئالمىنىڭ ئىشلەتكۈچىگە بولغان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ.
سىستېما ھوقۇق دائىرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ ، سىستېمىنى ئۆزى ئەلالاشتۇرالايدۇ ، سىستېما ھۆججىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سىستېما ھوقۇقىغا ئىگە يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ ، مەسىلەن : باشقا ئۈسكۈنىلەر بىلەن كۆك چىش ئارقىلىق ھۆججەت يوللاش ، تېلفۇن نومۇرىنىڭ تەۋە جايىنى كۆرسىتىپ بېرىش ،ھۆججەت باشقۇرۇش ، تور كۆرگۈچ safari غا چۈشۈرۈش  قىستۇرما دېتالى قوشۇش  قاتارلىقلار  .
يېشىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتالنى قاچىلىغىلى بولىدۇ .
كۆرۈنمە يۈز ، سىنبەلگە ،قىسقا ئۇچۇر قوڭغۇرىقى قاتارلىقلارنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ .
ئۈچىنچى تەرەپ ھۆججەت باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ ئالما تېلفۇننى يۆتكىلىشچان قاتتىق دېسكا  ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ .
ئەلۋەتتە تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىنكى ئەۋزەللىك بۇ بىر قانچە تەرەپ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ ، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىكى بار .

لېكىن ھەممە ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ ، ئوخشاشلا تۈرمىدىن قېچىشنىڭ پايدىسى بار ئىكەن ، ئۇنداقتا مۇقەررەر ھالدا ئۇنىڭ كەمچىلىكىمۇ بولىدۇ . ئۇنداقتا ئالما تېلفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ قانداق يېتەرسىزلىكلىرى بار ؟

تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ يېتەرسىزلىكى :
تېلفۇننىڭ توكىنى خورىتىۋىتىدۇ، تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن كۆرۈنمە يۈز ، سىنبەلگىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق قىستۇرمىلارنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشقا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، نۇرغۇن قىستۇرما دېتاللار ئارقا سۇپىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا بولىدۇ ، شۇڭا يان تېلېفوننىڭ توك سەرپىياتى بىرقەدەر تېز بولىدۇ .
ئەگەر ئالمىنىڭ تۈرمىدىن قېچىشى مۇكەممەل بولمىغان بولسا ، ھەر قېتىم قايتا قوزغالغاندا كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتال ئارقىلىق قايتىدىن تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ ،  بۇ بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق .
سىستېمىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ، تۈرمىدىن قاچۇرغاندا ناھايىتى يۇقىرى سىستېما ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، سىستېمىنىڭ  ۋەيران بولۇش خەۋپىمۇ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، بۇ قائىدىنى كۆپچىلىك چۈشىنەلەيدىغانسىلەر ، سىز تېلفۇن سېستىمىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ ، لېكىن سىز ئۇنى مەڭگۈ توغرا ئۆزگەرتىشكە كاپالەتلىك قىلالمايسىز . شۇڭا سىستېما دەرىجىلىك يۇمشاق دېتال ئاز بولسىمۇ ساز بولسۇن ، ئىشلىتىلىش ئورنىنى چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا قالايمىقان قاچىلىماسلىق  كېرەك . بولمىسا تېلفۇنىڭىز ئاق ئالما (كىسەك) غا ئايلىنىپ قالسا تېلفۇنىڭىزنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەت رەسىم دېگەندەك نەرسىلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز .
ئالما تېلفۇننى  تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن رېمونتقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ . (تېلفۇنىڭىزنىڭ رېمونت كاپالەت مۇددىتىنىڭ ۋاقتى توشمىغان بولسىمۇ تۈرمىدىن قاچۇرسىڭىزلا ئالما تەرەپ تېلفۇنىڭىزغا ئىگە بولمايدۇ ) .
يان تېلېفون سېستىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇقىم نۇسخىسى چىققاندا ، ۋاقتىدا يېڭىلىغىلى بولمايدۇ . ھەر بىر يېڭى نۇسخىدىكى سېستىما ، ئالدىنقى نۇسخىدىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا بولىدىغان يوچۇقنى ئېتىپ  ، تۈرمىدىن قېچىشنى كۈچتىن قالدۇرىدۇ . شۇڭا ئەگەر تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىنكى ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشقا توغرا كەلسە ، يېڭى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە دېتاللىرى ئېلان قىلىنغاندا ، ئاندىن مۇناسىپ يان تېلېفون سېستىمىسىنى يېڭىلاشقا بولىدۇ .

تۈرمىدىن قاچۇرماسلىقنىڭ ئارتۇقچىلىقى :
توك تىجەيدۇ
سىستېما نىسبەتەن مۇقىم
AppStore دا چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتالنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك .
AppStore  دا چۈشۈرۈپ قاچىلانغان يۇمشاق دېتال ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن تېلفۇندا قالدۇق سىستېما ئەخلەت ھۆججىتى قالمايدۇ.

تۈرمىدىن قاچۇرماسلىقنىڭ يېتەرسىزلىكى :
يانفوننىڭ ھۆججىتىنى باشقۇرۇشقا بولمايدۇ .
كۆرۈنمە يۈز ، سىنبەلگە ، قىسقا ئۇچۇر قوڭغۇرىقى قاتارلىق سىستېما دەرىجىلىك يۇمشاق دېتاللار تۈرمىدىن قاچۇرمىسا ئەمەلگە ئاشمايدۇ .
سىستېما ھوقۇق دائىرىسى بەك تۆۋەن . مەسىلەن ، بىز سىستېمىدا ئۆزى ئېلىپ يۈرىدىغان دېتاللارنى  ئۆچۈرۈۋىتەلمەيمىز ، سىستېما ھۆججىتى ۋە تەڭشەككە تۈزىتىش كىرگۈزەلمەيمىز، خالىغان بىر دېتالغا مەخپى نومۇر ئورنىتالمايمىز ، كۆكچىش بىلەن ھۆججەت يوللىغىلى بولمايدۇ، ئاندروئىد تېلفۇنغا تېخىمۇ ئۇلىغىلى بولمايدۇ  . . . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالنىمۇ قاچىلاش تەس ، نېمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى ئەپ ئاچقۇچىلار AppStore دا ئەپنى بازارغا چىقارماقچى بولسا ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ چوقۇم ئالمىنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى كېرەك .
يىشىۋىتىلگەن ئەپلەرنى قاچىلاش تەس ، ئىشلىتىلىشچان ئەپلەردىن باشقا ئەپلەرنى ئاساسەن قاچىلىغىلى بولمايدۇ .
كۆرۈنمە يۈزنىڭ خاسلىقى ، سىنبەلگە ، قىسقا ئۇچۇر قوڭغۇرىقى قاتارلىق  پروگراممىلارنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ .

تۈرمىدىن قاچۇرۇش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرماسلىقنىڭ قانداق ئورتاقلىقى بار ؟
AppStore دا چۈشۈرگەن ھەقسىز ياكى سېتىۋالغان ھەق ئېلىش يۇمشاق دېتالىنى قاچىلىغىلى بولىدۇ ، ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ .
قاتتىق دېتالنى بۇزۇۋەتمەيدۇ ، تۈرمىدىن قاچۇرۇشمۇ يان تېلېفوندىكى ھەر قانداق قاتتىق دېتالنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ .

ئۇنداقتا ئالما تېلفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرۇش كېرەكمۇ ياقمۇ ؟
بىز يۇقىرىدا تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ شۇنچە كۆپ پايدىسى ۋە زىيىنى بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق ، ئۇنداقتا سىزدە بىر تال ئالما تېلفۇن بار بولغان ۋاقتىڭىزدا ئۇنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشىڭىز كېرەكمۇ - يوق ؟
بۇ مەسىلە توغرىلىق ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا ئوخشىمىغان جاۋاب بېرىش كېرەك ، ئەگەر سىز ئېلىكتىرون ئۈسكۈنىلىرىگە قىزىقسىڭىز ھەمدە بۇزۇپ قويسىڭىزمۇ بىر  ئامال قىلىپ ئوڭشىيالايدىغان  ئىقتىدارغا ئىگە بولسىڭىز ، تۈرمىدىن قاچۇرۇش سىزگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . ئەگەر سىز يانفونىڭىزنىڭ مۇقىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، يانفوننى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسىڭىز ،تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى  ئويلاشماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، يان تېلېفون تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىن ، رېمونت قىلىپ بېرىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالمايسىز ، يەنە كېلىپ نۇرغۇنلىغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىسىز . شۇڭا يانفونغا ئۇنچە چوڭ تەلىپىڭىز بولمسا ھەمدە ئالما تېلفۇنىنى بەك چۈشىنىپ كەتمىسىڭىز، مەن يەنىلا تېلفۇنىڭىزنى تۈرمىدىن قاچۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمايمەن .
#بىلىمدان-بىلىمزار بىلوگى
#bilmdan   #bilimzar 

No comments:

Post a Comment