Search This Blog

Friday, February 7, 2020

تورىڭىزنىڭ سۈرئىتى زادى قانچىلىك

تورىڭىزنىڭ سۈرئىتى زادى قانچىلىك .


Mbps نىڭ مەنىسى نېمە ؟
بۇ بولسا  Million bits per second    نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى، ئۆز تىلىمىزدىكى مەنىسى « مېگابىت ھەر سېكۇنت » بولۇپ ، بىر خىل توردا يوللاش بىرلىكى، ھەر سېكۇنتتا يەتكۈزۈلىدىغان بىت  سانىنى كۆرسىتىدۇ . ئادەتتە ئېيتىلدىغان ھۆججەتنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىدىكى مېگابايت    8Mbyte   نى كۆرسىتىدۇ. بايت(Byte) كومپيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسىساقلاش سىغىمىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا كومپيۇتېر پروگرامما تۈزۈش تىلىدىكى سانلىق مەلۇمات تىپى ۋە تىلنى ئىپادىلەيدۇ.
بىراق بىز چۈشىنىدىغان تورنىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئادەتتە MB/s  ،يەنى 1 سېكۇنتلۇق چۈشۈرۈش سۈرئىتى بولۇپ ، بۇ Mbps بىلەن ئوخشاش ئۇقۇم ئەمەس ، ئالماشتۇرۇپ ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ ، تۆۋەندە بىز ئالماشتۇرۇپ ھېسابلاش فورمۇلاسىنى  كۆرۈپ باقايلى .
Mbps زادى قانچە مېگابايت  
Mbps=Mbit/s يەنى مېگابىت ھەر  سېكۇنت ، يەنى  1000000bit/s .
bit  خانە ياكى بىتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىر خانە ئىككىلىك قىممەتنى قويساق  ، يەنى 0 ياكى 1 نى قويساق بۇ  ئەڭ كىچىك ساقلاش بىرلىكى بولىدۇ .
Byte بولسا بىتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، سەككىز دانە  ئىككىلىك سىستېمىدىكى سان بىر بايت ، يەنى  1Byte=8bit  , بۇ بولسا سانلىق مەلۇمات مىقدارىدىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىرلىك .
ئەسكەرتىش  : ھەرپنىڭ چوڭ - كىچىك يېزىلىشىدا پەرق بار  بولىدۇ ، كىچىك يېزىلىشى bit قا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، چوڭ يېزىلىشى بولسا Byte قا  ۋەكىللىك قىلىدۇ ، ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ؛ ئۇنىڭدىن باشقا Mbps نى قىسقارتىپي ېزىشتا M چوقۇم چوڭ يېزىلىشى ، bps بۇ ئۈچ ھەرپ چوقۇم كىچىك يېزىلىشى كېرەك .
Mbps  بىلەن MB/s نى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش :
1Byte8bit
1KByte=1024Byte
1MB=1024KByte
1MB/s=8Mbps
1Mbps = 1024Kbps = 1024/8KBps = 128KB/s
SOHO ئېچىۋەتكەن  5G تورىنىڭ چۈشۈرۈش  سۈرئىتى بولسا 1022Mbps ، 
يەنى  1022Mbps x 128KB/s ÷ 1024K = 127.75MB/s   بىلەن باراۋەر ، يەنى ھۆججەت چۈشۈرۈش سۈرئىتى ھەر سېكۇنتىغا 127.75مېگابايت MBبولىدۇ  ،  سىغىمى 500 مېگابايت كىلىدىغان كىنو چۈشۈرۈش ئۈچۈن پەقەت بەش سېكۇنت بولسىلا يېتەرلىك دېگەن گەپ ، مۇزىكا قاتارلىق باشقا كىچىك ھۆججەتلەر سېكۇنت ئىچىدە چۈشۈپ بولىدۇ .
تېخىمۇ ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا ، Mbps بىلەن    MB/s   ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بولسا ھەر سېكۇنتتىكى چۈشۈرۈش مېگابىت قىممىتىنى سەككىزگە بۆلىۋەتسەك ھەر سېكۇنتتىكى چۈشۈرۈش مېگابايت قىممىتىگە تەڭ بولىدۇ . فورمۇلاسى بولسا    Mbps÷8=MB/s .   

 ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم ، بۇلارنى ئوقۇغاندىكىن كىيىن Mbps قانچە بولسا 1 سېكۇنتا شۇنچە مېگابايت ھۆججەت چۈشۈرىدۇ دەيدىغان خاتا قاراشنى كاللىڭىزدىن چىقىرېتىڭ . سەككىزگە بۆلىۋەتكەندىكى نەتىجە بولسا بىز دائىم دەيدىغان چۈشۈرۈش سۈرئىتى بولىدۇ . ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئۆيىمىزدىكى كەڭ بەلۋاغ تورىنىڭ سۈرئىتىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ھېساپلىساق بولىدۇ ، مەسىلەن ئۆيىمىزدىكى تور 50 مېگالىق ياكى 100مېگالىق دەيمىز ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىرلىكىمۇ ئوخشاشلا Mbps . ئايلاندۇرۇپ ھېساپلاش ئۈچۈن سەككىزگە بۆلىمىز ، مەسىلەن 50 مېگالىق تور بولسا باياقى فورمۇلا بويىچە ھېساپلىساق ھەرسېكۇنتتىكى چۈشۈرۈش سۈرئىتى 6.25MB/s بولىدۇ . ئەلۋەتتە   50 مېگابايت بولىشى مۇمكىن ئەمەس ، سانلىق قىممەتتە  نۇرغۇن پەرق بار  .
(ئۈستىدىكىسى پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىكى تور سۈرئىتى ، ئەمەلىيەتتە تور سۈرئىتى بۇنىڭدىن ئاستا بولىدۇ ، چۈنكى مۇلازىمېتىر يىراق جايدا ، ئۇچۇرسانلىق مەلۇماتنى قوبۇل قىلىشىمىز ئۈچۈن ۋاقىت كىتىدۇ

#bimimdan   #bilimzar   

No comments:

Post a Comment