ئوتتۇرا ئاسىياغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر ئالىم ، ئەلىشىر نەۋائىي ھېكمەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
ئىلىمسىز مىللەت نادان قالىدۇ ، ئىلىمگە تىرىشقان مىللەتتىن دۇنياۋى ئالىملار يېتىشىپ چىقىدۇ.
— ئەلىشىر نەۋائىي
ھەقىقىي ئاشىق شۇنداق بولۇدۇكى ، ئۇنىڭ كۆڭلى يار ئىشقىدا دەرتلىك بولسىمۇ ، ئەمما دىلى ، تىلى ۋە كۆزى يارىغىلا باغلانغان بولىدۇ . ئەڭ يۈكسەك ئىشىق دېگەن ئەنە شۇ!
— ئەلىشىر نەۋائىي
قايسى بىر كۆڭۈلنى ئىشىق ئوتى ماكان قىلسا ، شۇ ئوت ئۇ كۆڭۈلنى تاۋلاپ ، گۆھەر كېنىغا ئايلاندۇرىدۇ.
— ئەلىشىر نەۋائىي
بىلمىگەن يولغا كىرگەن كىشى مەقسىتىگە يىتەلمەيدۇ.
— ئەلىشىر نەۋائىي
ئالتۇن قەپەس قىزىل گۈللەر بىلەن بېزەپ قويۇلغان بولسىمۇ ، بۇلبۇلغا تىكەنچىلىك ماكان بولالمايدۇ .
— ئەلىشىر نەۋائىي
تەنھا ئادەم دەردىگە داۋا تاپالماس.
ئەلگە قوشۇلغان دوست تاپار،
— ئەلىشىر نەۋائىي
گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بۇلبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .
— ئەلىشىر نەۋائىي
سەۋر-تاقەت تۈگىمەس خەزىنە بولسا ، قانائەتلىك كىشى شۇ خەزىنىدىكى بىباھا ئالماستۇر.
— ئەلىشىر نەۋائىي
بىشىڭغا پەلەكتىن تاش ياغسىمۇ ، ئەل خىزمىتىدىن باش تارتما . ئۇ تاشلار بىلەن بىشىڭ يىرىلىپ ، تاتۇق بولۇپ قالسا ، ئۇ بەخىتنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.
— ئەلىشىر نەۋائىي
ئالىم ئەگەر مەنسەپ ئۈچۈن ئۆزىنى خار قىلىدىغان بولسا ، بىلىمى نادانلىقنىڭ ئۆزىدۇر.
— ئەلىشىر نەۋائىي
قەغەزگە مۆھۈر باسقان كىشى قانداق شەكىلدە باسقان بولسا ، مۆھۈر قەغەزدىمۇ شۇ يۈسۈندا كۆرىنىدۇ .
— ئەلىشىر نەۋائىي
چىۋىن يۈز يىل ئۆمۈر كۆرگەن بىلەن پىل تارتقان يۈكنى تارتالمايدۇ.
— ئەلىشىر نەۋائىي
ئەجەلگە پارا بىرىپمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ ، ئەجەلنىڭ تىغى ئاخىرى ئۆزىنىڭ جاللاتلىقىنى قىلىدۇ.
— ئەلىشىر نەۋائىي
ئاق كۆڭۈل ، پاك بولغانلار ئادەمنىڭ ياخشىراقىدۇر ، توغرىنى سۆزلەشتىن قورۇقمايدىغان ، ئۆزى پاك ۋە كۆزى پاك كىشىلەرلا « ئىنسان » دېگەن نامغا لايىقتۇر .
— ئەلىشىر نەۋائىي
يا ياخشى بول ، يا يامان . ئىككىلىسى بولىمەن دېگەن ھامان يامان . يامان بىلەن ياخشى ئارىسىدا كۆپ پەرق باردۇر ، ئىككى كېمىنىڭ ئۇچىنى تۇتقان غەرقتۇر.
— ئەلىشىر نەۋائىي
قىلىقى سەتنىڭ خۇيى يامان بولىدۇ ، ئاچچىقى ياماننىڭ قاپىقى سەت بولىدۇ ، قاپىقى يامان ، قىلىقى سەت قەيەرگە بارسا ، بىر بالاغا گىرىپتاردۇر ، ھەمىشە ئۇنىڭ دۈشمىنى غالىب ، ئۆزى مەغلۇپ بولۇپ تۇرىدۇ ، دۈشمىنى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ ، ئۇنىڭغا غەزىپىنى ئاشۇرۇپ تۇرىدۇ .
— ئەلىشىر نەۋائىي
ئەگەر مەن چىن ئىنسان ئىكەنمەن ، ماڭا شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە،
— ئەلىشىر نەۋائىي
ئۆزۈڭگە لايىق كۆرمىگەننى خەلققىمۇ راۋا كۆرمە.
— ئەلىشىر نەۋائىي
ئەگەر سەن ئادەم بولىدىغان بولساڭ ، خەلقنىڭ غېمىنى يېمىگەن كىشىلەرنى ئادەم دەپ ھېسابلىما.
— ئەلىشىر نەۋائىي
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment