كۆز قارىچۇقىغا قاراپ كۆڭلىدىكىنى بىلىش
دائىم كىنولاردا ساقچىلارنىڭ جىنايەتچىلەرنىڭ گەپ-سۆزى، ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ ئۇنىڭ راست ياكى يالغان گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئايرىيالايدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ گەپ قىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى كۆز قارىچۇقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى ياكى راست گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بېلەلەيمىز.
كۆز قارىچۇقى سول ئۈستى تەرەپكە قاراش: بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەش
ئەگەر بىرسى سىزدىن تۈنۈگۈن كەچتە نېمە يېدىڭىز دەپ سورىسا سىزنىڭ كۆز قارىچۇقىڭىز تۈنۈگۈن نېمە يېگەنلىكىڭىزنى ئويلاش جەريانىدا سول ئۈستى تەرەپكە يۆتكىلىدۇ.
كۆز قارىچۇغى ئوڭ ئۈستى تەرەپكە قاراش: خىيال قىلىش، يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئويلاش
ئەگەر بىرسى سىزدىن راتارىيەدىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشسىڭىز پۇلنى قايسى جايلارغا ئىشلىتىسىز دەپ سورىسا، سىز بۇنى خىيال قىلىۋاتقان ۋاقىتتا سىزنىڭ كۆز قارىچۇغىڭىز ئوڭ ئۈستى تەرەپكە قارايدۇ.
كۆز قارىچۇغى سول تەرەپكە قاراش: بۇرۇن ئاڭلاپ بولغان ئاۋازلارنى ئەسلەش
سىز بۇرۇنقى بىر مۇزىكىنى ئەسلەۋاتقان ۋاقىتتا سىزنىڭ كۆز قارىچۇغىڭىز تەبىئىيلا سول تەرەپكە قارايدۇ.
كۆز قارىچۇغى ئوڭ تەرەپكە قاراش: يېڭى ئاۋازلارنى تەسەۋۇر قىلىش
ئەگەر سىز يېڭى ناخشا يېزىۋاتقان، كاللىڭىزدا نۇتۇق سۆزلەيدىغان مەزمۇننى ئويلاۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كۆز قارىچۇغىڭىز ئوڭ تەرەپكە قارايدۇ.
كۆز قارىچۇغى سول ئاستى تەرەپكە قاراش: ئۆز-ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقان بولىدۇ
سىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز گەپ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، تەپەككۇر يۈزگىزىۋاتقان ۋاقىتتا قارىچۇغىڭىز تەبىئىيلا سول ئاستى تەرەپكە قارايدۇ.
كۆز قارىچۇغى ئوڭ ئاستى تەرەپكە قاراش: كەيپىياتنى ھېس قىلىۋاتقان ۋاقىت
سىز بىرەسى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتلىرىڭىزنى ئويلاۋاتقان ۋاقىتتا كۆز قارىچۇغىڭىز تەبىئىيلا ئوڭ ئاستى تەرەپكە قارايدۇ.
ئادەتتە يۇقاردىكى ئىپادىلەرنى ئىشلىتىپ قارشى تەرەپنىڭ يالغان ئېيتقان-ئېيتمىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، مەسىلەن سىز :«تۆنۈگۈن كەچتە نەگە باردىڭىز؟» دەپ سورىسىڭىز، ئۇنىڭ كۆز قارىچۇغى سول ئۈستى تەرەپكە (بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلاش، ئەسكە ئېلىش) قارىماي، ئەكسىچە ئوڭ ئۈستى تەرەپكە (يېڭى ئىشلارنى تەپەككۇر قىلىش) قارىسا، دېمەك ئۇ يالغان ئېيتىۋاتقان بولىدۇ.
لېكىن دەپ قويۇشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، كۆز قارىچۇغى ئارقىلىق كۆڭلىدىكىنى بىلىش ئۇسۇلى پەقەت ئوڭ خاي ئادەملەرگىلا ماس كېلىدۇ، ئەگەر سىز سىناۋاتقان ئادەم سول خاي بولسا ئۇنداقتا ئوڭ-سول تەرەپنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز ئاندىن توغرا بولىدۇ.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment