ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش
تۇرمۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەيۈسلىنىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، ئۆگىنىش، خىزمەت داۋامىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ۋاقىتتا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىگىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلەلەيسىز.
ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئەينەككە قاراش
ئەتتىگەندە ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزنى تۈزەشتۈرۈڭ، چوقۇم ئەڭ ياخشى ھالىتىڭىزدە ئىشىكتىن چىقىڭ، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزنى تۈزەشتۈرۈڭ، پاكىزە ھالىتىڭىزنى ساقلاڭ، كەچتە يۈزىڭىزنى يۇيۇشتىن بۇرۇن ئەينەككە يەنە بىر قېتىم قاراڭ، ئۆزىڭىزنىڭ تاشقى قىياپىتىگە بولغان كېرەكسىز ئەندىشىلەرنى قىلماڭ، بۇنداق قىلغاندا دىققىتىڭىزنى تېخىمۇ باشقا مۇھىم ئىشلارغا قارىتالايسىز.
دائىم ئۆزىڭىزدىكى كەمچىلىكلەرنى ئويلاپلا يۈرمەڭ
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا كەمچىلىكلىرى بولىدۇ، بۇ دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق، ئۆزىڭىزىدىكى كەمكۈتۈك جايلارنى دائىم ئويلاپ يۈرمەڭ، ئەمەلىيەتتە باشقىلار سىزنىڭ كەمچىلىكىڭىزگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، سىز ئۇنى ئاز ئويلاڭ، بولسا ئويلىماڭ، شۇندىلا ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرالايسىز.
سىز كۆرۈنەرلىك دەپ قارىغان ئىشقا باشقىلارنىڭ دىققەت قىلىشى ناتايىن
سىز كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە قۇلاقلىرىڭىز قىزىرىپ كەتكەن بولسا، سىز بەلكىم تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشى ناتايىن.
باشقىلارنى زىيادە ئەيىپلىمەڭ
ئەگەر سىز دائىم باشقىلارنى ئەيىپلەپ يۈرسىڭىز بۇ ھالەت بەلكىم ئادىتىڭىزگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنداق ناچار ئادەتنى ئاستا-ئاستا تۈگىتىڭ، دائىم باشقىلارنى ئەيىپلەش دەل ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكنىڭ ئىپادىسى.
كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاڭلىغۇچىنى ياخشى كۆرىدۇ
باشقىلار گەپ قىلغاندا گەپ قىستۇرۇپ دانىشمەن ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاشقا ئالدىرىماڭ، سىز ئەستايىدىل ئاڭلىسىڭىزلا بولدى، شۇنداقتىمۇ باشقىلار سىزنى چوقۇم ياخشى كۆرىدۇ.
بىلىمىسىڭىزمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ
بىلمەيدىغان نەرسىلىرىڭىزنى بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ، بولمىسا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىسىز، بىلگەننى بىلىمەن، بىلمىگەننى بىلمەيمەن دېيىش ياخشى پەزىلەت.
باشقىلارغا زىيادە ئېسىلىۋالماڭ
باشقىلارنىڭ سىز بىلەن كارى بولمىغاندا ئۇ ماڭا ئۆچ ئوخشايدۇ دەپ ئويلىۋالماڭ، باشقىلار سىزگە ئۆچلۈك قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى سۈكۈتنى تاللاڭ، شۇندىلا باشقىلارنىڭ يامان نىيىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىمايسىز.
ناچار مۇھىتتا تۇرۇشتىن ساقلىنىش
ئۆزىڭىزگە پايدىسىز بولغان مۇھىتتا تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ، سىز ناچار مۇھىتتا تۇرغاندا باشقىلار سىزگە ئىچ ئاغرىتىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ سىزدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ سىزنى كەمستىىدۇ.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment