ئېينىشتىيىننىڭ پەرىزى ئىسپاتلاندى
سۈرەتتىكىسى قوش يۇلتۇز سىستېمىسى
PSR J1141- 6545
ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز ئايلىنىۋاتقان ئاق
پەتەك يۇلتۇز پەيدا قىلغان پايدىلىنىش سىستېمىسى سۆرەش ھادىسىسىنىڭ ئۇقۇم رەسىمى
بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ۋاقىت ـ بوشلۇقنىڭ بىر ئۆلۈك تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىش ئۇسۇلى ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك مۆلچەرىنى دەلىللىگەن.
ئېينشتېين ئىلگىرى "پايدىلىنىش سىستېمىسىنىڭ سۆرىشى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھادىسىنى ئالدىن ھۆكۈم قىلغان، يەنى ۋاقىت بوشلۇق بولسا ئۈزلۈكسىز ئايلىنىۋاتقان چوڭ ماسسىلىق جىسىمنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، دەپ قارىغان.خۇددى يەر شارىنى ھەسەلگە چىلىغاندا يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەتراپتىكى ھەسەللەرمۇ يەرشارىغا ئەگىشىپ ئايلانغاندەك.
سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئىشلەنگەن تەجرىبىدە يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان تارتىش كۈچى مەيدانىدا "پايدىلىنىش سىستېمىسىنىڭ سۆرىشى" ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ چىقتى، لېكىن بۇ خىل ئېففېكت ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئۆلچەش ناھايىتى تەس.ئاق پەتەك يۇلتۇز ۋە نېيترون يۇلتۇز قاتارلىق ماسسىسى تېخىمۇ چوڭ، تارتىش كۈچى مەيدانى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەتراپىدا، بۇ خىل ھادىسىنى كۆزىتىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولۇشى كېرەك.
ئالىملار نىشاننى
PSR J1141- 6545،
غا قارىتىپ، ماسسىسى تەخمىنەن قۇياشنىڭكى1.27 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان ياش ئىمپۇلس يۇلتۇزىغا قاراتتى.
ئۇ چىۋىن يۇلتۇز تۈركۈمىگە جايلاشقان بولۇپ، داڭلىق جەنۇبىي كرېست يۇلتۇز تۈركۈمىگە يېقىن، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 10 مىڭدىن 25 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ.
ئىمپۇلس يۇلتۇزى بىر خىل تېز ئايلىنىدىغان نېيترون يۇلتۇز بولۇپ، ماگنىت قۇتۇپى يۆنىلىشىنى بويلاپ سىرتقا ئېلېكتىر دولقۇنى تارقىتىدۇ.( نېيتىرون يۇلتۇزى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشى قاتارلىق كۈچلۈك تەسىرى ئىچىدە ئۆلگەندىن كېيىن قېپقالغان قالدۇق سۆڭىكى بولۇپ، ئۇنىڭ تارتىش كۈچى ئىنتايىن زور،يىتەرلىك دەرىجىدىكى پروتون بىلەن ئېلېكتىروننى بىر يەرگە قىستاپ، نېيتىرون ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. )
ئىمپۇلس يۇلتۇز
PSR J1141- 6545
ماسسىسى قۇياش بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ئاق پەتەك يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ.ئاق پەتەك يۇلتۇز ئوتتۇرا ھەجىمدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ ئۆلگەندىن كېيىن قالدۇرغان ئىچكى يادرو قىسمى بولۇپ، زىچلىقى ئىنتايىن چوڭ، ھەجىمى يەر شارى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ.
بىزنىڭ قۇياشىمىزمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ، سامانيولى سىستېمىسىدىكى 90% تىن ئارتۇق تۇرغۇن يۇلتۇزمۇ شۇنداق بولىدۇ.
بۇ ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭ ئاق پەتەك يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان ئوربىتىسى ئىنتايىن قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايلىنىش سۈرئىتى سائىتىگە 1 مىليون كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بەش سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا بىر قېتىم ئايلىنىپ بولىدۇ.ئوربىتىنىڭ ئاق پەتەك يۇلتۇز بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، ئارىلىقى ئەڭ چوڭ يېرى قۇياش دىيامېتىرىدىن سەل چوڭراق.
ئۆتكەن 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، تەتقىقاتچىلار ئىزچىل ئاۋسترالىيەنىڭ پاكىس رەسەتخانىسى ۋە
UTMOST
رادىئو تېلېسكوپىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئىمپۇلس يۇلتۇزى چىقارغان ئىمپۇلسنىڭ يەر شارىغا يېتىپ بېرىش ۋاقتىنى ئۆلچەپ چىققان بولۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسى 100 مىكرو سېكۇنت ئىچىدە ئىكەن.ئۇلار بۇ ئارقىلىق بۇ ئىمپۇلس يۇلتۇزى بىلەن ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ بىر ـ بىرىنى چۆرىدەپ ئايلىنىش ئۇسۇلىدا ئۇزۇن مۇددەت ئېغىش يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىدى.
باشقا مۇمكىنچىلىك سەۋەبلىرىنى چىقىرىپ
تاشلىغاندىن كېيىن، ئالىملار خۇلاسىلەپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ھادىسىنى پايدىلىنىش سىستېمىسىنىڭ سۆرەش ئېففېكتى كەلتۈرۈپ چىقارغان: تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان ئاق پەتەك يۇلتۇز ۋاقىت ـ بوشلۇقتا سۆرەش رولىنى پەيدا قىلىپ، پۇلسار ئوربىتىسىنىڭ يۆنىلىشىدە ئاستا ـ ئاستا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان.پايدىلىنىش سىستېمىسىنىڭ سۆرەش دەرىجىسىگە ئاساسەن، تەتقىقاتچىلار بۇ ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ سائىتىگە ئوق سىزىقىنى چۆرىدەپ 30 قېتىم ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ شەكىللىنىش ۋاقتى ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭكىدىن بالدۇر ئىكەن.بۇ نەزەرىيە مودېلىنىڭ مۆلچەرىچە، ئىمپۇلس يۇلتۇزىنى شەكىللەندۈرگەن شۇ قېتىمقى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلاشتىن بۇرۇن، بۇ ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭ ئالدىنقى گەۋدىسى تەخمىنەن 160 مىليون يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئاق پەتەك يۇلتۇزغا يەر شارىغا ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى 20 مىڭ ماددىنى تۆكۈپ، ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن.
PSR J1141- 6545
سىستېمىسى ئىچىدە، ئىمپۇلس يۇلتۇزى ئاق پەتەك يۇلتۇزدىن ياش بولۇپ، بۇنداق سىستېما خېلى ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ قېتىمقى يېڭى تەتقىقات تەخمىنەن 20 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ خىلدىكى قوش يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدىكى قىياسنى ئىسپاتلاندى.
تەتقىقاتچىلار پايدىلىنىش سىستېمىسىنىڭ سۆرەش ھادىسىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشۇ ئۈزلۈكسىز ئايلىنىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەنگەن.
كەلگۈسىدە ئۇلار يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ قوش نېيترون يۇلتۇز سىستېمىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنەلەيدۇ. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بىز قوش نېيترون يۇلتۇزى سىستېمىسىنى كۆزەتكىلى 50 نەچچە يىل بولدى، لېكىن تەكشۈرۈشنىڭ يەنىلا باش ـ ئايىغى يوق، نېيترون يۇلتۇزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماددىلارنىڭ زىچلىقى تەجرىبىخانىدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان زىچلىقتىن خېلىلا يۇقىرى، شۇڭا ئەگەر بۇ تېخنىكىنى قوش نېيترون يۇلتۇزى سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلەتسەك، بىز چوقۇم نۇرغۇن يېپيېڭى فىزىكىلىق بىلىملەرنى ئۆگىنەلەيمىز.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment