بىر كۈنى يۇنانلىق ماتېماتىك پىفاگور بىر تۆمۈرچىنىڭ دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بازغان-بولقىلارنىڭ تۆمۈرگە ئۇرۇلغاندىكى رېتىملىق تەڭكەش ئاۋاز دىققىتىنى تارتىپتۇ ۋە بازغان-بولقىلار ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، بۇنىڭدا بىر ئاددىي پۈتۈن سانلىق نىسبەت مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىپتۇ، ئەگەر نىسبەت مۇناسىۋىتى بۇزۇلسا ئاۋازمۇ شاۋقۇنلۇق چىقىدىكەن.
پىفاگور بۇ يەكۈننى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، خىلمۇ-خىل چالغۇ ئەسۋابلاردا سىنىغاندىن سىرت، سەييارىلەرنىڭ ھەركىتىگىمۇ تەدبىقلاپ بېقىپتۇ. ئاخىرىدا ئۇ يەكۈنلەپ، دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەرنى مۇشۇ خىل پۈتۈن سانلىق نىسبەت ئارقىلىق شەرھىيلەشكە بولىدىكەن دەپ قاراپتۇ.
سان بىلەن مۇزىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەينى زاماندا بۇ يەكۈننى كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىپ، كېيىنچە ئاددىي ساۋاتقا ئايلىنىپتۇ.
كىيىنچە پىفاگورنىڭ شاگىرتى ھىپپاپۇس بۇ مەشھۇر نەتىجىنى تەتقىق قىلغاندا، كۋادىراتنىڭ دىياگونالى بىلەن تەرەپ ئۇزۇنلىقىنىڭ پۈتۈن بۆلىنىش ئۆلچەمگە چۈشمەستىن، 2√ بولدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئەمما ھىپپاپۇس بۇ مۇھىم بايقىشىنى جاكارلىغاندا پېفاگور تەلىماتى تەرەپدارلىرى ئۇنى دېڭىزغا تاشلاپتۇ.
دىياگونال بىلەن تەرەپ ئۇزۇنلىق
خۇلاسە: ھىپپاپۇستىن كىيىن، 2√گە ئوخشاش بۇ خىل سانلارنى «نىسبەتلەشتۈرگىلى بولمايدىغان» دېگەن مەنىدە «ئىرراتسىيونال سان» دەپ ئاتالغان.
2√ نىڭ بايقىلىشى ماتېماتىكا ساھەسىدە زور قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان، تارىختا بۇ «تۇنجى ماتېماتىكا كىرزىسى» دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كىيىن گىئومىتىرىيە تەدرىجىي باش كۆتۈرگەن.
Pythagoras پىڧاگور
No comments:
Post a Comment