Search This Blog

Sunday, January 10, 2021

قەغەزنىڭ پىرىنسىپى A4

قەغەزنىڭ پىرىنسىپى A4





 A4 قەغەزنىڭ رەزمىرى خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم (216 ISO) بويىچە لايىھەلەنگەن. يەنى ئۇزۇنلۇقى 297 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 210 مىللىمېتىر، ۋە  ياكى ئۇزۇنلۇقى 11.7 ئىنگىلىز سۇڭى، كەڭلىكى 8.7 ئىنگىلىز سۇڭى. بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى پۈتۈن سان ئەمەس. نېمىشقا پۈتۈن سان قىلىپ مەشغۇلاتنى ئاسانلاشتۇرمايدۇ؟


تىپلىق يۈرۈشلۈك قەغەرلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىك ئۆلچىمى 


A0 قەغەزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1189 مېللىمېتىر، 841 مىللىمېتىر. بۇ قەغەزنىڭ يۈزىنى ھىسابلىساق دەل بىر كىۋادرات مېتىر بولىدۇ. 

A يۈرۈشلۈك قەغەزلەرنىڭ چوڭىنى ئوتتۇرىدىن قاتلانغاندا ئۆزىدىن بىر ھەسسە كىچىك قەغەزگە تەڭ بولىدۇ، مەسىلەن: A0نى ئوتتۇرىدىن قاتلىغاندا A1گە، A1نى ئوتتۇرىدىن قاتلىغاندا A2، A2نى ئوتتۇرىدىن قاتلىغاندا A3كە، A3نى ئوتتۇرىدىن قاتلىغاندا A4كە، مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئەڭ ئاخىرىدا A8 چوڭلۇقتىكى قەغەز بولىدۇ. 

ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك نىسبىتىنى ھىسابلىغاندا تەخمىنەن 1.414 بولىدۇ، ئۇزۇن تەرپىنىڭ ئوتتۇرسىدىن قاتلانسىمۇ بۇ نىسبەت «ئىرسىيەت» قالىدۇ.  يەنى ئۇزۇنلۇق-كەڭلىك نىسبىتى 2:1√ گە ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ. 

بۇ پىرىنسپ بويىچە ئىشلەپچىقارغاندا ئېشىندى قەغەز پارچىلىرى قالمايدۇ، تەكرار ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تۆۋەنلەپ، ئۈنۈم يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.


bilimdan-bilimzar 


No comments:

Post a Comment