رادىئاتسىيە چوقۇم ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقمۇ؟
رادىئاتسىيە تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ھەر خىل نۇر تارقىتىدىغان ماددىلار پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، قۇياشنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىئاتسىيىسى، يانفون، كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى رادىئاتسىيە قاتارلىقلار. رادىئاتسىيەنىڭ ھەممىسى ئادەمگە زىيانلىق دەپ ئويلايدىغانلارمۇ بار.
رادىئاتسىيە دېگەن نېمە؟ رادىئاتسىيەنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقمۇ؟
ۋىكى قامۇسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، رادىئاتسىيە ( Radiation) بوشلۇق ياكى ماتېرىيال مۇھىتىدا دولقۇن ياكى زەررىچە شەكلىدە ئېنېرگىيە تارقىتىش ياكى يەتكۈزۈش جەريانىدۇر.
بۇ چۈشەندۈرۈشتىن بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، رادىئاتسىيە ئېنېرگىيە تارقىتىش ياكى يەتكۈزۈش جەريانى بولۇپ، بۇ جەريان دولقۇن شەكلىدە ( مەسىلەن: نۇر، ئاۋاز، سىمسىز ئېلېكتىر دولقۇنى قاتارلىقلار ) بولۇشى مۇمكىن، زەررىچىنىڭ شەكلىدە ( مەسىلەن: نېيترون رادىئاتسىيەسى ) بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بىز رادىئاتسىيەگە تولغان دۇنيادا ياشايمىز؛ نۇر، ئىسسىقلىق، سىمسىز ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى، رادىئو دولقۇنى... ھەممىسى رادىئاتسىيە شەكىلىدە تارقىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، رادىئاتسىيەنىڭ شەكلى تۆۋەندىكى تۆت خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى رادىئاتسىيەسى.
مەسىلەن: سىمسىز ئېلېكتىر دولقۇنى، مىكرو دولقۇن، ئىنفرا قىزىل نۇر، كۆرگىلى بولىدىغان نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇر، X نۇرى، گامما نۇرى قاتارلىقلار، بۇلار قۇياش ياكى ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلاردىن كېلىدۇ.
(2) زەررىچە رادىئاتسىيىسى.
مەسىلەن: نېيترون رادىئاتسىيەسى ۋە باشقا تۇرغۇن ئېنېرگىيەدە نۆل بولمىغان زەررىچە رادىئاتسىيەسى.
(3) ئاۋاز رادىئاتسىيىسى.
مەسىلەن: ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، ئاۋاز دولقۇنى، يەر تەۋرەش دولقۇنى قاتارلىقلارمۇ بىر خىل رادىئاتسىيە ھېسابلىنىدۇ.
(4) تارتىش كۈچى رادىئاتسىيەسى.
تارتىش كۈچى رادىئاتسىيەسى تارتىش كۈچى دولقۇنى شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ ۋاقىت ـ بوشلۇق ئەگرىلىكىنىڭ دولقۇنى ھېسابلىنىدۇ.
تۇرمۇشتا، ئەمەلىيەتتە بىز ئۇچراشقان رادىئاتسىيەنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغىنى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى رادىئاتسىيەسى بولۇپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
بۇ نۇقتىدا، ئەمەلىيەتتە رادىئاتسىيەنىڭ يەنە بىر خىل ئايرىش ئۇسۇلى بار، يەنى رادىئاتسىيەنى ئىئونلىنىش رادىئاتسىيەسى ۋە ئىئونسىز رادىئاتسىيە دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.
بىز ئاتومنىڭ ئاتوم يادروسى بىلەن ئېلىكتروندىن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلىمىز، ئاتوم ياكى ئاتوم توپى ئېلىكتروننى يوقاتقان ياكى ئۇنىڭغا ئېرىشكەن چاغدا، ئاتوم شۇ ئارقىلىق ئىئونغا ئايلىنىدۇ.
بۇ يەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر رادىئاتسىيەنىڭ ئېنېرگىيىسى ئاتومدىكى ئېلېكتروننى ئاجرىتىشقا يېتەرلىك بولسا، ئۇ ھالدا ئاتوم ئىئونلىنىپ، ئىئونغا ئايلىنىدۇ.
بۇ ئېنېرگىيە قىممىتى ئادەتتە 10 ئېلېكتىرون ۋولت (بىر ئېلېكتىرون ۋولت بىر ئېلېكتروننىڭ بىر ۋولتلۇق ئېلېكتىر بېسىمىنى تېزلەتكەندىن كېيىن ئېرىشكەن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ) دىن كىچىك بولىدۇ، شۇڭا رادىئاتسىيە ئېنېرگىيەسى 10 دانە ئېلېكتىرون ۋولت (10eV) تىن يۇقىرى بولغان رادىئاتسىيە ئىئونلىنىش رادىئاتسىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىئونلىنىش رادىئاتسىيەسىنىڭ مۇھىملىقى شۇ يەردىكى، ئادەم بەدىنى ئاتومدىن تۈزۈلگەن بولغاچقا، ھۈجەيرىدىكى DNA مۇ ئاتومدىن تۈزۈلگەن، ئەگەر DNA دىكى ئاتومدا ئىئونلىنىش يۈز بەرسە، ئۇنداقتا گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
ھەمدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۇنىڭ ئۇچرىغان ئىئونلىنىش رادىئاتسىيەسىنىڭ مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىئونلىنىش رادىئاتسىيەسى بىلەن قانچە كۆپ ئۇچراشسا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنىدىكى ئوخشاش بولمىغان توقۇلما ئەزالارنىڭ ئوخشاش بىر رادىئاتسىيەگە بولغان سەزگۈرلۈكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئوخشاش بىر خىل رادىئاتسىيەگە نىسبەتەن، يىلىككە قارىغاندا تېرىنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇشى تېخىمۇ ئاسان يۈز بېرىشى مۇمكىن.
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغان ئىئونلىشىش رادىئاتسىيەسى ئاساسلىقى قۇياشتىن كەلگەن ئۇلترا بىنەپشە نۇر ۋە دوختۇرخانىدا تەكشۈرگەن چاغدىكى X نۇردىن ئىبارەت. لېكىن، ئەمەلىيەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇچىرايدىغان بۇ ئىككى خىل رادىئاتسىيەنىڭ مىقدارى بىرقەدەر ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئادەم بەدىنىنىڭ راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتەلمەيدۇ.
ئىيونلىنىش رادىئاتسىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، بىز تۇرمۇشتا ئۇچرىغان كۆپ قىسىم رادىئاتسىيە ئىئونسىز رادىئاتسىيە، مەسىلەن، ئىنفرا قىزىل نۇر، كۆرۈنىدىغان نۇر (يانفون، كومپيۇتېر ئېكرانى تارقاتقان نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، رادىيو دولقۇنى (مەسىلەن، wifi) ۋە مىكرو دولقۇن قاتارلىقلار.
ئىئونسىز رادىئاتسىيەسىگە نىسبەتەن، ئۇنىڭ رادىئاتسىيە ئېنېرگىيەسى ئاتوم ياكى مولېكۇلالارنى ئىئونلاشقا يەتمەيدۇ، پەقەت ئۇلاردا ئايلانما، تەۋرىنىش ياكى باشقا غەيرىي ئىئونلىشىش ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ئىيونلىشىش رادىياتسىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى ئەمەس، باشقىچە ئېيتقاندا، ئىئونسىز رادىئاتسىيە گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
بىز قىشتا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئىللىقلىق ھېس قىلغان ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىنفرا قىزىل نۇر رول ئوينايدۇ.
گەرچە ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى ئىئونسىز رادىئاتسىيە دەرىجىسىگە تەۋە بولسىمۇ ھەمدە ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن كۆرۈنەرلىك كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا، ئۇ ئاتوم، مولېكۇلىلارنىڭ ئىچكى قىسمىنى تېشىپ ئۆتەلمەي، پەقەت ئاتوم، مولېكۇلىلارنىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتەلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاتوم، مولېكۇلالارنىڭ تەۋرىنىشى تېزلىشىپ، تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدۇ.
مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ئىنفرا قىزىل نۇرى جىسىمنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغانلىقىنىڭ ھەمدە ئادەمگە ئىسسىقلىق بىردىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ( مىكرو دولقۇننىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئىنفرا قىزىل نۇرىدىنمۇ ئۇزۇن، شۇڭا ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ئېففېكتى ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، يېمەكلىكلەرنى تېز قىزىتىشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ ).
ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئەمەلىيەتتە يەنە ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق.
ئادەم بەدىنى ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ يورۇتۇشىنى قوبۇل قىلغاندا، بەدەندىكى ھۈجەيرە مولېكۇلىلىرى ۋە ئاتومنىڭ ئىسسىقلىق ھەرىكىتى ئېشىپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولغاچقا، ئەسلىدە بەدەندە تۇرۇپ قالغان كونا كېرەكسىز ماددىلار ۋە زىيانلىق ماددىلار ماددا ئالمىشىشقا ئەگىشىپ تەر بەزلىرىدىن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ، تەر تۆشۈكچىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان گىرىم بۇيۇملىرىدىكى قالدۇق ماددىلار بۆرەكتىن ئۆتمەي، تېرە ۋە تەر بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا بىۋاسىتە چىقىپ كېتىدۇ، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئىئونسىز رادىئاتسىيە بولسىمۇ، رادىئاتسىيە مىقدارى يۇقىرى بولسا ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ئىنفرا قىزىل نۇرغا زىيادە قاقلىنىش ئادەمنى سۇسىزلاندۇرىدۇ؛ ئۇزۇن ۋاقىت تېلېفون ئۇرۇش قۇلاق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ؛ ئۇزۇن ۋاقىت يورۇقلۇق رادىئاتسىيەسىگە ئۇچرىغاندا كۆرۈش نېرۋىسى چارچاش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈچلۈك نۇر رادىياتسىيەسى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ.
شۇڭا، رادىئاتسىيەنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ئەمەس، ئىئونلاشقان رادىئاتسىيەگە ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم، ئىئونسىز رادىئاتسىيەگە نىسبەتەن، بەدەننىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن يەنىلا ئۇزۇن ۋاقىت رادىئاتسىيە مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.
#بىلىمدان
No comments:
Post a Comment