Search This Blog

Thursday, March 5, 2020

جوبىسنىڭ ئىلھامبەخش سۆزلىرى

جوبىسنىڭ ئىلھامبەخش سۆزلىرى



دۇنيانى ئۆزگەرتىش



جون سىكالىي ۋە سىتىۋ جوبىس

ئەينى ۋاقىتتا پېپسى كولادىن سېتىش پىرى جون سىكالىينى ئەپ كېلىدىغان ۋاقىتتا، جوبىسنىڭ ئۇنى قايىل قىلالىشىغا ھېچكىم ئىشەنمىگەن ئىدى. دەرۋەقە جوبىسمۇ سىكالىيغا بىر تالاي كىلەچەكتىكى ئىشلارنى سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئەمما سىكالىي ئاخىرىدا يەنىلا ئىككىلىنىپ، بەلكىم ئىككەيلەننىڭ پەقەت دوست بولۇپ قالالايدىغانلىقى، كېيىنچە جوبىسقا لازىم بولغان ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ زۆرۈر تەكلىپلەرنى بەرسە تامامەن بولىدىغانلىقىنى دېمەكچى ئىدى.  
 
شۇ چاغدا سىتىۋ بىشىنى كۆتۈرمەي، ئۆزىنىڭ پۇتلىرىغا قاراپ تۇراتتى. بىر پەس ئېغىر سۈكۈناتتىن كېيىن سىكالىيغا مۇنداق بىر سۇئال تاشلىدى:

 Do you want to spent the rest of your life selling sugared water or do you want a chance to  chang the world?
سىز داۋاملىق شىكەر سۈيى ساتامسىز ياكى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ دۇنيانى ئۆزگەرتەمسىز؟


مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان 10 سۆزى




1


  I'm the only person I know that's lost a quarter of a billion dollars in one year... It's very character-building.


مەن ئۆزۈم بىلىدىغان بىردىنبىر  يىلدا 250 مىليون دوللار يوقاتقان ئادەم، بۇ مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ناھايىتى پايدىلىق بولدى.


2


   I would trade all of my technology for an afternoon with Socrates.
    
مەن بارلىق تېخنىكامنى سوقرات  بىلەن كۆرۈشىدىغان  بىر چۈشتىن كېيىنگە تېگىشىشنى خالايتتىم.



3


   The only way to do great work is to love what you do. If you haven't found it yet, keep looking. Don't settle. As with all matters of the heart, you'll know when you find it.

ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى قىزغىن سۆيۈش. ئەگەرئۆزىڭىز قىزغىن سۆيىدىغان كەسىپنى تاپالمىسىڭىز، داۋاملىق ئىزدەڭ، ۋاز كەچمەڭ. قەلبىڭىزگە ئەگەشسىڭىزلا ھامان بىركۈنى تاپالايسىز.
   


4



Your time is limited, so don't waste it living someone else's life. Don't be trapped by dogma - which is living with the results of other people's thinking. Don't let the noise of other's opinions drown out your own inner voice. And most important, have the courage to follow your heart and intuition. They somehow already know what you truly want to become. Everything else is secondary.

ۋاقتىڭىز چەكلىك، شۇڭا باشقىلار ئۈچۈن ياشىماڭ. دوگما بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىدا ياشىماسلىق كېرەك.  باشقىلارنىڭ قارىشىنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ قەلب ساداسىنى كونترول قىلىشقا يول قويماڭ. ئەڭ مۇھىمى قەلبىڭىز ۋە بىۋاستە سىزىمىڭىزگە ئەگىشىشكە جۈرئەت قىلىڭ. قەلبىڭىز ۋە بىۋاستە سىزىمىڭىزلا سىزنىڭ ھەقىقىي ئويىڭىزنى بىلىدۇ. باشقا نەرسىلەر ئىككىنچى ئورۇندا. 



5



Death is very likely the single best invention of Life. It is Life’s change agent. It clears out the old to make way for the new.

ئۆلۈم ھاياتنىڭ ئەڭ ياخشى ئىختىراسى. ئۇ ھاياتنىڭ ئۆزگەرتكۈچىسى. ئۇ كونىنى ئۇزىتىپ، يېڭىغا يول ئاچىدۇ. 



6


  If you do something and it turns out pretty good, then you should go do something else wonderful, not dwell on it for too long. Just figure out what’s next.


 ئەگەر بىرەر ئىشنى ياخشى تاماملىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز يەنە باشقا قالتىس ئىشلارنى قىلىشىڭىزكېرەك. ئالدىنقى بىر ئىشتا بەك ئۇزاق ئارىسالدى بولۇپ كەتمەڭ، كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلاپ تۇرۇڭ.



7


  Being the richest man in the cemetery doesn't matter to me ... Going to bed at night saying we've done something wonderful... that's what matters to me.


قەبرىستانلىقتىكى ئەڭ باي ئادەم بولۇش-بولماسلىق مەن ئۈچۈن بەرىبىر. مۇھىمى بولسا، مەن كەچتە ئۇخلىغاندا « بىز بۈگۈن قالتىس ئىشلارنى تاماملىدۇق » دېيەلىشىم.



8



   Remembering that you are going to die is the best way I know to avoid the trap of thinking you have something to lose.


ھامان ئۆلىدىغىنىڭىزنى ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىز، «ھاياتتا ھامان يوقىتىش بولىدۇ» ئىدىيەسىدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى. 



9



Life is brief, and then you die, you know?
ئۆمۈر تولىمۇ قىسقا، ئۆتۈپ كەتسە سىز يوق، چۈشىنىشلىك؟



10



  You can't just ask customers what they want and then try to give that to them. By the time you get it built, they'll want something new.


سىز ھەرگىزمۇ خېرىدارلاردىن ئۇلارغا نېمە كىرەكلىكىنى سوراپ، ئاندىن شۇ بويىچە  قىلماڭ. بەرىبىر سىز پۈتتۈرۈپ چىققاندا، ئۇلار ئاللىبۇرۇن باشقا نەرسىگە يۈگرەيدۇ. 

#bilimdan   #bilimzar 

No comments:

Post a Comment