Search This Blog

Sunday, March 15, 2020

ئالەم دىگەن نىمە؟ ئالەم چىگراسىغىچە سەيلە قىلىش

ئالەم چىگراسىغىچە سەيلە قىلىش


-ئالەم دىگەن نىمە؟
-ئىنسانلار بايقىغان ۋە بايقىمىغان دۇنيالار يىغىندىسىنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى بولۇپ،ئادەتتە بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان« پانى ئالەم» ۋە «باقى ئالەم»لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
-ئۇنداقتا، «ئالەم» ئىككى خىل بولامدۇ؟
-ئەلۋەتتە ئىككى خىل بولىدۇ.بۇنىڭ بىرى «پاني ئالەم»،يەنە بىرى «باقي ئالەم».
«پاني ئالەم» دىگەن نىمە؟
-«چامانى ۋە زامانى» بولغان ئالەم. ئىنسانلار بايقىغان ئالەم.ئىنسانلار بايقىغان دۇنيالار يىغىندىسى. تەبىئى پەندىكى ئالەم.
-«باقى ئالەم»دىگەن نىمە؟
-« زامانى ۋە چامانى » بايقالمىغان ئالەم.پەلسەپەدىكى ئالەم.ئىنسانلار تېخى بايقىمىغان ئالەم. مەۋھۇم ئالەم.
-«چامان» دىگەن نىمە؟
-«دائىرە» ياكى «بوشلۇق».
-چۈشەنمىدىم؟
-«چامان»،ئىگىزلىكى، ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكى بولغان «دائىرە» ياكى «بوشلۇق».
-«زامان» دىگەن نىمە؟
-باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى بولىدىغان «ۋاقىت» ئۇقۇمى.يەنى چاماننىڭ زامانى(باش ئاخىر زامانى).
-«زامانى يوق چامان» دىگەن نىمە؟
-«زامان» بىلەن «چامان» ئىككىسى، بىر مەۋجۇت شەيئىدە تەڭلا بولىدۇ. بۇلارنى بىر بىرىدىن ئايرىۋىتىشقا بولمايدۇ. دىمەك،چامانى بار شەيئىنىڭ زامانى بار،زامانى بولىدىكەن،ئۇنىڭ چامانى ھەم بار بولىدۇ.«زامانى يوق چامان» دىگىنىم، «باشلانغان زامانى نامەلۇم بولغان،تېخى ئىنسانلار بايقىمىغان بىر چامان ».مەۋھۇم ئالەم.باقى ئالەم.
-دۇنيا دىگەن نىمە؟
-پانى ئالەمدىكى مەلۇم زامانى ۋە چامانى بولغان ماددى جىسىم. ئىنساننىڭ ئىچكى ئاڭ ۋە ھېسياتلىرى.
-ئۇنداقتا،دۇنيا ئىككى خىل بولامدۇ؟
-ئەلۋەتتە،ئىككى خىل بولىدۇ. دۇنيا،قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، ماددى دۇنيا. روھى دۇنيا دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. دۇنيا،چامانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن،ماكرو دۇنيا،مىكرو دۇنيا دەپ ئايرىلىدۇ.
-ماددى دۇنيا دىگەن نىمە؟
-ئىنسان بەش ئەزاسى ياكى ئەسۋاپ ئۈسكۈنىلەر ياردىمىدە بىلەلەيدىغان ماددىلارنىڭ ئومۇمىسى.
-روھى دۇنيا دىگەن نىمە؟
-پەقەتلا،ئىنساننىڭ مىڭىسىدە بولىدىغان ئاڭ ۋە ھېسياتلارنىڭ ئومۇمىسى.
-ماكرو دۇنيا دىگەن نىمە؟
-چامانى كىچىك بولغاندا،ھۈجەيرىدىن تارتىپ،چامانى چوڭ بولغاندا،بىر پلانىت ياكى يۇلتۇز(تۇرغۇن يۇلتۇز،سەييارە يۇلتۇزدىگەندەك)غىچە بولغان دۇنيا.
-ماكرو دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ چېكى نىمە؟
-بىر پلانىت ياكى يۇلتۇز، دۇنيانىڭ چېكى بولىدۇ.بىۋاستە رولى بويىچە، ئىنسانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ چوڭ ماكرو دۇنيا،قۇياش.ئۇنىڭدىن قالسا،زىمىن.
-مىكرو دۇنيا دىگەن نىمە؟
-چامانى ھۈجەيرىدىن كىچىك بولغان دۇنيا.مەسىلەن،ئاتوم،يادرو،ئېلىكترون…..پروتون دىگەندەك. ئەمما،ئىنسانلار ھازىرغىچە مىكرو دۇنيانىڭ چېكىگە يەتكىنى يوق.بۇ مىكرو دۇنيانى پەقەت ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە تايىنىپ بىلگىلى بولىدۇ.
-ئالەم چوڭمۇ ياكى دۇنيا چوڭمۇ؟
-ئەلۋەتتە ئالەم چوڭ. شۇڭا،دۇنيالار يىغىندىسىنى ئالەم دەيمىز.
-بىز پانى ئالەمدىكى قايسى دۇنيادا ياشاۋاتىمىز؟
-زىمىنلەمدە.
-زىمىنلەم دىگەن نىمە؟
-زىمىن بىلەن ئاينى ئاساس قىلغان بىر سىستېما.
-زىمىنلەم قەيەردە؟
-قۇياشلەمدە.
-قۇياشلەم دىگەن نىمە؟
-بىز دەۋاتقان قۇياش سىستېماسى.قۇياش كونتروللىقىدىكى چامان.
-قۇياشلەم قەيەردە؟
-سامالەمدە.
-سامالەم دىگەن نىمە؟
-مىليونلىغان«قۇياشلەم»لەر توپى. ياكى،سامان يولى سىستېماسى.
-سامالەم قەيەردە؟
-مالەمدە.
-مالەم دىگەن نىمە؟
-مىليونلىغان «سامالەم»لەر توپى.
-مالەم قەيەردە؟
-نامالەمدە.
-نامالەم دىگەن نىمە؟
-مىليونلىغان «مالەم»لەر توپى.
-نامالەم قەيەردە؟
-جاھالەمدە.
-جاھالەم دىگەن نىمە؟
-مىليونلىغان «نامالەم»لەر توپى.
-جاھالەم قەيەردە؟
-ئومئالەمدە،
-ئومئالەم دىگەن نىمە؟
-مىليونلىغان «جاھالەم»لەر توپى.
-ئومئالەم قەيەردە؟
-پانى ئالەمدە.
-پانى ئالەم دىگەن نىمە؟
-ئىنسانلارنىڭ ھازىرغىچە بايقىغان ئالەمنىڭ بىر بۆلىكىنى پانى ئالەم دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ياكى فىزىكىدىكى ئالەم بولۇدۇ.
-پانى ئالەم قانچىلىك چوڭلۇقتا؟
-ماتىرىياللاردىن بېلىشىمچە،ئىنسانلار ئالەمگە قويۇپ بەرگەن چوڭ دۇربۈن بىلەن كۈزەتكەن ئارىلىق، 12 مىليارت نۇر يىل كېلىدىغان يىراقلىققا يەتكەن.
-نۇر يىل دىگەن نىمە؟
-ئاسترونومىيەدە قوللۇنىدىغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى ياكى مىقدار نامى. نۇر بىر سىكونتتا، 300مىڭ كلومېتىر مۇساپىنى باسىدۇ. 60 سكونت بىر مىنۇت، 60 مىنۇت بىرسائەت، 24 سائەت بىر كۈن، 365 كۈن بىر يىل. نۇرنىڭ بىر يىل ئىچىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە ئارىلىقى بىر نۇر يىل دەپ ئاتىلىدۇ.
-پانى ئالەم ،قەيەردە؟
-ئالەمدە.
-ئالەمنىڭ قەيەرىدە ؟
-ئەگەربىزتۇرغان زىمىننى مەرگەزقىلىپ قارىساق، بىز دەۋاتقان پانىئالەم، ھازىرچە ئالەمنىڭ ئوتتۇرسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.
-ئالەم قەيەردە؟
-تەپەككۇردە.
-تەپەككۈر قەيەردە؟
-باشتا.
-باش قەيەردە؟
-سىز-مەندەك ئادەمدە.
-ئادەم قەيەردە؟
-ھازىر زىمىندا. (ياكى،زىمىن دۇنيادا).
-زىمىندىن باشقا دۇنيادا ئادەم بارمۇ؟
-كىشىلەر پەرەز قىلىشىدۇ،ئەمما ئېنىق ئەمەس.

ئاخىرقى سۆز
ھەممەمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك،سەۋەبى بولمىغان نەتىجە مەۋجۇت ئەمەس.دىمەك،ھەر قانداق بىر نەتىجە بولىدىكەن، ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر تۈپ سەۋەپ بولىدۇ.يوقۇرىدا دىيىلگەن،«ئالەم»نىڭ كۆپ قاتلاملىق توغرىسىدىكى بىلىشلىرىمىز بىر نەتىجەنى بىلىشتىنلا ئىبارەت. ئۇنداقتا،مۇشۇ نەتىجەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ ياكى كۈچ نىمەدۇر؟ ياكى بولمىسا،ئالەم قانداق يارالغان؟ بىلىشىمچە،بۇ سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاپلار خېلى كۆپ.ئەمما بۇلارنىڭ ھەممەسى بىر پەرەزدىنلا ئىبارەت. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ جاۋاپلارنى يىغىنچاقلىساق،ھازىرچە ئىككى خىل جاۋاپ بار: بىرى ئاللانىڭ كۈچى. ئىككىنچىسى، دانوم پارتلاپ ئىرغىتقان كۈچ. مىنىڭ بىلىشىمچە،بۇنىڭدىن 1400 يىلدەك ۋاقىت بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن ئىسلام دىنى، ئىنسانلارنى بىلىم ئالىشقا ۋە بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىۋىلىشقا، بىلگەننى ئەمەلىيەتىمىزدە تەتبىقلاشقا،ئىتائەتنى بىلىپ قىلىشقا ئۈندەيدۇ، مەسىلىلەر توغرىسىدا دەلىل ئىسپاتلىق ھەق سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قۇرئان كېرىمدە،نۇرغۇن بىشارەتلەر بېرىلگەن.ئەمما،بۇ بىشارەتلەرنى ئىنسان قانچىلىك دەرىجىدە چۈشەنگەنلىكى تېخى ئىنىق ئەمەس. مىنىڭ ئاڭلىشىمچە، قۇرئاننى يەنە مىڭ يىلدىن كىيىن تەرجىمە قىلسىمۇ، ئۇنىڭدىكى بىشارەتلەر، شۇ زامان تەرەققىياتىدىن ھالقىپ تۇرىدىكەن. قۇرئاندا،ئالەمنىڭ 6 كۈندە يارىتىلغانلىقى دىيىلگەن.يەنە بۇنىڭ ئىچىدە 4 كۈن،2 كۈن ئىچىدە نىمە بولغانلىقى توغرىسىدىمۇ بىشارەت بېرىلگەن. ئەلۋەتتە،بۇ «كۈن»لەر، بىزنىڭ ھازىرقى چۈشەنچىمىزدىكى كۈن ئوقۇمى ئەمەس. بۇ بىشارەتنىڭ مەنىسى نىمە؟،بۇنى بىز تېخى چۈشەنمىگەندەك قىلىمىز. شۇڭا،ھەر قانداق بىر يەكۈن بولىدىكەن،ئۇنىڭ دەلىل ئىسپاتى بولۇشنى تەلەپ قىلىش ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن ھەقلىق بىر ئىش.ئالەم قانداق يارالغان؟ دىگەندەك سۇئاللارغا،ئىنسانلار ئۆزلىرى پەيدا بولغان كۈندىن باشلاپ جاۋاپ تېپىشنى باشلىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنى ھازىرغىچە توختاتقىنى يوق، ھەتتا،پەن-تېخنكانىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ياردىمىدە، بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە،قۇرئان كېرىمدە بېرىلگەن بشارەتلەر، خۇدايىم بۇيرىغان بىر كۈنلەردە دەلىل ئىسپاتلىق ئايدىڭلىشىشى مۇمكىن.
قانداقلا بولمىسۇن،ئالەم قانداق يارالغان؟ دىگەن سۇئاللارغا بېرىلگەن جاۋاپلارنى ئىزدەش ياكى كۆرۈپ قويۇش، بىر بەندە ئۈچۈن ساۋاپلىق بىر ئىش.
#bilimdan #bilimzar

No comments:

Post a Comment