Search This Blog

Thursday, March 5, 2020

ۋىتامىن ئا ھەققىدە

ۋىتامىن ئا ھەققىدە








ۋىتامىن A نىڭ ئارخىپى:

باشقىچە ئاتىلىشى: رېتىنول، كۆزنىڭ قۇرغاقلىشىشىغا قارشى ۋىتامىن.
تۈرى: ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.
قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: ۋىتامىن A ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى ۋىتامىن A نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھالىتى بولۇپ، پەقەت ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەردىلا مەۋجۇت بولىدۇ: يەنە بىرخىلى ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى پروۋىتامىن A,B –كاروتىننىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىدۇ.
ئاساسلىق رولى:
ۋىتامىن A نىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك رولى كۆزنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرخىل كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇنىڭ «كۆزنىڭ ۋىتامىنى» دېگەن نامى بار. ئۇ كۆز يېشىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۆزنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا ماسلىشىشىنى تەڭشەپ، ئادەمنى قاراڭغۇدىمۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆزنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ماددا  ھېسابلىنىدۇ.
تەركىبىدە ۋىتامىن A بار يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كۆۈش قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق.

سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئېپىتلىيە توقۇلمىسىنى قوغدايدۇ.
ۋىتامىن A بولسا ھاياتلىقنىڭ داۋاملاشتۇرۇش ۋە ساغلىقنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى ۋە ئورگانىزمنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋىتامىن A يېتىلمىگەن ھۈجەيرىلەرنى سۆڭەك ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرۇپ، سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق سۆڭەك ، چىشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ۋىتامىن A يېتىشمىگەن چاغدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەردىن:
تەر بېزى، ياغ بەزلىرى يىگلەپ، تېرە قۇرغاقلىشىپ، يىرىكلىشىدۇ.
چاچ قۇرغاقلىشىپ چۈشۈپ كېتىدۇ.
تىرناقتا چوڭقۇر ھەم ئېنىق ئاق سىزىقلار پەيدا بولىدۇ، تېرە زىيادە مۈڭگۈزلىشىپ، تۈك خالتىسى دۆڭچە ئەسۋىسى پەيدا بولىدۇ.
سۆڭەكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ بالىلاردا ئېغىر بولىدۇ.
ئۇزۇن مەزگىل ئېغىر دەرىجىدە ۋىتامىن A يېتىشمىسە ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە سەۋەب بولۇپ، بۇ ئارقىلىق نامازشام قارىغۇسى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە مۈڭگۈزلىشىپ، ياش بېزىنىڭ ياش ئاجرىتىپ چىقىرىشى ئازىيىپ، كۆز كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۈڭگۈز پەردە جاراھەتلىنىش، تېشىلىپ كېتىش، ھەتتا قارىغۇ بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش، تىت-تىت بولۇش ۋە ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى:
ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار.
بۇلغانغان مۇھىتتا تۇرىۋاتقان كىشىلەر.
كومپىتۇتېر ئىشلىتىدىغانلار.
دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار.
يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقايدىغانلار.
يېتىلىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەر.
نەپەس يولى ئاسانلا يۇقۇملىنىپ زۇكام بولىدىغانلار
گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار.

ۋىتامىن A نى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلۋالغاندا كۆرۈلىدىغان ئەكس تەسىرلىرى:
بىر قېتىمدا كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا ئۆتكۈر زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئالتە سائەتتىن كېيىن زىيادە سېزىمچانلىق، ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭلى ئېلىشىش، قىزىش، ئىچ سۈرۈش، بېشى قېيىش، باش ئىچى بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش، ئۇيقۇسىراش ياكى زىيادە ھاياجانلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ: 12-30 سائەتتىن كېيىن تېرىسى قىزىرىپ ئىششىپ قېلىنلايدۇ، ئارقىدىنلا تېرىسى تۆكىلىدۇ. ئىستېمال قىلىش دەرھال توختىتىلسا، كېسەللىك ئالامەتلىرى ناھايىتى تېزلا يوقىلىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئادەم بەدىنىدە جۇغلىنىپ، سوزۇلما زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئالامەتلىرى ھارغىنلىق، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئىشتىھاسىزلىق، چاچ شالاڭلىشىش، جىگەر ئىشىش، مۇسكۇللار قېتىۋېلىش، ئورۇقلاش، تېرە قىچىشىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، كالپۇك يېرىلىپ قاناش قاتارلىقلار….
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
ھەزىم قىلىنىپ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشتە مىنېرال ماددا بىلەن ياغنىڭ قاتنىشىشىغا موھتاج بولىدۇ ھەمدە بەدەندە زاپاس ساقلىنىدۇ، شۇڭا ئۇنى ھەركۈنى تولۇقلاپ تۇرۇش ھاجەتسىز.
B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن D ۋىتامىن E ، شۇنىڭدەك كالتسىي، فوسفور، سىنك قاتارلىقلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنسا، رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىۋاتقان ئاياللار ۋىتامىن A تولۇقلاش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئازايتىش لازىم.
#bilimdan   #bilimzar 


No comments:

Post a Comment