Search This Blog

Friday, March 6, 2020

F-35 بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى

F-35 چاقماق II ـ ئەۋلاد كۈرەشچى ئايرۇپىلان، ئامېرىكا لوكشىد مارتىن شىركىتى لايىھىلەپ ئىشلەپچىقارغان تاق كىشىلىك كۆپ ئىقتىدارلىق كۈرەشچى ئايروپىلان بولۇپ، ئاساسلىقى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش، نىشاننى بومباردىمان قىلىش ۋە ھاۋادىن توسۇپ زەربە بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋەزىپىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇنجى F-35A ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە ھەربىي رەسمىي تاپشۇرۇلغان.  


01

F-35 يوشۇرۇنۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بەشىنچى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان بولۇپ، ئۇرۇش قىلىش رادىئۇسى 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، چەكلىك تۈردىكى ئۇلترا ئاۋاز تېزلىكىدىكى چارلاش ئىقتىدارىنى ۋە يوشۇرۇنۇش ئالاھىدىلىكى ھازىرلىغان.  

F35 دىن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى، دېڭىز ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدا جەمئىي 2443 دانە بار بولۇپ، F-16، A-10  ھۇجۇمچى ئايروپىلان، F/A-18 يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.  

F-35 نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى F-22 يىرتقۇچ قۇش كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ يەككە ماتورلۇق كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەقىقەتەن ئۇنىڭدىن بەزى ئېلېمېنتلارنى قوبۇل قىلغان.  

F-35 B « ئۈچ ئوقلۇق ئايلانما تۇرۇبا پۈركۈش ئېغىزى» قۇرۇلمىسىنىڭ لايىھەلىنىش ئىلھامى كونۋىل Model 200 تىپلىق لايىھەدىن كەلگەن.  

F-35 كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئىتتىرىش كۈچى  ئاران% 2-% 3 تۆۋەنلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، قۇيرۇق پۈركۈش تۇرۇبىسى 3-5 مىكرومېتىر دولقۇن بۆلىكىدىكى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق رادىئاتسىيە دەرىجىسى % 80-% 90 گىچە ئاجىزلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق رادىئاتسىيە دولقۇن مەيدانىنىڭ كەڭلىكىنى تارايتىپ، دۈشمەن تەرپىدىن كەلگەن ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇم قىلىش رايونىنى كىچىكلەتتى، بۇنىڭ بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ نىشاندىن چەتنەپ كىتىش نىسبىتى ئېشىپ كىتىدۇ-دە، ئالدىراپ بۇ كاساپەتكە تەگمەيدۇ. بايا يوشۇرۇنۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دىسەك بەلكىم ھاۋادا ئۇچىۋاتقان ئايرۇپىلان بۇلۇتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرنىۋالامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولشىڭلار مۇمكىن ، ئەمدى چۈشەندىڭىلارغۇ دەيمەن . 

F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانغا «تارقاق ئاپېرتۇرىلىق سىستېما» سەپلەنگەن بولۇپ، ئايروپىلاننىڭ ئالدى-كەينىنى چۆرىدەپ ئالتە ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ئىندۇكسىيە قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان، ئۇچقۇچىنى ئۆزىگە  يېقىنلاشقان ئۇچار جىسمنىڭ سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  F-35 ئۇچقۇسىنىڭ  قىستۇرما كىيىمىدىكى قالپاق، تارقاق شەكىلدىكى ئاپېرتۇرىلىق سىستېمىدىن پايدىلىنىپ ھەر تەرەپلىمە نىشان سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلىيالايدۇ.  

دەسلەپكى F-35 B تىپلىق كۈرەشچى ئايرۇپىلان لايىھىدىكى ئېغىرلىقتىن 3000 قاداق ئېشىپ كېتىپ، ئايروپىلاننىڭ ئىتتىرىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى، سۈرئىتى، ھەرىكەتچانلىقى قاتارلىق تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر لاياقەتسىز بولغان.  

لوكشىد مارتىن شىركىتى «ھەددىدىن زىيادە ئېغىر» بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئېغىرلىق نىسبىتى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئايروپىلان گەۋدىسىنى نېپىزلىتىپ، قورال-ياراغ ئامبىرى بىلەن قۇيرۇقنى تارايتىپ، ئىچكى تۇرۇبا لىنىيىسىنى تەڭشەپ، ئايروپىلان قانات قۇرۇلمىسى ۋە ئاۋىئاتسىيە ئېلېكتىر سىستېمىسى قاتارلىقلارنى قايتىدىن لايىھىلەپ، ئاخىرى 2205 قاداق يىنىكلەتتى . 

F-35 نىڭ قالپاق كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى فوتو ئېلېكتىر سىستېمىسى ۋە ئۇچقۇچىنىڭ باش قىسمىنىڭ ئورنىنى ئىز قوغلاش قۇرۇلمىسىنىڭ بىرىكمىىسى بولۇپ ، ئۇ ئۇچقۇچىغا ھالقىلىق ئۇچۇش ھالىتى سانلىق مەلۇماتى، ۋەزىپە ئۇچۇرى، تەھدىت ۋە بىخەتەرلىك ئەھۋالى ئۇچۇرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇچقۇچىغا ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان قورال ۋە سېنزورنى (رادار ۋە EOTS) دىققەت قىلىدىغان رايونغا قارىتىدۇ؛ ياكى كۆرۈش سېزىمى ئەسكەرتىشى چىقىرىپ، ئۇچقۇچىغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك رايونلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.  

 F135 ماتورى F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ، F-35 بەلگىلىك كۆيۈش كامېرى ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋالدا، 1.2 ماخ سۈرئەت بىلەن 150 مىل ئۇچىدۇ.  F135 بولسا ئىككىنچى خىل (رادار) يوشۇرۇن خاراكتىرگە  ئىگە رېئاكتىپ موتور.  F-35 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 6.1 ماخدىن ئاشىدۇ، ئەڭ چوڭ ئۇچۇش ئېغىرلىقى 60 مىڭ قاداق (72 مىڭ كىلوگرام) دىن ئاشىدۇ.  

F-35B غا روللىنىس لاھىيەلەپ چىققان ئۆرلەش چۈشۈش سېستىمىسى سەپلەنگەن.  بۇ ئۆرلەش - چۈشۈش سىستېمىسى ئۆرلىتىش- چۈشۈرۈش شامالدۇرغۇچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئوق، ئىككى دومىلىما تۈۋرۈك ۋە« ئۈچ ئوق قازان ئايلانما بۆلىكى» (BSM) دىن تەركىب تاپقان.  

BSM ئىتتىرىش كۈچى ۋېكتورى پۈركۈش ئېغىزى بولۇپ، ئاساسىي موتورنىڭ گاز چىقىرىش يولىنى ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمىدا تۆۋەنگە ئېغىتالايدۇ.  ئۆرلەش كۈچى شامالدۇرغۇچى بولسا ئايرۇپىلاننىڭ ئالدى قىسمىغا توغرا كىلدىغان بولۇپ، ئىككى تەتۈر يۆنىلىشتە ئايلىنىدىغان شامالدۇرغۇچ ئارقىلىق تەڭپۇڭ ئىتتىرىش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  

F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئۈچ خىل ئاساسلىق  نۇسخىسى بار بولۇپ، بۇ ئەنئەنىۋى ئۇچۇش يولىدا ئۇچۇش-قونۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان F-35 A نۇسخىسى، قىسقا ئارىلىقتىن ئۇچۇش / تىك ئۇچۇش نۇسخىسى F-35 B، ھەم ئاۋياماتكا ئايروپىلانى  F-35 C نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  پەقەت F-35 B تىپتىكىسى تىك ھالەتتە كۆتۈلۈرۈپ تىك ھالەتتە قونالايدۇ ، ھەم ھاۋادا تىنىچ ھالەتتە لەيلەپ تۇرالايدۇ. ئەمما ئەنئەنىۋى كۆرەشچى ئايرۇپىلانغا نىسبەتەن، A تىپلىق ۋە C تىپلىق ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش، قونۇش ئارىلىقى قىسقا بولۇپ بۇ ناھايىتى چوڭ ئەۋزەللىك ھىسابلىنىدۇ. 


02

F35 كۆرەشچى ئايريپىلانىنىڭ ئىچىدىكى تىك ھالەتتە ئۇچۇپ قونالايدىغىنى F35Bبولۇپ  ، تىك ئۇچۇش-قونۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، موتورنىڭ پۈركۈش تۇرۇبىسى تۆۋەنگە ئېغىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆرلەش شامالدۇرغۇچى ۋە تەڭپۇڭلۇپ كۈچى بىلەن تەمىنلەيدىغان پۈركۈش تۇرۇبىسى بىلەن يېتەرلىك ئۆرلەش كۈچىگە ئىرىشىدۇ.  

F-35B نىڭ تىك ئۆرلەش-قونۇش جەريانى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ، بۇ ئاستا دىنامىكىلىق ئۆزگۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان« لەيلەش » جەريانى ھىسابلىنىدۇ . 

F-35B تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ جەمئىي تۆت پۈركۈش ئېغىزى بار.  ئايروپىلاننىڭ ئوق لىنىيىسىدىكى ئىككى پۈركۈش ئېغىزى ئاساسلىق ئۆرلەش كۈچى (تەخمىنەن %91) بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئاستىدىكى ئىككى پۈركۈش ئېغىزى بىر قەدەر كىچىك ئىتتىرىش كۈچى بىلەن تەمىنلەپ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە قىياپەت تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ.  قۇيرۇق پۈركۈش ئېغىزىدىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق يېقىلغۇ گاز ئېتىلىپ چىقىدۇ، باشقا ئۈچ پۈركۈش ئېغىزىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى سوغۇق ھاۋا.  

F-35B ماتورنىڭ قۇيرۇق قىسىمىدىكى ئاساسىي پۈركۈش ئېغىزى تۆۋەنگە 90گىرادۇس قىيساىيالايدىغان  بولۇپ، تىك يۆنىلىشتە ئىتتىرىش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئېتىلىپ چىقىدىغىنى موتور تۇربىنىسىدىن ئۆتىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق يېقىلغۇ گاز.  بۇ قۇيرۇق پۈركۈش ئېغىزىنىڭ ئېغىش تېخنىكىسنىڭ لاھىيەلەش ئىلھامى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياك 141 ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن كەلگەن.  

F-35B تىپلىق ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئاستىدىكى كىچىك پۈركۈش ئېغىزى موتورنىڭ تۆۋەن بېسىملىق بېسىم كومپرېسسوردىن تۆۋەنگە قارىتىپ ھاۋا پۈركۈپ چىقىدۇ.  ئۇلار تەخمىنەن% 9 ئۆرلەش كۈچى بىلەن تەمىنلەپ، تەڭپۇڭلۇق ۋە ھالەتنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئاساسلىق كۆتۈرۈلۈش كۈچى مەنبەسى ئەمەس.  

F-35 B ئۇچقۇچى بۆلۈمچىسىنىڭ ئارقىغىلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان  تىك سىلىندىرسىمان   ئاساسلىقكۆتۈرۈلۈش كۈچى  بىلەن تىمىنلەيدىغان شامالدۇرغۇچى بار.  ئۆرلەش كۈچى شامالدۇرغۇچى ئۆزى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلالمايدۇ، ئۇ بىر ئۇزۇن  ئۇق  ئارقىلىق ئاساسى  موتورغا ئۇلاغلىق بولۇپ، ئاساسىي موتور تەرىپىدىن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىنىدۇ.  

تۈز ئۇچقاندا كۆتۈرۈلۈش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدىغان شامالدۇرغۇچ بىلەن ئاساسىي موتور ئاجرىتىلىپ شامالدۇرۇغۇچ  ئىشلىمەيدۇ، ئاساسىي موتور پەقەت تۈز ئۇچقاندا ئارقىغا ئىتتىرىش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  

تىك  ھالەتتە ئۇچۇش-قونۇش ۋاقتىدا، كۆتۈرۈلۈش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدىغان  شامالدۇرغۇچىنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىدىكى قاپقاق ئېچىلىپ، كۆتۈرۈلۈش كۈچى شامالدۇرغۇچى بىلەن ھەرىكەت ئۇزىتىش ئوقىنى تۇتاشتۇرۇپ ، ئاساسىي موتورنىڭ تۆۋەن بېسىملىق تۇربىنا قۇۋۋىتى ئۆرلەش كۈچى شامالدۇرغۇچقا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، كۆتۈرۈلۈش كۈچى شامالدۇرغۇچنى ھەركەتلەندۈرىدۇ ، شامالدۇرغۇچنىڭ ئۈستىدىكى ھاۋا كىرىش ئېغىزىدىن ھاۋانى سۈمۈرۈۋالىدۇ ھەم تۆۋەنگە پۈركۈپ ، كۆتۈرۈلۈش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ . 

دىئامېتىرى 1.27 مېتىر كېلىدىغان ئۆرلەش كۈچى شامالدۇرغۇچى شامالدۇرغۇچ، سۈڭگۈچ يولى، D شەكىللىك پۈركۈش تۇرۇبىسى، ئوق چاتقۇچ، ھەرىكەت قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە تور مۇلازىمىتى سىستېمىسىدىن تەركىب تاپقان، ئۆرلەش كۈچى شامالدۇرغۇچى 40 گىرادۇستىن ئاشىدىغان ئالدى-كەينى ئېغىش بۇلۇڭىغا ئىگە.  

موتور نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئورگانىزمنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ھاۋانى تىك ھالدا تۆۋەنگە پۈركىگىلى بولىدۇ، رېئاكتىپ ئېقىم مىقدارى 230kg / s غا يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن 90 مىڭ نىيوتۇنلۇق كۆتۈرۈلۈش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە موتورنىڭ ئېغىزى ئاستى تەرەپكە پۈركۈش ئارقىلىق، بوشلۇقتا توختاپ قالغان چاغدىكى ئومۇمىي ئىتتىرىش كۈچىنى 175300 نىيوتۇنغا يەتكۈزىدۇ .

F-35B ئۈچ سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، قۇيرۇق پۈركۈش تۇرۇبىسى 15700 قاداق كېلىدىغان گورىزونتال ئىتتىرىش كۈچى ۋېكتورىنى ۋېرتىكال تۆۋەنگە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇمىي كۆتۈرۈلۈش كۈچىنى 39000قاداققا يەتكۈزىدۇ، F-35B نىڭ تىك ئۆرلەش كۈچى ياۋروپا تەيفېڭ بورىنى كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىتتىرىش كۈچىگە تەڭ كېلىدۇ.  كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ ئىتتىرىش كۈچى سىستىمىسى F35  ئۈچۈن  مەخسۇس ياساپ چىقىلغان.  
#بىلىمدان   #بىلىمزار 

No comments:

Post a Comment