ئالما iPhone SE 2نىڭ 31-مارت ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
گەرچە ۋۇخەن ۋىرۇسى يەنىلا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئالما شىركىتى iPhone SE 2نى يەنىلا پىلان بويىچە 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ سەپلىمە تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىدى. يېقىندا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەچكە، ئالما يېڭى نۇسخىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلغاندا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بىراق، ئالما iPhone SE 2 (ياكى iPhone 9 دەپ ئاتىلىدۇ)نى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى، بۇ خىل تەدبىر يانفوننىڭ دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.
ئەڭ يېڭى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالما 3-ئاينىڭ 31-كۈنى پائالىيەت ئۆتكۈزىدىكەن، شۇ چاغدا iPhone SE 2 ۋە باشقا بىر نەچچە خىل پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىدىكەن. iPhone SE 2نىڭ سېتىلىش باھاسى 399 ئامېرىكا دوللىرى دەپ مۆلچەرلەندى ھەمدە 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ زاكاز قوبۇل قىلىش باشلىنىدىكەن.
iPhone SE 2نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى iPhone 8 بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇمۇ نېمە ئۈچۈن بەزى خەۋەرلەردە ئۇنى iPhone 9 دەپ ئاتىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئۇنىڭغا 4.7 ديۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلىدۇ، ئاستى ۋە ئۈستى قىسمىدا روشەن رامكا ئورنى بار بولۇپ، قولى كىچىكرەك كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، iPhone SE 2 چىراي پەرقلەندۈرۈش (Face ID) ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان، لېكىن Home كۇنۇپكىسى قايتىپ كېلىدۇ، ئاستىغا Touch ID ئىقتىدارى سېنزورى ئورنىتىلغان. بۇ يېڭى يانفونغا ئالما مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان A13 Bionic ئۆزىكى ئىشلىتىلگەن، گەرچە سەپلىمە ئۆلچىمى بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئىقتىدارى كۈچلۈك يانفون ھېسابلىنىدۇ.
1-پەسىلدە iPhone ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولغان
خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋېيتسارىيە بىرلەشمە بانكىسى گۇرۇھى (UBS)نىڭ تەھلىلچىسى تىموسىي ئاركۇرىنىڭ قارىشىچە، ئالما شىركىتى iPhone ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە ۋاقىتلىق ئېھتىياجنىڭ ئازىيىشى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان قىسقا مۇددەتلىك كۈرەشنى باشتىن كەچۈرگەن، ئەمما iPhoneنىڭ مەھسۇلات مىقدارى كىيىن تەدرىجىي ھالدا ئەسلىگە كېلىدىكەن.
UBSنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، 2020-يىلى 1-پەسىلدە iPhone ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مۆلچەرلەنگەن قىممەتتىن %35 ئەتراپىدا ئازايغان، ئاركۇرىنىڭ قارىشىچە، ئالما شىركىتى Q1 پەسىلدە تەخمىنەن 36 مىليون دانە iPhone ئىشلەپچىقارغان، ئەمما تەھلىلچىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالما شىركىتى 1-پەسىلدە 47 مىليون دانە iPhone ئىشلەپچىقىرىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، iPhoneنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئازايماستىن، ئەكسىچە %4 يۇقىرى ئۆرلىگەن. ئاركۇرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل 6-ئايغا بارغۇچە ئالما شىركىتى تەخمىنەن 38 مىليون دانە iPhone سېتىپ چىقىرىدىكەن.
بۇ قېتىم تەھلىلچىلەرنىڭ iPhoneنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا بولغان مۆلچەرىنى ئۆزگەرتىشى ئاساسلىقى يۇقۇمنىڭ iPhone ئىشلەپچىقىرىش، بازار ئېھتىياجى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان تەسىرىنى ئويلاشقانلىقتىن بولغان. ھازىر ئالما شىركىتىنىڭ 2-پەسىلدە بارلىق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، 2- ۋە 3-ئايدىكى يەر شارى ئەقلىيفون سېتىش سانلىق مەلۇماتى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىكەن.
#بىلىمدان #بىلىمزار
No comments:
Post a Comment