دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا...
دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا...1.دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ بانان تەركىبىدە يېمەكلىك تالالىرىدىن بولغان مېۋە يېلىمى بار بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ؛ ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر تال بانان ئىستېمال قىلغاندا، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ؛
باناننىڭ تەمى تاتلىق ، تەبىئىيىتى سوغۇق بولۇپ، ئۈچەيدىكى ئىسسىقنى ھەيدەپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ؛ ئاشقازان-ئۈچەينى ئىسسىق قاپلاشتىن كېلىپ چىققان قەۋزىيەت، يۈزى قىزىرىپ، بەدىنى ئىسسىپ كېتىش ياكى قورساق كۆپۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن ماس كېلىدۇ؛ تاماقتىن كېيىنكى 1~2 سائەتتە ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
2. دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا، راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بانان ئىممۇنېنت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەن؛ كۈنىگە 2 تال بانان ئىستېمال قىلغاندا، بەدەن سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىغىلى بولىدىكەن؛ 3.دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا، يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ بەدەندىكى كالىي مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە، يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ بىر تال بانان تەركىبىدە، 400 مىللىگرام كالىي بار بولۇپ، كالىي يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ رولىنى ساقلاپ، نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ جىددىي ھالىتىنى نورماللاشتۇرۇپ، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ تارىيىش ۋە كېڭىيىش ئىقتىدارىنى ماسلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق قان بېسىمىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاش ۋە يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
4.دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ بانان تەركىبىدىكى كالىي، سۈيدۈك كىرىستالىنىڭ بوغۇملاردا چوكۇۈپ قېلىش نىسبىتىنى ئازلىتىپ، بەدەننىڭ سۈيدۈك كىسلاتاسىنى چىقىرىپ تاشلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
5.دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا، كۆزنىڭ بىئاراملىقىنى يەڭگىللىتىدۇ بەدەنگە سۈمۈرۈلگەن تۇزنىڭ مىقدارى زىيادە كۆپ بولغاندا، ھۈجەيرىلەردە كۆپ مىقداردا سۇنىڭ ساقلىنىپ قېلشىىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆزنىڭ قىزىرىپ ئىششىشىنى پەيدا قىلىدۇ؛ بانان تەركىبىدىكى كالىي، بەدەننىڭ مەزكۇر ئارتۇقچە تۇزنى چىقىرىپ تاشلىشىغا ياردەم بېرىپ، كالىي بىلەن ناترىينىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، كۆزدىكى بىئاراملىقنى يەڭگىللىتىدۇ؛ بانان تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاروتىن بار بولۇپ، كۆزدىكى ھارغىنلىقنى بەلگىلىك دەرىجىدە يەڭگىللىتىپ، كۆزنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 6.دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ بانان تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسىنى غىدىقلىشىنى يەڭگىللىتىپ، يېپىشقاق پەردە ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ھەر خىل ئاشقازان-ئۈچەي يارىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 7.دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا، قاندىكى كالىي مىقدارىنى تولۇقلايدۇ ھەرىكەتتىن كېيىن، بەدەن كۆپ مىقداردا تەر ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، كالىيمۇ تەر بىلەن بىرگە ئېقىپ چىقىپ كېتىپ، پۇت-قوللارنىڭ ماغدۇرسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئىچى سۈرۈپ ياكى قۇسقاندىن كېيىن، ئۇزۇن مەزگىل سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش دورىسى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىنمۇ، قاندىكى كالىي قويۇقلۇقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، بانان ئىستېمال قىلغاندا، قاندىكى كالىي مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
8.دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا، دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ بانان ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق مېڭە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇپ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 9.دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا، قىچىشىشىنى يوقاتقىلى بولىدۇ بانان پوستىدا مىكروبلارنىڭ كۆپىيىشىگە قارشى تۇرىدىغان ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، پۇت تەرلەش، پۇت- قوللار قىچىشىشتىن كېلىپ چىققان تېرە قىچىشىش كېسەللىكلىرىگە بانان پوستىنى سۈرتكەندە، قىچىشىش ئالامەتلىرىنى يوقىتىدۇ.
No comments:
Post a Comment