يۆتەلنى ساقايتىدىغان يەرلىك رىتسىپلار
1. تۇرۇپ ، غولپىياز ، زەنجىۋىلدا يۆتەل داۋالاش
ماتېرىيال : - تۇرۇپ بىر دانە ، سۇڭپىياز ئېقى 6 تال، زەنجىۋىل 15 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى : - 3 چىنە سۇ قۇيۇپ تۇرۇپنى قاينىتىپ ئاندىن ئۈستىگە سۇڭپىياز ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ سۈيى تاكى بىر چىنە قالغانغا قەدەر داۋاملىق قاينىتىپ تەييارلايمىز . ئاندىن بۇنى كۆكتلىرى بىلەن قوشۇپ بىر قېتىمدا ئىستېمال قىلىمىز .
2. قارا شېكەر ، زەنجىۋىل ۋە چىلاندا يۆتەل داۋالاش
ماتېرىيال : - قارا شېكەر 30 گرام ، زەنجىۋىل 15 گرام ، چىلان 30 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى : - يۇقارقى خۇرۇچلارنى 3 چىنە سۇغا سېلىپ سۇنىڭ يېرىمى قالغىچە قايناتقاندىن كېتيىن بىر قېتىمدىلا ئىستېمال قىلىش كېرەك ، ئىچكەندىن كېيىن تەرلىسە كېسەل ياخشى بولۇپ كېتىدۇ .
3. نەشپۈت بىلەن سوغىگۈلدىن پايدىلىنىپ يۆتەل توختىتىش
ماتېرىيال : - يېڭى نەشپۈت 500 گرام ، سوغىگۈل تالقىنى 6 گرام ، ئاق شېكەر 30 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى : - نەشپۈتنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ئويۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىگە سوغىگۈل تالقىنى ۋە ئاق شېكەرنى سېلىپ كېسىپ ئالغان قىسمىنى ياپقاندىن كېيىن قاچىغا سېلىپ ھوردا دۈملەپ پىشۇرىمىز ، ئاندىن ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلىمىز.
4. تۇرۇپ ۋە قارىمۇچ يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىدۇ .
ماتېرىيال : - تۇرۇپ بىر دانە ، ئاقمۇچ 5 تال ، زەنجىۋىل 3 يالپاق ، ئاپېلسىن پوستى 1 دانە .
تەييارلاش ئۇسۇلى : - يۇقارقى خۇرۇچلارنى سۇغا سېلىپ يېرىم سائەت قايناتقاندىن كېيىن سۈيىنى كۈندە 2 قېتىم ئىچىپ بېرىمىز .
6. كۈنجۈت ۋە ناۋات سۈيى كېچىدە يۆتىلىشنى داۋالايدۇ .
ماتېرىيال : - خام كۈنجۈت 15 گرام ، ناۋات 10 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى : - كۈنجۈت بىلەن ناۋاتنى قاچىغا سېلىپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ .
7. نەشپۈت بىلەن ھەسەل ئۇزۇن يۆتىلىشنى داۋالايدۇ .
ماتېرىيال : - چوڭ ئاق نەشپۈتتىن بىر دانە، ھەسەل 50 گرام .
تەييارلاش ئۇسۇلى : - نەشپۈتنى ئوتتۇرىدىن ئويۇپ ئۇنىڭ ئىچىگە ھەسەل قۇيۇپ دۈملەپ پىشۇرىمىز ، ئاندىن بۇنى ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە بىر تالدىن ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئىستېمال قىلىمىز .
8. نەشپۈت بىلەن گۈلسامساق شورپىسى ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ .
ماتېرىيال : - گۈلسامساق 25 گرام ، نەشپۈت بىر دانە ، ھەسەل 20 گرام .
تەييارلاش ئۇسۇلى : - گۈلسامساقنى بىر كېچە سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن ، ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ سۈيىنى گۈلسامساق بىلەن قوشۇپ يەل قازانغا سېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم چىنە سۇ قۇيغاندىن كېيىن بىر بيېرىم سائەت قاينىتىمىز ، گۈلسامساق پىشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يالپاغداپ توغرالغان نەشپۈت بىلەن ناۋاتنى سېلىپ يەنە يېرىم سائەت قاينىتىپ ئىستېمال قىلىمىز.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment