Search This Blog

Wednesday, January 1, 2020

كۋانت چىرمىشىشى ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈش

كۋانت چىرمىشىشى ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈش



 28ـ دېكابىر
 ، ئەنگلىيە ۋە دانىيە ئالىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تۇنجى قېتىم ئۇچۇرنى ئىككى كومپيۇتېر ئۆزىكى ئارىسىدا «كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەتكۈزۈش» نى ئىشقا ئاشۇرغان، بۇ ئىش تېخىمۇ بىخەتەر بولغان «كۋانت تورى»نى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.ئەنگلىيە برىستول ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە دانىيە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تۇنجى قېتىم «كۋانت چىرمىشىشى» دەپ ئاتىلىدىغان فىزىكىلىق ھادىسىدىن پايدىلىنىپ،«كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سانلىق مەلۇمات يوللاش» نى ئىشقا ئاشۇردى.

كومپيۇتېر ئۆزىكى ئارقىلىق ئېلېكتىر ياكى فىزىكىلىق ئۇلىنىش بولمىسىمۇ ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ، چۈنكى كۋانت چىرمىشىشى مىكرو زەررىچىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ناھايىتى يىراق ئارىلىقتىن خەۋەرلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

برىستول ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تېخنىكىنىڭ كۋانت ھېسابلاش ۋە تور ساھەسىدە كەڭ ئىشلىتىلىش ئورنى بار ئىكەن، چۈنكى بىر مىكرو زەررىچىنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتكەندە، يەنە بىر مىكرو زەررىچىنىڭ ھالىتىدىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆزگىرىش بولىدىكەن.

ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرلەشمە تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى كۋانت ئالاقە تورىغا يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇچۇرلارنىڭ يامان نىيەتلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىماسلىقىنى قوغدايدىكەن.

تەتقىقاتچىلار ئۆزەك ئىچىدە ياسىغان ئالاھىدە لايىھەلەنگەن پىروگرامما تۈزۈشكە بولىدىغان توك يولى ئارقىلىق نۇر زەررىچىسى ھاسىل قىلالايدىكەن.
بۇ مىكرو زەررىچىلەر كۋانت چىرمىشىش ھادىسىسىدىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئۆزەكلەر ئارىسىدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، دەرھال خەۋەرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
نۇر زەررىچىسىنى مەخسۇس پىروگرامما تۈزگەن كومپيۇتېر ئۆزىكى ئارىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزۈش جەھەتتە، بۇ تەتقىقات كوللېكتىپى 91% مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىگە ئېرىشتى.

بۇ تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئورتاق ئاپتورى دەن لۇئېلىن مۇنداق دېدى: تەجرىبىخانىدىكى ئىككى ئۆزەك ئارىسىدا، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك چىرمىشىش ئۇلانمىسىنى كۆرسىتەلەيمىز.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يېڭى تەتقىقات خېلىلا مۇھىم، چۈنكى كۋانت كومپيۇتېرى، كۋانت ئالاقە تورى قاتارلىق تېخنىكىلار كۋانت ئۇچۇرىغا تايىنىدۇ.

لۇئېلىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇچۇر كودى يەككە زەررىچىلەر جۈپىدە بولۇپ، كونترول قىلىش ۋە ئۆلچەش تەس ئىكەن.


برىستول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كۋانت چىرمىشىش ھادىسىسىدىن پايدىلىنىپ ئوخشىمىغان ئۆزەكلەرنى بىر ـ بىرىگە ئۇلىيالايدۇ، ئۇلار بىر زەررىچىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق زەررىچىنىڭ باشقا ئۆزەككە جايلاشقان يەنە بىر جۈپتى بولغان  زەررىچىگە ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ

لۇئېلىن ۋە ئۇنىڭ ئەترىتى ئاچقان ئۈسكۈنىلەر پىروگرامما تۈزگىلى بولىدىغان توك يولىدا يەككە زەررىچىلەر جۈپىنى پەيدا قىلالايدۇ ۋە كونترول قىلالايدۇ.ئۇلار تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۆزەك كۋانت ئۇچۇر كودىنى توك يولى ھاسىل قىلغان نۇر ئىچىگە كىرگۈزەلەيدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۇچۇرنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇچۇرنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەتكۈزۈش كۋانت ئالاقىسىگە ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە كۋانت ھېسابلاشنىڭ ئاساسى ئىكەن.ئۇلار بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: تەجرىبىخانىدىكى ئىككى ئۆزەك ئارىسىدا كۋانت چىرمىشىش ھادىسىسىدىن پايدىلىنىپ ئالاقە زەنجىرى قۇرۇشنىڭ ئىنتايىن رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

بىراق ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ يېڭى ھۈنەر ـ سەنئىتى ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ تېز كۋانت توك يولىنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ھازىرغا قەدەر ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۈنەر ـ سەنئەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

ئۇلار يەنە توك يولىنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلدى، مەسىلەن، ئالماشتۇرۇش ـ بۇ بولسا كۋانت تورىنىڭ نورمال ئىشلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر جەريان.

لۇئېلىن مۇنداق دېدى: كۋانتلىق ھېسابلاش ۋە خەۋەرلىشىش ئېھتىياجلىق بولغان تېخىمۇ مۇرەككەپ كۋانت توك يولىنى ئېچىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ مۇھىم بىر قەدەم.

بۇ تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى ئاپتورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە: كۋانت ئوپتىك دېتالى بىلەن كىلاسسىك ئېلېكتىرونلۇق كونترول سىستېمىسىنىڭ بىرلىشىشى پۈتۈنلەي ئۆزەك ئاساسىدىكى
 CMOS 
قوشۇمچە سىغىشچانلىقى بولغان كۋانت ئالاقىسى بىلەن ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش تورىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدىكەن.
بۇ تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسى تەبىئەت فىزىكىسى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
#bilimdan   #bilimzar 

No comments:

Post a Comment