ياپونىيە ئەڭ يېڭى 6G تور ئۆزىكىنى كۆرگەزمە قىلدى، ھازىرقى 5G دىن 40 ھەسسە تېز
نۆۋەتتە 5G قۇرۇلۇشىنى ئەۋجىگە چىقتى دېيىشكە بولىدۇ، مەيلى كارخانا ياكى شەخسىي ئابونتلار بولسۇن، ھەممىسى 5G دەۋرىگە كىرىشنى كۈتمەكتە. بىراق، كىشىلەر يەنىلا بىر مەزگىلىچە ئۈمىد كۈتۈپ تۇرغىنى ئەۋزەلدەك قىلىدۇ، چۈنكى ھازىرقى 5G تورى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى ۋە ئومۇملاشمىدى. نۇرغۇن 2-، 3-سەپتىكى شەھەرلەر تېخى 5G تورى بىلەن قاپلانغىنى يوق، لېكىن بۇ دۇنيادىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد تور خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، يەنى 6G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.
يېقىندا ياپونىيە NTT گۇرۇھى قارمىقىدىكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى تېخنىكا تەجرىبىخانىسىدا كۆپلىگەن تېخنىكا خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىرلىشىپ ماقالە ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇلار ئەڭ يېڭى تەتقىق قىلىپ چىققان 6G غا يۈزلەنگەن سىمسىز خەۋەرلىشىش ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۆزەك تېخنىكىسىنى تونۇشتۇردى، بۇ دۇنيادىكى تۇنجى ئېلان قىلىنغان 6G تور ئۆزىكى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ 6G ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۆزەك ئىندىيوم فوسفور (InP) يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بىرىكمىسىنى خام ماتېرىيال قىلىپ ياسالغان. بۇ ئارقىلىق ئالىملار 300GHz چاستوتا بۆلىكىدە يۇقىرى سۈرئەتتە سىمسىز يوللاش تەجرىبىسى ئېلىپ بارالايدۇ. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ASK مودۇلياتسىيىلەنگەن (ئىمپۇلس يۆتكەشنى كۇنۇپكا ئارقىلىق كونترول قىلىش ياكى تەۋرىنىش ئامپلتۇدىسىنى كۇنۇپكا ئارقىلىق كونترول قىلىش، بىرخىل ئاددىي تەڭشەش ئۇسۇلى) چاغدىكى سۈرئەت 20Gbps بولۇپ، ئەگەر 16QAM مودۇلياتسىيىلەنگەن (QAM نىڭ مەنىسى ئورتوگونال مودۇلياتسىيە بولۇپ، بىر خىل رەقەملىك مودۇلياتسىيە ئۇسۇلىدۇر، 16QAM بولسا 16 خىل بەلگىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان QAM تەڭشەش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ) چاغدا، چوققا قىممەت سۈرئىتى 100Gbps بولىدىكەن.
بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ 100Gbps لىق سىمسىز يوللاش سۈرئىتىدە، ئۇچۇر سېگنالى پەقەت بىرلا خىل يۈكلىمە دولقۇن ئارقىلىق تاماملىنىدۇ، بۇ يەنە كەلگۈسىدە يۈكلىمە (توشۇغۇچى) دولقۇن سانىنى داۋاملىق ئاشۇرغاندا، تېخىمۇ يۇقىرى يوللاش سۈرئىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن، نۆۋەتتىكى 6G نىڭ ئىپادىسىدىن قارىغاندا، 6G تورىنىڭ يوللاش سۈرئىتى 5G تورىنىڭ 40 ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە كەلگۈسىدە تېخىمۇ تېز بولۇشى مۇمكىن.
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا 5G ئورۇنلاشتۇرۇشى تېخى تاماملانمىدى، ھەتتا بىرلىككە كەلگەن خەلقئارا ئۆلچەممۇ تېخى تولۇق تۈزۈلۈپ بولۇنمىدى. پۈتكۈل 6G تېخى باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئورنى ئېنىق بېكىتىلمىدى، نۇرغۇن ھالقىلىق تېخنىكىلار ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا، ياپونىيە 6G تېخنىكىسىدا ئايىغى چاققان بولۇشى مۇمكىن. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ ئاتالمىش 6G ئۆزىكى ھازىرچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان باسقۇچقا پۈتۈنلەي يەتمەيدۇ، بەزىلىرى نەزەرىيە جەھەتتىكى نەرسىلەر، ئەگەر بۇنى ئالدىدا تۇرىدۇ دېسەك، يەنىلا بىرئاز بالدۇرلىق قىلىدۇ.
bilimdan #bilimzar#
No comments:
Post a Comment