چاچقا ئاق چۈشسە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.
بەزى كىشىلەر بېشىدىكى ئاق چاچنى كۆرگەن ھامان يۇلۇۋېتىدۇ، بەزىلەر بىرنى يۇلساڭ ئونى چىقىدۇ، دەپ قاراپ ئاق چاچنى يۇلۇۋەتمەيدۇ.
چاچقا ئاق چۈشۈش تۇغما ياكى تۇغما ئەمەس بولىدۇ، تۇغما ئاق چۈشۈش دېگەندە ئىرسىيەت جۈملىسىگە كىرىدۇ. ئىرسىيەتلىك چاچ ئاقىرىشمۇ ئىككى خىل بولىدۇ . بىرى، كېسەل سەۋەبلىك چاچ ئاقىرىش؛ چاچ ، قاشلار بىردەك ئاقىرىپ كېتىدۇ. يەنە بىرى، كېسەل سەۋەبسىز چاچ ئاقىرىش؛ بۇ ئىككى خىل ئىرسىيەتلىك چاچ ئاقىرىشنى داۋالاش قىيىن. تۇغما بولمىغان چاچ ئاقىرىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
تۇغما بولمىغان چاچ ئاقىرىش كۆپىنچە ئېغىر بېسىمغا ئۇچراش ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بولىدۇ.
خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىرلاپ، روھىي جىددىيلىك كۆرۈلسە ئاق چاچ كۆپىيىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ روھىي زەربە زىيادە بولغاندا چاچنىڭ ئاقىرىشى تېزلىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يېمەكلىك تەڭپۇڭسىزلىقى، مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ يېتىشمەسلىكىمۇ چاچنىڭ ئاقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
كۆپىنچە كىشىلەر ئاق چاچنى ئۇدۇللا يۇلۇۋېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسىتىدۇ: قارا چاچنى ئاساسەن چاچ خالتىسى يىلتىزىدىكى قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسى ئۆستۈرىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چاچ يىلتىزىدىكى پىگمېنت ھۈجەيرىسىنىڭ قارا پىگمېنت ئىشلەپچىقىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ-دە، چاچ ئاقىرىشقا باشلايدۇ. ئاق چاچ يۇلۇۋېتىلسە ئاق چاچ كۆپىيىپ كەتمەيدۇ، ئەمما چاچ يىلتىزى زەخىملىنىدۇ.
دېمەك چېچىڭىز ئاقىرىپ كەتكەن بولسا يۇلۇۋەتسىڭىزمۇ ياكى يۇلۇۋەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئاق چاچ بىراقلا كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ كەتسە داۋاملىق يۇلۇۋېرىش ھەقىقەتەن زىيانلىق.
چاچ بوياشنىڭ يوشۇرۇن زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر. چېچى ئاقىرىپ كەتكەن كىشىلەر چېچىنى بويىتىۋالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارايدۇ : بوياق تەركىبىدىكى خىمىيىۋى ماددىلار زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باش تېرىسى خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىۋەرسە، بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى مۇقەررەر زەخىملىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلار چېچىنى بوياتسا بولمايدۇ.
چاچ ئاقىرىشقا باشلىغاندا ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، سەۋەبىنى تېپىپ توغرا داۋالىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە مىكرو ئېلېمېتلارنىڭ كەم بولۇشى سەۋەب بولغان بولسا، چاچقا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى ئالايلۇق، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت، بەرەڭگە قاتارلىق ئوتياشلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم، بۇنداق يېمەكلىكلەر روھىي جىددىيلىك ۋە بېسىمنى پەسەيتىپ، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەپ، قايتا قارا چاچ چىقىرىش رولىنى ئوينايدۇ.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment